owqi11 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 07:24 PM 
توغرا ئۇ كوچا قەشقەردە بۇرۇن ئۇ كوچىدا ئاران - كۈندىلى ...
مېنىڭچە بۇ قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، . ئەگەر كوناشەھەر رايونىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى جانان كوچا دىگەن بۇ نام ‹‹جان كوچا››دىن ئۆزگەرگەن بولسا، شەرىقى بۆلەكتىكى جان قورغان كوچىسىمۇ ‹‹جانان قورغان كوچىسى›› دەپ ئاتىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ كوچىنىڭ نامى ئەسىر-ئەسىرلەردىن بۇيان جانان كوچىسى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، ‹‹جان كوچا›› دىن ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق.
تاتار تارىخچىسى مۇسا جارۇللانىڭ ‹‹كىم جالاپ›› دىگەن داڭلىق ئەسىرىدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ يېنىدىكى ‹‹پاھىشەلەر كوچىسى›› دەل مۇشۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ تارىخىي رومانى ‹‹جاللات خېنىم››دىكى ھىندى غىتمەك ئاچقان ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ يېنىدىكى پاھىشەخانىمۇ مۇشۇ كوچىغا جايلاشقان. چۈنكى بۇ كوچىغا ئەينى يىللاردا بىر تۈركۈم رەققاس ئاياللار يىغىلغان بولغاچقا، ‹‹جانانلار كوچىسى›› دىگەن نامدا ئاتالغان.
قەشقەر بىر مەڭڭۈلۈك تارىخي قەدەمىي شەھەر، بۇ شەھەرنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ھەم بىرقەدەر تولۇق، شۇڭا مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا قەشقەرنىڭ تارىخىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. مەن بۇ يەردە بۇ شەھەر ۋە بۇ كوچىنى ھاقارەتلىمەكچى ئەمەس، چۈنكى ھېچكىم ئۆز يۇرتىدا پاھىشە يوق دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ، ئەگەر يوق دىيىلسە، بۇ دەل شۇ يۇرتنىڭ شۇ خىل تارىخىنىڭ تولۇق يېزىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
مۇشۇ مۇنبەردىكى مۇسا جارۇللا يازغان ‹‹كىم جالاپ››نىڭ ئۇلانمىسى:
/forum.ph ... 7%D9%84%D8%A7%D9%BE بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-17 12:36 PM