خىقىرايمەن ھەر نەپەستە دادامدەك.
بەللىرىم مۈكچەيدى كۆزلىرىم نۇرسىز،
پۇت - قولۇم سىقىراپ توختىماس تىتىرەك.
ھاياتقا تەلپۈنەر تەپەككۇر كۆزۈم ،
ۋەلىكىن رېتىمسىز سوقسىمۇ يۈرەك .
قېرىغان بولساممۇ ھسياتىم بەك شاش ،
تەپەككۇر ئېڭىمدا تاتلىق سىزىم بار.
ھاياتلىق سەپىرى - قايناملىرىدىن،
دوستلارغا دەيدىغان ھېكمەت سۆزۈم بار.
ھاياتنىڭ ئۈچ پەسىل باسقان ئىزىدا ،
بالىلىق كۆكتىكى يۇلتۇزغا ئوخشاش.
قېرىلىق تۈندىكى ئاينىڭ سىماسى ،
ياشلىق -ھاياتتا مۇقەددەس بىر قۇياش.
1978-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھيە،شەھەرلىرىدىن43 نەپەر ئوقوغۇچى قەشقەرپىداگوگىكا مەكتىپكگە 3 يىللىق ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان ئىدۇق.ئەنە شۇ ۋاقىت ھايات مۇساپىمىزدىكى ياشلىق باھارىمىزنىڭ باشلىنىشى ئىدى.يەنى:-ئىلىم-مەرىپەت بۇلاقلىرىنىڭ زۇمرەتتەك سۇلىرى بىلىمگە تەشنا يۈرەكنىڭ گۆھەر شاقىراتمىللىرىغا ئۇرۇلۇپ،يۈرەك تومورلىرىمىزدا ئۆركەش ياساپ ئېقىشقا باشلىغان،گۈزەل ھاياتقا تاشلانغان قەدىمىمىزنىڭ باشلىنىشى ئىدى.
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئىلىم-مەرىپەت باغچىسىنىڭ گۈل-چىچەكلىرىدىن تامچىلىغان بىلىم شەربەتلىرى يۈرەك تومورلىرىمىزدا ئۆركەش ياساپ دولقۇللۇنۇپ ئاقىدىغان،تەپەككۇر كەپتىرىمىز بىلىمدىن قانات چىقىرىپ،كۆكتە پەرۋاز قىلىدىغان،ھاياتقا بولغان گۈزەل ئارزۇلىرىمىز ھىسيات دېڭىزىدا غەۋۋاستەك ئۈزۈدىغان يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلدى.
بۇ جەرياندا مېھرىبان ئۇستازلىرىمىز مەرىپەت باغچىسىدىكى گۈل-چىچەكلەردىن خۇددى ھەسەل ھەرىسىدەك بىلىم شەربەتلىرىنى يىغىپ،مىھرىبان ئانا بوۋىقىغا سۈت بەرگەندەك بىزنى بىلىم جەۋھەرلىرى بىلەن ئېغىزلاندۇرغان ئىدى. بىز ھازىر قېرىپ بوۋاي-موماي بولوپ قالغان بولساقمۇ،قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقوغان ۋاقىتلارنى ئەسلەسەك؛قىزىلگۈل ئىشقىدا سايرىغان بۇلبۇلدەك سايراپ.ئانىنىڭ قۇچىقىدا ئويناۋاتقان بوۋاقتەك ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كىتىمىز.چۈنكى بىز،بۇ مەرەپەت باغچىسىدا بىلىم ئىشقىدا بۇلبۇلدەك سايراپ،بىلىم دېڭىزىدا بېلىقتەك ئويناپ ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى ھاياتى ئۈچۈن يۈكسەك ئەقىل-پاراسەت،يېڭىلمەس غەيرەت-جاسارەت يىتۈلدۈرگەن ئىدۇق.
بىزنىڭ ئانا مەكتىپىمىز ۋە كۆيۈمچان ئۇستازلىرىمىزغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىمىز بەك چوڭقۇر.بۇنى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەپ بولالمايمىز.چەنكى،دۇنيادا ئادەم بۇلماق بەك قىيىن،ئادەم بولدۇق دىگەندىمۇ ئاتا-بالا،دوست-بۇرادەر،ساۋاقداش بولماق بەكمۇ قىيىن،ناۋادا شۇنداق بولدى دىيىلگەندىمۇ،شۇ ئاتا- ئانىلار،ساۋاقداشلار،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار شۇ ماكان شۇ زاماندا بىر ئۆمۆر بىرگە ئۆتمەك تېخىمۇ قىيىن.بىراق،ئۇلارنى ھەرخىل سەۋەپ،ئېھتىياجلار تۈپەيلى تاە-داۋانلار،دېڭىز-ئوكيانلار ئايرىپ تۇرسىمۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ھەرگىز ئايرىيالمايدىكەن.شۇڭا قۇشلارمۇ سايرىشىدىكەن،زەينەپ كاككۇك .كاككۇك دەپ سايرىغاندەك.ئەنە شۇ قۇشلار دوستلۇق ئىزدىشىپ سايراۋاتقان يەردە بىز سايرىماي تۇرالامدۇق.
سەبى دىللارغا نۇر چاچقان نىجادنىڭ ئىگىسى ئۇستاز،
يىڭى دەۋرانغا يول ئاچقان ئازادنىڭ ئىگىسى ئۇستاز.
بىلىم بەردىڭ قىلىپ مىھنەت، بەدەندە كۈچ-قۇۋەت ھاسىل،
سىنىڭسىز ھەممە نىم جاندۇر، ھاياتنىڭ ئىگىسى ئۇستاز.
يۈرەك-قەلبىڭ گويا تۈندە يورۇقلۇق بەرگۈچى مەشئەل،
ئۇچۇردۇڭ كۆكتە ئىنساننى قاناتنىڭ ئىگىسى ئۇستاز.
ئىلىم-پەننى قىلىپ ئاچقۇچ، ئىچىلماقتا تۈگۈن سىرلار،
بۈگۈن-ئەتە-كىلەچەك ھەم ئىجادنىڭ ئىگىسى ئۇستاز.
چۈمۈپ نۇرغا سەبى دىللار بىلىمدىن گۈل-چىچەك ئاچتى،
قىلىپ سوۋغا تۇتارمىز گۈل شەرەپنىڭ ئىگىسى ئۇستاز.
ئاخىردا،بۈگۈنكى پائالىيتىمىزگە قاتناشقان بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار ۋە ساۋاقداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،خىزمىتىگە تۇتۇق،ئائىلە تۇرمۇشىغا بەخت تىلەپ سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن،
مەخەت ئابدۇرېھىم.