مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6683|ئىنكاس: 43

زامان ساڭا باقمىسا ،سەن زامانغا باق ...پىغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1782
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8746
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 11:58:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

t012719bbf90957be94.jpg

زامان ساڭاباقمىسا ،سەن زامانغا باق ...


ئەسسالام ئاپا ،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ سىز بىلەن مۇڭدىشالمىدىم ،بۈگۈن بىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزنىڭ21يىللىق خاتىرە كۈنى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن سىزگە بۇندىن 21يىل مۇقەددەم بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ ... ئاڭلارسىزمۇ ئاپا؟!、

مەن تويلۇقنى قايتۇرۋەتكەندىن كىيىن ،شۇنداق خۇشال بولدۇم ،خۇددى ئىككى مۈرەمنى بىسىپ تۇرغان ئېغىر تاغنى ئېلىۋەتكەندەك ،ئۆزۈمنى شۇ قەدەر يەڭگىل ھىس قىلدىم ،ئەمدى كۈنلىرىم خاتىرجەم ئۆتىدىغان بولدى ،چوقۇم بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىمەن دەپ تاتلىق تامادا يۈرگەنكۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ،مېنىڭ ئەمدىلەتىن تىنجىغان كۆڭلىمنى يەنە پاراكەندە قىلىدىغان ئىشتىن بىرى يۈز بەردى ،ئىھتىمال بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كېرەك .

مەن ئىشتىن چۈشۈپ ئەمدىلا ئۆيگەكېلىشىمگە دوستۇم ھەنىپە  كىرىپ كەلدى ھەمدە بىرگە كىنو كۆرۈپ كېلەيلى دەپ چىڭ تۇرۇۋالغاچقا ئاتامغا دەپ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن بىللە ئۆيدىن چىقتۇق ،كىنوخانىغا ئاز قالغاندا   ،قۇلىدىكى سومكىسىنىڭ ئىچىدە بېرىپ قۇيىدىغان بىر نەرسە بارلىقنى ،ئۇنى كوچا دوقمۇشىدىكى ئاۋۇ  ئۆيىگە ئەكىرىپ بېرىپ ماڭايلى دەپ مېنى بىللەئېلىپ كىردى ،ئۆي ئىگىسى خۇددى بىزنىڭ كېلىشىمىزنى ئالدىن بىلىدىغاندەك بىزنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ،ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى  ،مەن دوستۇمغا سوڭدۇشۇپ ئۆيىگە كىردىم،ئويلىمىغان يەردىن ئۆيدە ئىككى "مېھمان" ئولتۇرغان ئىكەن ،بىزنى كۆرۈپ تەككەلۇپ بىلەن تۆرگە تەكلىپ قىلدى ،شۇ زامات كۆڭلۈم بىر قىسما بۇلۇپ ،بۇ ئىشنىڭ كەينىدە بىر گەپ بارلىقىنى سىزىپ يەتتىم ۋە  ئۆرۈلۈپلا يېنىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم بىراق ئۆي ئىگىسى قاتتىق تۇرۇۋىلىپ مېنى تەڭلىكتە قويدى .(ئۆي ئىگىسىنى مەنمۇ تۇنۇيتتۇم،ئۇمۇ ئاتامنىڭ ئۈلپەتداشلىرىدىن ئىدى)

،شۇ كۈنى بىز ئۇزاپ چىققاندا ئۆي ئىگىسىنىڭ ئايالى مىنى ئايرىم چاقىرىپ تۇرۇپ  :"بايام كۆرۈشكەن يىگىتنىڭ تەلىېپىنى رەت قىلسام بولمايدىغانلىقىنى، مۇبادا يەنە قۇشۇلمىسام  ئاتامنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئۇچرۇشۇشنى ئاتامنىڭ تاپىلىقىنى بويىچە ئۇلارئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى" ئېيتىشتى ...بۇ گەپ خۇددى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك ماڭا  بەكلا ئېغىر كەلدى ،ئۆزۈمنى يىغلىۋىتىشتىن ئاران تۇتۇۋالدىم ،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ،بېشىم قېيىپ تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ قالدىم ... ئاھ خۇدا مېنى نىمانچە ئاجىز ،بىچارە قىلىپ ياراتقانسەن-ھە؟!

كۈنلەر يەنە بىر خىل بۇرۇختۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى ،بېشىمنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ قاتتى ،قانداق قىلاي ؟ ئۇنىڭ توي تەكلىۋىنى رەت قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى قوشۇلۇشۇم كېرەكمۇ؟ قۇشۇلاي دىسەم ،مېنىڭ قەتئى توي قىلىش نىيىتىم يوق! قوشۇلماي دىسەم ئاتامدىن قورقىمەن،مۇبادا ئاتام راستىنلا ئۆيدىن چىقىپ كەتسە...ئۇلۇغ ئاللا بۇنداق كۈنلەرنى ھارام قىلغايسەن!

قارىغاندا مەن بۇ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمەن ،ئەڭ ياخشىسى رەسمىيەت ئۈچۈن بۇ توينى قىلاي ،ئاندىن ئاجرىشىپ كېتىپ ئوقۇشقا چىقسام بۇلىدىغۇ ؟ ئۇ چاغدا مېنى ھىچكىممۇ قىستىمايدۇ...(بۇ شۇ چاغدىكى مېنىڭ ئەخمەقلەرچە قىلىۋاتقان ئويۇم ئىدى)

كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلۇشۇپ ئۆتىۋەردى ،ھەش-پەش دىگۈچە گۈزەل ياز ئايلىرى ئاياغدىشىپ ئالتۇن كۈز پەسلى سارغىيىپ يېتىپ كەلدى ،مېنىڭ بۇ  يىگىتنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىشىم، بۇ كىچىكىنە يېزا بازىرىغا پۇر كەتتى ،خىزمەتداشلار ،دوستلار،تۇققانلار ،ئەڭ ئاخىرىدا ئاتام ...بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىشتى ،بۇ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى ،چۈنكى مەن بولسام مۇقۇم مۇئاشىم بار بىر ھۈكۈمەت كادىرى يەنەكېلىپ بىزنىڭ بۇ يېزا بازىرىدىكى خېلى مەن مەن دىگەن يىگىتلەرنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىپ ئۇلارنى داغدا قويغان" ئوقۇرى ئىگىز"قىز بۇ دەپ نام ئالغان مەندەك  بىر قىزنىڭ  ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇنداق بىر ئائىلىنى "تاللىشىمنى"ھىچكىم ئويلىمىغان ئىدى .

،بىراق ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى ...

ئاتام مېنىڭ ئۇ يىگىت بىلەن"يۈرۈۋاتقانلىق" خەۋىرىمنى ئاڭلاپ بەكمۇ خاپا بۇلۇپتۇ ،چۈنكى ئۇ دىگەن بىر ھاراقكەش ، ئاتا تاربىيىسى كۆرمىگەن ، يەنە كېلىپ بىر تۇل خۇتۇننىڭ بالىسى ئىدى .

مەن بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ كەلسەم ئۆيدە يەنە كىچىك ئاپاملار ئولتۇرۇپتۇ ،كەچلىك چايدىن كېيىن ،ئاتام مېنى ياندىكى ئۆيگە چاقىرىپ كىرىپ  ماڭا:"قېزىم ،ئاڭلىسام بىرى بىلەن يۈرۈۋىتىپسەن،بىراق ئۇنىڭ ئاتىسى يوق ،يەنە كېلىپ بىر تۇل خۇتۇننىڭ بالىسىكەن ،ئۆي دىگەننىڭ گۈلىمۇ تىكىنىمۇ بۇلىدۇ ،كېيىن بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا مەن شۇ تۇل خۇتۇننىڭ ئالدىغا چىقامدىمەن ؟ئاتىسى بولغان بۇلسا ئۇنىڭ يۇلى باشقىيتتى ،سېنىڭ ئاپاڭ بولغان بۇلسىمىغۇ مەيلىتتى ،خۇتۇن خەق بىلەن خۇتۇنخەق نىمىلا دىيىشسە بۇلىدۇ ،بىراق مەن ئۇنداق قىلالمايمەن قېىزىم ،بۇ تەرىپىنى ياخشاراق ئويلۇشۇپ ئاندىن بىر قارارغا كەلسەڭمۇ كىچىكمەس ئىدىڭ ..."

مەن ئاتامنىڭ ئاغزىغا قارغىنىمچەئولتۇرۇپ قاپتىمەن ،مانا ئەتە ئۆيگە تازىمغا كېلىدىغان تۇرسا ،يەنە كېلىپ ئاتام بۇئىشتىن ئەسلا خەۋىرى يوقكەن ئەمەسمۇ ؟ ئۇلار مېنى ئالداپ ماقۇللۇقۇمنى ئېلىۋاپتۇ-دە؟! ھەي ،ماۋۇ قاپاق كالامنى ...قانداق قىلاي ؟ ھەقىقى ئىشنى ئاتامغا دەمدىمەن؟ ئۇ يىگىتنى سەن ئۆزۈڭ تاپقان ئەمەسمىدىڭ دىييىشىم كېرەكمۇ؟ ياق ،ياق،ئەمدى دىسەم بۇلمايدۇ ،بۇنىمۇ قايتۇرۋەتسەم ،يەنە بىرى كېلىدۇ ،ئىش قىلىپ مېنى بىر ئەرگە بەرمىگۈچە بۇلار تۇختاپ قالمايدۇ ،شۇڭا مەيلى مەن كىم بىلەن توي  قىلماي بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر ،يەنەئاجرىشىپ كېتىمەن ...

مەن ئاتامغا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم،پەقەت بېشىمنى ساڭگىلىتىپ جىم-جىت ئولتۇردۇم ،ئىھتىمال ئاتام مېنىڭ بۇنداق ئولتۇرۇشۇمدىن ،بۇ توينى قىلىشقا قارار قىلىپ بوپتۇ  دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي، ئارتۇقچەگەپمۇ قىلمىدى، پەقەت بىرنەچچە تال تاماكىنى ئارقا –ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي چىكىپ بۇلۇپ چىقىپ كەتتى ...

يېتىمنىڭ ئاتىسى يەتتە دىگەندەك ،بۈگۈن كەلگەن چوڭ تازىمغا ،توققانلارنىڭ پىكرى چىقىپ ،ئېلىپ كېلىنگەن تازىملىق رەختلەرنى بوپىغا چىگىپ قايتۇرۋەتمەكچى بولۇشتتى .

_ نېمە بۇ ئېلىپ كەلگەن بىر نىمىلىرى ؟قېرى خۇتۇنلارنىڭ تويىغىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى ئېلىپ كېلىدۇ رەخت –پۈچەكلىرنى ،بىزنىڭ قىزىمىزنىڭ تېخى مائاشى بار تۇرسا ،بۇنداق شېتىراق رەختلەرنى ئېلىپ كەلگىنى نېمىسى؟قايتۇرۋىتەيلى  ....؟...؟ئۇلارنىڭ گەپلىرى ماڭا قىلچىلىك تەسىر قىلمايتتى ،ھەممىگە پەرۋاسىز قارايتتىم ،ئىشقىلىپ مەن چۇقۇم ياتلىق بولۇشۇم كېرەك ،بۇ شەرتسىز بۇيرۇق،تەغدىر پىشانەمگە ئالىمۇقاچان بېسىپ بولغان ،ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بىر  مۇقەددەس تامغا ،بۇنى ئۆزگەرتىشكە ھىچكىمنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ ،مەن شەرتسىز ھالدا جىم-جىت تۇرۇپ بەجا كەلتۈرسەملا بولدى...

شۇ ئەسنادا ھويلىدا ئولتۇرغان ئاتام ئۆيگە كىرىپ كەلدى ۋە :

_ نېمىنى قايتۇرىسىلەر ؟ سىلەرگە نېمە كېرەك ؟ مەن ھازىرلا بازارغا بېرىپ ئېلىپ كېلىمەن ،ئۇ دىگەن بىر تۇل ئايال تۇرسا،ھېلىمۇ شۇنچىلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ ، مەن قېزىمنى ساتمايمەن ،بەلكى شۇ خەققە بالا قىلىپ بېرىدىغان تۇرسام ،كىيىن يەنە تۇققان بۇلۇپ ئۆتىدىغان تۇرساق ،قېزىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماي ئۆتسىلا بولدى ،كام بىر نەرسىلىرىگە مانا مەندەك ئاتىسى بار!!!...

ئاتامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ باشقا تۇققانلار بىر نەرسە دىيەلمەي قالدى ،شۇ چاغدا ئاتامغا بولغان قايىللىققىم ۋەھۆرمۈتۈم تېخىمۇ ئاشتى ،مانا مۇشۇنداق ئاتامغا ئوخشاش ،ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق پەرزەنتنىڭ  قەلب تۆرىدىن ھۆرمەت بىلەن ئورۇن ئالالىغان ئاتىلار بۇ دۇنيادا قانچىلىكى باردۇر-ھە؟!ئاتا ئۇلۇغ ! ئاتا مۇقەددەس !!!

شۇنداق قىلىپ 11 -ئاينىڭ 3-كۈنى، مەن قىلچىلىكمۇ چۈشەنمەيدىغان بىرى بىلەن ئامالسىز رەسمىيەت ئۈچۈن  توي قىلىپ قىزلىق ھاياتىم بىلەن مەڭگۈگە خوشلاشتىم...

مېنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىم سىلەر بىلەن ۋاقتىنچە خوشلاشقان بولاي ،بىراق بۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس ...زامان ماڭا باقمىغاچ،مەن زامانغا باقاي ...سىز بولغان بولسىڭىز ئاپا ئىشلار بۇنچلىك بۇنچىلىك  بۇلۇپ كەتمەس بولغىيتتى –ھە؟!




2012-11-3    پىغان يازمىسى  ------------------
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pigan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 12:11 PM  


t012719bbf90957be94.jpg
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
muhtar1214 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4474
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 773 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 05:02:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى باردەكلىغۇ ؟ تۈگىمىگەندەك ھېس قىلدىم مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110190
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2014-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 05:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇنداق ھىس قىلدىم داۋامى باردەكلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1782
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8746
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 05:35:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بار ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 05:37:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بارمۇ يوقمۇ ياخشىكەن بولمىسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109748
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2014-9-6
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 05:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلەن بوپتۇ بۇنڭغا ئەمدى . ئاجرشمە دەپ ئويلاپ كتىپتۇدە  .ئەخمەقلىققۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 05:45:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ(ياتلىق بۇلمايمەن)نىڭ ئاخىرىسىكەنغۇ ،چۈشۈنىكسىز بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق .مەنغۇ چۈشۈنۇپ ئۇقىدىم،بىلمەيدىغانلار بۇنىڭ باش-ئاخىرىسى نەدىدۇ دەپ ئويلاپ قالغۇدەك .

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110420
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-10-7
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 06:14:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7020
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1227 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 06:22:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىل گۇزەل باشلىق مۇنبەر، ئەزاسى aa0998نى سەۋەپسىزلا توڭلتىپ قوياپسىز.......
سەۋەبى نىمىدۇ، ئاگاىلاندۇرۇش بەرمەي بۇنداق قىلساڭلار!!!
يا سەۋەبىنى دەپ قويساڭلار

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15260
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 06:26:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxi yizilgan asarkan dawami  kaqan qikidu,

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش