دىلىغۇللۇق
(ھىكايە)
كونىلار«ئۆتكەن ئۆمۈر -ئاققان سۇ» دەپ بەكمۇ توغرا ئېيتىپتىكەن،مانا ھەش-پەش دىگۈچەھاياتىمنىڭ 30-باھارىغا يېقىنلىشىپ قالدىم.مۇقىم خىزمىتىم،بەخىتلىك ئائىلەم ،ئوماق پەرزەنتىم بار، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مەن ناھايىتى بەخىتلىك ،تەلەيلىك ئايال،بىراق توي قىلغاندىن بۇيانقى بېشىمغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ئويلايدىغان بولسام،ئۆزەمنىڭ ھېلىمۇ ھاياتقا كۈلۈپ باقالىغىنىمغا ھەيران بولىمەن ۋە ئىگسىنىڭ ماڭامۇشۇ كۈنلەرنى بەرگىنىگە شۈكرى دەپ كىتىمەن.
ئەلۋەتتەتوي قىلىش ،ئۆي تۇتۇش دىگەنلەر ھەرگىزمۇ مۇھەببەتلەشكەنگە ئوخشاش شىرىن،رومانتىك بولمايدۇ،بۇنى ھەرقانداق «بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىپ باققان» ئادەم بىلىدۇ.مەنمۇ ئۆز-ئۆزۈمنى ئاشۇنداق ھىكمەتلىك سۆزلەر،چوڭ قائىدىلەر بىلەن بەزلەپ،قېيىنئانامنىڭ«تەلىملىرى»گە،يولدىشىمنىڭ قاتتىق-يىرىك تەربىيەلىرى،باشقۇرۇشلىرىغاچىداپ،نىكاھىمنىڭ 5-يىلىغا قەدەم قويغاندا تۇرمۇشۇمدا يۇز بەرگەن كىچىككىنەئۆزگىرىش خۇددى تىنىچ كۆل يۈزىگە چالما تاشلىغاندەكلا ئەسلىدىكى تىنىچ،قارىماققاناھايىتى بەخىتلىك تۇرمۇشۇمنى ئاستىن-ئۇستۈن قىلىۋەتتى.
بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن مەكتىۋىمىزگە مائارىپ ئىدارىسىدىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە بېرىپ تەربىيلىنىدىغانغا بىر سان چۈشۈرۈپتۇ،پۈتۇنلەي ھەقسىز تەربىيەلەيدىغان بولغاچقامەكتىۋىمىزدىكى خېلى كۆپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بارغۇسى كىلىپ قالدى،«ساياھەت قىلغاچ ھاردۇق ئېلىپ،مىڭىمىزنى سەگىتىپ كەلمەمدۇق»دىيىشىپ كەتتى .مەنمۇ ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن بۇيان بېرىپ باقمىغان مەكتىۋىمنى كۆرۈپ،سىنىپ مەسئۇلىمنى يوقلاپ كىلىشنى ئويلىدىم-يۇ،يولدىشىمنىڭ ئالدىنقى قېتىم ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئۇقۇشقابارىدىغىنىمنى ئاڭلاپ چېچىلىپ:«مەكتەپتە سەندىن باشقا ئادەم يوقمىكەن؟سەن بارمىسا زادى بولمامدىكەن؟ئۆيدە ئىش قىلىپ قالىدىكەنمەن دەپ مۇشۇ گەپنى تېپىپسەندە» دىگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىغاندەك بۇلۇپ ،بۇ ئويلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئالدىمدىكى تاپشۇرۇق دەپتەرنى قۇلۇمغا ئېلىپ تەكشۇرۇشكە باشلىدىم.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۇتۇپ ،مەكتەپ مۇدىرىمىز مىنى ئىشخانىغا چاقىرتىپ،خىزمەت سىتاجى ۋەئۆتىۋاتقان دەرسى،ۋە بىر يېقىنقى بىر قانچە يىللىق نەتىجىسى قاتارلىقلارنى ئويلىشىپ بۇ قېتىمقى تەربىيلەشكە مىنى بېرىشقا بىكىتكەنلىكىنى ئېيتتى.بۇ گەپنىئاڭلاپ بىر تەرەپتىن رەھبەرلىكنىڭ مىنىڭ نەتىجەمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ماڭا بەرگەنلىكگە خوش بولسام يەنە بىر تەرەپتىن يولدىشىمنىڭ قۇشۇلمايدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرۇپلا قالدىم،ۋە ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيىتتىم.مەكتەپ مۇدىرىمىز كۆپنى كۆرگەن،بىلىملىك،پەم-پاراسەتلىك كىشى بۇلۇپ يولدىشىمنىڭ تۇلۇقسىزدىكى سىنىپ مەسئۇلى ئىدى.ئۇ سەل ئويلىنىپ تۇرىۋېلىپ ماڭا تەييارلىق قىلىۋىرىشنى،يولدىشىم بىلەن ئۆزى كۆرۈشۈپ قايىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى .ئۇنىڭغا رەخمىتىمنى بىلدۈرۈپ يېنىپ چىقتىم .دىگەندەك ئەتىسى يولدىشىم كەچلىك تاماق ۋاقتىدا كەلگەن بىرتىلفۇننى ئېلىپلا،”مىنى ساقلىماي تاماق يەۋىرىڭلار “دەپ چىقىپ كېتىپ خېلى ئۇزۇندا كىردى .كىرىپلا مۇرەككەپ بىر خىل ھىسياتتا:«ئۇقۇشقابارىدىغان بولدۇڭ،تەييارلىق قىلغاچ تۇر »دىدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇش بولدۇم،«يولدىشىمنىڭ مىجەزى ئىتتىك بولغان بىلەن خېلى غەرەز ئۇقىدۇ جۇمۇ» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.بىراق شۇ چاغدا قېيىنئانامنىڭ چىرايى باشقىچە بولۇپ كەتتى بولغاي يولدىشىم دەرھاللا «سىنىڭ ئىسمىڭنى يوللاپ بوپتىكەن، بارمىساڭ سان بىكار بۇلۇپكىتىدىكەن»دەپ قۇشۇپ قويدى.
تەييارلىقنى پۇتتۇرۇپلا بىكىتىلگەن كۈنى يولغا چىقتىم ، ئوغلۇمنىڭ قۇلۇمغا ئېسىلىۋېلىپ ،«ئاپا قاچان كىلىسىز؟مىنىمۇ ئاپارسىڭىز بولمامدۇ؟» دەپ ئۈمچىيىپ تۇرغىنىغا قاراپ،يۇرىكىم ئېچىشىپ قىيالمىغاندىن باشقا كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى ئىدى.ماشىنا ئۇچقاندەك كىتىۋاتاتتى ،دېرىزىدىن چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلارغا،يىشىللىقلارغا قاراپ نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۇقۇشقا بېرىپ-كىلىش جەريانىدىكى كەچمىشلەرنى ئويلاپ يولنىڭ ئۇزۇنلىقىمۇبىلىنمەيلا بۇ مىھرى ئىسسىق شەھەرگە قەدەم باستىم.خاتىرلىۋالغان ئادرىس بويىچەتەربىيلەيدىغان مەكتەپنى تىزلا تاپتىم ،ۋە تۈرلۈك تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى تۈگىتىپ ،ياتاققا نەرسىلىمنى جايلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن،تىزىملاتقاندا كەم قالغان بىر سۇڭلۇق رەسىمگە چۇشۇش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ سىرتىغا چىقتىم
ئەتىيازپەسلى كىلەي دەپ قالغاچقىمۇ ھاۋا خېلى ئىللىپ قالغان،كوچىدىكى قارلارمۇ ئىرىپ ،سۇس ھور كۈتۈرۈلۈپ ئۆزگىچە بىر مەنزىرە ھاسىل قىلغان ،كوچىلار ئالدىراش كىتىۋاتقان كىشىلەر بىلەن تولغان ئىدى .ھەممە نەرسىگە تويماي قاراپ كىتىۋاتىمەن ،ئۇقۇش پۇتتۇرۇپلا خىزمەتكە چىقىپ،خىزمەتكە چىقىپلا توي قىلغاچقا مىنىڭ ئۆيدىن ئايرىلىپ بۇنداق تەربىيلەشكە قاتنىشىشىن تۇنجى قېتىم ئىدى. خىزمەت،ئۆي يەنە قانداقتۇربېسىملاردىن نەچچە كۈنلۈك بولسىمۇ قۇتۇلغاچقىمۇ،ئۆزەمنى بەك يەڭگىل ھىس قىلىۋاتاتتىم.كىتىۋېتىپ ئۆزەم ئاۋايلىمىدىممۇ ياكى كۈن نۇرى چۇشمەي مۇز ئېرىمىگەن يەر بارمۇ ئۆزەممۇ بىلمەيلا تۇيۇقسىز ئوڭداڭسىغا يىقىلىپ كەتتىم، بەك قاتتىق چۈشۇپ كەتمىسەممۇ بىراق خىجىللىقتىن پۇت-قوللىرىم گالۋالىشىپ ئەمدى تۇرۇشقا تەمشىلۋاتسام قاياقتىندۇر بىرەيلەن كىلىپ قولتۇقىمدىن كۇتۇرگەنچە يۇلەپ تۇرغۇزدى.
داۋامى تىز سۈرئەتتە يوللىنىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miskin-ahu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-19 10:42 PM