SODIGAR يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 06:18 PM 
ئاپتۇردىن سوراپ باقسام. ھىكايىڭىزگە.[جانان كوچىسىدىكى ...
مەن بۇ يازمىغا قەلەم تەۋرىتىشتىن بۇرۇن جانان كوچىسىنىڭ تارىخىدىن،ئارقا كۆرۈنىشىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋر ئىدىم.( جانان دېگەن بۇ گۈزەل ئىبارە دېگەن گۈزەل ئىبارىدىن تۇغۇلغان جانان كوچىسىنىڭ خىيالىمدىكى تەسۋىرىلا بار ئىدى) كېيىن سىز ئېيتقاندەك جانانلار كوچىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپ ئۇچۇر كەلدى.ب
ئەسەرنىڭ تېمىسىغا كەلسەك ، جانان كوچىسى دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا جانان دېگەن بۇ گۈزەل ئىبارە قۇلۇقۇمغا بۆلەكچىلا ئاڭلاندى، (ئەلۋەتتە جانان قىزمۇ چىرايلىق ئىدى).شۇڭا جانان دېگەن ئىسىمغا ئاساسلىنىپلا تەسەۋۇرۇمدا جانان كوچىسىنى قىياس قىلدىم. ئاندىن قىزنىڭ تۇرار جايىغا ئاساسلىنىپ «جانان كوچىسىلىق جانان قىزنىڭ ھېكايىسى »دەپ تېما قويدۇم ،كېيىن يۇقارقى نامغا ئۆزگەرتتىم.