مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3307|ئىنكاس: 37

ياتلىق بولمايمەن... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1782
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8671
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; Q* f$ s) n% V6 S+ W$ D

t010588f725a481b812.jpg

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ^- b$ P" |. m: b

ياتلىق بولمايمەن...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- b. R0 ]% z* f$ D$ A

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 l5 a6 y  J; |; [8 A2 b" [2 K

ئەسسىلام ئاپا ،بۈگۈن سىزگە ياتلىق بولۇش ئالدىدىكى ئىشلارنى دىگۈم كېلىۋاتىدۇ ئاڭلارسىزمۇ؟!...

مەكتەپنى پۈتۈرۈپ كېلىپلا خىزمەتكە چۈشتۈم ،ئەمما ئۆيىمىز بىلەن مەن تەخسىم قىلىنغان مەكتەپنىڭ  ئارلىقى 20نەچچەكېلومېتىر كېلەتتى ،شۇڭا مەن ۋە ئىككى خىزمەتدىشىم بىلەن قوشۇلۇپ مەكتەپنىڭ ياتىقىدا يېتىپ قوپۇشقا مەجبور بولدۇق ...دەسلەپتە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن يىڭى كەلگەچكە بىر خىل ياتسىراش ئىچىدە يۈردۈم ،بىراق ناھايىتى تىزلا ئۇلار بىلەنمۇ ئاكا-ئۇكا ،ئاچا-سىڭىللاردەك ئىچەكىشىپ كەتتىم ...چۈنكى بۇ يەرلىكلەرنىڭ مىجەزى بەك ئوچۇق –يورۇق ،مېھماندوست بولغاچقا ،چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقىتلارىدا ئۆيلىرىگە تاماققا چاقىرىپ ،گايى ئۆيلىرىگە ئىشتىن چۈشكەندەئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي ئېلىپ كېتىپ ئوبدانلا چىقىشىپ كەتتۇق ،مەن دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىممۇ ئاتا-ئانىلىرى يېڭى ياققان نانلارنى  ئۆيلىرىدىن ئالغاچ كېلىپ ئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي ياتاققا قويۇپ قۇيۇدۇ ،مەن ئېلىشقا ئۇنىمىسام ئۇلار ماڭا :_ "مۇئەللىم ،بۇ ناننى ئاپام يىڭى ياققان ،سىزلەرنى ئۆي نېنىنى سېغىنىپ قالىدۇ،ئالغاچ بارغىن دەپ ئاپام ئۇنىمىغىنىمغا قويماي بەرگەن تۇرسا ،ئېلىڭ مۇئەللىم،بولمىسا بىزنى يات كۆردى دەپ قالىمىز ..." دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ  مېنى ئامالسىز قىلىپ قويىدۇ .

يېزابالىلىرى دىگەن ئاجايىپ بۇلىدىكەن ئاپا ،ئادەملىرىمۇ ھەم شۇنداق ، گەرچەچىرايلىرىدىن تۇپا تۈكۈلۈپ تۇرسىمۇ،قەلبى شۇ قەدەر پاكىزە، ئۆزلىرى  نامرات بولسىمۇ ،بىراقكۈڭلى-كۆكسى  شۇ قەدەر باي...

ماناھەش-پەش دىگۈچە بىر مەۋسۈم ئاخىرلاشتى ،ئاتام يۇقۇرى تۆۋەن مىڭىپ مېنى مەھەلىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەپ ئەكىلىۋالدى ،مېنڭ يۆتكىلىپ كەلگۈم يوق ئىدى ،چۈنكى مەن ئۇ يەردىكى ئاق-كۆڭۈل ،مېھرىبان كىشىلەردىن يىغىپ ئېيتقاندا مەن دەرس بېرىۋاتقان شۇ سىنىپتىكى ئۆز ئىنى-سىڭىلىرىمدەك بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچۇلۇرۇمدىن ئايرۇلغۇم يوق ئىدى ،بىراق ئۆيدە يەنە مەندىن كىچىك 3ئىنىم بار-دە ئۇلارنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك ،سىزدىن ئايرىلىپ ئاتام كۆپ رىيازەت چەكتى ،مەن پەقەت ھەپتىدە بىرلا كۈن كېلەلەيتتىم ،كېلىپلا ئۆيلەرنى تازىلايتتىم ،يىغىلغان كىر-قاتلارنى يۇياتتىم ،ئورنۇمدىن تۇرۇپلا تۈگىمەس  ئۆي ئىشى  بىلەن بۇلۇپ كېتىپ ،قانداق كەچ بۇلۇپ قالغىنىنىمۇ تۇيماي قالاتتىم ، ئەتىسى يەنە، سەھەردە  قاتنايدىغان شۇ بىرلا ئاپتۇبۇسقائۆلگۈرۈپ چىقىپ كىتەتتىم ،ھەر ھەپتىدە (ئۇ كۈنلەردە پەقەت بىرلا كۈن يەكشەنبە كۈنى دەم ئالاتتۇق) بىر كېلىپ قىلىدىغان ئىششىم شۇ ئىدى ،ئاتام ماڭا قاراپ ئىچى سېرىلىپ كېتەتتى ..."بالام ،ھەپتىدە بىر كېلىپ تۈزۈك بىر ئاراممۇ ئالالماي يۈرىسەن،ئاپاڭ رەھمەتلىك بولغان بولسا ،سەنمۇ بۇنچىلىك جاپا تارتمايتتىڭ قېزىم..."دىگىنىچە كۆز يېشى قىلاتتى ،گەرچە ئاتامغا قاراپ ئىچ-ئىچىمدىن يىغلۇم كەلسىمۇ بىراق ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋىلىپ ئاتامغا تەسەللى بېرەتتىم ...

بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ كەلسەم ،چوڭ ئاپام ۋە بىرقانچە تۇقانلار ئۆيدە يىغىلىپ ئولتۇرۇپتۇ،كەچلىك چاينى ئېچىپ بولۇپ نەۋرە ئاچام مېنى ياندىكى ئۆيگە چاقىرىپ ،مېنى ياتلىق قىلىش تۇغرىسىدىكى خەۋەرنى ماڭا يەتكۈزدى ...مۇشۇ "ياتلىق "دىگەن سۆزنى كىم ئىجات قىلغان بولغىيدىكىن ، ئويلاپ باقسام بۇ سۆز پەقەت ئۆزلۈكتىن يات قىلىش دىگەن مەنىدىكى گەپكەن ئەمەسمۇ چۈنكى سۆزنىڭ تۈپ يىلتىزى "يات" ...يات ھىساپلانماق... ،مانا بۇنىڭدىن شۇنداق مەنا چىقىپ تۇرمامدۇ ؟! شۇنداق ئۆچ بولدۇم بۇ سۆزگە ! مۇشۇ سۇزنى ئىجات قىلغۇچىغىمۇ مىڭ لەنەت !

ئاپا،مېنىڭ شۇ چاغدىكى ھىسىياتتىمنى سىزگە تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن ،بۇ خەۋەر ماڭا خۇددى سىزنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىڭىزنى ئاڭلىغاندىكىدىنمۇ ئېغىرتۇيۇلدى ،خۇددى بىرى بىشىمغا توقماق بېلەن سالغاندەك ،نەپسىممۇ توختاپ قالغاندەك  تۇلىمۇ ئازاپلاندىم ،قانچىلىك ۋاقىت ئولتۇردۇمكىن ،ئارانلا قىلىپ :" ئاتام مەندىن تويۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ ..."دىيەلىدىم كۆزۈمدىن ياشلىرىم خۇددى يىپى ئۆزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى .چۈنكى ،ئاپا سىزنىڭ كىرپىكىڭىزگە تېخى توپا قونماي تۇرۇپلا ،مېنى ياتلىق قىلماقچى بولغانلىقى ماڭا تۇلىمۇ ئېغىر  كەلدى ،يەنە كېلىپ سىزمۇ بىلىسىزغۇ ئاپا ،مېنىڭ شۇنداق گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرم بار ئىدىغۇ ؟ ئاتام بۇلارنى بىلمەمدىغاندۇ؟ مەن قايسى ئىشنى خاتا قىلدىم؟ مېنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىم مۇشۇنداقلا كۆپۈككە ئايلانسا ،-ھە؟ ياق،ياق ،مەن ياتلىق بولمايمەن !...

مەن ئاتامغا تۇنجى قېتىم قارشى چىقتىم ،ئاتام مېنىڭ بۇنداق قىلارىمنى ئويلىمىغان ئىدى،چۈنكى بىز تۆت بالىنى ئاتام، خۇددى ھازىر تىلىۋىزوردا بېرىلىۋاتقان"ناياڭپارنىڭ قىزلىرى " ناملىق تېلىۋىزىيە فىلىمدىكى ھېلىقى كۆرۈنۈشلەردەك ،بىزنى تىزىلدۇرۇپ تەربىيە قىلاتتى ،خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويساق قىلچەرەھىم قىلمايتتى ،ھەممىمىز ئاتامدىن شۇنداق قورقاتتۇق ،بىراق ماڭا شۇ چاغدا ،بۇنداق دىيىشىمگە قايسى كۈچ تۇرتكە بولدى بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ...

سىزمۇ بىلىسىزغۇ ئاپا ،مەن دائىم  مەن يەنە ئوقۇيمەن ،چۇقۇم باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ نەچچە يىل بىلىم ئاشۇرۇپ كەلمىگۈچەتۇرمۇش ئېشىمنى ئويلاشمايمەن دەپ ،ھەمدە ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە قىلغانمۇ ئىدىم شۇڭاماڭا تەلەپ قويغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمنى ۋە تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ ھەممىسىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم ،شۇ چاغلاردا مېنىڭ ئالىي بېلىم يۇرتلىرىدايەنە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىستىكىم شۇ قەدەر  كۈچلۈك  ئىدى ،بىراق ئۇچاغلاردا،ئىشلەۋاتقان ئورۇن ، خىزمەتكە چۈشۈپ 3يىل بولمىغۇچە بىلىم ئاشۇرۇشقاچىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى ...

مېنىڭ قوشۇلماسلىقىم ئاتامغا ھار كەلدى ،ئۆيدە ماڭا گەپ قىلمايتتى ئۆيگە كىرسەم تالاغاچىقاتتى ،تالاغا چىقسام ئۆيگە كىرەتتى ،گەپ قىلسام "ھە ،  ياكى  ياق ،،" دىگەن سۆزدىن باشقا سۆزنى قىلمايتتى ،بۇ ئىش ماڭا تۇلىمۇ ھار كەلدى مەن كۈندە دىگۈدەك ، تاماقنى يەپ بولۇپ،چىنە-قاچىلارنى يۇيۇۋىتىپلا،مەكتەپكە كېتىمەن ،چۈشلىكى مەكتەپ جىم-جىت ،يازنىڭ ئۇزۇن ئىسسىق كۈنلىرى ھەمەيلەن ئۆيلىرىدە شامالچىلىرىنى قويۇشۇپ ئۆخلاپ ئاراملىرىنى ئېلىپ كېلىشىدۇ ،بىراق مەن  مەكتەپنىڭ شۇ چۈلۈك دەرەخلىرى ئاستىدا ئولتۇرۇپ ،خىيالەن سىز بىلەن مۇڭدىشىمەن ،دەرت-ھالىمنى سىزگە سۆزلەپ ئىچ-قارنىمنى بوشىتىمەن ...

بۇتىركىشىش ئۇزۇنغا بارمىدى ،ئاتامنىڭ جاھىللىقىنى سىزمۇ بىلىسىز –غۇ ئاپا ،بىر كۈنى مەكتەپتىن كېلىشىمگە يەنە ئۆيدە ئاپا يوللۇق ئاتامنىڭ ئاچىسى ۋە بىرنەچچەتۇققانلار ئولتۇرىدۇ ،كۆڭلۈم قارت قىلىپ قالدى ،شۇ چاغلاردا ماڭا كېلىۋاتقان بېسىممۇ ئاز ئەمەس ئىدى،كۈندە دىگۈدەك چوڭلار ، خىزمەتداشلار ، دوستلار ئۇنى بۇنى سايە قىلىشىپ بېشىمنى ئاغرىتقىنى ئاغرىتقان ،...

،بارلىق قىزلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بۇ كۈندىن قېچىپ قۇتۇلالىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى بىراق مەن پەقەت ۋە پەقەت بۇ كۈننى كېيىنرەك  كەلسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە ئىدىم خالاس، ئەمما ئىشلار مېنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ دەل ئەكسىچە بۇلۇپ مېنى ئازاپلىماقتا ئىدى قىز ،قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ زادى قانداق قىلاي ؟ مانائاتام ئاللىمۇقاچان باشقا تۇققانلار بىلەن مەسلىھىتىنى پۇشۇرۇپ بوپتۇ ،بۈگۈن مەن كۆرۈشۈپ چىقساملا بۇلىدىكەن ،ئەتە تازىمغا كېلەرمىش ...

ئاپا ،شۇچاغدا نېمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم ،قىز بالا ئاجىز كېلىدۇ دىگەن سۆزگە قەتئى ئىشەنمەيتتىم ،مانا بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى تۇنجى قېتىم تۇنۇپ يەتتىم ،سىزنى ئويلۇدۇم ،بالا ئۈچۈن يەنە كېلىپ قىز بالا ئۈچۈن ئاپىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى شۇچاغدا ھىس قىلدىم ،ئاپا بولسا ھىچنىمىدىن غەم يىمەيدىغان گەپكەن ،چۈنكى قۇرساقىمۇ  "ئاپا...'' دەيدىكەنمىز ،كىيىمگىمۇ "ئاپا،دەيدىكەنمىز " ،ئىشقىلىپ زېرىكسەكمۇ ،تېرىكسەكمۇ،خۇشال بولساقمۇ،خاپابولساقمۇ  نېمىلا قىلمايلى"ئاپا!..." دەيدىكەنمىز ...بىراق سىزنى چاقىراي دىسەم سىز يوق-تە ئاپا؟!ئىچىمدىكى گەپلەرنى ئاتامغا قانداق دىيەلەيمەن؟ئاتامنىڭ مىجەزىنى بىلىسىزغۇ؟ ئاپىغا دىيەلىگەن بىلەن ئاتىغا دىيىش مۇمكىن بولمايدىكەن ، ئاتام مېنى سىزگە ئوخشاش چۈشەنمەيدۇ ،ھەم قوللىمايدۇ –دە!؟

كەچلىكى تۇققانلارنىڭ زورلىشى ھەم بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن نەۋرە ئاچامنىڭ ھەمرالىقىدا ئۇيىگىت بىلەن كۆرۈشكىلى كىردىم ...مەن كۆپ ئويلۇنۇش ئارقىلىق ياخشى بىر ئامالنى ئويلاپ تاپقان ئىدىم ،ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئامال ماڭا ئەسقاتىپ قالدى ...

مەن شۇكۈنى مېنىڭ يۈرۈۋاتقىنىم بارلىقىنى ،ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشۋاتقىلى نەچچە يىل بولغانلىقىنى ئېيتىپ ،بۇ يىگىتنىڭ رايىنى ياندۇرغانمۇ بولدۇم ،ئەمىليەتتە مەن يالغان سۆزلىگەن ئىدىم  ،بىراق مەن يۈرۈۋاتىمەن دىگەن ئادەم بولسا ، ئۇ_ مېنى تۇختىماي قوغلىشىۋاتقان ساۋاقدىشىم ئىدى ،كىم بىلسۇن ، بۇ ئىشنىڭ مەھەلىگە پۇر كېتىشىنى يەنە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي بۇگەپنىڭ ساۋاقدىشىمنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قېلىشىنى؟ ...

ئاتامنىڭ ئاچچىقى قېرىق گەز ئۆرلىدى ،چۈنكى مەھەلىمىزدىكى ئاتامغا ياقىدىغان يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى يۇۋاش يەنە كېلىپ بىر مەھەلىلىك ،دېھقان كېشىلەر  ،مەن "ياقتۇرغان"يىگىت بولساشەھەرلىك ،يەنە كېلىپ ئاتا-ئانىسى خىزمەتچى بولغاچقا بىزدىن يۇقۇرى تۇرارمىش...

ئاتام ئاچچىقىدا ماڭا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ :"بالىرىمنىڭ ئىچىدە ئەڭ چىچەن،ئەڭ ئەقىللىق ھىساپلايتتىم بۇ بالىنى ،ئەڭ ئەقىلسىز ،ئەڭ دۆتكەن  ئەمەسمۇ! ... ئاپىسى بولمىغاندىن كېيىن،ئۇكىلىرىغا ئاپىسى ئورنىدا ئاپا بۇلۇپ يىقىنراق يەرگە ياتلىق بولسا دىسەم ،يىراقتىن تېپىپتۇ ،بۇ ئەقىلسىز ،يەنە كېلىپ بۇلار دېھقان، يۇۋاش ھەق،ئۇلار دىگەن كادىر،خىزمەتچى ھەق تۇرسا ،بۇ بالا نېمىشقا بۇلارنى ئويلىمايدۇ دەيمەن؟ ھەي...شۇئاپىسىنىڭ يوقلىقى ... ،"دەۋەتتى ،گەرچە ئاتامنى خاپا قىلىش نىيىتىم بولمىسىمۇ بىراق مەن ئامالسىز قېلىۋاتاتتىم ھەمدە ئاتامنىڭ يىڭدىن سېسىق گەپلىرىگەچىشىمنى چىشلەپ يۈرۈشكە مەجبور بۇلاتتىم ...مەيلى چىداي ،راست گەپنى دىسەم بولمايدۇ-دە؟!

مانا مەن قورققان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى ،ساۋاقدىشىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوش بۇلۇپتۇ،ھەمدە تۈمۈرنى قىزىقىدا سوق دىگەندەك ،ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن تازىمغا كېلىشكەباشلىدى  ،مەن نېمە قىلارىمنى ۋە نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي كۆز ئالدىمدا بۇلۇۋاتقان ئىشلارغا ھاڭۋىقىنىمچە قاراپ  تۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمىدىم .ساۋاقدىشىمغا پەقەت ئۆزۈمنىڭ ھازىر توي قېلىش نىيىتىمنىڭ يوقلىقىنى ،بېلىم ئاشۇرۇپكېلىپ ئاندىن توي قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتقان بولساممۇ ،"ئالدىڭنى تۇسۇپ قويسىلا بولدى"  دەپ تۇرۇۋىلىپ ماڭا ئېغىز ئاچتۇرمىدى ،ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئالدىراتقىلى تۇردى ،ھە دىگەندە " توي خېتىنى ئېلىۋالسۇن ..."دەپ ئۆيگە كېلىپ ئارام بەرمىدى ،بىراق خەتنى ئالدىممۇ بولدى ،مەن ئۇلارنىڭ ئادىمى بۇلۇپ كەتتىم دىگەن گەپ،بىراق مېنىڭ ھازىرچە قەتئى توي قىلىش نىيىتىم يوق ئىدى ،يەنە كېلىپ بۇ تۇغرىسىدا ئويلاپمۇ باقمىغان ھەتتا ئويلاشنىمۇ خالىمايدىغان تۇرسام ؟ چۈنكى مەن يەنە ئوقۇيمەن ،ئوقۇشقا چىقىشقا  ئۆزۈمنىڭ ئاتىسى قوشۇلمىغان يەردە ،باشقىلار قۇشالامدۇ؟ يەنە كېلىپ ئەرلەرنىڭ ھىلىسى تۇلا،تويدىن بۇرۇن دىمىگەن ئەتمىگىنى قالمايدۇ ،ئۆلۈپ بەر دىسە ، يالغاندىن بولسىمۇيەردە يېتىپ  بېرىدىغان ھەق بۇ، لېكىن تويىنى قىلىپ بولدىمۇ بولدى، ئۇ سىزنىڭ چىرايىڭىزغا ئەمەس سىز ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتۇسىز ،ئۇ چاغدا(بۇ مېنىڭ نەۋرە ئاچامدىن ۋە تويى بولۇپ بولغان نەچچە دوستلۇرۇمنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا  زارلىنىپ تۇرۇپ دىگەن سۆزلىرىنىدىن چىقارغان يەكۈنۈم ئىدى) ......

،پۈتۈن ئەس يادىم بولسا ،بىلىم ئاشۇرۇشقا چىقىش ئىدى .

كۈنلەرمانا شۇنداق بۇرۇختۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى ،ئۇلارمۇ مېنى سۈيلەپ ھارمىدى،مەنمۇ ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ ھارمىدىم .

قارىڭەئاپا ،ئاتامدىكى جاھىللىق مەندىمۇ بار ئوخشايدۇ ،قىلىمەن دىگىنىنى قىلىدىغان ؟!

شۇ تەرىقىدە يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى ،بىر كۈنى كەچلىكى ئۇلار تەرەپتىن ئەلچى كېلىپ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى توينى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى يەنە قوشۇلماي كەينىگە سۈرسەك بولمايدىغانلىقىنى بولمىسا   ،ئۇلارنىڭ  باشقا يەردىن تويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى،بۇ گەپ ماڭا شىكەردەك تېتىدى شۇنداق بىر باھانەئىزدەپ يۈرگەن چاغدا-ھە؟!،قارىغاندا مېنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ،ئاللاھقا سېغىنىپ ياش تۈكەنلىرىم بىكارغا كەتمىگەن ئوخشىمامدۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ قالغان بولسا كېرەك،مانا تىلىكىم ئىجابەت بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟

ئۆزۈمنى خۇددى ئۈستۈمدىن  بىر تاغنى ئېلىۋەتكەندەك ، شۇ قەدەر يەڭگىل ھىس قىلدىم ،چۈنكى ماڭا ئەمدى تۇتۇدىغان بىرساپاق چىقتىى ، ئۇلار قەستەن شۇنداق دىيىش ئارقىلىق مېنى تىز پۈكتۈرىمىزغۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك!؟  

ئاتامنىڭمۇ بۇ تويغا رازىلىقى بولمىغاچقا يەنە بىر تەرەپتىن مېنىڭ كەسكىن رەت قىلىشىم بىلەن بۇ تويلۇق ناھايىتى تىزلا قايتۇرۋىتىلدى ،شۇ چاغدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىنىكلىك بىلەن قىلغان شۇ بىر ئېغىز سۆزى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ قىلمىغان ئەتمىگىنى قالمىدى،بىراق مەن قەتئى رەت قىلىپ تۇرۇۋالدىم ،ئاخىرى ساۋاقدىشىم مەن بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ قاتتىق تۇرۇۋىلىپ ،ئىككىمىز كۆرۈشتۇق ،مەن دوستۇمنىمۇ بىللە ئېلىۋىلىشنى ئۇنتۇمىغان ئىدىم .چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە ، ئەرلەر تۇلىمۇ مۇرەككەپ بىر ماتىماتىكىلىق فورمۇلا ئىدى ،بۇ فورمۇلانى يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى ...بۇنداق فورمۇلاغا كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىش بۇ بىر ئەخمەقلىق ئەلبەتتە،ئەقىللىق قىزلار بۇنداق فورمۇلانى يېشىمەن دىمەي ئەڭ ياخشىسى قىيىنلىقىنى بىلسىلا بولدى   ...

مانا تالاش-تارتىش باشلاندى ،ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ مېنى قايىل قىلالمىدى ،مەنمۇ ئۇنى قايىل قىلالمىدىم، بىر چاغدا ئۇ ئالدىمغىلا تىزلاندى ۋە كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ :

-        مەن ساڭا نېمە يامانلىق قىلدىم ؟چوڭلاردىكى خاتالىقنى ماڭا يۈكلەپ قويساڭ قانداق بۇلىدۇ؟ مەن سېنى ساقلايمەن دىدىمغۇ ؟قانچە يىل دىسەڭ مەيلى ،3يىلمۇ؟ 5يىلمۇ؟10يىلمۇ ؟ مەن ساقلايمەن ! سېنى ساقلاشقا مەن رازى ،ھەممىلا ئىش سېنىڭ دىگىنىڭدەك بولسۇن ،ئاتاڭ سېنىڭ يۆتكىلىشىڭگە قوشۇلمىغان  بولسامەن خىزمىتىمنى يۆتكەپ كېلەي ! ماڭا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلمىغىن ! ئۆتۈنۈپ قالاي!....

شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىچىم سېرىلدى ،پۈتۈن تۈرك بىر ئەركەكنىڭ بىر قىزنىڭ ئالدىدا ياش تۈكۈشى شۇنداق ئاسانمۇ ؟... بىراق مەن ئارزۇ-ئارمانلىرىمدىن ۋاز كېچەلمەيتتىم ،يەنە كېلىپ ،ئۇنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى بار تۇرسا ،مېنى دەپ ئاتا-ئانىسىدىن ۋاز كەچسە قانداق بۇلىدۇ؟ مەن بۇسۇغىدىن ئاتلىماي تۇرۇپلا ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ قالسام قانداق بۇلىدۇ ...مەن يەنە نېمىلەرنى ئويلۇدۇمكىن بۇنىسى ماڭا  نامەلۇم پەقەت ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئوتتەك قىزىق يۈرۈكىگە بىر پارچە مۇز بۇلۇپ تىگىپ ئۇنىڭ رايىنى ياندۇرساملا بۇلاتتتى ...

_كۆڭلىڭنى چۈشىنىمەن ،بىراق مېنىڭ مۇنۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ باققىن ،ئاندىن بىرنىمە دەرسەن.

_ مېنىڭ مۇھەببەت گۈلۈم چەيلەندى ،مېنىڭ ئۈچۈن ئىككى يول بار ،بىرى گۈلنى قايتا پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈش يەنە بىرى باشقا جايدىن گۈل ئىزدەش ،بىراق بۇ ئىككىلىسى مەن ئۈچۈن شۇ قەدەر ئازاپلىق ...)بۇ جۈملىلەرنى مەن قايسدۇر بىر كىتاپتا ئوقۇغان ئىدىم ،كىتاپنى كۆپ كۆرگەنلىكىمنىڭ پايدىسى-دە ) مەن شۇلارنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈۋىتىپ ،ئۆز-ئۆزۈمدىن سۆيۈندۈم ...

ئۇ جايىدامىدىر قىلماي  ئۇلتۇرۇپ قالدى.بىز مېڭىشقا تەمشەلدۇق ،شۇ چاغدا ئۇ ئورنىدىن تۇردى-دە:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ }+ v) [* q/ ~_سەن يالغان سۆزلەۋاتىسەن ،مېنىڭ رايىمنى ياندۇراي دەپ تاپقان گىپىڭغۇ بۇ،مېنى ئالداۋاتىسەن  شۇنداقمۇ؟!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. N# P" E% n$ y  w# q( i# S
_ ياق، مەن راست دەۋاتىمەن ،ئىشىنەمسەن ،ئىشەنمەمسەن بۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى ،دىدىم مەنمۇ كەسكىنلىك بىلەن.

_شۇنداقمۇ ؟ مۇبادا مەن سېنى مەجبورلىسام قانداق قىلىسەن؟!..._ئۇنىڭ بۇ گىپى خۇددى ئۇچۇق ئاسماندا چاخماق چاققاندەك قاتتىق ئاڭلاندى.

مەن غۇۋائاي يۇرىقىدا ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى  ئېنىق كۆرەلمىگەن بولساممۇ ئەمما ئۇ قاتتىق بىر شورىغان تاماكىسىنىڭ يورىقىدا ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلىدىم ۋە قاتتىق چۆچۈدۈم ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى سەبىلىك ،مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان خۇشخۇي چىرايىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ،كۆزىدىن بىر خىل ياۋۇزلىقنىڭ غۇۋا نۇرلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم ...

تىنىم شورقىراپ كەتتى ،پۈتۈن بەدىنىمدىن مۇزدەك تەر قويۇلدى ،شۇ زامات دۇستۇممۇ ئۇنىڭ پەيلىنىڭ يامانلىقىنى سەزدى بولغاي ،ئۇمۇ كەينىگە ئۆرۈلدى،ئىككىمىز  تەڭلا كەينىمىزگە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردۇق ،كەينىمىزدىن ئۇ قوغلىدى،ئۇزاققا بارمايلا  بىرنەرسىنىڭ "گۈپ" قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى ،دۇستۇم بىلەن ئىككىمىز كەينىمىزگە قارىدۇق ،بىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ئۇ سۇنايلىنىپ  يېتىپتۇ ،ئاغزىدىن بولسا  :"ئاينۇر مېنى تاشلاپ كەتمە...مېنى تاشلاپ كەتمە ...".دىگەن يىغا ئارىلاش ئاۋازنى ئاڭلىدىم ...

شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭدىن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۋالدىم،خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى:

<<ئەسسالام ساۋاقدىشىم ئاينۇر ،ياخشى تۇرۇۋاتامسەن؟ ...

مەن كۆپ ئويلۇنۇش ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئۆزۈم دەڭسەپ باقتىم، سېنىڭ ھىلىقى ئاخشىمى ماڭا دىگەن سۆزىڭنى كۆپ قېتىم ئويلاندىم ،مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىككىز ئوتۇرسىدىكى بۇ  ھاڭدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئامال قىلالمىدىم ،بۇرۇن سەن بىلەن يېزىشقان خەتلەرنى قايتا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم،خەتلىرىڭ بىر ۋاراقتىن ئاشمايدۇ ،تۇلىمۇ ئاددى قىلىپ يېزىلغان ،ئۇنىڭدا نە بىر مۇھەببەتنىڭ پۇرىقى بولسۇن ؟!...دىمەك سەن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن .. ،نىمىشقىكىن،مەن قولۇمغا قەلەم ئالسام ئۆزۈمنى مەجبورى يېزىشتىن توختاتمىساملا  قەلىمىم  قەغەز ئۈستىدە يورغىلىۋىرىدۇ...ئەمما سەن بولساڭ خەتنى  بىر مەجبوريەت ئاستىدىلا يازىسەن ...بىراق بۇنداق دىيىش ئارقىلىق سېنى ئەيپلىمەيمەن،مۇھەببەت دىگەن بۇ نەرسىنى مەجبورلىغىلى بولمايدۇ ،ھىلىقى كۈنى مەندىن قاتتىق رەنجىدىڭغۇ دەيمەن،بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىڭدا تۇلىمۇ خىجىلمەن...مېنى كەچۈرەرسەنمۇ؟...

خەير،سېنىڭ بەختلىك بولۇشىڭنى ،ئارزۇ ئارمانلىرىڭغا تىزرەك يېتىشىڭنى تىلەيمەن ،مەيلى سەن ئىشەن ياكى ئىشەنمە سەن مېنىڭ بۇ ئۈمرۈمدىكى تۇنجى ھەم ئاخىرقى ياخشى كۆرگەن ئادىمىم ،مېنىڭ بۇ يۈرۈگۈمگە باشقا بىرىنى سېغدۇرالىشىم مۇمكىن ئەمەس! ،ئەمدى مەن كىم بىلەن توي قىلماي بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر  ،رەسمىيەت ئۈچۈن قىلىمەن خالاس!

ئاخىرىداگۈزەل تىنىڭگە سالامەتلىك ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

سەن كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئەمما ساڭا مەڭگۈ ئاشىق ______يالقۇن

1991يىل9-ماي  >>

خەتنى ئوقۇپ بولۇپ يىنىككىنە نەپەس ئالدىم  ،بىراق ئاپا بۇ قىلغىنىمنىڭ خاتا ياكى توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسەممۇ ئەمما بىر ئادەمنى شۇنداق ئىنتىل قىلىپ قاھشاتقان ئىشنىڭمۇ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن... لىكىن مەندە نېمە ئامال ؟ مەن ئارزۇيۇمغا يېتىشىم كېرەك ! شۇنداق مەن بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسەم بولمايدۇ ،ياشلىق ئادەمگە پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ،ھازىرقى ۋاختىمدا بىلىم ئىلىشىم كېرەك ،ئالىي بېلىم باغچىلىرىغا بېرىپ ،پەرۋانەكەبى ئۇچۇپ ھەر خىل گۈللەردىن ئەڭ تاتلىق شىرنىلەرنى يېغالىشىم ،يىغقاندىمۇ ئۆزۈمنى رازى قىلالىغۇدەك ،ئەۋلاتلارغىمۇ بۇ شىرنىلەردىن تېتىغۇدەك بېرەلەيدىغان بۇلۇشۇم كېرەك _مانا بۇ مېنىڭ بىردىن بىر ئارزۇيۇم ،مەن بۇ ئۇلۇق ئارزۇيۇمغايېتىش ئۈچۈن ھەرقانداق بوران چاپقۇنلارغا ئۇچرىساممۇ ،ھەرقانداق جاپا–مۇشەقەتلەرگە مۇپتىلا بولساممۇ، مەن چىدايمەن ...

ئاپا  ،مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي  قېزىم مەكتەپتىن كەلدىغۇ دەيمەن ،كەچلىك تاماقنى تېخى تەيارلاپ بولالمىغان ئىدىم...ۋاقىت چىقىرىپ يەنە سىز بىلەن مۇڭدىشىمەن ،

2012-10-22           چۈشتىن كېيىن                 

___________________پىغان  يازمىسى

بۇ بىرىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى ئىكەن ،تاسادىپى قۇلۇمغا چۈشۈپ قېلىپ ئۆزۈم ياقتۇرغاچقا ،ھىچقانچە ئۆزگەرتمەيلا ئەۋەتتىم ،داۋامى يەنە يۇلۇنىدۇ...


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 L) Z- ]% \) c9 B' u, g3 f. P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pigan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-27 04:52 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; u7 L5 k& X/ z# J" C8 Sبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ~6 {  ?  j; I1 W8 d4 P- P/ T

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109566
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1009
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزراق يوللىڭە

ئىگىسىگە ئەخلاق بىرەلمىگەن ئىمان ھەقىقى مۇكەممەل ئىمان ئەمەس

ئاي بەرگى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 829
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3359
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 547 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2014-11-1
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار تېمىنى تەھرىرلەپ قويسىچۇبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% i2 Q! P  y/ r* _. e/ N: s+ n
ئوقۇپ بولغۇچەكۆزلىرىم..چارچاپ  كەتتى.

دەردى دۇنيا بولغاننىڭ دەردى دۇنيادە

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 8850
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 32791
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3922 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-11-1
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹مەن››نىڭ ئىچكى ھېسياتى ياخشى تەسۋىرلىنىپتۇ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 }0 m) C* m, \! _! p) xبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" u: Z/ |0 v- E! k9 E
داۋامىنى كۈتىمەن...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 o; c& q0 [8 i1 _7 q$ Q  s
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 u( @  K4 G0 N
‹‹كۆڭلۈم قارت قىلىپ قالدى ››بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 O( q4 X2 O# k* z% @
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 s1 o5 x: `4 X6 [+ M, h9 u
‹يۈرىكىم ‹‹ قارت ››قىلىپ قالدى  ›دەپ ئېلىنىدۇ....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% i" |' N; T$ Y9 [

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 E( ]8 N9 ]' O% J+ ]: Iئىملاغا دىققەت قىلىڭ،خەت سول تەرەپتىن يېزىلىپ قاپتۇ...

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2316
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزلىپتۇ قىنى داۋامىنى تىزراق يوللاڭ ھە

قۇرۇق خىيال ھەقسىز كىنو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 197
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2014-11-1
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئايپاتەمنىڭ ھىكايىسى خېلى قىزىقارلىقكەن ،ئاخىرىنى تىزراق يازغايسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 445
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمىز . ياخشى  باشلىنىپتۇ .

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96923
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2013-8-12
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرسى؟؟؟؟؟؟دىمەك باشقىلارنىڭ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 445
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا خاتالىقى  خىلىلا  ئېغىر ، دىققەت  قىلىڭ

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش