مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5273|ئىنكاس: 26

بىلىمخۇمار: مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق ناسا جورنىلىدا خەۋەر قىلىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 01:22:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق ناسا جورنىلىدا خەۋەر قىلىندى
(ھاۋا ماسسىسىنى ھېسابلاش يۇمشاق دېتالى ھەققىدە)

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى



مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىنىڭ 2014-يىلى 9-ئايلىق سانىدا خەۋەر قىلىندى.  

بۇ يېڭىلىقنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ۋاقتىدىكى قۇياشنى يەر يۈزىدە تۇرۇپ ياكى ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ رەسىمگە تارتقاندا، رەسىمگە چۈشكەن قۇياشنىڭ شەكلى يۇمىلاق ئەمەس، سوقىچاق ۋە سىممېتىرىك ئەمەس بولۇپ چىقىدۇ.  بۇنداق نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۆۋەندىكىدەك 3 ئامىل تەسىر كۆرسىتىدۇ:  (1) قۇياشنىڭ قىرغىقىدىكى نۇرنىڭ ئۇنىڭ مەركىزىدىكى نۇردىن كۆپ ئاجىز بولۇشى.  (2)  ھاۋانىڭ بىر قىسىم قۇياش نۇرىنى شۈمۈرۈۋېلىشى.  (3) ھاۋانىڭ قۇياشتىن چىققان نۇرنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى.  ھاۋانىڭ قۇياشتىن چىققان نۇرنىڭ بىر قىسمىنى شۈمۈرۈۋېلىشى ھاۋانىڭ ماسسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەر يۈزىگە يېقىن يەردىن ئاسمانغا قاراپ ماڭغاندا  ھاۋانىڭ ماسسىسى كىچىكلەپ ماڭىدۇ.  ھاۋانىڭ قۇياش نۇرىنى شۈمۈرۈۋېلىش مىقتارىنى ھېسابلاشتا، ھاۋانىڭ ماسسىسى ئېگىزلىكنىڭ فۇنكىسىيەسى بولۇپ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى لازىم بولىدۇ.  مۇشۇنداق مۇناسىۋەتنى ھېسابلاپ چىقىدىغان ئالگورىسم (ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل) بار بولۇپ، ئۇنى ئىشلىتىش خېلى قىيىن ئىكەن.  يەنى، ھازىرغىچە ئىشلەپ چىقىلغان ئالگورىسمنى يولىدا ئىشلىتىش، بىر ئادەمدىن ئوپتىكا كەسپى ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان كەسىپتىكى ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق سەۋىيىسىنى تەلەپ قىلىدىكەن.  ئۆتكەن يىل مەن مۇشۇ مۇناسىۋەتنى ھېسابلاشنىڭ بىر ئاددىي ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنى بىر يۇمشاق دېتال ياكى كومپيۇتېر پروگراممىسى قىلىپ ئىشلەپ چىقتىم.  مەن ئىشلىگەن بۇ پروگراممىنى ئوپتىكا كەسپىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانى يوق كىشىلەرمۇ ئىشلىتەلەيدۇ.  بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا «نەشرىيات ھوقۇقى»  (Copyright) ئالغان بولۇپ، ناسا ژورنىلىنىڭ بۇ قېتىمقى سانىدا مەن قىلغان ئاشۇ يېڭىلىق خەۋەر قىلىنىپتۇ.

مەزكۇر يېڭىلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر يېڭىلىقمۇ ناسا ژورنىلىنىڭ 2014-يىلى 7-ئايلىق سانىدا خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، مەن ئۇ ھەقتىمۇ بىر قىسقا ئۇچۇر يازغان ئىدىم.  ئۇنىڭ تور ئادرېسى:
http://bbs.izdinix.com/thread-59240-1-1.html

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: ناسا نىڭ «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان ئايلىق ژورنىلىنىڭ تېشىنىڭ رەسىمى.

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: مەن قىلغان يېڭىلىق خەۋەر قىلىنغان بەتنىڭ رەسىمى.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 03:00:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزدىن پەخىرلىنىمىز ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە تىلەكداشمىز .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3067
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2627 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 03:49:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخىمۇ كۆكلەڭ ئاكا،

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98773
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 733
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 397 سائەت
تىزىم: 2013-10-18
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 03:59:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wahpa يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 02:44 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ئۇزۇندىن بۇيان ت ...

ئەمدى پۇتاق چىقمىغان مۇشۇ ئالىمىمىزلا قالغان..... بىلىمخۇمار ئاكىمىز دۆلىتمىزنىڭ قايسى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپتۇ؟ ئوچۇقراق دىمەمسىز؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98773
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 733
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 397 سائەت
تىزىم: 2013-10-18
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 04:06:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىللىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن  بىلىمخۇمار ئاكا. سىز بىزنىڭ پەخرىمىز،ئۈلگىمىز.


كەلگۈسىدە مىللىتىمىزدىن سىزدەك مىللەت سۆيەر،ۋەتەنپەرۋەر ئالىملىرمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 04:25:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بىزنىڭ پەخرىمىز ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

زۇليار ئەپەندى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7099
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9520
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 2692 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 04:37:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆھتەرەم ئالىمنىڭ بۇ يېڭى كەشپىياتىغا مۇبارەك! ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن.

باشقىلارنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ.ئۇ ناداندۇر.
ئۆز كىشىلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ. ئۇ گۇمراھتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105999
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 849
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 05:11:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ئەركىنكا!!!!.............. تىنىىڭزگە سالامەتلىك تىلەيمەن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 05:36:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 05:39:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wahpa يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 02:44 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ئۇزۇندىن بۇيان ت ...

مىسرانىمدىكى بىچارە ئەڭ بىچارە ئىنكاس!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش