مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1404|ئىنكاس: 19

ئايىمىڭىلارغا مۇبارە بولسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 08:57:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەخلۇقاتنىڭ كاتتىسى ئادەم،
جاھاننىڭ گۈلتاجىسى ئادەم.
مىھنىتىدىن گۈللىنەر زىمىن ،
ئادالەتنىڭ كۈيچىسى ئادەم.
ئادەم بىلەن گۈزەلدۇر ئادەم،
ئادەم بىلەن ئادەمدۇر ئادەم،
ئادىمىيلىك يار بولغان ئەلدە،
شاد بەختىيار ياشايدۇ ئادەم .
سۆيۈنەر دىل يەر - ئاسمانمۇ ھەم ،
چىن ئىنسان بولوپ ياشىسا ئادەم..
قۇل بولسا گەر نەپسىگە ئادەم ،
زاۋاللىققا يۈزلىنەر ئادەم .
تۇرقىڭ گەۋدەڭ مۇسكۇلۇڭ ھەيكەل،
پاك قەلىب روھىڭ بىلەن سەن ئادەم.
ئالىم بولوپ ئادەم بولمىساڭ ،
خەس سەن گويا،سەن ئەمەس ئادەم .
شەرمىي ھايا ئىپپىتىڭ بىلەن ،
بىباھادۇر خىسلىتىڭ ئادەم .
گۈزەل خۇلۇق ئەخلاقىڭ بىلەن ،
ئەل ئاراسىن ئىززىتىڭ ئادەم .
ئادىمىيلىك ماڭا زور قىممەت ،
شۇ قىممەتتە ئىچىلۇر لالەم .
ئادىمىيلىك شەرىپىم،پەخرىم ،
ئارمىنىم شۇ بولسام پاك ئادەم.



(ئابدۇرىشىت ئابدۇلكەرىم ۋاپائى)


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىز قىرىنداشلار ھەم تەقدىرداشلار روزى ھىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
بىز ھەممەيلەن 30 كۈنلۈك مۇبارەك رامىزان ئارقىلىق تىمىزنى،ئىخلاسمەن ئىبادەتلىرىمىز بىلەن روھىمىزنى پاكلاپ تۇرغان مۇشۇ پەيتتە ئايەم شاتلىقىغا چۈمۈلمەكتىمىز.
قارا دوستۇم،بۇ مۇبارەك رامىزان ئارقىلىق بىزنىڭ ئىتقادىمىز چىڭىپلا قالماسىتىن، بەدىنىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇششاق كىسەللەر يوقايدۇ،يەنە بىزنىڭ تىنىمىز تولوق پاكىزلىنىدۇ...
ئاڭلا دوستۇم،ئاڭلاۋاتامسەن  تاراۋۇل نامازلىرى ۋە ھىيتىلىق نامازدىكى يىغا ئاۋازى...ئىقىۋاتقان كۆز ياشلار...بۇ ۋاقىتتا قەلبى قىتىپ چۈيۈن بولوپ كەتكەن ئادەمننىڭ قەلبىمۇ ئىرىپ ياغ بولوپ كىتىدۇ...
پۈتۈن زىمىندىكى ئۆزىنى ئەركەك سانايدىغان، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ھەممە بىر يەرگە جەم بولىدۇ،يەنى ئاللاھنىڭ ئۆيىدىن ئىبارەت بۇ ئۆيگە يىغىلىپ ئۆزىنىڭ تىنى ،دىلى پاك بولغان مۇشۇ ئۇلۇغ پەيتلەردە تەۋبە ۋە شۈكۈرلەر ئىتىشىدۇ.ئويلاپ باق، مۇشۇ يىغىلىشتىنمۇ چوڭراق بىرەر يىغىلىشنىڭ بارلىغىنى بىلەمسەن دۇنيادا،يەنە كىلىپ تەن ۋە دىلنىڭ ئەڭ پاك بولغان ھالىتىدە،ئۇلۇغ ئىگىسىنى سىغىنىنىپ يىغىلىش...
ھەم مۇشۇ مىنوتلاردىن كىيىنلا ئۇلۇغ ئايەم ئۆتكۈزلىدۇ، مەسچىتلەردىن يانغانلار ۋاپات بولغان چوڭلارنى يوقلاپ بولوپ ئۆيگە قايتقان،ھەممە تولوق جەم بولغان ۋاقىت ....
ئاڭلا دوستۇم، جاراڭلىق ناغرا سۇناي ئاۋازى،ئاڭلاۋاتامسەن دوستۇم...
ۋاھ... قارا دوستۇم، بوۋام قايتىدىن ياشىرىپ كەتكەندەك،ياشلىق دەۋرىگە قايتقاندەك ساماغا چۈشمەكتە...نىمە دىگەن روھلوق...
ۋۇججۇن...  قارا ، تىخى ئوماق بالىلارمۇ، چوڭلار بىلەن ساما سىلىۋىتىپتۇ، نىمە دىگەن ئوماق بالىلار ،ئىنشائاللا ئىگىمىز ئاللا ئۇلارنىڭ بەختىنى بەرسۇن.بەرىكىتىنى زىيادەقىلسۇن.
 نىمە دىگەن چوڭ سەينا،نىمە دىگە كۆپ كىشىلەر، ئۇلارغا بۇنى ھىچ كىشى ئۈگەتمىگەن،بۇ ئۇلارنىڭ قىنىدا بار ،بۇنچەكۆپ ئادەمنى ھىچ كىشى تەشكىنلىمەيدۇ،ئەمما تەشكىللىگەندىنمۇ بەكرەك تەرتىپلىك،بۇلار رەپىتىس قىلمايدۇ ئەمما شۇنچە تەبىي ،شۈنچە چىرايلىق،شۈنچە روھلوق ...
ئەرلەر مەسچىتتىن تاقاپ ئۆيگە كەلدى،قارا ھۆرمەتلىك ئاپاڭ داستىخان راسلاۋىتىپتۇ،ئاچاڭمۇ ئۆيلەرنى تازلاپ،دەرىزىلەرنى سۈرتىۋىتىپتۇ،قارا ئوماق سىڭلىڭغا قارا ،ئۇمۇ بۇدرۇق قوللىرى بىلەن ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋىتىپتۇ...
بۇ مۇبارەك كۈندە ھەممە تەن،بارچە روھ ،پۈتۈن ئۆيلەر، پۈتۈن ئەتراپ ھەممىسى شۇنداق پاكلىنىدىغان ،پاكىزلىنىدىغان مىنوتلار...
رامىزاننىڭ ھەق ھۆرمىتىدىن ئاجىزلاردىن تارتىپ، پارچە ھەممەيلەن تولوق خۇشاللىققا تولىدىغان مىنوتلار...
يەنە قارا دوستۇم،ئۇلار نىمە سەۋەپلەردىندۇر ئارازلىشىپ،ئۆز ئارا سالامنى توختىتىپ قويغان ئاكا-ئۇكا،قىرىنداشلار،ئەل ئاغىنىلار،يىقىن يوروقلار ئىدى،ئۇلار قوللىرىنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشمەكتە،مانا بۇ رامىزاننىڭ ھەق ھۆرمىتى،مانا بۇنىڭسىز،شۇ سالامنى توختۇتۇپ، بۇ مۇبارەك كۈنلا ئەمەس ئوقولغان ناماز ۋە قىلغان ئىبادەت ھارام....
سەن ھىلىقى دوستۇڭغا يەتكۈز ،دوستى بىلەن تۆۋەنچىلىك بىلەن  سالاملاشسۇن،شۇ سالامسىز بۇ مۇبارەك كۈن ئۇنىڭغا ھارام،بۇنى يەتكۈزۈش سىنىڭ گەدىنىڭدىكى قەرىز ...
قارا ھەممەيلەيلەن جەم بولغان ئائىلە،پۈتۈن ئۇرۇق تۇققان،يىقىن يوروقلار جەم بولغان مىنوتلار،ھەممە خۇشاللىققا چۈمگەن مىنوتلار،كىچىكلەر خۇشاللىقىدىن تاقلاپ ئويناۋاتقان  ئەڭ گۈزۈەل مىنوتلار،پۈتۈن ئادەۋەتلەر،گۇناھلار تازلانغان ھەممە ئجىل ئىناقلىققا چۈمۈلگەن مىنوتلار...ئىنشائاللا ئىگمىز ئاللا شۇلارنىلا ئەمەس پۈتۈن بىر مىللەت ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىمۇ مۇشۇنداق ئىسمىغا لايىق ئىجل ئىناق بولىشىنى نىسىپ قىلغاي ئىلاھىم ....
ئىنشائاللا بايۋەتچىنىڭمۇ،كۈنىكىنى ئاران ئىلىۋاتقان بىچارىنىڭمۇ،ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭمۇ،قوش بايرام ئۆتكۈزىۋاتقان جاپاكەش باغۋەنلەرنىڭمۇ،مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن يۇرتىدا بولالمىغانلارنىڭمۇ، ئۆزىنىڭ ،قىرىنداشلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە تىنىمسىز  ئىزدىنىپ چەت ياقىلاردا،سىرتلاردا سەرسان سەرگەردان بولىۋاتقان جاپاكەش ئەزىزلەرنىڭمۇ ھەممەيلەننىڭ  ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن،ئىشلىرى ئاسان بەرىكىتى زىيادە بولسۇن ئىلاھىم... ئىنشائاللا شۇ ئەزىزلەرنى ۋە ھەممەيلەننى ئىگىمىز ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن...بۇ مۇبارەك ئايەمنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشنى ھەممەيلەنگە نىسىپ ئەتسۇن ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ....


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
باياۋان + 20 بەرھەق
كارۋان + 10 ئىسىل يازما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 30   باھا خاتىرىسى

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

جەننەت ئانىلارن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7231
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11812
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 3170 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 10:04:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،سىزنىڭمۇ ئايمىڭىزگە مۇبارەك بۇلسۇن.

ئادەم سەمىمىي راسچىل بۇلۇش كىرەك.

كونا ئەزا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4329
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28525
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3178 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2013-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 10:09:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايمىڭىزگە مۇبارەك بۇلسۇن. [s:79]

مەن ھەققىدە نىمە ئويلىغان،مەن توغراسىدا نىمە قىلغان بولساڭ ئۇلۇغ  ئاللاھ ساڭا شۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5694
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11321
تۆھپە نۇمۇرى: 416
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 10:09:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ رۇزا ھېيتىغا مۇبارەك [s:73]

ۋەتەننىڭ قەدرىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5987
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10359
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 618 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 10:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمنىڭ روزا  ھىيىتىتا  خۇشال خۇرام ئىناق  ئىجىل سالامەت بولىشىنى  ئۇلۇغ  ئاللادىن  تىلەيمەن

قۇياش يصيصشكة بولمايدصغان نان    ۋةتةن بصرصشكة بولمايدصغان جان

ئىزىڭدىن تىكەن ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9779
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8670
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2011-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 10:17:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايىمىڭىلارغا مۇبارە بولسۇن!

ۋىجدانىم ھەرۋاقىت پاك ياشىغن ئويغۇر قىزى دەپ ئەسكەرتىپ ، مىنى ئويغۇتۇپ تۇرىدۇ!

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10586
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 10:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايەم مۇبارەك!مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھېيىتنىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش يۈرەمدۇ-نىمە؟خىلى ساقلىساممۇ تىمىلار يېڭىلانمايۋاتىدۇ.ھەي،بىزدەك مۇساپىرلار ھېيىتنى مۇنبەردە ئۆتكۈزىدىغان ئوخشايمىز.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

ئاتا- ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36
يازما سانى: 1472
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12007
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 2996 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 10:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام  ،،،،، سىزنىڭ ،بىزنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ   ئۇلۇغ   ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن  ،،،،،،،

سەنسىز يۈرگۈنۈمدىن سىنى كۆرگەن چۈشلىرىم ياخشىكەن .

مەن ھازرغىچە ھاي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6943
يازما سانى: 1289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19247
تۆھپە نۇمۇرى: 668
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2010-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 10:20:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايەم مۇبارەك . ھەممەيلەنىڭ .

ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ نامىدىن تۇنۇمىغىن،بەلكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال تۇنۇغىنكى ئاندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلۋالالايسەن.

پاكىزلىق ئىماننىڭ جۇملىسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5463
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10408
تۆھپە نۇمۇرى: 426
توردا: 1154 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 10:26:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايەم خۇشاللىقى ھەممىڭلارغا ياربولسۇن،ئايەمدە ھەممە ئاداۋەتلەرتۈگۈگەي
ھەممە ئادەم خۇشاللىققا جۆربولغاي [s:110]

كىشى يارئۇچۇن جاپاچەكسە،ئاخىردائۇنىڭ بەدىلىگەۋاپانى يارقىلالايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش