مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5352|ئىنكاس: 35

2126-يىلى : يەرشارىدىكى ئىشلار (پارچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11676
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1667 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 01:11:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2126-يىلى : يەرشارىدىكى ئىشلار (پارچە)
  (ئىلمى فانتازىيىلىك رومان)
  - بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قوربان ھېيتىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن!بۇ -مەن خەنزۇ تىلىدا سىناق تەرىقىسىدە يىزىۋاتقان شۇ ناملىق ئىلمى فانتازىيىلىك روماننىڭ 1-قىسمى ‹‹ئالەم بوشلۇغىدا ئۇچىرىشىش››نىڭ 1-بۇلۇمى ‹‹خەيىر-خوش يەرشارى››نىڭ 10-بابى بۇلۇپ ، كوپچىلىكنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبىرىكلەش ئۇچۇن تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم ، ئەسلى ئەسەردە ۋە تەرجىمىدە ئەدەبى تىلىمنىڭ ناچارلىغى ، قەلەم قابلىيىتىمنىڭ تۇۋەنلىكى ، خەنزۇ تىلىنى ئاساسەن ئوزلىكىمدىن ئۆگەنگەنلىكىم  ۋە خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەش سەۋىيەمنىڭ ناباپلىغى سەۋەبىدىن  خاتالىق -سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنالماسلىغىم تەبىئى ، شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ سەمىمى تۇردە تۇزىتىشىنى ۋە تەكلىپ -پىكىر بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.مۇقاۋىنى لايھىلەش توغرىسىدىكى ئىلتىجا تىمىسىغا قاتناشقان بارلىق تورداشلارغا جۇملىدىن ئويغۇرچە ،  خەنزۇچە كىتاپ مۇقاۋىسىنى لايىھىلەپ بەرگەن مىسرانىم تورىدىكى ئۇتغۇر ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. خەنزۇ تىلىدىكى رومان ئادىرىسى:http://yuedu.163.com/source/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4

wps_clip_image-28954.png

1-قىسىم1-بۇلۇم 10-باپ :قاشتېشى مارجان
   بۇگۈن سەھەردىلا سالى فىرافىسور روھلۇق ئورنىدىنى تۇردى ، سادىر تېخى قوپمىغان ئىدى ، ئۇ تازىلىق ئۇيىگە كىرىپ ،ئېغىز تازىلىغۈچ بىلەن چىشىنى چوتكىلاپ ، ئېغىزىنى تازىلىدى ، يۇز-كۆزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن  چاچ-ساقىلىنى ياسىماق بۇلۇپ ئەقلى ئىقتىدارلىق چاچ ئالغۇسىنى تەكشۇرۇپ  ئۇنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىدى ، ئۇ توردىن ‹‹تۇلۇق ئىقتىدارلىق چاچ ياساش ئەۋلىياسى››ماركىلىق يىڭى تىپتىكى چاچ ئالغۇنى سېتىۋالدى، ئۇ تازىلىق ئۇيىدىن چىقىپ ئاكىسىنىڭ ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ دىدى:- خەيىرلىك سەھەر ئاكا ، ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟
-خەيىرلىك سەھەر ، قانداقراق ئۇخلاپسىز ؟ ، ئەتىگەندىلا تۇرۇۋاپسىز ، ئەجىبا باشقىچە پىلانىڭىز بارمۇ؟
-بۇگۇن بازارغا چىقىپ نەرسە -كېرەك سېتىۋېلىپ تەييارلىق قىلايمىكىن .
-ئىزچىل تۇردە سىرتقا چىقمىدى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، بۇگۇن نىمە قىلاي دەيسىز ؟
-ئۇزاققا قالماي ئايرىلماقچى بۇلىۋاتىمەن ، شۇڭا ، ئۇنى - بۇنى كۆرۇپ ، سوۋغاتلىق تەييارلاپ ، خاتىرە قالدۇراي دەيمەن .
-قاچان ماڭماقچى ؟ مەنمۇ بىللە باراي.
-ناشتىلىقتىن كىيىن . ئاكا سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، نىمە يەيسىز؟
- سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزچە بولسۇن ، سىز نىمە يىمەكچى؟-مەن قۇغۇن تىلىمچىسى ، يىڭى ئۇزۇم ، ئەنجۇر ۋە سارغايغان ئۇرۇك يەپ ، سەككىز ئۇن ئۇمىچى ، ئۇتتۇرا ئاسيا ئۈچ شەربىتى ئىچمەكچى ، بولغىدەكمۇ؟
- ئۈچ ئۇن نېنىنى قۇشۇپ قۇيۇڭ .
   سالى  فىرافىسۇر كېسەل سائىتىگە دىدى:- ناشتىلىق بۇيرۇتاي ، قۇغۇن تىلىمچىسى ، يىڭى ئۇزۇم ، ئەنجۇر ، سارغايغان ئۇرۇك ، سەككىز ئۇن ئۇمىچى ، ئۇتتۇرا ئاسيا ئۈچ شەربىتى ، ئۈچ ئۇن نېنى ، ھەرقايسىسىدىن ئىككى كىشىلىك .
   ئەينەك تامدا مۇلازىم كۆرسېتىلدى ، مۇلازىم ھورمەت بىلەن :- سالى  فىرافىسۇر ، سادىر ئەپەندى ، ئەتىگەنلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن! سەككىز ئۇن ئۇمىچى ، ئۇتتۇرا ئاسيا ئۈچ شەربىتى ، ئۈچ ئۇن نېنىنىڭ تەركبىنى دەپ بەرسەڭلار بۇلامدۇ؟ رەھمەت! -دىدى.
   -ئۈچ شەربەت -  ئوتتۇرا ئاسيانىڭ ھەقىقى ئوچكە سۇتى ، تاۋۇز شەربېتى ، توغراق سۇيىنىڭ ھەربىرسى بىر ئۇلۇشتىن ،ئۇماچ - قوناق ،بۇغداي ،بەرەڭگە ،ماش ، گۇرۇچ ،ياڭاق ،گاۋلىياڭ(؟) ، تېرىقلارنىڭ ئۇنى بىر ھەسسىدىن ، ئۈچ ئۇن نېنى قوناق ، بوغداي ، بادام ئۇنى بۇلۇپ نىسبىتى 3،2،1 بولسۇن.
   مۇلازىم : -  رەھمەت فىرافىسۇر ، بىردەم ساقلاڭ -دىدى.
   سالى  فىرافىسۇر كېسەل سائىتىگە :-گۇھەر دوكتۇرغا سۆز قالدۇرغىن:-چۇشتىن بۇرۇن سىرتقا چىقىمەن ، روخسەت بەرسە ۋە داۋالاشنى چۇشتىن كىيىنگە تەڭشەپ بەرسە ، ئارقا سەپ شىركىتىگە مەلۇم قىلغىن مەن ئاكام بىلەن 23 مىنوتتىن كىيىن سىرتقا چىقىمەن ، ماشىنا ۋە ئايرىۋېتىش بۇيۇملىرى تەييارلاپ بەرسە -دىدى.
      ‹‹تۇلۇق ئىقتىدارلىق چاچ ياساش ئەۋلىياسى›› تاپشۇۋېلىندى ، سالى فىرافىسۇر چاچ ئالغۇنى ئورالمىسىدىن ئىلىپ قوزغاتقاندىن كىيىن سائىتىگە: -چاچ ئالغۇنى ئۇلاپ ، چاچ ۋە ساقالنىڭ پاسۇنىنى لايىھەلەپ ،  تامدا كۆرسەت -دىدى.
  -ئاكا ، ماڭا چاچ -ساقال پاسۇنى تاللىشىپ بىرىڭە
    ئەينەك تامدا سالى فىرافىسۇرنىڭ يۇز شەكلى ، چېچى ، ساقال-بۇرۇتىغا ئاساسەن  سائەت ئەقلى ئىقتىدار بىلەن لايھەلىگەن نەچچە ئون خىل چاچ ، ساقال-بۇرۇت پاسۇنى كۆرسېتىلدى .
   ئۇلار چاچ ۋە ساقال - بۇرۇت پاسۇنىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن ، سالى فىرافىسۇر چاچ ئالغۇنى ئېلىپ تازىلىق ئۇيىگە كىردى ، ئۇ ئىشىكنى ياپقاندىن كىيىن كېسەل  سائىتىگە : دوختۇرخانا ئادۋۇكاتلىق ئورنىنى ئولا -دىدى .
  ناھايىتى تىزلا تازىلىق ئۇيىنىڭ پەرداز ئەينىكىدە بىر خانىم كۆرسېتىلدى ، خانىم سىپايىلىك بىلەن :- خەيىرلىك ئەتىگەن ، سالى فىرافىسۇرنى كۆرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن ، شەرەپ بىلەن چوڭ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !، مەن - ئورنىمىزنىڭ مەسئۇلى ، بىزنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدىگەنمىدىڭىز؟-دىدى.
  -خەيىرلىك ئەتىگەن ، ئادۋىكات ، مەن پات ئارىدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلماقچى ، شۇڭا ، مال-مۇلۇك ، مۇكاپات ، ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقىنى بىر تەرەپ قىلماقچى ئىدىم ، بۇ جەھەتتىكى قانۇنى تەرتىپلەرنى سىلەرنىڭ بېجىرىپ بىرىشىڭلارنى تەكلىپ قىلماقچى.
-سىز ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلغانلىغىمىز ئۇچۇن ناھايىتى خوشالمىز، بىز ئوزلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلىمىز ، مىراسنامە تەييارلىشىمىز ئۇچۇن ، سىزنىڭ نامىڭىزدىكى مال-مۇلۇك ، ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقى تىزىملىكى ۋە مىراس قالدۇرۇش ئارزۇيىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىز ،بۇلامدۇ؟
  سالى فىرافىسۇر  ماتىرىياللارنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن سورىدى:-بىز كۇرۇشسەك بۇلامدۇ؟
  -بىز ھەرۋاقىت كۇرۇشسەك بۇلىدۇ ، قايسى چاغدا ۋاقتىڭىز بار ، قەيەردە كۇرۇشىمىز ، سىز بېكىتىپ بەرسىڭىز .
-چۇشلۇك ئارام ئېلىشىڭىزغا تەسىر يەتكۇزدىغانلىغىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ، بۇگۇن چۇش سائەت 12 دىن 14 كىچە ۋاقىت كۇرۇشۇشكە قولايلىق ، سىزچە بۇلامدۇ؟
  -تامامەن بۇلىدۇ ، نەگە بارىمەن.
   -خاتىرجەملىك دوختۇرخانىسىنىڭ 398118-نۇمۇرلۇق كېسەلخانىسىغا ، بۇلامدۇ ؟
-بۇلىدۇ ، مەن بۇگۇن 12 دىن 5 مىنۇت ئوتكەندە لايىھەنى ئېلىپ ياتىقىڭىزغا باراي .
-بۇلىدۇ ، چۇشتە كۇرۇشەيلى .
   سالى فىرافىسۇر قالپاق شەكىللىك چاچ ئالغۇنى بېشىغا كىيىپ سۇ ، يۇندا تۇرۇبىلىرىنى چاتقاندىن كىيىن ، چاچ ئالغۇ ئىككى مىنۇتقا قالماي ئىشتىن توختاپ دىدى:-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەپەندىم ، چاچ ياساش ئاخىرلاشتى ، ئىشلەتكىنىڭىزگە رەھمەت.
    ئۇلار ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ياتاقلىرىدىن ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ، كۆك يولراۋان(ئۇچار ماشىنا)غا ئۇدۇللا چىقتى.  
  سالى فىرافىسۇر سائىتىگە :-كوك يولراۋانغا ئۇلىنىپ يولغا قۇنۇشىنى كونتىرول قىل ، يولدا ئەقلى ئىقتىدارلىق چارلاپ ھەيدەش ئۇسلۇبىغا كىر ، نىشان ئەڭ چوڭ ئۇنچە-مەرۋايىت تاللا بازىرى ، بېرىپ بۇلۇش ۋاقىتى بىر سائەت .
  كوك يولراۋان بوشلۇقتا قىمىرلىمىدى ، ئايرىش بۇلۇمچىسىنىڭ سىرتىدا ئولتۇرغان سادىر :- نەپەسلىنىش ماسكىسى تاقاپ ، ئايرىۋېتىش كىيىمى كىيىپ ،كۆزئەينەك تاقاپ ، سۆزلىسىڭىز  سائەت كۇرەلەمدۇ ؟ ئاڭلىيالامدۇ؟ ئۇكام سىز كۆزئەينەكنىڭ رەڭگىنى تەڭشەشنى ، نەپەسلىنىش ماسكىسىنىڭ سۆزلىشىش ئۇز-چېتىنى ئېچىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز-دىدى.
    سالى فىرافىسۇر تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن بۇيرۇقنى تەكرارلىدى . كوك يولراۋان يولغا قۇنۇپ يۇرۇپ كەتتى . سالى فىرافىسۇر يول ياقىسىدىكى مەنزىرىلەرنى كۆرگەچ دىدى :
-ئاكا ، مەن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ خاتىرە قالدۇرايمىكىن دەيمەن ، ئويلىنىپ بولدۇم ، جىيەنىمگە قالدۇرىدىغان خاتىرە –ئېلىكتىرۇنلۇق كۇتۇپخانا ، بۇنى ئاللىبۇرۇن سېتۋالدىم ، ئۇ يەنە نىمىگە ئامراق ؟
-ئىنىم ، ھاجىتى يوق.
-نىمىگە تۇزۇت قىلىسىز ، مەن يە يات ئادەم بولمىسام ، مىنى ئۇقۇتۇش ۋە تەتقىق قىلدۇرۇش ئۇچۇن ، سىز بەك كوپ بەدەل تولىدىڭىز ، ئەگەر سىزنىڭ كۈچلۇك ياردىمىڭىز بولمىغان بولسا ، مەن بۇنچىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلمەيتتىم ، رەھمەت ئاكا.سىز ئائىلىنى بېقىش ئۇچۇن ئۇقۇشتىن ۋاز كەچتىڭىز، ئاتىمىز بالدۇرلا كىتىپ قالدى ، ئاتىمىز ۋاپات بولغان ھېلىقى يىلى سىزنىڭ يېشىڭىز ئارانلا 18 ئىدى ، سىز يەنە ئائىلە ئىشلىرىنى ئوز ئۇستىڭىزگە ئالدىڭىز ، سىز جاپا چەكتىڭىز ،ئىنىڭىز سىزگە يۇز كىلەلمەيدۇ!.
  -مەن بىلىمەن ، سىز ھەممىدىن مۇنەۋۋەر ، سىز ئاتىمىزنىڭ ۋەسىيىتىنى ئاقلىدىڭىز ، ئاكىڭىز شۇنىڭغا شۇكىرى قىلىدۇ ، مەن ئاكا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلدىم ، ئۇزىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ ، مەن سىزدەك ياخشى قېرىندىشىم بولغانلىغىدىن پەخىرلىنىمەن.
-ئاكا ، مەن ئىككىيۇز ئەللىك مىليۇن دوللار قىممىتىدىكى مال –مۇلكۇمنى ئاپام بىلەن سىزگە ، ئۈچ پارچە كىتاۋىمنىڭ ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقىنى جىيەنىمگە قالدۇرماقچى ، قاشتېشى شەھىرىدە ئون مىليۇن يۇەن ئىئانە قىلىپ ئۇقۇش مۇكاپاتى فوندى تەسىس قىلساق ، ئاپام فوند باشلىغى ، سىز  فوندنىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىغى بولسىڭىز ، نوبىل مۇكاپاتى گۇۋاھنامىسى ئاپامغا قالسا ، مۇكاپات پۇلىنى بىزنىڭ يورتىمىزدىكى ئانا مەكتىۋىمىزگە ئىئانە قىلساق ، مەن ئىشلەۋاتقان ئالى مەكتەپتە ئون مىليۇن دوللار ئىئانە قىلىپ بىر كورپۇس ئۇقۇتۇش بىناسى سالدۇرساق ، مىنىڭ داۋالىنىش چىقىمىم ۋە ئالەم بوشلۇغىدىكى خىراجىتىمدىن ئاشقان باشقا مۇلكۇم بىلەن خاتىرجەملىك دوختۇرخانىسىدا ب تېپلىق ئەيدىز كېسىلى تەتقىقات مەركىزى قۇرساق ، مۇدىرلىغىنى سىز ، ئىجرائىيە مۇدىرلىقىنى دوختۇرخانا باشلىغى ، تېخنىكا مۇدىرلىقىنى گۇھەر دوكتۇر ئۇستۇڭلەرگە ئالساڭلار بۇلارمۇ؟
-ئەتراپلىق ئويلاپسىز ، مەنچە بۇلىدۇ ، بىراق ، ب تېپلىق ئەيدىز كېسىلى تەتقىقات مەركىزى مەبلەغ كۇلىمى سەل ئازراق بۇلۇپ قالدىمۇ-قانداق؟
-شۇ ۋاقىتقا بارغاندا مۇدىر ئاكام ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلار! ، ئۇنداق بولمىسا بىر تۇرۇك ئادەم قانداق خوجايىن بۇلالايدۇ؟
- مەن بۇ يىرىنى ئويلىماپتىمەن ، بۇلىدىكەنسىزغۇ ئىنىم سىز ھە ، كىيىنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاپ بۇلۇپسىز ، توغرا ، رەنا دوكتۇرنى ئېغىزغا ئالمىدىڭىزغۇ ؟
- ئاكا ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ، ئىنىڭىزنىڭ باشقىچە ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بار.
-ماقۇل.
  ئۇلار تاللا بازىرىغا كىردى، مودىللاردەك ئىككى ئايال ئالدىغا چىقىپ قارشى ئېلىپ كولگىنىچە دىدى:
-ئەتىگەنلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن ئەپەندىلەر ، قەدىمىڭلەرگە مۇبارەك ، نىمە لازىم ئىدى؟
-توت دانە قاشتېشى مارجان ، ئىككىسى 60 ياشلاردىكى ئاياللار ئاسىدىغان ، ئىككىسى 30 ياشلاردىكى ئاياللار تاقايدىغان ، ساقلىغۇچى باردىن- ئۇلار ماڭغاچ ئالىدىغان نەرسىلەرنى بۇيرۇتتى ، مۇلازىملار ئۇلارنىڭ بۇيرۇتمىسىنى تەكرارلىغاندىن كىيىن كۆلگىنىچە سورىدى: تەخمىنەن نەچچە پۇللۇق بولسا بۇلىدۇ؟
-ھەربىرى مىليۇن دوللار ئوپچۇرىسىدىكىسىدىن.
-بۇلىدۇ ئەپەندى .
  مۇلازىم ئۇلارنى بىر مىليۇندىن ئىككى مىليۇن دوللارغىچە باھادىكى مارجانلار تىزىلغان پوكەينىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:- بۇمارجانلار – سىلەرنىڭ تەلىۋىڭلار بۇيىچە تىزىلغان مارجانلار ، ئەپەندىلەر ، تاللىغايسىزلەر.
  سادىر ھەيرانلىق بىلەن سورىدى :-بۇ قانداق تىزىلغان ؟ شۇنچىۋالا تىزما؟
-شۇنداق ، ئەپەندىلەر ، سىلەر پوكەينىڭ ئالدىغا كېلىشتىن بۇرۇن مەن سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەردىڭلار ، مەن جاۋابىڭلارنى  بىر قېتىم تەكرارلىدىم ، مىنىڭ سۆزۇم ئارقا سۇپىغا يەتكۈزۇلدى ، ئارقا سۇپىدىكى كومپىيوتىرنىڭ باشقۇرۇشىدا مىخاينىك قول يۈز مىڭغا يېقىن مارجاننىڭ ئىچىدىن سىلەرنىڭ تەلىۋىڭلارغا ئويغۇن كىلىدىغان مارجانلارنى تاللاپ پوكەيگە تىزدى .
   ئۇلار مارجاننى تاللاپ بولغاندىن كىيىن سالى فىرافىسۇر <<مىنىڭ سائىتىم بىلەن ئوخشاش سائەت بارمىدۇ؟-دەپ سورىدى.
-بۇ خېرىدارنىڭ سائىتىگە ئوخشاش سائەتنى تېپىڭلار !-دىدى مۇلازىم.
  ئۇزۇن-ئۇزۇن كەتكەن پوكەيدىكى مارجانلار كۇرۇنمىدى ، نەچچە سېكىنوتتىن كىيىن سالى فىرافىسۇرنىڭ سائىتىگە ئوخشاش سائەتلەر پوكەيگە لىققىدە تىزىلدى.
  سادىر يەنە سورىدى :
-نىمانچە تىز ! ، يەنە كىلىپ ئوخشاشكەن؟ سىلەرمۇ ئىنىمنىڭ سائىتىنى كورمىگەن تورساڭلار قانداق بىلىۋالدىڭلار؟
-مەن ھېلى ئېيتقان <<بۇ خېرىدارنىڭ سائىتىگە ئوخشاش سائەتنى تېپىڭلار! >> دىگەن سۆز –بۇيرۇق ، بىزنىڭ ئىچكى تورىمىز بۇ ئەپەندىمنىڭ سائەت ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ پەرقلەندۇرگەندىن كىيىن ئاختۇرۇپ تېپىپ تىزغان –دىدى مۇلازىم.
-ھە ، ئەجەپ تىزكەن ھە.
.........
-جەمئى بەش مىليۇن ئالتە يۇز ئوتتۇز سەككىز مىڭ ئامىرىكا دوللىرى بۇلۇپتۇ .
-باھاسىنى چۇشۇرگىلى بۇلامدۇ ؟
-بەش مىليۇن ئالتە يۇز مىڭ دوللار تولىسەڭلار بۇلىدۇ ، ئىستىمال بېجىنى بىز ۋاكالىتەن تاپشۇرىمىز . ئامىرىكا دوللىرى ، خەلق پۇلى تولەمسىلەر ياكى باشقا پۇلمۇ؟
-تور سوممىسى تولەيمىز .
-بۇلىدۇ ، ئەپەندىم مۇئەييەنلەشتۇرۇپ بەرسىڭىز .
سالى فىرافىسۇر سائېتىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن سائىتىگە دىدى: - تولەشنى مۇئەييەنلەشتۇر .
مۇلازىم ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن : - تولەش مۇۋەپپىقيەتلىك بولدى ، ئەپەندىم ، سىلەرنىڭ سېتىۋالغىنىڭلار قىممەتلىك بۇيۇمغا تەۋە ، بىخەتەرلىك يۆزىسىدىن بىزنىڭ قوغدىغۈچى خادىملارنىڭ ئىشىكىڭلارغىچە يەتكۈزۇپ بىرىشىنى تەكلىپ قىلىمىز ، بۇلامدۇ ؟
-بۇلىدۇ ، بۇگۇن چۇش سائەت 12 دىن 1مىنۇت ئوتكەندىن باشلاپ 4مىنۇت ئوتكىچە خاتىرجەملىك دوختۇرخانىسىنىڭ 398118 –نۇمۇرلۇق كېسەلخانىسىغا يەتكۈزۇپ بەرسەڭلار بۇلىدۇ.
- ماقۇل ، ئەپەندى .
-ئاكا ، ئون مىڭ يۇەن مۇلازىمەت پۇلى بەرگىنە .
-رەھمەت ، يەنە قەدەم تەشىرىپ قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز – دىدى مۇلازىم سادىرنىڭ قۇلىدىن ئون ۋاراق پۇلنى ئالغاندىن كىيىن كۆلگىنىچە.
  سائەت ئون بىر ، ئۇلار ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سادىر موخبىرلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن دوختۇرخانىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۈچى خادىملىرى بىلەن بىرگە چۇشتىن كىيىن سائەت 13تىن 45 مېنۇت ئوتكەندە يىتىپ كىلىدىغان <<مۇكاپات ئېلىش ئومىكى>> نى ئېلىپ كەلگىلى ئايرۇدۇرۇمغا كەتتى .
  سالى فىرافىسۇر كېسەل سائېتىگە قاراپ :- ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوختۇرخانا باشلىغى ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، مەن پۇل چىقىرىپ خاتىرجەملىك دوختۇرخانىسىدا ب تېپلىق ئەيدىز كېسىلى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشنى ئويلاشقان ، ئاكام مودىر بولسا ، سىزنى ئىجرائىيە مۇدىرلىققا ، گۇھەر دوكتۇرنى تېخنىكا مۇدىرلىققا تەكلىپ قىلماقچى ، سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئېلىپ باقاي دىگەن ، كىلىشىم تۇزگەندىن كېيىن ئادۋۇكاتنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىغا ھاۋالە قىلماقچى ، سىزچە بۇلارمۇ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ياخشىمۇسىز ، تامامەن بۇلىدۇ ، رەھمەت سىزگە ، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا مەن گۇھەر دوكتۇرنى ئېلىپ قېشىڭىزغا باراي ، ماقۇلمۇ؟
-بۇلىدۇ ، سىلەرنى قارشى ئالىمەن .
   بەش مىنوت ئوتمەيلا دوختۇرخانا باشلىغى ۋە گۇھەر دوكتۇر كۆلگىنىچە ئىشىكتىن كىردى . دوختۇرخانا باشلىقى : - سالى فىرافىسۇر ، مەن نوبىل مۇكاپاتى تارقېتىش مۇراسىمى نەقمەيدانىدىن تارقېتىلغان كېسەلخانىدا   تۇرۇپ سۆزلىگەن يىراق مۇساپىلىك ئۈچ ئولچەملىك تەسۋىر نۇتىىقىڭىزنى كوردۇم ،ناھايىتى ئىسىل بولدى ، سىزنىڭ نۇتۇق قابلىيىتىڭىزنىڭ بۇنچىلىك ياخشىلىغىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ، ئاڭلىغاندىن كىيىن بىلىپ-بىلمەي يېغلاپ تاشلاپتىمەن ، بىزنىڭ دوختۇرخانىمىزنىڭمۇ بازىرى چىقىپ كەتتى ، ئاران نەچچە كۈنلا ۋاقىت ئىچىدە بالنېست كېسەلخانىسى بىمارغا تۇشۇپ كەتتى ، دوختۇرخانىدا يېتىشنى ئىلتىماس قىلغانلارمۇ ناھايىتى كوپ ، بۇ خىل ئەھۋال ئەزەلدىن كۆرۇلۇپ باقمىغان ، رەھمەت سىزگە !-دىدى.
-نەدىكىنى ، قەيەردىكى ، ئارتۇقچە ماختىۋەتتىڭىز ، رەھمەتنىڭ ھاجىتى يوق ، مەن ئوتتۇز مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى چىقىرىپ ، ب تېپلىق ئەيدىز كېسلى تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلماقچى ، سىزچە قانداق قېلساق بۇلار ؟
  گۇھەر دوكتۇر ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى ، دوختۇرخانا باشلىغى ھەيرانلىق بىلەن سورىدى:- نىمە ؟ سىز ئۇزىڭىز ئوتتۇز مىليۇن چىقىرامسىز؟
-شۇنداق ، بۇ پۇلنى مەن چىقارماقچى ، مىنىڭ ئۇيىمچە ئاكاممۇ چىقىرىدۇ .
-راستىنلا ئويلىماپتىمەن ، دوختۇرخانىمۇ چىقىرايلى ، بىراق ، ئۇنچىۋالا كوپ چىقىرالمايمىز دە؟
-دوختۇرخانا چىقارسىمۇ –چىقارمىسىمۇ بۇلىدۇ ، مەن كىلىشمنامە لايھەسىنى تۇزگەن،كۇرۇپ باقساڭلار ، بولغان بولسا بىز ئىمزالاشساق ، رەسمى كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.
  ئۇلار لايىھەنى كۆرگەندىن كېيىن دوختۇرخانا باشلىغى قايتا-قايتا بېشىنى لېڭشىتىپ :-بۇلىدىكەن ، بولمايدىغان يېرى يوقكەن ، بىراق ، مەركەزنىڭ نامىغا سىزنىڭ ئىسمىڭىز يېزىلماپتۇ ، <<سالى دوكتۇر>> دەپ قۇشۇپ قۇيايلى .
-<<دوكتۇر>>نى چىقىرىۋېتەيلى.
-ئۇنداقتىمۇ مەيلى .
  سالى فىرافىسور ، دوختۇرخانا باشلىقى ۋە گۇھەر دوكتۇر ئوزگەرتكەندىن كېيىن بىرلىكتەدىدى : ئىمزا !
دەقىقە ۋاقىتتا ، ئۇلارنىڭ ئىمزاسى ئۆزگەرتىلگەن كىلىشمنامىنىڭ ماس ئورنىدا كۆرۇندى.
  ئۇلار مەھكەم قول سېقىشتى .
  ....
 تاللا بازىرىنىڭ خادىملىرى مارجان ۋە سائەتنى ئەكىلىپ بەردى ، سالى فىرافىسورنىڭ تەييارلىقىمۇ پۇتۇپ قالاي دىدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-5 04:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 10:03:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ تاللا بازىرىغا كىلىپ ھەيران قالغان يىرى پەقەتلا قاملاشماپتۇ

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 10:04:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ زاماندا ياشىماق نىمانداق ئاۋارىچىلىق

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 10:05:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بەكلا بىمەنىلىك بوپ قاپتۇ

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 12:22:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمىنى‹‹ سالى،سادىر ››دەپ ئاپسىز....


چۈشىنىشلىك،راۋان چىقىپتۇ تەرجىمىسى....

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر....

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3069 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 09:07:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىرىكا دوللىرى ، خەلق پۇلى تولەمسىلەر ياكى باشقا پۇلمۇ؟
ئۇ چاغدا قەغەزچىلىك دەۋرى ئاخىرلاشقانغا 60 يىل بۇلۇپ، دۆلىتىمىز مىسلىسىز كۈچىيىپ دۇنيادا خەلىق پۇلى ئىشلىتىلمەيدىغان بۇلۇڭ-چۇشقاقلارمۇ قالمىغان، باشقا پۇللار سەھنىدىن چىكىنگەن، ئەقلى ئىقتىدارلىق پۇل تۆلەش گۈھىرى ماشنىلېرى ئادەمنى ئاپتۇماتىك پەرىقلەندۈرۈپ مانچە پۇل بەردىملا دىسە قارشى تەرەپ ھىساۋاتىغا ئۇرۇپ بېرىدىغان دەۋىر تۇرسا بۇ يازغۇچى خاتالىشىپ قاپتۇ-ھە... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-6 09:43 AM  


ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 12:15:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست بەكلا تاققا تۇققا

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 06:20:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فانتازىيەلىك ئەسەر  كەلگۈسىنى پەرەز قىلىپ ،ياكى غايىۋىلەشتۈرۈپ يېزىلدۇ...بۇنى باشقىلار چۈشەنمەپتۇدە،،،،ئەسەر ياخشىكەن،،،كىنۇ قىلىپ ئىشلەنسە ئۆز قىممىتىنى يارتالايدۇ...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11676
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1667 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 06:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tizimlitiman يوللىغان ۋاقتى  2014-10-5 10:03 PM
ئۇلارنىڭ تاللا بازىرىغا كىلىپ ھەيران قالغان يىرى پەقە ...


سادىرنىڭ ھەيران قېلىشى تەبئى ، چۇنكى ئۇ پايـتەخىتكە تېخى يىڭى ، ئۇلار تېخى 2025 -يىلىدا .ئەسلى ئەسەرنى كورگەيسىز http://yuedu.163.com/book_reader/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-6 06:51 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 06:52:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يەنە تەرجخمە قىلامسىز -يا....؟


مەن مۇشۇنداق فانتازىيىلىك ئەسەرلەرگە قىزىقىمەن....

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش