مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: pigan

ياتلىق بولمايمەن... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1782
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8746
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 12:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يوللىغان ئىدىم ،لىكىن  يىڭى تېما بۇلۇپ چىقىپ قالدى ،مەنمۇ يىڭى ئۆگەنچە بولغاچقا  يا ئۇنداق يا مۇنداق خاتالىقلاردىن مۇستەسنا بولالمايمەن ئەلبەتتە،بىراق مەن  خاتالىقلىرىمنى چۇقۇم تۈزۈتۈپ كېتىمەن شۇنداقلا كۆپچىلىك مۇنبەرداشلىرىمدىن تەنقىدى پىكىرلىرىنى ئايىماستىن بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ...ماڭا پىكىر تەكلىپلەرنى بەرگەن مۇنبەرداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1782
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8746
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 12:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bagbax009 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 10:43 AM
بىرىنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرسى؟؟؟؟؟؟دىمەك باشقىلارنىڭ......... ...

شۇنداق پىغان 129 نىڭ كۈندىلىك خاتىرسى ...

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 03:19:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تېخى يوللىماپسىزغۇ...؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۈزۈڭنى قەدىرلە ،ئۆزگىنىمۇ ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 03:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىكلىكى خىلى تەسىرلىككەن بىراق يىگىت تۇرۇپ قىزنىڭ ئالدىدا تىزلىنامدۇ ؟؟؟ مۇشۇ يەر قۇلاق تۈۋىمگە بىرنى قويغاندەك بىلىندى .....ھە راس خەقنىڭ شەخسىي سىرىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان ساپاسىز ئادەم ئىكەنسىز ....ئۈزىڭىز ئۈچۈن خەقنى قۇربان قىلماڭ پەسكەشلىك بۇلىدۇ‹‹كۈنىلىك خاتىرە دىگەننى ئۇغۇرلۇقچە ئاختۇرسا يەنە سىزدەك كۈچۈرۈپ تارقاتقان ئادەمنى نىمە دىسەك بۇلار ....؟ تەربىيە كۆرمىگەن..

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95492
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 543
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 04:05:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلمايلا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇغىدەك قىزى باركىنا بۇقىزنىڭ.؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3968
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 04:12:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىزنىڭ شۇ چاغدىكى قىلغىنى خاتا دەپ قارىدىم، ھەتتا بىر ساراڭلىق. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكىمۇ چىققان تۇرسا يېزىدىكى يىگىتنى ياراتمىغان تەغدىردىمۇ يەنە بىر ئۇغۇل دۇستىنى ئۇنچە قىينىمىسا بۇلاتتىغۇ؟  كۈنلەر شۇ پىتى ئۈتىۋەرمەيدۇ، شۇ باغقىلار يىلىندۇرۇش يالۋۇرتۇش ئۆزىگە يانمايدۇ دەپ كىم ئىيتالايدۇ؟
ھىلىقى يىگىتمۇ تازىمۇ لاتا نەرسىمۇ قانداق قىز بالىغا ئۇنچىلىك ئۆزىنى خار قىلىپ نىمە كەپتۇ؟
قىزنىڭ قىلغىنى بىر ساراڭلىق ئەسلى توي قىلغۇسى بولمىسىمۇ بۇ ئىشلارنى ياخشىراق بىر تەرەپ قىلغىلى بۇلاتتىغۇ…

www.begmurad.wix.com/yaqupjan

ھەممىڭلارغا تىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11401
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7571 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 04:32:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئاخىرى  يېزىلمايۋاتىدىغۇ

ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر ئۇيغۇر خەۋەر تورىدا مەرھەممەتwww.uyhawar.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1782
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8746
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 05:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
satisil يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 03:33 PM
تەسىرلىكلىكى خىلى تەسىرلىككەن بىراق يىگىت تۇرۇپ قىزنى ...

قاراپ باقسام ،ئىنكاسىڭىزدىنلا  سىزنىڭ 'تەربىيە كۆرگەن بەك ساپالىق' ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدىكەن -ھە؟!خاتىرە ئىگىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ ماقۇلىقىنى ئېلىپ يوللۇدۇم! خاتىرىڭىزنى جەم قىلارسىز!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1782
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8746
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 06:14:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامان ساڭاباقمىسا ،سەن زامانغا باق ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  h/ }2 f3 j! ]

ئەسسالام ئاپا ،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ سىز بىلەن مۇڭدىشالمىدىم ،بۈگۈن بىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزنىڭ21يىللىق خاتىرە كۈنى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن سىزگە بۇندىن 21يىل مۇقەددەم بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ ... ئاڭلارسىزمۇ ئاپا؟!、

مەن تويلۇقنى قايتۇرۋەتكەندىن كىيىن ،شۇنداق خۇشال بولدۇم ،خۇددى ئىككى مۈرەمنى بىسىپ تۇرغان ئېغىر تاغنى ئېلىۋەتكەندەك ،ئۆزۈمنى شۇ قەدەر يەڭگىل ھىس قىلدىم ،ئەمدى كۈنلىرىم خاتىرجەم ئۆتىدىغان بولدى ،چوقۇم بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىمەن دەپ تاتلىق تامادا يۈرگەنكۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ،مېنىڭ ئەمدىلەتىن تىنجىغان كۆڭلىمنى يەنە پاراكەندە قىلىدىغان ئىشتىن بىرى يۈز بەردى ،ئىھتىمال بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كېرەك .

مەن ئىشتىن چۈشۈپ ئەمدىلا ئۆيگەكېلىشىمگە دوستۇم ھەنىپە  كىرىپ كەلدى ھەمدە بىرگە كىنو كۆرۈپ كېلەيلى دەپ چىڭ تۇرۇۋالغاچقا ئاتامغا دەپ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن بىللە ئۆيدىن چىقتۇق ،كىنوخانىغا ئاز قالغاندا   ،قۇلىدىكى سومكىسىنىڭ ئىچىدە بېرىپ قۇيىدىغان بىر نەرسە بارلىقنى ،ئۇنى كوچا دوقمۇشىدىكى ئاۋۇ  ئۆيىگە ئەكىرىپ بېرىپ ماڭايلى دەپ مېنى بىللەئېلىپ كىردى ،ئۆي ئىگىسى خۇددى بىزنىڭ كېلىشىمىزنى ئالدىن بىلىدىغاندەك بىزنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ،ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى  ،مەن دوستۇمغا سوڭدۇشۇپ ئۆيىگە كىردىم،ئويلىمىغان يەردىن ئۆيدە ئىككى "مېھمان" ئولتۇرغان ئىكەن ،بىزنى كۆرۈپ تەككەلۇپ بىلەن تۆرگە تەكلىپ قىلدى ،شۇ زامات كۆڭلۈم بىر قىسما بۇلۇپ ،بۇ ئىشنىڭ كەينىدە بىر گەپ بارلىقىنى سىزىپ يەتتىم ۋە  ئۆرۈلۈپلا يېنىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم بىراق ئۆي ئىگىسى قاتتىق تۇرۇۋىلىپ مېنى تەڭلىكتە قويدى .(ئۆي ئىگىسىنى مەنمۇ تۇنۇيتتۇم،ئۇمۇ ئاتامنىڭ ئۈلپەتداشلىرىدىن ئىدى)

،شۇ كۈنى بىز ئۇزاپ چىققاندا ئۆي ئىگىسىنىڭ ئايالى مىنى ئايرىم چاقىرىپ تۇرۇپ  :"بايام كۆرۈشكەن يىگىتنىڭ تەلىېپىنى رەت قىلسام بولمايدىغانلىقىنى، مۇبادا يەنە قۇشۇلمىسام  ئاتامنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئۇچرۇشۇشنى ئاتامنىڭ تاپىلىقىنى بويىچە ئۇلارئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى" ئېيتىشتى ...بۇ گەپ خۇددى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك ماڭا  بەكلا ئېغىر كەلدى ،ئۆزۈمنى يىغلىۋىتىشتىن ئاران تۇتۇۋالدىم ،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ،بېشىم قېيىپ تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ قالدىم ... ئاھ خۇدا مېنى نىمانچە ئاجىز ،بىچارە قىلىپ ياراتقانسەن-ھە؟!

كۈنلەر يەنە بىر خىل بۇرۇختۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى ،بېشىمنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ قاتتى ،قانداق قىلاي ؟ ئۇنىڭ توي تەكلىۋىنى رەت قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى قوشۇلۇشۇم كېرەكمۇ؟ قۇشۇلاي دىسەم ،مېنىڭ قەتئى توي قىلىش نىيىتىم يوق! قوشۇلماي دىسەم ئاتامدىن قورقىمەن،مۇبادا ئاتام راستىنلا ئۆيدىن چىقىپ كەتسە...ئۇلۇغ ئاللا بۇنداق كۈنلەرنى ھارام قىلغايسەن!

قارىغاندا مەن بۇ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمەن ،ئەڭ ياخشىسى رەسمىيەت ئۈچۈن بۇ توينى قىلاي ،ئاندىن ئاجرىشىپ كېتىپ ئوقۇشقا چىقسام بۇلىدىغۇ ؟ ئۇ چاغدا مېنى ھىچكىممۇ قىستىمايدۇ...(بۇ شۇ چاغدىكى مېنىڭ ئەخمەقلەرچە قىلىۋاتقان ئويۇم ئىدى)

كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلۇشۇپ ئۆتىۋەردى ،ھەش-پەش دىگۈچە گۈزەل ياز ئايلىرى ئاياغدىشىپ ئالتۇن كۈز پەسلى سارغىيىپ يېتىپ كەلدى ،مېنىڭ بۇ  يىگىتنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىشىم، بۇ كىچىكىنە يېزا بازىرىغا پۇر كەتتى ،خىزمەتداشلار ،دوستلار،تۇققانلار ،ئەڭ ئاخىرىدا ئاتام ...بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىشتى ،بۇ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى ،چۈنكى مەن بولسام مۇقۇم مۇئاشىم بار بىر ھۈكۈمەت كادىرى يەنەكېلىپ بىزنىڭ بۇ يېزا بازىرىدىكى خېلى مەن مەن دىگەن يىگىتلەرنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىپ ئۇلارنى داغدا قويغان" ئوقۇرى ئىگىز"قىز بۇ دەپ نام ئالغان مەندەك  بىر قىزنىڭ  ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇنداق بىر ئائىلىنى "تاللىشىمنى"ھىچكىم ئويلىمىغان ئىدى .

،بىراق ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى ...

ئاتام مېنىڭ ئۇ يىگىت بىلەن"يۈرۈۋاتقانلىق" خەۋىرىمنى ئاڭلاپ بەكمۇ خاپا بۇلۇپتۇ ،چۈنكى ئۇ دىگەن بىر ھاراقكەش ، ئاتا تاربىيىسى كۆرمىگەن ، يەنە كېلىپ بىر تۇل خۇتۇننىڭ بالىسى ئىدى .

مەن بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ كەلسەم ئۆيدە يەنە كىچىك ئاپاملار ئولتۇرۇپتۇ ،كەچلىك چايدىن كېيىن ،ئاتام مېنى ياندىكى ئۆيگە چاقىرىپ كىرىپ  ماڭا:"قېزىم ،ئاڭلىسام بىرى بىلەن يۈرۈۋىتىپسەن،بىراق ئۇنىڭ ئاتىسى يوق ،يەنە كېلىپ بىر تۇل خۇتۇننىڭ بالىسىكەن ،ئۆي دىگەننىڭ گۈلىمۇ تىكىنىمۇ بۇلىدۇ ،كېيىن بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا مەن شۇ تۇل خۇتۇننىڭ ئالدىغا چىقامدىمەن ؟ئاتىسى بولغان بۇلسا ئۇنىڭ يۇلى باشقىيتتى ،سېنىڭ ئاپاڭ بولغان بۇلسىمىغۇ مەيلىتتى ،خۇتۇن خەق بىلەن خۇتۇنخەق نىمىلا دىيىشسە بۇلىدۇ ،بىراق مەن ئۇنداق قىلالمايمەن قېىزىم ،بۇ تەرىپىنى ياخشاراق ئويلۇشۇپ ئاندىن بىر قارارغا كەلسەڭمۇ كىچىكمەس ئىدىڭ ..."

مەن ئاتامنىڭ ئاغزىغا قارغىنىمچەئولتۇرۇپ قاپتىمەن ،مانا ئەتە ئۆيگە تازىمغا كېلىدىغان تۇرسا ،يەنە كېلىپ ئاتام بۇئىشتىن ئەسلا خەۋىرى يوقكەن ئەمەسمۇ ؟ ئۇلار مېنى ئالداپ ماقۇللۇقۇمنى ئېلىۋاپتۇ-دە؟! ھەي ،ماۋۇ قاپاق كالامنى ...قانداق قىلاي ؟ ھەقىقى ئىشنى ئاتامغا دەمدىمەن؟ ئۇ يىگىتنى سەن ئۆزۈڭ تاپقان ئەمەسمىدىڭ دىييىشىم كېرەكمۇ؟ ياق ،ياق،ئەمدى دىسەم بۇلمايدۇ ،بۇنىمۇ قايتۇرۋەتسەم ،يەنە بىرى كېلىدۇ ،ئىش قىلىپ مېنى بىر ئەرگە بەرمىگۈچە بۇلار تۇختاپ قالمايدۇ ،شۇڭا مەيلى مەن كىم بىلەن توي  قىلماي بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر ،يەنەئاجرىشىپ كېتىمەن ...

مەن ئاتامغا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم،پەقەت بېشىمنى ساڭگىلىتىپ جىم-جىت ئولتۇردۇم ،ئىھتىمال ئاتام مېنىڭ بۇنداق ئولتۇرۇشۇمدىن ،بۇ توينى قىلىشقا قارار قىلىپ بوپتۇ  دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي، ئارتۇقچەگەپمۇ قىلمىدى، پەقەت بىرنەچچە تال تاماكىنى ئارقا –ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي چىكىپ بۇلۇپ چىقىپ كەتتى ...

يېتىمنىڭ ئاتىسى يەتتە دىگەندەك ،بۈگۈن كەلگەن چوڭ تازىمغا ،توققانلارنىڭ پىكرى چىقىپ ،ئېلىپ كېلىنگەن تازىملىق رەختلەرنى بوپىغا چىگىپ قايتۇرۋەتمەكچى بولۇشتتى .

_ نېمە بۇ ئېلىپ كەلگەن بىر نىمىلىرى ؟قېرى خۇتۇنلارنىڭ تويىغىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى ئېلىپ كېلىدۇ رەخت –پۈچەكلىرنى ،بىزنىڭ قىزىمىزنىڭ تېخى مائاشى بار تۇرسا ،بۇنداق شېتىراق رەختلەرنى ئېلىپ كەلگىنى نېمىسى؟قايتۇرۋىتەيلى  ....؟...؟ئۇلارنىڭ گەپلىرى ماڭا قىلچىلىك تەسىر قىلمايتتى ،ھەممىگە پەرۋاسىز قارايتتىم ،ئىشقىلىپ مەن چۇقۇم ياتلىق بولۇشۇم كېرەك ،بۇ شەرتسىز بۇيرۇق،تەغدىر پىشانەمگە ئالىمۇقاچان بېسىپ بولغان ،ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بىر  مۇقەددەس تامغا ،بۇنى ئۆزگەرتىشكە ھىچكىمنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ ،مەن شەرتسىز ھالدا جىم-جىت تۇرۇپ بەجا كەلتۈرسەملا بولدى...

شۇ ئەسنادا ھويلىدا ئولتۇرغان ئاتام ئۆيگە كىرىپ كەلدى ۋە :

_ نېمىنى قايتۇرىسىلەر ؟ سىلەرگە نېمە كېرەك ؟ مەن ھازىرلا بازارغا بېرىپ ئېلىپ كېلىمەن ،ئۇ دىگەن بىر تۇل ئايال تۇرسا،ھېلىمۇ شۇنچىلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ ، مەن قېزىمنى ساتمايمەن ،بەلكى شۇ خەققە بالا قىلىپ بېرىدىغان تۇرسام ،كىيىن يەنە تۇققان بۇلۇپ ئۆتىدىغان تۇرساق ،قېزىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماي ئۆتسىلا بولدى ،كام بىر نەرسىلىرىگە مانا مەندەك ئاتىسى بار!!!...

ئاتامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ باشقا تۇققانلار بىر نەرسە دىيەلمەي قالدى ،شۇ چاغدا ئاتامغا بولغان قايىللىققىم ۋەھۆرمۈتۈم تېخىمۇ ئاشتى ،مانا مۇشۇنداق ئاتامغا ئوخشاش ،ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق پەرزەنتنىڭ  قەلب تۆرىدىن ھۆرمەت بىلەن ئورۇن ئالالىغان ئاتىلار بۇ دۇنيادا قانچىلىكى باردۇر-ھە؟!ئاتا ئۇلۇغ ! ئاتا مۇقەددەس !!!

شۇنداق قىلىپ 11 -ئاينىڭ 3-كۈنى، مەن قىلچىلىكمۇ چۈشەنمەيدىغان بىرى بىلەن ئامالسىز رەسمىيەت ئۈچۈن  توي قىلىپ قىزلىق ھاياتىم بىلەن مەڭگۈگە خوشلاشتىم...

مېنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىم سىلەر بىلەن ۋاقتىنچە خوشلاشقان بولاي ،بىراق بۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس ...زامان ماڭا باقمىغاچ،مەن زامانغا باقاي ...سىز بولغان بولسىڭىز ئاپا ئىشلار بۇنچلىك بۇنچىلىك  بۇلۇپ كەتمەس بولغىيتتى –ھە؟!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 06:41:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
satisil يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 03:33 PM
تەسىرلىكلىكى خىلى تەسىرلىككەن بىراق يىگىت تۇرۇپ قىزنى ...

مەنمۇ تىمىنىڭ ئاخىرىدىكى «بۇ بىرىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى ئىكەن ،تاسادىپى قۇلۇمغا چۈشۈپ قېلىپ ئۆزۈم ياقتۇرغاچقا ،ھىچقانچە ئۆزگەرتمەيلا ئەۋەتتىم » دىگەن خەتنى كۆرۈپ سىزدەك خىياللارنى قىلغان.  ناۋادا بۇ كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئىگىسى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ رۇخسەتسىزلا بۇ يەردە لاغايلاپ يۈرگىنىنى بىلىپ مەزكۇرنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلىپ قالسا  ئىنىقلا كۈندىلىك خاتىرە ئىگىسىنىڭ گىپى ئاقىدۇ دەپ ئويلايمەن.     

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش