wahpa يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 06:39 PM 
مەنمۇ سېلەردەك بارىككالا مۇبارەك ،پەخرىمىز دىگەندەك ...
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئۇكام:
1983-يىلى مەن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە دائىرىلەر مەندىن «باشلىق بولۇشنى خالامسەن ياكى كەسپىڭنى قىلىشنىمۇ؟» دەپ سورىغان. مەن ۋىجدان بىلەن ياشاش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش يولىنى تاللىغان. شۇنىڭدىن بۇيان ۋىجدانىم بىلەن ياشاپ كېلىۋاتىمەن. مەن بىرەر دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرنىمۇ قىلىپ باقمىدىم. شۇنداقتىمۇ ماڭا يۇرتتا بىرەر قېتىم ئىلمىي دوكلات بېرىشكە يول قويۇلمىدى. تېلېۋىزورغا چىقىشتىن گەپ ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھازىر بولسا يۇرتقا بارىدىغان يولۇممۇ توسۇپ قويۇلدى. سىزنىڭ سوئالىڭىزغا بۇ سورۇندا بۇنىڭدىن كۆپ جاۋاب بېرىش مۇۋاپىق ئەمەس. شۇغا توغرا چۈشىنىڭ. 2010-يىلى ئاپام ئاقسۇدا تۆگەپ كەتكەن. ئۇنىڭ توپا بېشىنى قاچانلىققا بىر قېتىم يوقلىيالايمەن، ئۇنى بىلمەيمەن. ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!