|
|
|
|
مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردىن تارتىپ ئانامنىڭ تېنى ئاجىز بولۇپ ،تولا ئاغرىپ قالاتتى. تاماقنى ئاساسەن دادام ئېتىپ بېرەتتى،بىر –بىرىدىن كەپسىز،بىر –بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان،ياش جەھەتتىن بىر –ئىككى ياش پەرقلىنىدىغان ئالتە بالىنىڭ كىيىم –كېچەكلىرىنى يۇيۇپ،ئاش –تامىقىنى ۋاقتى –قەرەلىدە ئېتىپ بېرىش ھەم خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىر ئەركىشىگە نىسپەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئانامنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى پەقەت ياخشى بولماي بالدۇرلا كېسەللىك پېنسىيەسىگە چىقىۋالغان ئىدى،شۇنىڭدىن تارتىپ ئانام يىلدا بىر –ئىككى قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقىدۇ،ھەر قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقاندا دادام ‹‹سىلەر بەك ئالدىراش، خىزمىتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار،مەن ئۆزۈم قاراي...››دەپ ،ئانامنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالىدۇ.بىزبولساق ئىشتىن چۈشكەندە،شەنبە –يەكشەنبە كۈنلىرى يوقلايمىز.تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ئانام يۈرەككە تىيەك سېلىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان بولۇپ،كۆپ ھەركەت قىلالمايدۇ. ئانامنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغاچقا ،ئالتە پەرزەنتنىڭ ھەممىسى ئانامدىن بەك ئەنسىرەيمىز. ئويلاپ باقسام باقسام، ھەر ھېيت –بايرام ،خاتىرە كۈنلەردە ئاساسەن ئانامغا بىرنەرسە ئېلىپ بېرىپتىمەن،دادامنى كۆپ ئويلاشماپتىمەن.ھەر قېتىم تېلىفون قىلغاندا دادام ئېپ قالسا ‹‹تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ ؟مىجەزىىڭز قانداراق‹ئانام بارمۇ؟تېلىفوننى ئانامغا بېرىڭ ...››دەپتىمەن.ئانامدىن ئەنسىرەپتىمەن-يۇ،دادامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولغاچقا ، كۆپ ئەنسىرەپ كەتمەپتىمەن.
داۋامى بار...
مەنبە : ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 05:30 PM
|
|
|
|
|
|