مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mahatjan

خۇشاللىق ئەسلىمە:مەخەت ئابدۇرېھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 06:26:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BUEREZAT يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 06:04 PM
قىرىمايىدىغان كىم بار،ياشلىق ھەقىقەتەن گۈزەل،ئاۋۇ ئى ...

ماڭا ھەرجەھەتتىن كۆڭۈل بۆلگەنلىرىگە كۆپ رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 06:33:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرزىمەيدۇ،ھا ھا،ئۇقۇتقۇچىلارغا نىسپەتەن بۆلەكچىلا ھۆرمىتىم بار،چۈنكى رەھمەتلىك مۇماممۇ ئۇقۇتقۇچى ئىدى ھەم يەنە باشلانغۇچ تۇلۇقسىزدىكى چاغلىرىمدا ھەرقانداق ئۇقۇتقۇچىنىڭ ماڭا ئامراقىلىقى كىلەتتى چۈنكى مەن ئەڭ گەپ ئاڭلايىدىغان ئۇقۇغۇچى ئىدىم

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108280
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2014-7-7
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 08:22:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 11:23 AM
ياشلارغا ئىلھام بولسۇن دەپ شۇنداق دەپ قويۇمىز،

ئوقۇش ...

سىز ساۋاقداشمۇ ياكى سامساقباش؟
بىز دوست ئايرىمايمىز قېرى ياش
ياش قىران يىگىتتەك تۇرۇپسىز تىخى
يەڭگەم ئوبدان بىقىپتۇ ئىتىپ ئاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2789
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 08:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 09:51 AM
ھىسيات دېڭىزى بەك چوڭقۇر ۋە دولقۇنلۇق دىققەت قىلارسى ...

راستىنى دېسەم  مەنمۇ ساۋاقداشلىرىمنى سېغىنىپ قالدىم،بەزىلىرىنى كۆرمىگىنىمگە ئوتتۇز يىلدەك بولۇپ قاپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 03:34:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 03:36:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 03:37:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 04:42:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇشاللىق ئەسلىمەمگە لىرىكىلىق مۇزىكىنى كىرگۈزۈپ مىنى بەكمۇ خۇشال قىلغانلىرىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 03:49:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇردىن تامچىلار2:مەخەت ئابدۇرېھىم ... 1 2  پەندى -نەسىھەت  14
305
  mahatjan
ئۈلۈشكۈن 10:49 PM  
  يۇمۇرلار:مەىەت ئابدۇرېھىم. ساقت قىلىنغانلىرى  تــەرمىلـەر  0
6
  mahatjan
5 كۈن ئالدىدا  
  خۇشاللىق ئەسلىمە:مەخەت ئابدۇرېھىم ... 1 2  كۆڭۈلدىكى سۆز  17
368
  mahatjan
4 كۈن ئالدىدا  
  سودىگەرنىڭ سەركەردىسى:(سۆز ئويونى) مەخەت ئابدۇرېھىم. ... 1 2  مۇشائىرە ۋە شېئىرىي چاقچاق  13
661
  Malika5
2014-9-15 09:22:14 AM  
  تەپەككۇردىن تامچىلار1:مەخەت ئابدۇرېھىم ... 1 2 3  پەندى -نەسىھەت  21
515
  mahatjan
3 كۈن ئالدىدا  
  نەسىرلەر؛مەخەت ئابدۇرېھىم. ... 1 2 3  نەسىرىي ئەسەرلەر  24
478
  mahatjan
4 كۈن ئالدىدا  
  تەڭرى تاغنىڭ تاجىسى ... 1 2 3 4  شېئىرىيەت گۈلزارى  30
795
  mahatjan
6 كۈن ئالدىدا  
  مەخەت ئابدۇرېھىم: ناننى قاتتىق ۋە ئاچچىق دىمەيلى ... 1 2 3  پەندى -نەسىھەت  24
1050
  mahatjan
2014-8-25 03:05:58 AM  
  ئۇيغۇرخەلق ماقال-تەمسىللىرى (مەخەت ئابدۇرېھىم) ... 1 2  تــەرمىلـەر  12
596
  mahatjan
5 كۈن ئالدىدا  
  مەخەت ئابدۇرېھىم؛كەنىتكە كەلگەن كادىرلار (سۆز ئويىنى) ... 1 2 3 4 5 6 .. 7  نەسىرىي ئەسەرلەر  62
2604
  mahatjan
تۈنۈگۈن 09:48 PM  
  مەخەت ئابدۇرېھىم؛ئالدىراپ قالدىم.(نەسىر) ... 1 2  نەسىرىي ئەسەرلەر  15
466
  Rujak
2014-8-14 10:22:46 PM  
  تاشنى تاياققا تاڭمايلى ... 1 2 3  شېئىرىيەت گۈلزارى  29
1751
  mahatjan
5 كۈن ئالدىدا  
  مەخەت ئابدۇرېھىم:قىزىل گۈلنىڭ تەسىراتى  ... 1 2  نەسىرىي ئەسەرلەر  18
667
  mahatjan
2014-7-25 07:51:44 PM  
  مۇقۇملىقىنىڭ ئىجتىمائى ئاساسلىرى توغرىسىدا.مەخەت ئابدۇرېھىم. ... 1 2 3 ئەخلەتخانا  ماقالە - ئوبزورلار  27
1592
  tughci2
2014-7-22 01:28:02 PM  
  ئوخشايدۇ يىلتىزغا (شىئېر)  شېئىرىيەت گۈلزارى  8
402
  花公主
2014-4-13 10:43:24 PM  
  بىشارەت  شېئىرىيەت گۈلزارى  9
985
  nurjula
2014-2-21 05:11:03 PM  
  غېرىپ-روھ  نەسىرىي ئەسەرلەر  7
563
  alip-ar
2014-2-19 10:02:01 PM  
  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىلىرى ... 1 2  شېئىرىيەت گۈلزارى  15
956
  yultuzay0997
2014-2-17 04:00:52 PM  
  ئاپپاق قارغا چۈشتى ئىزىمىز ... 1 2  شېئىرىيەت گۈلزارى  10
600
  mahatjan
2014-2-23 11:02:21 PM  
  كاشىغەر ... 1 2  شېئىرىيەت گۈلزارى  10
645
  تەقدىر07
2014-2-10 09:41:12 AM  

كېيىنكى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 03:51 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-21 06:27 PM):
سالامنامە
            ئەھمەتشاھ قاراقاشى
دۇئايى بىئەدەد ،خوجام،نەزەر مۇفتىمغا ئەلۋەتتە،
تەھەيياتۇ سالىمىم ئانچىنان ئاھۇ-نادامەتتە،
دۇئا بىرلەۋسال ئۇلغاي سالىمىم ياخشى سائەتتە،
سېنى ياد ئەيلىگۈم  ھەركۈن سەھەر تائەتتە،
كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.

ساڭا مەن نامە يازدىم ،نامۇناسىپ لاۋزىدىن ئەي يار،
بىھەمدۇللاھ،تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار،
بىلىشنى ئىستىسەڭ ،مۇندا شۈكۈركىم،بىز ئەمەس بىمار،
تىنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ،ئاندا نە ھالىڭ بار،
مۇشەققەتلىكتىنمۇ ،يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ پاراغەتتە؟

قېرىلىق ھالىدىن سورىسام،يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،
سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ،
ئايال ،ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ ،يەنە قەۋمۇ قېرىنداشىڭ،
سىڭەمدۇ ئىشتاھا قانداقكى ھەر ۋاق يېگەن ئاشىڭ،
ئۆزەڭ ئوبدان،چىرايىڭ تازىمۇ ھۆسنى مالاھەتتە؟

ئاڭلىغىن ،ئەي رەپىقا،سۆزنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن،
بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىۋاشتىن،
ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يېقىن تۇغقان-قىرىنداشتىن،
سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قاراتاشتىن،
كۆرۈپ مەن ،بىلگىنىم يوق ئۇنى ئەينى زۆرۈريەتتە.

سېنى مەن دوستۇ -يارىم دەپ،كۆڭۈلدە ئېتىقاد ئەتكەچ،
مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەر زامان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ،
سۈپەتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىگە،ياد ئەتكەچ،
ئەۋەتتىم ساڭا ئاتمىش تەڭگىنى،ساڭا كۆپ ئىتمات ئەتكەچ،
ئەۋەتكەي بىر ياخشى ئات دەپ،ھامان ئۆتتۈم خىيالەتتە.

پۇلۇمنى توختىتىپ بىر يىل ،ئەۋەتىپسەن ماڭا بىر ئات ،
ئېشەكچە يوقتۇر رەپتارى ،بۇ ئاتنىڭ ھەرمىجەزىدۇر يات،
كى يولدا توختىۋالدى قامچا بىلەن ئۇرمىسام پات-پات،
كۇلا-ئارغامچىنى ئۈزدى قوزۇققا باغلىسام قات-قات،
ئۇلاپ ئارغامچىنى ھاردىم،كۈنى قالدىم ھىلاكەتتە.

بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى،ئاڭقا،
قىڭىر قۇيرۇق ،سىڭا سۆڭگەچ،پۇتى مايماق ،بويى لاڭقا،
بىرى تەپكەك،بىرى مۆڭگەك،بۇ ئەيىپلەر ئۈستىگە ماڭقا،
ساماندىن بەش كۆشۈك يەپ ،قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،
تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەتتە كەبى بىر ئات بۇ قىياپەتتە.

مىنىپ چىقسام ئېلىپ ئۇردى،يىقىلدىم ،نەچچە كۈن ياتتىم،
قويۇپ بەرسەم،بۇزۇپ باغنى،ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم،
سۇغارغاندا قېچىپ سۆرەپ،ئاران ھارغاندا توختاتتىم،
تېگىشتىم ئۇي بىلەن بەش رەت،ئون قېتىم ساتتىم،
قىلىپ دەۋا كېلىۋەردى ،ماڭا ياندى شەرىئەتتە.

ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام،تۈزۈك يۈگۈرۈپ چاپالمايدۇ،
ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىرلە باراۋەرمۇ ماڭالمايدۇ،
مۇبادا توختىۋالغاندا ئۇرۇپ قويسام چىچاڭلايدۇ،
مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بىرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،
خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كاساپەتتە.

ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام ،سوكۇلدايدۇ ئىشەك ئوخشاش،
قورساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش،
يەنە بىر ئەيىبى شۇدۇر چىرقىراپ سەت، يولدا تاپ توختاش،
زېرىكمەي مىنسە ،بىر سائەت بېرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش،
شەھەر-يېزا ئارا قىلغان سەپەر ،سەيلە-ساياھەتتە.

ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسىغا ،ئۆتمىدى ئاتلاپ،
ئەگرى يولغا كىرىپ ئالسا ئەگەر كىم ،ھارمىدى قاتراپ،
غۇلاپ بوينىدىن چۈ شتۈم ،قاترىغاننىڭ زەربىدىن چاچراپ،
ئىچىم سانجىق بىلەن تولدى،قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ،
ساقايدىم ھەر زامان پارپى يالاپ مەجۇنى شەربەتتە.

جاھان بازارىدا ھېچكىم بۇ ئاتقا تەڭنى تاپماسلەر،
يىقىلسا گاھىدا مۈدۈرۈپ،تېپىپ-ئۇرمىسا قوپماسلەر،
زورىدىن بىر يۈگۈرسۇن دەپ ھەر نېمە قىلسا،چاپماسلەر،
سالاملاشسام،تۇرۇۋېلىپ ،تاياقسىز زادى ماڭماسلەر،
ئوسال ئات كۆپ قېتىم قويدى مېنى شۇنچە خىجالەتتە.

ئېغىلنى توختىماي بۇزدى ،ئىشىىكنى كۆپ قىتىم چاقتى،
بوغۇپ تەخەينى ئۆلتۈردى،موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى،
قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي،تالاي كۈن باشقىلار باقتى،
تۆلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ ،ھامان ھەركىمگە خۇشياقتى،
تالاپەتتىن بۆلەكنى كۆرمىدىم،قايغۇ-نادامەتتە.

مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق،بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ،
ئېلىپ چىقماسقا بەند قىلدىم،ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ،
قومۇردى- يۇلدى تۈۋرۈكنى ،كىچە كىرسەم مۆڭۈپ قۇتراپ،
كاسەپەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ،
دېدىم مەن :ئۆلسىمۇ ئۆلسۇن،خۇدا قىلغان ئىرادەتتە.

ئۇرۇق -تۇغقانلىرىم قانچە قېشىمغا ئات سوراپ كەلدى،
بۇ ئاتنىڭ ئەسلىي خۇي-پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى،
باھانە ئەيلىسەم نەچچە،ئۇلار يامان قاراپ كەلدى،
ئىلاجىم يوق بېرىپ تۇردۇم،مىنەلمەي ياندۇرۇپ كەلدى،
بۇ جىىنىم چىققىلى تۇردى كۈنى يۇزمىڭ خىجالەتتە.

ئەۋەتكەن بۇ ئېتىڭغا ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس ،
قەلەندەر بىلەن ئابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس،
كۆتۈرۈپ گەز بويى ھېچ ئات ساغرىنى ئۇنىڭدەك چاقماس،
كىشىكىم ئات بالاسىدىن بۇنىڭدەك بھېساپ قورقماس،
ئېلىشتىم ،غەم بىلەن قايغۇ بېسىپ تائەت- ئىبادەتتە.

قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خېرىدارنى ئاختۇردۇم،
بېدىكنى ھەرقاچان كۆرسەم ،چۈچۈك تىل بىرلە يالۋۇردۇم،
قېرى ھالىم بىلەن قاتراپ ئۆيگە كۆپ مېڭىپ ھاردىم،
يېيىشلىك ھەم كۇچى بار دەپ ئۇنى مەن شۇنچە ماختىدىم،
بازاردا يەتمىدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سالاھەتتە.

ساتالمىدىم بۇ ئاتنى مەن ،سېىلىپ ھەر ھەپتە بازارى،
بۇ ئاتنىڭ ئەپتىدىن قورقۇپ يېقىن كەلمەس خېرىدارى،
يامانلىق شۆھرىتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى،
بىراۋ كۆرسە ئۇنى ،قاچتى ،ئېلىپ بارغىن دەپلا نارى،
قانداق قىلاي بۇ كۈن دوست-يار ئارا كۆپ-كۆپ مالامەتتە.

بىزار بولغاچ تولا،كۈن-تۈن يەنە بازارغا ئەپ چىقتىم،
تىلىگەنگە ساتايچۇ دەپ ،بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم،
يېپېپ جۇل ھەم يەنە ئوبدان ئېگەر ئۈستىگە سېپ چىقتىم،
سېتىلماي قالمىغىيدى دەپ تۈ مەن مىڭ غەمنى يەپ چىقتىم،
نادامەت ئەيلىدىم ،قالدىم ئەجەپ بىچاغ زەلالەتتە.

كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچانغا كۈنى-تۈن باغلاپ،
سىلاپ جىسمىنى ھەر كۈندە كۈنجۈت يىغىدا ياغلاپ،
بوغۇزنى قاينىتىپ بەردىم،يېدى ھەر چاغ ئۆزى چاغلاپ،
بېدىكلەر ئولىشىپ يالغاننى ئېيتىپ،بەكمۇ جىق داڭلاپ،
ئاخىر ساتتىم نېسىگە ،بىر قەلەمدار ئالدى مۆھلەتتە.

چۈشۈپتۈر ئاسماندىن ئون تۇلۇمدا لاپ بىلەن يالغان ،
بىرى ئالەمگە تارقاپ ،توققۇزى مۇفتىمغىلا قالغان،
پۈتۈن يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئاتمىش تەڭگىگە ئالغان ،
بۇ ئاتمىش تەڭگىدىن ئېنىقكى ئوتتۇز تەڭگىنى سالغان،
بېيىپ كەتكەن ئىكەنسەن ئەسلىدىن شۇنداق خىيانەتتە.

ئۆزۈڭ موللا بۇرەدەر،ئەجەپكى نەپسىڭىز غالىپ،
چىرايىڭ خوپ سالاپەتلىك ،بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىپ،
بولۇپدۇرسەن سەن بېرىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىگە تالىپ،
كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر ،ئەي يار،مېنىڭ ھەققىمنى ئېپقالىپ،
كۆچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ ھالاۋەتتە؟

سېنى مۇفتى دېگەن بىلەن تۈزۈك ئانچە ساۋاتىڭ يوق،
سېنىڭ ھەق بىلەن ناھەق بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق،
ساداقەت يارۇ دوستلارغا ئۈمىد ۋە ئېتىقادىڭ يوق،
قېرىنداش،ئەلگە،تۇغقانغا تېرىقچە ئىئمادىڭ يوق،
ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى ،بۇرادەر،ئۇشبۇ ھالەتتە.

نومۇس قىل خەلقىلئالەمدىن،سالامەت سەن ،ئەمەس بىمار،
خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە،خىجىللىق ئەيلىمەك دەركار،
مېنىڭ ھەققىمنى يەپسەن،ئۆزگىنىڭ ھەققىنى يېمە زىنھار،
كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ مىڭ ئىبادەت قىلغنىڭ بىكار،
سەئىي بىرلە كۈنى-تۈن ئۇخلىماي تۇرساڭمۇ ئىبادەتتە.

ماڭا ئۇ ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مالامەتتۇر،
يېمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگىنى قانداق خىيانەتتۇر،
يېقىىنلاشقاچ قىيامەت، بەد دىيانەتلىك ئالامەتتۇر،
مېنىڭ قالغان پۇلۇم بىر نەچچە كۈن سەندە ئامانەتتۇر،
بېرەردۇرسەن ئۇنى تاڭلا تولۇق روزى قىيامەتتە.



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-24 10:11 AM):
« ئانا يۇرت » رۇمانىدىن ھېكمەتلەر7 W3 e- P8 r: L  p. L1 X
& ~& s. H! p1 J7 v% R
ھەممە ئىش ئانىنىڭ.  ئۆي ئىشىمۇ، ئېتىز ئىشىمۇ ئانىنىڭ.ئانىلار يىغلاشقا، ئەجىلىدىن بورۇن ئۆلۈپ كېتىشكە يارالغان. ئەرلەر، كۈلۈشكە، بەخىرامان ئويناشقىلا يارالغان.
- v7 g) e3 Y( A0 b" ?2 b1 O                                            39- بەت./ m& l* r0 o6 B& t+ H6 i
تەبىئەت تىلسىز،لېكىن ئۇ ھەممىنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرالايدۇ.
2 v2 }: d" i. b- h                                             61- بەت.
( e0 H* [, }3 N# T9 R" q: jبالىلار كۈلكىسى ئاڭلانغان جاي ئەڭ گۈزەل. بالىلار شاتلىقى ھايات شاتلىقى، بالىلار بەختى ئىنسان ئارزۇسى...   
' }; `+ M1 k8 Y3 m7 F                                            113 بەت.
+ T: ^' v8 X" hمۇھەببەتنىڭ كۈچى ھەممىدىن يامان، ئۇ ئادەمنى ئەقىلدىن، ئىرادىدىن، ھەتتا بىر ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالدىن مەھرۇم قىلالايدۇ.
/ |5 h7 {0 |; N* h                                              120 بەت.- F  `. V% F1 _
سانسىزلىغان ئادەملەر بۇ دۇنياغا يىغا بىلەن كۆز ئاچىدۇ، دەرت-ئەلەم، ئازاپ-ئۇقۇبەت  بىلەن ياشاپ  ئۇ دۇنياغا كېتىدۇ. ' z, Q! W* @, @& K1 _
                                            152. بەت.; F7 G7 j& T4 D# h5 P. n. E
   مۇقام بىر ئۇلۇغ روھنىڭ چىللىغۇچىسى، بىر گۈزەل تۇيغۇنىڭ ئويغاتقۇچىسى، بىر گۈزەل كىلىچەكنىڭ بىشارىتى...$ [/ _# M) w' ?0 r8 [7 ?% r6 I6 r
                                               169 بەت.- n! k9 C) Z2 I9 B6 p4 x' J
نەپرەتنىڭ ئۆزى كۈچ،غەزەپنىڭ ئۆزى قۇرال.
9 C' b  D9 q  L7 e+ u: k) B                                             188- بەت.5 h( C7 \" u: T- L% z' y! u& M
ئوقۇغۇچىلىق ھايات ئۈمىد، خۇشاللىق ۋە ئىشەنچ بىلەن تولغان.ئۇ ھايات پۈتۈن ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ ھېسيات ۋە ئۈمىدكە باي گۈرەل بابى.لېكىن بۇ مۇساپىنى بېسىۋاتقانلار بۇنى ھېس قىلالمايدۇ.2 {& j; j' G- ~8 t
                                               245- بەت.* v9 v" |( r' ]# U( h, N+ h9 q
دېھقانلارنىڭ قۇلىدىن كەتمىننى تارتىۋالمىسىلا،  ئۇلار خۇشال يۈرىۋېردۇ.كەتمەن ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى،بايلىقى،غۇرۇرى...شۇڭا ئۇلارنىڭ ناخشىسى يىغىسىدىن تۇلا،كۈلكىسى خاپىلىقتىن تۇلا...
, h4 c3 B+ ]8 ~- M0 R* S# S                                                 265- بەت.
- [0 V% m) Y- ~ھايات ئەنە شۇنداق ھەم مۇرەككەپ،ھەم ئاددىي نەرسە.چۈشەنمىسەڭ ھېسياتقا بىرلىسەن،چۈشەنسەڭ ،يول تاپالىساڭ ئاددى نەرسە.
$ b- P! ?6 X' s- l9 E! p6 h7 {9 `6 d9 r+ m                                           282- بەت.: T0 y# q3 i; Q
ھايات شۇنداق: خۇشاللىق،خاپىلىق،ئامەت،پاجىئە،رەسۋاچىلىق،مەرتلىك بىر – بىرىنى قوغلىشىپ يۈرىدىغان بۇ چوڭ زېمىن نى-نى شادىمان كۈنلەرنى كۆككە ئۇچۇرۇۋەتكىنىگە ئوخشاش،پاجىئە ۋە ئار-نۇمۇسلۇق چاغلارنىمۇ يۇتۇۋېتەلەيدۇ.! F0 e8 t3 A7 M, z3 `6 b
                                             315- بەت.
. l7 f% G  k7 n4 [# r6 n+ f  تۇرمۇش ئادەملەرنى سىنايدىغان بىر مەيدان،تۇمۇرلىرىدا ساپ قان ئاققان ئادەم ھەقىقىي پاكلىقنى قۇبۇل قىلالايدۇ.ھەقىقەت ئادەمنى بەزىدە قەھرىمان قىلىۋېتىدۇ،بەزىدە بىچارە قىلىپ قۇيىدۇ.لىكىن ئۇ ئادەمنى ھەرگىز رەسۋا قىلىۋەتمەيدۇ!
9 X7 |( }: R6 I8 v9 `                                       317- بەت.
8 ~  i2 M+ z) Y) d! S  G- A) z
2 b6 e! u( [* F( K3 \  I1 g6 Dئىنسان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،ئۆز تارىخىنى ئۆزى يارتىدۇ.ياكى ئۆلمەس،  ئەرزىمەس، تارىخى بىلەن خاتىرە قالدۇرغانلار مىلىيارت، مىلىيارت.لېكىن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىز- دىرەكسىز.بىرلىرى ھايات چېغىدا كىشىلەرگە تاغ بۇلۇپ كۆرنىدۇ، لىكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن چالمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بەزىللىرىچۇ، لېكىن ئۆلگەندىن كېيىن يىللار ، ئەسىرلەر ئۇنى تاغقا، ھەتتا قارساڭ بۆكۈڭ چۈشكىدەك بۈيۈك تاققا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ.$ v* d, N# e( N3 X, c- l
                                 343- بەت
& N7 L; |& v3 {+ O# i3 {  ھايات شۇنداق ،ساپلىق بىلەن ساختىلىق خۇددى كېپەك ئالتۇن بىلەن قۇمدەك بىر-بىرىگەبى-بىرىگە ئارلىشىپ كەتكەن.ساڭا بىرى لازىم بولسا يەنە بىرىمۇ بىللە قولۇڭغا چىقىدۇ.قاسساپ پاكىز قۇلىدىكى پىچاق بىلەن تىرىك جاننىڭ جېنىنى ئالىدۇ،شىرىن مېۋىلىك دەرەخ نىجاسەتنى ئوزۇق قىلىدۇ...
0 `- L1 {' f* t0 K* d$ F' `( w8 ~                                          354 بەت., k. R5 Q" J4 s
خۇدا بۇ دۇنيانى بەندىلىرى ئۈچۈن نېمەت قىلىپ ياراتقان. خۇدا گۇناھكار بەندىلىرىنى چىن كۆڭلىدىن تۇۋا قىلسىلا ھەرقانچە گۇناھى بولسىمۇ كەچۈرىدىغۇ!...5 ~5 ]5 X2 X1 _
                                              376- بەت.
5 N1 I7 x4 i; K& a' {ياشىماق، ياشاتماق، كەچۈرمەك، كەچۈرۈلمەك  ئىسلامنىڭ  ئۇلۇغ پەلسەپىسى. ياشا ، لېكىن باشقىلارنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىنىمۇ ئويلا ، قوللا. قولۇڭدىن كەلسىلا ياخشىلىق قىل. كەچۈر ھەم كەچۈرۈل. كەچۈرۈش كەچۈرلۈشنىڭ بېشى.  كەچۈرگۈچىنى باشقىلارمۇ كەچۈرەلەيدۇ.  بۇ بىر ئىسىل پەزىلەت.
1 |7 n7 w& X8 q6 ^                                         377- بەت.3 A+ U/ C7 t! e! Q' [7 z

$ g3 L' {# \0 P. x$ ~4 S; ] گۇگۇم ئۇلۇغ قۇياشنىڭ جۇدالىق بەلگىسى، تۈن ھۆكمىرانلىقنىڭ ئەلچىسى. ئۇ ساڭا غەپلەت، جۇدالىق، لەززەت سۇۋغا قىلىدۇ.  مۇشۇ گۇگۇمنىڭ يادنامىسىنى باغرىڭغا بېسىپ،كىلىچەكىڭ توغرىسىدا شىرىن چۈش كۈرسەن. چۈشۈڭدە مەڭگۈ ئىرىشەلمەيدىغان شان –شەرەپ چۇقۇسىغا چىقالايسەن.  يەنە بەزىدە تىك چوقىدىن سالغا تېشىدەك يېراقلارغا ئۇچىسەن...
% H1 N6 C! u( vگۇگۇم بىلەن ھاياتىڭنىڭ بىر بېتى ئاخىرلىشىپ، يېڭى بىر بەت-سۈبھى ئۈچۈن زېمىن تەييارلىنىدۇ. يۇرۇقلۇق قاراڭغۇلۇقتىن تۇغۇلىدۇ، گويا سەن ئاناڭنىڭ قاراڭغۇ قورسىقىدىن يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندەك.شۇڭا گۇگۇممۇ خاسىيەتلىك،ئۇنى ھەرگىز قارغىما،...بولۇپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا...
8 {6 j; \6 q; Y/ p, o* \) @: L! z                                           445- بەت 3 h* ?5 u2 n% A: u1 u  ^
ھەي ئىنسان ،ھاياتقا سەمىمىي مۇئامىلە قىلساڭلا ھەممە يەردە خۇشاللىق تاپالايسەن،غەم-غۇسسە يالقۇنلىرى ئىچىدىمۇ كۈلۈلەيسەن،يەنە شۇنداقلا تاغدەك لەززەتنى ئۆز زىممەڭ ئادا قىلىدىغان ئىش ئۈچۈن چۆرۈپ تاشلاپ،غەم قايغۇ ئىچىگە شۇڭغۇيالايسەن.سەمىمىي ئادەملەر ھېچنىمە ئىزدىمەيدۇ .بەخىتىمۇ،بالايىئاپەتمۇ  ئۇنى ئەگىشىپ يۇرىدۇ. قايسىسى  چاققان بولسا ئىنسان شۇنىڭ ئەسىرى...7 T- {! P5 Y9 l3 h! L
                                                466- بەت.
7 p% X3 R% S; x) P3 m   ھەممىگىلا ئىرشىپ قەلبىدە نازۇك خاتىرلەردىن ئىزنا قالمىغان ئادەملەر باشقىلارنىڭ ھالىغا يەتمەيدۇ.
" c2 z( E+ D0 Z: L$ Y" g                                                 497- بەت.1 ~  J* m) |" z+ m' m; t5 [
ھايات رەھىمسىز،رېئاللىق بىر خىل تەلۋە كۈچ، ئۇنىڭ باش ئەگدۈرش كۈچى تۇلىمۇ يۇقىرى،قورقۇنچلۇق. رېئاللىق ھامان ئىنسان خاھىشىنى مەنسىتمەيدۇ، خارلىيالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاياتنىڭ مۇھەببەت بابىدا ئەقىلدىن ئازمايدىغان ئادەملەر كەم بۇلىدۇ. ھېسيات سېنى يۈزسىزلىككە قىستىغاندا سەن ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالىسەن.پۇشايمان دېگەن ئاتالما شۇنىڭ ئۈچۈن پەيدە بولغان-دە!
. V8 G& ]3 E$ f$ f                                          505- بەت.
! C, H  `- k9 I* @ ۋەھشىىيلىك جەمىئىيەتتە،گۈزەللىك تەبىئەتتە، ئىنسان قالتىس نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىش جەريانىدا ئۆمرىنى قىسقارتىدىكەن.تىز ماڭىمەن دەپ ماشىنا ئىجاد قىلىۋاتقان،نەيزىنى ياراتماي مىلتىق ياساۋاتقان،پايدا قۇغلىشىپ،بىر- بىرنى ئۆلتۈرىۋاتقان،نىمىشقا مۇنۇ قۇشلاردەك،تۇشقانلاردەك تەبىئەتنىڭ بەرگىنىگە شۈكىرى قىلىپ،جىم ياشىمايدۇ؟! , N7 J/ D  W2 I  i( a! M& X3 O" s
                                              570- بەت.; ^4 C8 _. ]3 {
  سۈيۈملۈك بالىلىرىغا  بەخىت ئىزدەش دۇنيادىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇچى.ئۇلار شۇ بۇرۇچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھاياتنىڭ مۈشكۈل يۇلىنى تاللىۋالغان.
* w' J# y3 c! I" R2 T                                         582- بەت.1 ]# p# a' A( o4 n: o$ a$ ^  q
خەلق تەشنالىقىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان نەچچە مىڭ ئوغلانى بار بىر مىللەتنىڭ گەلگۈسى پارلاق.3 b( H5 ~7 s% D4 Q0 W4 U- M8 J
                                          619- بەت.  O' o) Y1 K9 B  T' H8 k- _
گۇناھكار ئىنسانغا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن دائىم سۆز تېپىلىدۇ.; w+ J: w( I, S3 i
                                          620- بەت.' O1 q! ^! V  ~( v$ K
بەخىتنىڭ مەنبەسى قەلب،بىر-بىرىنى چىن دىلدىن ياخشى كۆرىدىغان جانلار بىر ئۆيگە جەم بولسا، ئۇ ئۆيدە بەخىت دەريا بۇلۇپ ئاقىدۇ.تەمەلىرى ھەرخىل ،بىر-بىرىنى شۇتا قىلىش كۇيدىكى ئادەملەر بىر ئۆيگە جەم بولسا،ئۇ ئۆيدە بەخىت تامچىسىمۇ بولمايدۇ،بالايىئاپەت كەلكۈن بۇلۇپ ئاقىدۇ.
/ p4 [4 w* N- V9 L634-  بەت.9 u7 l0 u& ~) L" L5 L$ B! q# _# D
بىر مىللەتنىڭ دۈشمىنى يەنە بىر مىللەت ئەمەس.شۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئەزگۈچىلەر بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچىدىكى ئەزگۈچىلەر بىر ئائىلە،ئىزىلگۈچىلەر بىر ئائىلە.
# [$ }3 ^  w: C* R& k                                         802- بەت.
' a1 X& u  X1 H, ]ئىنسان ئۈچۈن ئەركىنلىك ئەڭ چوڭ بەخىت.تۇرمىدىكى ھايات ئىنسانغا بۇ ئەركىنلىكنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تۇلىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ.( J, i  p- k( [/ w& N5 ], c
                                        813- بەت.
% L- E3 r# Q  \. W1 g7 U0 `( W8 K+ F خائىنلار قاچىدۇ،ئوق تەگسە دۈم ياتىدۇ.باتۇرلار ئالدىغا ماڭىدۇ،ئوق تەگسە ئوڭدا ياتىدۇ.
4 Y. f4 v- f- ?, w9 c* n                                   884- بەت.
6 w1 k8 |4 G' S+ o0 L/ p2 U دېھقان دىگەن ئاسراشنى كەسىپ قىلغان.زىرائەت،ئورمان،چارۋا،ئۆي بىسات ھەممىسىنى كۆز قارچىقۇدەك ئاسراپ قوغداش،ئۇنىڭ بۇرچى.شۇڭا ئۇلار رەھىمدىل،مىھرى-شەپقەتتىن لەززەتلىنىدىغان خەلق.مانا بۇ ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيتى ھەم ئاجىزلىقى.
! S! Q2 T8 E2 q. \. W                                           928- بەت.* V% ^6 f( ~# |, \* V) Y! H
بايرام بولغان كۇچىلاردىن تاۋۇت كۆتەرگەن ھازىدارلار ئۆتىدۇ.بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيتى.
9 Q& V& T; U& b. t& [* _                                         961- بەت.! M6 r. z* p# I# d3 \/ \
ئۇرۇش رەھىسىز،ئوقنىڭ كۈزى توق،دۈشمەن ساڭا ئۈلۈمدىن باشقىنى تىلىمەيدۇ.
0 ?% G. ]/ t1 \8 b0 I& [                                          967- بەت.
8 }* }- z$ W* l2 a& K" r  [ئاددى پۇقرالار خۇشال بولغان چاغلىرىدا ،ھامان ئارمانغا يېتەلمىگەن  يېقىنلىرىنى  يادلاشقا ئادەتلەنگەن.لېكىن كاتتىلار ئۇنداق ئەمەس،ئۇلار ئارمانغا يەتكەن چېغىدا چوڭ ئارمان ئۈستىدە ئويلايدۇ.كۆمۈش تەخىتكە ئولتۇرغانلار ئالتۇن تەخىتنى .مىڭ ئەسكەرگە باش بولغانلار يۈز مىڭ ئەسكەرگە باش بولۇشنى ئويلايدۇ.ئۇلارنىڭ ئارمانلىرى چەكسىز بۇلىدۇ.
) r1 t+ W2 j; R& f                                                969- بەت.
: l" \0 r! m: v$ n. ?/ O جاھان ئىنسانلارنىڭ يۈگۈرۈشلىرىگە،رېتىملىق قەدەملىرىگە كۆنۈككەن.! c3 ]  C& k: e& B
                                               1032- بەت.# }  h, u- w; c5 g
بىر ئاجىز بىچارىلىكىدىن  پايدىلىنىپ روھى ئۈستۈنلۈك،جىسمانىي راھەتكە ئىرىشىش يېركىنىشلىك بىر قىلمىش.7 }1 P% U/ T# \0 W& t: v3 o
                                                  1077- بەت. * ]% s. @4 E+ ^4 |1 |6 D
ئىنسان ئۆز-ئۆزىدىن قانائەت تېپىش ئۈچۈن دائىم ئۆز ھاياتىنىڭ يۇرۇقلىرىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ. ھېچكىم ئۆزىگە نەپرەتلەنمەيدۇ.گەرچە ئاغزىدا دېسىمۇ ،ھېچكىم باشقىلارغا چىن كۆڭلىدىن چۇقۇنمايدۇ،ھېچكىم ئۆزىگە ئۆزى پالاكەت تىلىمەيدۇ.
1 v8 F2 Z3 P7 D+ ~% M                                           1118 بەت.
7 c- d. }# t0 x8 Uتۇرمۇش ھېچكىمنى رازى قىلغان ئەمەس.گەرچە چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ،بىرلىرىگە تاج،بىرلىرىگە كىشەن –كويزا ھەدىيە بولۇپ تۇرسىمۇ ھايات ھامان قېلىپىدىن چىقالمايدۇ.$ h  P6 |  {- b( A6 O6 Y/ O' l4 ]
                                        1141- بەت. 4 ]9 U( g7 ?1 {  ?* V6 n/ s& E! i
ئىنسان روھىنىڭ نازۇك سىرلىرىنى تىل چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىگىنى بىلەن ،مۇزىكا بىلەن ناخشا چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدىكەن. سېغىنىش، ئېچىنىش، كۆيۈش، پۇشايمان،  تەقەززالىق دىگەنلەر ھەممىنىڭ بېشىغا كەلگەن.لېكىن ئۇلارنى ناخشا بىلەن ساز تېخىمۇ سىرلىق ئىپادىلەيدىكەن.) I9 @$ O' W  B7 D
                                         1159- بەت.
" A: e4 f0 M, n0 h- Yلەززەت بىر خىل بھۇشلۇقنىڭ  بەلگىسى. ئۇ ئەقىل ۋە جاسارەتنى رەت قىلغۇچى ئاپەت،ئۇنىڭغا مەستانە بولغۇچىلار ياراتقۇچىلار قاتارىدىن ئۆزىنى قاچۇرغىچىلار.بىر ئىنسان لەززەت بىلەن مەست بۇلىۋاتقان شۇ پەيتتە،يەنە بىر ئىنسان قەلبىدە نەپرەت يالقۇنى ئۆرلىگەن بۇلىدۇ.8 ^5 {( ]1 B/ [" G$ e" g
                                            1162- بەت." e- _# l4 N( ]/ S) `0 u0 p% E
دېھقان تەقدىم قىلىدۇ، ھۆكۈمەتكە، بايلارغا، تەبىئەتكە، ھەر گىياھ، ھەر دەرەخكە بىرىدۇ. ئۇنىڭ قوللىرى،  پۇتلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن تىنىمسىز.لېكىن ئۇ ھەق ،مۇكاپات ۋە ياخشى جاۋاپ تەلەپ قىلمايدۇ.ئۇنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.ئويلاشنى نۇمۇس بىلىدۇ،ئىنسان ئەخلاقى مانا مۇشۇلارنىڭ بەدىنىدە كۆكلەيدۇ.& w+ z( H! H# H4 _* z  i* k
                                       1164- بەت.1 J5 V" C7 @7 E: L
ھايات شۇنداق.ئىنسان كۆمۈلىدۇ،ئۇلۇغ غايىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇپا ئاستىدا ياتىدۇ.ئۇ غايىسنى ئەكىتىدۇ،غەم-قايغۇسىنىمۇ ئەكىتىدۇ.ئۇنىڭ جىسمى تۇپىغا ئايلىنىدۇ.لېكىن غايىسى،قىساسى ۋە غەم- قايغۇسىنى تۇپراق سىغدۇرمايدۇ.ئۇ يەر ئاستىدىن چېقىۋېلىپ،يوقالغان جىسمىنىڭ مىراسخۇرلىرىنىڭ باشلىرىغا كىلىپ قۇنىۋالىدۇ.
- i% h) Q, U$ z2 B$ B- K; a                                           1208 –بەت.0 f9 u& c: z& q
  دېھقان خۇشلىقى ئېتىزدا،ئۇنىڭ قاۋۇل بىلەكلىرى بايلىق بىلەن بىللە خۇشاللىقنىمۇ يارتىدۇ.ئۇنىڭ شىرىن خىياللىرىمۇ شۇ قىرلاردا ئېتىز گۈل-گىياھلىرىدەك ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.
5 @6 `( t; F" _6 r6 K1 j                                       1284- بەت.4 K: F9 v. Q% O. W. x/ F  D
بەزىدە يېقىن ھېسابلانغان  ئادىمىڭ دوسلۇق بەلگىسى قىلىپ،يۈرۈكىنى كۆرسىتىدۇ.ئەمما بەزىدە بۇ يۈرەك بىر پارچە گۆش بولۇپ،چىقىدۇ.سېنى ئۆمۈر بۇيى تىللىغان ئادىمىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ،ئۇ سېنىڭ ئەڭ كۆيۈمچان دۇستۇڭ بولۇپ قالىدۇ.( g8 Q+ @' E  x& a7 P+ b7 w
                                    1439- بەت." _) u. N: |1 A: M" W7 [: Q
سايە تاشلايدىغان دەرەخ قۇرۇيدۇ.سايىسى قۇرىمايدۇ.
; ~1 Y2 ^; ]  L2 c, E$ w8 c, S; S5 R- `                                      1491- بەت.$ F2 Q6 h, s) O  P+ h. I
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرىشى تۇرغان گەپ.! o$ e; h' [0 T
                                      1581- بەت.
( V( k! h7 t' q& l( }% e+ Z بىر ئادەمنىڭ قىممىتى نېمىگە ئىرىشكەنلىكىدە ئەمەس،خەلقىگە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقىدا.
5 s, G. l, L! B# X& Z4 y9 C; L                                         1635- بەت., r) e2 q. i: M1 p
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى بۇلىدۇ.بىرلىرى راھەت غەمىدە، بىرلىرى مۇشاقەت ئىزدەيدۇ. يىغىنچاقلىغاندا مۇشۇ ئىككى ئىنتىلىش ئىنسانلارنىڭ ھەركەت نىشانى. ئىلگىركىلىرى كۆپ، مۇتلەق كۆپ، كىيىنكىلىرى ئاز، يوقنىڭ ئورنىدا...
& B- b* X, J, ^& f$ C8 x: \" q9 L                                      1728- بەت.. P: z: a  Q' P! N9 f$ X- v$ f
- H! m) E( D/ Y2 f# R4 `0 R8 @

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش