مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 469|ئىنكاس: 8

دادا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110067
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 12:32:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇگۈن ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق . دادا بۈگۈنكىدەك ۋاقىت سىنىڭ يەنى بارلىق ئاتىلارنىڭ ئاتىلار بايرىمى . بارلىق ئاتىلار خۇشال-خۇرام ، ئەمما سەن ئۇنداق ئەمەس . چۈنكى بۇگۈنكى بۇ كۈندە بولسا سەن پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۆز ئىشىڭ بىلەن مەشغۇل بولدۇڭ . بۇ ۋاقىتتا مەن سىنىڭ چىرايىڭدىكى سۇلغۇنلۇقنى كۆردۈم.
كۆزۈڭدىكى لىغىرلاپ تۇرغان ياشنىڭ مارجاندەك ئۈزۈلمەي چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم .
ھەتتاكى قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قىتىدىن ئۇھسىنىپ ، ئىچىڭدىكى دەردىڭنى بىرسىگە تۆكۈپ ئازاپ ئوقۇبەتلىرىڭنى چىقىرىۋالغۇڭ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم .
لىكىن مەن بىر بالا تۇرۇپ ، ساڭا تەسەللى بىرەلمىدىم . دادا سىنىڭ پۈتۈن ياشلىقىڭ ، پۈتكۈل ئەجىر-مىھنىتىڭ منىى بىقىشقا ، مىنى ياخشى ئدەم بولۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلىشقا كەتتى .
ئەمما ھازىر سەن ئاغرىپ يىقىلىپ قالدىڭ . لىكىن مەندە سىنىڭ ئازابىڭنى ، ئىغىر يۈكىڭنى يەڭگىللەتكىدەك جۈرئەت پەيدا بولمىدى .
سىنىڭ ماڭا قىلغان ئاشۇ ئەجرىڭگە لايىق جاۋاب قايتۇرۇشقا راستىنلا ئاجىزلىق قىلدىم .
بۇ ئاجىزلىقتىن ئۆزۈمنىڭ يارامسىزلىقىنى ھىىس قىلدىم .
سىنىڭ ئىڭىراپ ياتقان ئاشۇ ھالىتىڭگە ، سۇلغۇن چىرايىڭغا قاراپ ئىچىم سىرىلدى .
كۆز يىشىم دەريا كەبى ئاقتى . ئەمما مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ساڭا قەرىزدار ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلغان بولساممۇ بىراق ساڭا نىمە قىلىپ بىرىشىم كىرەكلىكىنى ھىس قىلالمىدىم .
دادا ، بەلكىم مەندەك نادان ، ئەقىلسىز پەرزەنتىڭنى خۇددى قۇش بالىسىنى پەپىلەپ باققاندەك بىقىپ قاتارغا قوشقانلىقىڭغا ئىچىنۋاتىدىغانسەن .
ئەمما مەن ئويلايمەنكى ھىچقانداق بىر كىشى پەرزەنتىنىڭ خاتالىقىدىن ئىچىنمايدۇ .
بىراق پەرزەنتىگە نەسىھەت بىرىدۇ . سەنمۇ مىنىڭ بۇ خاتالىقىمدىن چوقۇم ئاغرىنمايسەن .
دادا بۇ ھالەتتە مەن ئۆز-ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن .  دادا مەن سىنىڭ ئۇنداق پەپىلىشىڭگە ئەمەس بەلكى شۇ ئەقىلسىزلىكىمدىن نەپرەتلىنىشىڭنى ، مىنىڭ ئاشۇنداق نادانلىقىمغا ئىچىنىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن .
چۈنكى دادا مەن سىنىڭ مىنى مۇشۇنداق پەپىلىشىڭ ، مۇشۇنداق . ئاسرىشىڭ ئاستىدا چوڭ بولۇپ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلدىم .
بىراق ساڭا ھىچقانداق نەتىجە يارىتىپ بىرەلمىدىم . ھەتتاكى كۆڭلۈڭ خۇش بولغۇدەك بىر ئىش قىلىپ بىرەلمىدىم . ئاغرىپ يىتىپ قالغىنىڭدا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالدىم .
دادا مەن ئەسلى سىنىڭ پەپىلىشىڭگە ، ئاسرىشىڭغا ئەمەس بەلكى شۇ نادانلىقىمدىن رەنجىشىڭگە مۇھتاج ئىكەنمەن .
سىنىڭ ماڭا قىلغان نەسىھەتىڭ ھىلىمۇ ئىسىمدە مەن ئەنە شۇ ۋاقىتتا يەنى سەن ماڭا نەسىھەت قىلغان ۋاقىتتا مەن سەندىن قاتتىق رەنجىگەن .
ھەتتا ساڭا ۋارقىراپ دىلىڭغا قاتتىق ئازار بەرگەن . دادا بۇ بەلكىم ساڭا بولغان ئەڭ ئىغىر ئازاب ، بەلكىم پەرزەنتىڭدىن ئازار يىگەن تۇنجى قىتىملىق ئازابىڭ بولسا كىرەك . دادا ئۇ ۋاقىتتا مەن بەك كىچىك ، بەك نادانكەنمەن . سىنىڭ نەسىھەتىڭ قۇلقىمغا كىرمەپتىكەن . كۆڭلۈڭگە ئازار بىرىپ دىلىڭنى رەنجىتتىم . شۇڭا دادا مىنى كەچۇرۇشىڭنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .


       ئاخىردا ساڭا بىر نەچچە كۇپلىت شىئىر سوۋغا قىلغۇم كىلىۋاتىدۇ .



داغدام يولاردا ماڭىسەن تەنھا ،
پۇتلىرىڭ يۆتكەلمەي بىر ئىزدا قالار .

قىرىلىق دەردى يەتكەچكە ساڭا ،
كۆزۈڭدىن شەبنەم ياش مارجاندەك ئاقار.


كەچۈرگىن دادا ، كەچۈرگىن مىنى ،
چۈشەنمەي قالدىمغۇ پىنھان قەلبىڭنى .
سىمايىڭ قانچە رەت كۆرۈنسە ماڭا ،
ھىس قىلىمەن شۇنچى رەت ساداقىتىڭنى .

قىرىلىق دەردى يەتكەچكە ساڭا ،
توخىتىماي ماڭىسەن بىر ئىزدا پەقەت .
چاچلىرىڭ ئاقارغان كۆزۈڭ خىرەلەشكەن ،
ھاياتقا باقىسەن ئەبەدىل ئەبەد .

سان ساناقسىز ئىشلار ساڭا قاراشقان ،
قەلبىڭگە تۈگىمەس قايغۇ غەم پاتقان .
شۇندىمۇ سەن باتۇر قەھرىمان ،
ھاياتلىق سىنىقىدىن غەمسىز چىققان .

باشقىلار چالسا سازىنى ،
سەن ئالىسەن كەتمەننى .
چىرايڭىدىن نۇر ياغار ،
ھەشىقپىچەك ئاچقاننى .



مەنبە : ئۆز قەلىمىم (可爱的我)




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   可爱的我 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-7 12:38 PM  


بۇدۇنيادا خۇشال ياشاشتىن ئارتۇق بەخىت بولمىسا كىرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 07:40:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئەجىر قىپسىز ،ناھايتى تەسىرلىك چىقىپتۇ  . قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 08:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز، تەسىرلىك چىقىپتۇ. يەنە بۇ ناخشىنىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇپسىز، مەن بەك ياقتۇرىمەن~
قولىڭىز تالمىسۇن~ مۇمكىن بولسا بۇ ناخشىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ماڭا يوللاپ بەرسىڭىز، رەھمەت!

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 08:50:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۈر...قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن..تېخىمۇ تىرىشىڭ

ئ








ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشمىغانلارباشقىلارنىڭ غايىسگە يىتىش يۇلىدىكى شوتا بولۇپ قالىدۇ....

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 09:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا -ئانىلار بىر ئۆمۈر پەرزەنت ئىشقىدا ئوت بولۇپ كۆيگۈچىلەر ،بارلىقىنى پەرزەنت ئۈچۈن بېغىشلىغۇچىلاردۇر.،..

ھېسياتلىق،تەسىرلىك چىقىپتۇ يازمىڭىز،ناخشا بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ تەسىرلىك بوپتۇ...

بىراقزە  ئازىراق مەزمۇن چېچىلاڭغۇلىقى بار،ئىملا خاتالىقىمۇ كۆرۈلۈپ قالغان....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 09:15:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەببىمدىن بارلىق ئاتا -ئانىلارغا سالامەتلىك،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.....

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-130670-1-1.html

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 10:56:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم .  

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110067
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:44:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىشلىكمۇ قىرىنداشلىرىم ماڭا يازغان ئىنكاسىڭلاردىن بەك خۇش بولدۇم . ئەلۋەتتە بولىدۇ مەن بۇنىڭدىن كىيىن چوقۇم ئىملا ھەم باشقا خاتالىقلارغا دىققەت قىلىمەن .

بۇدۇنيادا خۇشال ياشاشتىن ئارتۇق بەخىت بولمىسا كىرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110067
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:45:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدۇ نىلۇفەر مەن بۇ ناخشىنى ئىزدە تورىدىن چۈشۈرگەن . سىزنىڭمۇ ماڭا يازغان ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت .

بۇدۇنيادا خۇشال ياشاشتىن ئارتۇق بەخىت بولمىسا كىرەك .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش