مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8907|ئىنكاس: 30

ئەلى قۇربان ئەپەندىنىڭ :«نىمىشقا ئۈگىنىمىز» دىگەن لېكىسىيەسىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 01:26:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلى قۇربان ئەپەندىنىڭ :«نىمىشقا ئۈگىنىمىز» دىگەن لېكىسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن

«قۇشلارنىڭ ئۇۋا ياساشنى ئۈگىنىشى» دەيدىغان شۇنداق بىر مەسەل بار، ئۇنىڭدا بىرمۇنچە قۇشلار ئەنقانىڭ، يەنە بىر ۋارىيانتلاردا توزنىڭ ئوۋا ياساشقا تولىمۇ ئۇستا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئۇۋا ياساش ھۈنىرىنى ئۈگەنگىلى كېلىپتۇ.
-ئالدى بىلەن ئۈچ ئاچىلىق بىر ياغاچنى تاللىۋالىمىز،-دەپتۇ توز دارسىنى باشلاپ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان سار:
-شۇنچىلىكلا ئاددىي ئىشكەنغۇ،-دەپتۇ ۋە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
-ئۇندىن كېيىن،-دەپتۇ توز،-ئۇششاق چاۋار-چاتقاللارنى ئەكىلىپ ياغاچنىڭ ھېلىقى ئاچىسىغا پۇختا قىلىپ تىزىۋالىمىز.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قاغا:
-ۋاھ، تولۇق ئۈگىنىۋالدىم،-دەپتۇ ۋە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
-ئاندىن ئۇ چاتقاللارنىڭ ئارىسىغا مەلۇم دەرىجىدە لاي-لاتقىلارنى تەكشى يېيىتىۋالساق ئۇۋىمىز تېخىمۇ پۇختا بولىدۇ،-دەپتۇ توز. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئاق قۇشقاچ :
-ئۈجۈر-بۈجۈرىگىچە ئۈگىنىۋالدىم، دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا پەقەت قالغاچلا قېپقاپتۇ.توز سۈۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
-قار-يامغۇردىن، بۇران-چاپقۇندىن ساقلىنالايدىغان، تېخىمۇ ياخشى ئۇۋا ياساش ئۈچۈن سەن ئىنسانلار بىلەن دوست بولغىن، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ پىشايۋانلىرىغا ئۇۋا سالغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ پىشايۋانلىرىغا ئۆستەڭلەردىن، دەريا-ئېقىنلاردىن ئېغىزىڭ بىلەن لاي-لاتقالارنى ئەكىلىپ چىرايلىق تىزىپ ئۇۋا سالساڭ، ئۇلارنىڭ ئۆيى ئەخلەت بولمايدۇ، شۇنداق بولغاندا ئۇۋاڭ ئۇلار ئۈچۈن بىر زىننەت بولۇپ قالىدۇ، سەن تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم ياشىيالايسەن،-دەپتۇ توز سۈزىنى تۈگىتىپ.
شۇندىن تارتىپ قۇشلارنىڭ تەقدىرى شۇ بۇيىچە بولۇپ كېلىۋېتىپتۇمىش. سار ئۈچ ئاچا ياغاچنى تاپسىلا ئۇنىڭغا قۇنۇۋالىدىكەن، قاغا بولسا ئاشۇ ئاچا ياغاچقا چاۋا-چاتقاللارنى تىزىپلا تۇخۇم سالىدىكەن، ئاق قۇشقاچمۇ ئۈگەنگىنى بۇيىچە قىلىدىكەن، قالغاچمۇ شۇنداق قىلىدىكەن.
بۇ بىر مەسەل، لېكىن، بۇنىڭدا مەلۇم مەنەلەر يالت-يۇلت قىلىپ چاقنايدۇ.بۇيەردىكى مەنە «قۇرۇق چېلەك تولا تاراڭشىيدۇ» دىگەن خەلق ماقال بىلەن ياندىشىدۇ. ھەركىمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق بىلىشى بولىدۇ. لېكىن، ئىنسان سەۋرچانلىق بىلەن قۇدرەت تاپىدۇ، ئالدىراڭغۇلۇق كىشىگە ئۇمۇمەن پايدا بەرمەيدۇ.  
ھاياتتا ھەركىم پىكىر قىلىشتىن، شەيئىلەر توغرىسىدا ھۈكۈم چىقىرىشتىن خالىي ئەمەس. ئەپسۇسكى، ھەركىم ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ قارىغىنى بىلەن ھەقىقىي مەنپەئەتلىك بولغان ئەڭ توغرا پىكىرنى چىقىرالايدىغانلار كۆپ بولالمايدۇ. مەنپەئەتلىك پىكىرنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، بىزدە بېل گايتىس، ستىۋ جوبس، ۋون بافت ۋە باشقىلار تىلغا ئېلىنسىلا ئاۋۋال كۆز ئالدىمىزغا غايەت زور بىلىمدىن كۈرە غايەت زور بايلىققا ئىگە كىشىلەر كېلىدۇ. بەلكىم، ئۇلاردىكى بىلىم مەن ۋە سىزنىڭكىدىن ئانچە بەك كۆپ ئەمەستۇر، ئەمما، ئۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتە غايەت قۇدرەت تاپقۇچىلارنىڭ ئۆلگىسىدۇر، بۇيەردە لازىم بولۇۋاتقىنى بىلىملا ئەمەس، بەلكى ئالدىن كۈرەرلىك بىلەن چىقىرىلغان مەنپەئەتلىك قاراردۇر.
بىركۈن ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى كۈتۈرۈپ مەيخانىلارغا قاتراۋاتقانلار بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭكىنى خاتا دەپ قارىمايدۇ، بىر ئايلىق مائاشىنى ئۆزىنىڭ تورمۇش ئىستىمالىغا يەتكۈزەلمەي قىينىلىۋاتقانلار باردۇر، بەلكىم ئۇلارمۇ «مەن قەيەردە خاتا قىلغاندۇرمەن؟» دەپ سۇراشنىڭ ئۇرنىغا مائاشىنىڭ ئۆسمەيۋاتقانلىقىدىن، مال باھاسىنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ بولالمايۋاتقانلىقىدىن زارلىنىشى مۇمكىن. ئەمما، ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا ئاللاھنىڭ :«ئال قۇلۇم» دەپ چەللىمىزگە تاشلاپ بەرمەيدىغانلىقى شەكسىز ئېنىقتۇر. ئۆزىمىزنىڭ زىرقىنى تېپىپ يەپ ئۆزىمىزنى بېقىش ۋەزىپىسى ھەربىر ئىنسانغىلا ئەمەس، ھەربىر جان ئېگىسىگە بېرىلگەن ئەڭ مۇھىم ۋەزىپەدۇر.
ئىنسان تۇغۇلۇشىدىنلا ئالاھىدە بىلىملىك ياكى پۇلدار بولۇپ ياشاش ئۇنىڭ پىشانىسىگە ئالدىنئالا پۈتۈلمىسە كېرەك، پەقەت ئىنساندا غايەت زۇر ئىچكى ئىنىرگىيەگە ئىگە بولغان مېڭەلا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئالقىنىدىكى تەقدىرىي قىسمەتلىرى ئۈچۈن قېزىپ بولغۇسىز دەسمايە قىلىپ  بېرىلگىنىلا ئىنسان ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر، قالغىنىغا ئىنساننىڭ ھەقىقىي مەنەدىكى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ توغرا بولغان قارار ۋە نىشان چىقىرىش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان يۈكسەك چىدامچانلىق- تىرىشچانلىقىلا ئىنسان ئۈچۈن يېتەرلىك بولسا كېرەك.
ئىنسان بۇ دۇنيادا پەقەتلا ئۈگىنىش ۋە ئۈگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى تاپالايدۇ، نىمىنى ئۈگىنىش مەسىلىسى ئىنساننىڭ تەقدىرىي قىسمەتلىرىنى بەلگىلەپ قۇيىدۇ، نىمىنى ئۈگىنىمەن، نىمە ئۈچۈن ئۈگىنىمەن دىگەن سۇئاللار بىزدە ئايان بولمىسا قانداق ئۈگىنىش مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ، ئاندىن ئۈگىنىپ قۇيۇپ ئەمەلگە ئايلانمىغان ئىلىم ئۇ ھېچنىمەدۇر، خۇددى غەلۋىردىن ئۈتۈپ كەتكەن سۇدەكلا. مىسالەن، سىز ئىقتىسادشۇناسلىقتا دوكتۇر-پوكتۇر بولۇپ كېتىڭ، پۇل تاپالمىسىڭىز ياكى جەمئىيەت زەنجىرىنىڭ مۇناسىپ ھالقىلىرىدا رولىڭىز بولمىسا دىمەك، سىز ھېچنىمەسىز.
ھېلىقى مەسەلدە سار، قاغا ئاق قۇشقاچ ھەم قالغاچنىڭ ئۇۋا ياساشنى ئۈگىنىش جەريانى سۆزلىنىدۇ، لېكىن، بۇ مەسەلنىڭ ئاخىرقى ساۋىقى شۇكى، تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەدبىرىڭ شۇنداق بولىدۇ. تەدبىر دىمەك، نىشان ۋە قارار دىمەكتۇر. نىشان ئېنىق بولمىسا ھاياتتىكى قارارلارمۇ ئېنىق بولمايدۇ، دىمەك، كەلگۈسىڭىزمۇ ئېنىق بولمايدۇ دىگەن گەپ.
مائارىپ قوشۇنىمىزدىكى ئاساسىي پائالىيەتلەر ئۇقۇغۇچىلارغا بىلىم قاچىلاش ۋە ئۈگىتىش پائالىيەتلىرىگە مەركەزلەشكەن، تەلىم- تەربىيەنىڭ نەتىجىسىنىمۇ ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىقلا باھالاش ئاساس قىلىنغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار ۋە تەربىيەلەنگۈچىلەرگە قارىتا پىسخىك جەھەتتىن مەركەزلىك يېتەكلەش ئانچە بەك يېتەرلىك بولۇپ بولالمىدى، تەربىيەلەنگۈچىلەر پەقەت ھېلىقى ھېكايىدىكى پىرسۇناژلاردەك ئۆزىنىڭ تەبىئىي دىتى ياكى ئائىلە تەربىيەسىدىن ئۆزىگە سىڭدۈرگەنلىرىگە ئاساسلىنىپلا زۈرۈر قارارلارنى چىقىرىدۇ، مەسەلدىكى سار، قاغا، ئاق قۇشقاچلارنىڭ قىلغانلىرىنى خاتا دىيەلمەيمىز، ئەمما، ئۇلاردا روھىي تەييارلىق يىتەرلىك بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ پىكرىدە ئالدىراقسانلىق ۋە روھىي كەمتۈكلۈك ئامىللىرى كۈرۈنۈپ قالىدۇ.
نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئوقۇش ۋە تەربىيە ئېلىشقا سەرپ قىلغان، ئۆزەمنى (ئۆزەمچە) خېلى كاتتا زىيالىيمەن دەپ سانايدىغان مەنمۇ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۆزەمدىن «نىمىشقا ئۆگىنىمەن»، «نىمىشقا ئىشلەيمەن» دەپ سوراپ باقماپتىمەن، خۇددى بۇ دۇنياغا كاللامغا بىر تالاي ئۈلۈك بىلىملەرنى قاچىلاشقىلا، ئاندىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قورساق بېقىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ ئازغىنە مائاش ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ قىممەتلىك ياشلىقىمنى ۋە ھاياتىمنى دوغا تىكىپ ئىشلەش ئۈچۈنلا بۇ دۇنياغا كەلگەندەك ئاڭسىز رەۋىشتە ئوقۇپتىمەن ياكى ئىشلەپ كېلىپتىمەن. بۇ بەلكىم «باي دادام-نامرات دادام» دىگەن كىتابتىكى «تىيىننىڭ توختىماي تىپىرلىشى» دىگەن ئوقۇم شۇ بولسا كېرەك. چۈنكى، مەن نىمىشقا تىپىرلايدىغانلىقىمنى قىرىققا ئولاشقۇچە، ئومۇمەن، چۈشىنىپ بولالماپتىمەن، مەن پەقەت ياشاش ئۈچۈنلا ياشاپتىمەن، ئەلى ئەپەندىنىڭ بايانىدىكى ئوقۇملار بۇيىچە بولغاندا مەن پەقەت ھايات قىلىش ئۈچۈنلا ياشاپتىمەن دەپ ئۆزەمنى باھالاپ بېقىش ھەققىم بار، ئاۋۇ كىتابتىكى ئۇقۇملار بۇيىچە بولغاندا مەن پۇل ئۈچۈنلا ياشاپ كېلىپتىمەن، «بايلار پۇل ئۈچۈن ئىشلىمەيدۇ،-دەيدۇ‹باي دادام-نامرات دادام› نىڭ مۇئەللىپى كيۇساكى،-پۇل بايلار ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.» بۇگەپ ئېيتماققا بەك ئاسان، ئەمما، مەنچە، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى شۇيەردىكى، بايلارنىڭ پۇل ساقلاش ئىقتىدارى نامراتلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ھەتتا، تاپقان پۇلىنى خەجلەشتىمۇ مۇئەييەن پىلانغا تايانغۇچىلارنى بايلار دەپ قارىساق ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.
ئەلى ئەپەندىنىڭ نۇتۇقى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوبىكىت قىلغان، ئەمما، جەمئىيەتنىڭ ھەرساھەسى ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدىكى پايدىلىق پىكىرلەرگە تۇيۇنغان بىر ياخشى دەرستۇر. مېنىڭچە ھەربىرىمىز ياخشى بىر پىسخىك تەربىيە دەرسىگە قاتنىشالمىغاندىمۇ پىسخىك مەسىلەلەرگە قىزىقىپ قۇيغىنىمىزنىڭ زىيىنى يوق، لېكىسىيە ۋە نوتۇقلارنى ئاڭلاش كىشىنىڭ زېھنىنى سەگىتىدۇ، ئىنساندا ئۆزىگە بولغان زۈرۈرىي ئىشەنچلەرنى كۈچەيتىدۇ، ئالىملىرىمىزنىڭ جاي-جايلاردىكى لىكىسىيەلەرنى سۆزلەشلىرى ئۆز نۆۋەتلىرىدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر، ئابدۇقادىر جالالىددىن، بەرقىي، يالقۇن رۇزى قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ جايلاردىكى تەكلىپلىك لىكىسىيەلىرى، ئەلى قۇرباننىڭ ئۆزى ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتىپىدە سۆزلىگەن لېكىسىيەسى، خۇتەن دىيارىدىكى ناتىق ئۇستاز گۈلباھار خانىمنىڭ لېكىسىيەلىرى ۋە باشقا شەكىلدىكى ھەرخىل  نوتۇق پائالىيەتلىرى بىزنىڭ تەلىم تەربىيە پائالىيەتلىرىمىزنىڭ زۈرۈرىي خېمىرتۇرۇچىدۇر. ئاۋام ئۇنىڭدىن ئۆزىگە زۈرۈرىي ئىشەنچ، ئۈمىد ۋە نىشان تاپىدۇ، «نىشانسىزئىش-قېلىپسىز خىش» دىگەن ئىكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز.
شۇنداقلا، ھەربىرىمىزنىڭ باي دادام تېمىسىدىكى كىتابلارنى كۈرۈپ قويغىنىمىزنىڭمۇ زىيىنى يوق، ئۆزىگە ياخشىلىق ئىزدىگۈچى ھەربىر جان ئىگىسى كۆپلەپ كىتاب كۈرۈشى ئۆزىنىڭ ھايات قەدىمىدىكى ئىدىيە يىڭىلاش، قاسراق تاشلاشلىرىدىكى زۈرۈرىي ھالقىدۇر. كىتاب ئوقۇش، ئوقۇغاندىمۇ ياخشى كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ساۋابلىك ئىشلاردىندۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asking تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 01:36 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43274
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3072
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 10:44:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلى مۇئەللىمنىڭ بۇ نۇتۇقىنى توردىن كۆدۈم،تولىمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن قايتا قايتا بىر نۇتۇقنى توردىن كۆرگىلى،،شۇنچىلىك خوش بولدۇم،نۇتۇقىنىڭ مەزمونىدىنلا ئەمەس،بەلكى شۇنچىلىك گەپلەرنى قىلالىغانلىقى ئۈچۈن،ئۆتكۈر سۆزلىرى بىلەن يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئەخلەت تۇيغۇلىرىنى قامچىلىغانلىقى ئۈچۈن!!! ئەلى مۇئەللىمگە رەخمەت،،ئويلاپ كەتتىم ئەينى چاغدا مەن شۇ ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىم تەرىپىدىن نورمال ئەمەس دەپ قارىلىپ ھەتتا ئۆزۈمنىڭ راس نورمال ياكى ئەمەسلىكىمدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالغان،شۇ ۋاقىتتا مۇشۇ لىكسىيە بولغان بولسا،بەلكىم باشقىچە تەغدىردە بولاتتىممىكىن،،،،،،،،،،!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43274
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3072
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 10:45:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسىم كۆرۈنمەيدىغۇ؟بايا يېزىپ يوللىغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2011
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 11:45:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈگەنگەن نەرسىلەرنىڭ يەردە قەلغىنىنى كۆمىدۇق . ئۈگەنسە زىينى يوق بىلىم پۇتمەس بايلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 862 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 12:00:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر توز قانداق ئۇۋا سالىدىغاندۇ؟

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4420
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 763 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 12:23:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahanime يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 12:00 PM
ھازىر توز قانداق ئۇۋا سالىدىغاندۇ؟

ھازىرقى توزلار ئادەملەر ياساپ بەرگەن سارايلاردا تۇرامدىكىن دەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78352
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 06:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلى مۇئەللىمنىڭ نۇتۇقى بار تور ئادرىسنى بىلىدىغانلا ر يوللاپ قويغان بولساڭلار

life is dream, we are dreaming

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64827
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10134
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 07:16:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلى مۇئەللىم دىگەن ..... .... بولدىلا ئىچىمدە دەۋەتتىم، ئىشقىلىپ گەپ كەتمەيدۇ!! يەنە بەش ئون يىلدىن كېيىن دۇنياغا تونۇلۇپ كېتەمدىكىن دەيمە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109556
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 08:38:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nikita01 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 07:16 PM
ئەلى مۇئەللىم دىگەن ..... .... بولدىلا ئىچىمدە دەۋەتتىم، ئ ...

ئىچىدىڭىزدە دىگىنىڭىزنى مەن بىلىۋالدىم ،
                                قارىغاندا مەنمۇ پىسخولوگ بوپ قالغان ئوخشايمەن

سەن ئەگەر بولساڭ يىگىت ئاسان ئىشنى مارىما ،
باشقىلار مەخپى ئىشىغا كۆز يېنىڭدىن قارىما .
ھەر ئەكەلسە ئۆز بېشىڭغا تەدبىرىڭنىڭ مىۋىسى ،
گەرچە مۈشكۈل بولسا تاغدەك يە ئۇنىڭدىن زارلىما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86694
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 09:22:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulsay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 06:30 PM
ئەلى مۇئەللىمنىڭ نۇتۇقى بار تور ئادرىسنى بىلىدىغانلا  ...

پىسخىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:
http://www.biltap.com/?b=tur&id=27

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش