bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 12:19 PM 
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام kurt01 ئۇكام،
(1) مەنمۇ سىز بىلەن ئو ...
رەھمەت سىزگە ئەركىنكا! لېكىن جاۋاپقا تازا قايىل بولمايۋاتىمەن.
رەڭ دېگەن نىمە؟ دېگەن سوئالغا بېرىلىدىغان تەبىردە ، ئۇ ئاۋال كۆزگە كۆرىنىشى، ھەم مەۋجۇت نەرسە بولىشى كېرەك. قارا ئۆڭكۈر رايونى كۆزگە قارا كۆرىنىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ قاراڭغۇلۇقنى تەشكىل قىلغان نەرسە زادى نىمە؟ قارا رەڭگە قايتا تەبىر بېرىشكە توغرا كېلەمدۇ قانداق؟ ئۇيغۇر تىلىمىزدا ‹‹قارا›› دېگەن ئۇقۇم بىلەن ‹‹بۈيۈك›› دېگەن ئۇقۇم مەنىداش كېلىدۇ. مەسىلەن؛ قاراخانلار سۇلالىسى، قاراخوجا خانلىغى، قاراقىتان خانلىغى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ئەجداتلىرىمىزمۇ قارا رەڭگە باشقىچە قاراشتا بولغاندەك قىلىدۇ.
ئەركىنكا. ھەممىمىز سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇغۇنىمىزدا، كاللىمىزدا مۇرەككەپ، چىگىش مەسىلىلەر پەيدا بولىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ سوئاللارنى پەقەت سىزدىنلا سورىغىمىز كېلىدىكەن. سىزمۇ ئېرىنمەي، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ بىزگە ئىلىم بۇلاقلىرىڭىزدىن ئۈنچىلەر چېچىۋاتىسىز. رەھمەت سىزگە! رەھمەت ئەركىنكا!!!!!!!!!!