مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7062|ئىنكاس: 40

NASA: نۇرى قۇياشنىڭكىدىن 10 مىليون ھەسسە كۈچلۈك بولغان نېيترون يۇلتۇزد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 08:12:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرى قۇياشنىڭكىدىن 10 مىليون ھەسسە كۈچلۈك بولغان نېيترون يۇلتۇزدىن بىرى بايقالدى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى

ناسا مەخسۇس قارا-ئۆڭكۈرلەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 2012-يىلى 13-ئىيۇن كۈنى بىر ئالەم تېلېسكوپىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان ئىدى.  بۇ تېلېسكوپنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى «Nuclear spectroscopic téléscope array» بولۇپ، ئۇ قىسقارتىلىپ «NuSTAR» دەپ يېزىلىدۇ.  مەن تۆۋەندە ئۇنى ئۇيغۇرچە «نيۇستار» دەپ ئاتايمەن.

يېقىندا بىر گۇرۇپپا ئالىملار نيۇستار ئارقىلىق قارا-ئۆڭكۈرلەرنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا نۇرى قۇياشنىڭ نۇرىدىن 10 مىليون ھەسسە كۈچلۈك، ئەمما چوڭلۇقى قۇياشتىن كىچىك بولغان بىر نېيترون يۇلتۇزنى بايقىغان بولۇپ، بۇ بايقاش «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ 2014-يىلى 9-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا خەۋەر قىلىندى [1].  ھەمدە دۇنيادىكى نۇرغۇن ئورۇنلار بۇ ئىش ھەققىدە ئاشۇ كۈنى مەخسۇس خەۋەر تارقاتتى.

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: يېڭىدىن بايقالغان پۇلسارنىڭ سىزىلغان رەسىمى [1].

نېيترون يۇلتۇزلار ئىنگلىزچە «پۇلسار» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەن ئۇنى تۆۋەندە ئۇيغۇرچە «پۇلسار» دەپ ئالىمەن [2].  پۇلسار توختىماستىن ئېكس-نۇرى رادىئاتسىيىسى تارقىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى يۇلتۇزلار بىلەن بولغان بىر پەرقى ئۇ تارقاتقان رادىئاتسىيە قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ھەممە يۆنىلىشكە تېكشى تارقالمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ نۇرى تۈرمىلەردە ئىشلىتىلىدىغان، نۇرى مەلۇم بىر يۆنىلىشكە چۇشىدىغان، ھەمدە توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك چىراققا ئوخشايدۇ.  ئەگەر بىز ئالەم بوشلۇقىدىكى نيۇستار غا ئوخشاش بىر تېلېسكوپ بىلەن بىر پۇلسارنىڭ نۇرىنى كۆزۈتىدىغان بولساق، ئۇنىڭ نۇرى دەۋرلىك ھالدا بىر دەم كۆرۈنۈپ، بىر دەم كۆرۈنمەيدۇ.  بۇ ھادىسىنى پۇلسارنىڭ ئايلىنىش ئوقى بىلەن ئۇنىڭ ماگنېتلىق ئوقىنىڭ ئوز-ئارا توغرىلانماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.  

بۇ پۇلسار بىزدىن 12 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتىكى ئىنگلىزچە «Messier 82» دەپ ئاتىلىدىغان گالاكسى (يۇلتۇزلار توپلىمى) گە جايلاشقان.  ئۇنىڭ نۇرى بىزگە ھەر 1.37 سېكۇنتتا بىر قېتىم كۆرىنىدىكەن، ھەمدە بۇ پۇلسارنىڭ نۇرى ھازىرغىچە بايقالغان بارلىق پۇلسارلارنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىكەن [3].  بۇ گالاكسىدە ئېكس-نۇرى مەنبەسىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئىنگلىزچە «Ultraluminous X-ray sourcses, ULXs» دەپ ئاتىلىدۇ.  ھازىرغىچە بۇنداق ئېكس-نۇرى مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى «قارا-ئۆڭكۈر» دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئالىملارنىڭ بۇ قېتىم بايقىشىچە «M28 X-2» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى مەنبە ئەمەلىيەتتە بىر پۇلسار ئىكەن.  «M28 X-1» بىلەن«M28 X-2» دىن ئىبارەت ئىككى ئېكس-نۇرى مەنبەسى تۆۋەندىكى 2-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن.

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: «Messier 28» ۋە «M28» دەپ ئاتىلىدىغان، بىزدىن 12 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتىكى گالاكسىگە جايلاشقان ئىككى ئېكس-نۇرى مەنبەسىنىڭ كۆرۈنىشى. (Image credit: NASA/JPL-Caltech/SAO. http://www.nasa.gov/press/2014/october/nasa-s-nustar-téléscope-discovers-shockingly-bright-dead-star/#.VDkNxPldU1J)

ئالىملار ھازىر مەزكۇر پۇلسارنى نيۇستار ۋە باشقا ئىككى ئالەم تېلېسكوپلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

3-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم: نيۇستار ئالەم تېلېسكوپى (Image credit: NASA/JPL-Caltech. http://en.wikipedia.org/wiki/NuS ... uSTAR_illustration_(transparent_background).png)

4-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم: بىر قارا-ئۆڭكۈر تارقىتىۋاتقان ئېكس-نۇرى (Image credit: NASA/JPL-Caltech. http://en.wikipedia.org/wiki/NuS ... Corona-20130227.jpg).


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Brightest Pulsar Ever Discovered Is 10 Million Times More Luminous Than Our Sun
<http://www.iflscience.com/space/ ... uminous-our-sun>

[2] Pulsar
<http://imagine.gsfc.nasa.gov/doc ... l2/pulsars.html>

[3] NASA finds 'Mighty Mouse' pulsar brighter than 10 million suns
http://www.cnet.com/news/nasa-finds-mighty-mouse-pulsar-brighter-than-10-million-suns/

[4] <http://www.nasa.gov/nustar>

[5] ناسا يېڭى «قارا ئۆڭكۈر» دىن 10 نى تاپتى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110960-1-1.html



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 454 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 01:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى چەكسىزدۇر...

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7565
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7708 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 02:07:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىلمىي بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرى، ياش ئالەم ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزىقىشنى تېخىمۇ ئاشۇرغۇسى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 02:29:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنۇڭ نۇرى  قىززىقمۇ؟؟   خۇددى لازىر نۇرغا ئوخشايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87759
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 486 سائەت
تىزىم: 2012-11-26
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 02:51:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجبا قۇياش نۇردىن كۈچلۈك ئىكەنيۇ نېمىشقا نىيۇستارنى ئىرتىپ تاشلىمايدۇ؟ ياكى ئۇنى نۇر بىلەن ئۇچراشمىغان ھالەتتە كۆزتەمدۇ؟

ياشاش بىر جەريان ئۆلۈم بولسا مۇقەرەر نەتجە ئۆلۈمدىن قىچقپ قۇتۇلغلى بولمايدىكەن ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن قورقۇش نە ھاجەت!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 871 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 04:16:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
owqi450 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-12 02:51 PM
ئەجبا قۇياش نۇردىن كۈچلۈك ئىكەنيۇ نېمىشقا نىيۇستارنى  ...



  بۇ مەسىلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پەرەزنى نىيۇستاردىن باشلىماي بىزگە يىنراق بولغان قۇياشىتىن باشلىساق بىر ئاز چۈشىنىشلىك بولارمىكىن دەپ قارايمەن .

قۇياش يۈزىنىڭ تېمۇراتۇرسى 5000 نەچچە سېلىتسىيە گىرادۇس كىلدىكەن . بىراق قۇياشتىن چىققان نۇر ھەر كۈنى يەر شارىدىن ئىبارەت كەڭ تەبيئەت دۇنياسىغا چۈشىدۇ . تېمپۇراتۇرسى 100 گىرادۇرسقا چىقسا قايناپ كىتىدىغان سۇ نىمشىقا قايناپ كەتمەيدۇ ؟180 سېلىتسىيە گىرادۇسقا چىقسا ئۆزلىكىدىن ئوت ئالدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر نىمشىقا كۆيۈپ كەتمەيدۇ دەل مەسىلە مۇشۇ يەردە .

   بۇ مەسىلدە بەلىكم نۇرنىڭ تۈزلىشىدە پەرىق بولۇشى مۈمكىن.  مىسال لازىر نۇرىمۇ. ئېنفىرا قىزىل نۇرمۇ . قۇياشنىڭ نۇرىمۇ . قول چىراقنىڭ نۇرىمۇ نۇرغا تەۋە . بىراق  بۇنىڭ ئىچىدە لازىر نۇر باش مەنبەسىدىن تارتىپ ئاخىرقى نۇقتىغىچە تېمپۇراتۇرسى ئاساسەن ئوخشاش ھەركەت قىلغاچقا ھەربىي ئېشلاردا ئىشلىتدىكەن .....مەن مۇشۇ ئىشقا قاراپ ھەر خىل نۇرنى تەشكىل قىلدىغان زەرچىلەرنىڭ تۈزلىشى ھەرخىل بولۇشى مۈمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم . قالغىننى مۇشۇ كەسىپنىڭ ئەھلىللىرى ئىككى ئىغىز پىكىر قىلسا ھەممىمىز چۈشەنچىمىزنى ئۆستۈرۋالساق دىگەن ئۈمۈتتە مەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 871 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 04:18:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.0102 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-12 02:29 PM
ئۇنۇڭ نۇرى  قىززىقمۇ؟؟   خۇددى لازىر نۇرغا ئوخشايدىكەن  ...



نۇرى قۇياشتىن 10 مىلىيون ھەسسە كۈچلۈك دەۋاتسا ئەلۋەتتە تېمپۇراترۇسى ئادەم تەسسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قىززىق بولىدۇ دە ئەلۋەتتە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6104 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 06:09:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرغىچە بۇنداق ئېكس-نۇرى مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى «قارا-ئۆڭكۈر» دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئالىملارنىڭ بۇ قېتىم بايقىشىچە «M28 X-2» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى مەنبە ئەمەلىيەتتە بىر پۇلسار ئىكەن.
________________

بۇ مۇھىم ئۇچۇركەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109417
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 11:17:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر،ئۇستاز.
قارا ئۆڭكۈردىن بىرىنىڭ سىرى ئېچىلىپتۇدە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75733
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4812
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 10:28:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمەك ھازىر بىزنىڭ بايقىغىنىمىز بۇ پۇلسارنىڭ 12 مىليون يىل بۇرۇنقى ھالىتى دېگەن گەپ. بۇنى بايقاش دېسەك توغرا بولارمۇ؟ ئەسلەش دېسەك توغرا بولارمۇ؟
ۋاقىت ھەقىقەتەن شەكىلگە ئېگە ئۇقۇمكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش