sirlik5200 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 04:52 PM 
Minngmu konglum birhil bop kalganti qunki miningmu dadam kiqik waktimda tugap ketiptikan bak kongl ...
ۋاي-ۋۇي بۇرادار بولدى كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ . دادىسى يوق تۇل خوتۇننىڭ بالىسى بولۇش نۇمۇس قىلدىغان ئىش ئەمەس . ئادەمنىڭ جىننى ئىلىش سىز-بىزنىڭ قولىمىزدا بولمسا يا . مىنىڭمۇ داداممۇ كىچىك ۋاقتىمدا قازا قىلغان . شۇ ۋاقىتتا مەن كىچىك بولغاچقىمۇ تاڭ ئادەم ئۆلسە نىمە بولدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە يىغلىغۇم كەلمەي تۇرغان بىراق ئانام . ئاكام . دادامنىڭ ئىنىللىرى بىشىغا سەككىزىنجى ئارمىينىڭ لوڭەىسىدەك ئاق رەختنى يۆگەپ تازا ئۇن سىلىپ يىغلىغىلى تۇرغانتى . مەن ھەم چوقۇم چوڭ بىر ئىش ئىكەن بۇ ئۆلۈپ كىتىش دىگەن دەپ ۋە ئۇرۈك ئۈرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ دىگەندەك شۇلارنىڭ يىغىسنىڭ تەسىردىنمۇ ئەيتاۋۇر تازا يىغلىغانمەن .
شۇ ئۆينىڭ چوڭى قازا قىلسا . ھويلىدىكى ئوغۇت بىلەن سۇنى يىنىدىن كام قىلىمىغان مىۋلىك كۆچەتلەر قۇرۇپ ياكى بولمىسا مىۋىلىمەيدىكەن . چارۋا-ماللارمۇ سىمىز . تىنى ساق تۇرۇپ خۇددى بىرسى گىلى بوققاندەك ئۆلۈپ قالدىكەن . چاچمۇ تازا ئۆسىدىكەن . ئىىقتىساتمۇ چىڭ تۇتقانسىرى بەركەت ئاتلىق بالىسىنى كۆتۈرۈپلا سائىتىگە 220 كىلومىتىر تېزلىكتە قاچىدىكەن . تۈنۈگۈنكى مۇزلاق ئۇماچتا گال كۆيدىكەن . مۇشۇنداق ھالەت خۇددى سەھراييى كەبىر چۆلىنىڭ ھاۋا كىلماتىدەك يەتتە-سەككىز يىل داۋام قىلىپ بولغنادىن كىيىن تۆۋە دەيمەن . مۇنداقلا تىرىشىپ قويسا مال-دۇنيا دىگەن ئىشىگىڭنى يىپىۋالساڭ . تۇڭلۇگىڭدىن ھازىر تۇڭلۇق كىردىكەن . نەگە بارساڭ ساقچى ئاپشاركىسىدەك كەينىڭدىن ئىزڭنى پۇراپ ئىزدەپ چاپلىشىدىكەن . بەخىت بىشىڭدىن تاجىكنىڭ ئوۋ بۈركۈتىدەك ئەگىپ ھۇشقۇيتۇپ قاچۇرۇپ تۇرساڭ سىنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ قونىىدىكەن . بۇ ئىشلاردا ئىلاھى ھېكىمەتلەر . مۆجىزىلەر بولدىكەن . ئاللاھ مۇشۇنداق سىناش ئارقىلىق ئۆزى ياقتۇرغان ئادىمىنى خۇددى قۇش قوساقنىڭ ئاچلىقىدا ئوۋچىنىڭ قۇرغان توزىقىغا ئۇرغاندەك . بەزى قىينچىلىقلارنى سىلىش ئارقىلىق شۇ بەندىسنىڭ شۇ قىيىنچىلىق تۈپۈيلىدىن ئۆزىگە سىغىندۈرۈپ ئىلاھى رەھمەتلىرىگە كىرگۈزىدىكەن .
مەن ئەقلمگە كەلسەم مەھەللدىكى كىشلەر قوشنا كەنىتتىكى ھاللىق ئائىللەرگە ئىككى مۇدىن بەش موغىچە پۇل تۆلەپ تېلېۋۇزۇر كۆرگىلى باراتتىكەن . دادام مەھەللدىكىلەرگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئانامنىڭ قاتتىق جىدىللىشىگە ئۇنماي 17 سۇڭلۇق تېلېۋۇزۇردىن بىرنى سېتىۋىلىپ مەھەلدىكىلەرنىڭ ھەقسىز كۆرۋىلىشى ئۈچۈن ھويلىدا قويۇپ بىرەتتى . ئانامنىڭ بوۋىسى پومشىك بولغاچقىقا چوڭ يەپ چوڭ كىيىپ سەل ئاقسا ئۆتكەنمۇ تاڭ دادام بىلەن كىيىم جىدىلى . زىبۇ-زىننەت جىدىلى . ياخشىراق ئائىلە سايمانىلرىنىڭ جىدىلىنى قىلىپ تۇرۋالغاچ دادام ئانامنىڭ جىدىلىدىن قۇتۇلالماي ئاغىنلىرى ئارقىلىق روسىيەنىڭ سائەت . ئائىلە سايمانلىرنى ئەكىلىپ بەرگىنى ئىسىمدە . ئۇ ۋاقتىمدا ئانام دىگەن ناماز ئوقۇمدىغان . مەنغۇ نامازنىڭ نىمە ئىكەنلىەىنى . ئوقۇسا قانداق مەنپەت قىلدىغانلىقىنى بىلمەيىتتىم . پات-پات شۇ دادامنىڭ ناماز ئوقۇغىن .ناماز ئوقۇغىن دەپ زۇكۇنلاشقىننى ئاڭلايىتتىم . ئانام بولسا ھەگە جاۋاپ يوق دەمتىكى ھە دەپ قويۇپ قاچان قارىسا ئەينەكنىڭ ئالدا . كىيىم-كىچەكلرى سىلىنغان ساندۇقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ئىدى . ئانامنىڭ ئالدىدا ئاش-نان . كىيىم-كچىەك . پۇل-مال قەدىرسىز ئىدى بار يوقى ئىككى بىلىكى ئىككى بىلىكىدە ئاز ئەمەس كۆپ ئەمەس ئون بارماق بار ئىدى شۇ ئون بارمىقىغا كەم بولغاندا 20 نەچچە تال ئۈزۈك -بىلەيزۈكى بار ئىدى ، دادام قازا قىلىپ ئائىلنىڭ بەركىتى تۈگىدى . ئىقتىسات كەينىگە چىكىندى . ئانام باشتا تىرىشسام بۇ ئىشلار كەلمەسكە كىتىدۇ دەپ كۆرگەن ئاڭلىغان تېخنىكا-پىخنىكا ئارقىلىق باقىمىغان توخۇ . باقمغان قوي . قالمدى ....بىراق قايسى ئىشنى قىلمىسۇن قىلغان ئىشى كەينىگە ماڭدى . ئاخىرى كۆكسى ئۆرە ئاللاھ دىسە ئىرەنشىمەيدىغان ئانام ئاخىرى قىيىنچىلىق ئالدىدا ئاق بايراق چىقىرىپ تەسلىم بولۇپ ئاللاھقا ئۆكتەملىك قىلىپ بۇ قىيىنچىلىققتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تىلەپ بىزىرىپ جەينامازدا ئولتۇرۋالدى . ئاللاھ بۇ كوت-كوت ئانامنىڭ يىغىسىنى مەقبۇل قىلىپ دىگىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق مال-دۇنيا بىرىپ شۇ تويمىغان كۆز . تويمىغان نەپسىنى تويغۇزدى . .....مەن دەيمەن ئانامنىڭ تۇللىغى ئاللاھقا يىقىن بولۇشنىڭ سەۋەبى قىلىندى . ماڭا بۇ تۇمۇشتىن بولسا ئاددىي كىشىلەر قوبۇل قىلغۇسز ھالدا بىر ئادەم ھەيران قالارلىق ئىلاھى ھىكىمەتلەرنى چۈشىنۋالغىنىم بولدى .
ئاللاھ باشتا بەردى ئانام قەدىرنى بىلمىدى . ئاللاھ ئانامنىڭ ئالدىدا قەدىرسز قالغان مال-دۇنيانى ئىلىپ كەتتى . بۇ ۋاقتىتتا ئانام خۇددى ئاللاھدىن ئىلىشى باردەك . ئۆتكۈزۈپ قويغىنى باردەك قاخشىدى . يىغلىدى . بۇ پايدا بەرمىدى ، ئانام ياۋرۇپالىق دانىشمەنلەر ئىيتقاندەك ئەقىلنى چوڭقۇر قىزىپ روز تىرىشچانلىق كۆرۈسۈتۈپ بۇ قىينچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كەلمەكچى بولغان ئىدى بىراق مەغلۇپ بولدى . ئاخىرى ئاللاغا يىلىنىشدىن .ئاللاھتىن تىلەشتىن باشقا چېكىنىش يولى يوقلىغىنى چۈشۈنىپ يىتىپ شۇ يولنى تاللىدى . بەلىكم دادام قازا قىلماي تۇرمىشىمىز شۇ بۇرنقىدەك پاراۋانلىق ئىچىدە ئۆتكەن بولسا ئىدى ئائىلىمزىدىن ئاللاھنىڭ يولىنى تۇتۇدىغان . ئاللاھقا ئىبادەت قىلدىغان ئادەم چىقىشى مەنچە بەس مۈشكۈل ئىدى دەپ ئويلايمەن .
ئاللاھ ئىنسانغا قانداق ئىشقا دۇچار قىلدىكەن شۇ ئىشتا بىر ئىلاھى ھېكىمەتلەر بولدىكەن .