مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

ئامېرىكىلىق قىز،ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمغا مۇز چېلەك رىقابەت ئې   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4228
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1667 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 11:09:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرېكىلىق ئۇ قىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا بىمالال سۆزلىشى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى..  ئابابەكرى  ئابابەكرى  ئاكامنىڭ ئاخىرقى قۇردىكى  ھېسلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. دېمىسىمۇ ئۇيغۇر جەمىيىتى پۈتۈنلەي پاراۋان ھالەتكە كىرگىنى يوق.  يەنە يۈزدە يېگىرمە پىرسەنىت كىشى تېخىچە سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، نۇرغۇن بىچارە دېھقانلىرىمىز باللىرىمنى ئۇقىتالماي  كىشىلەرگە زار بولماقتا...

بۇ پائالىيەت دىيارىمىزدا ھەقىقەتەن ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى، نۇرۇغۇن كىشىلەر ساخاۋەتنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. بولسا بۇ خىل ساخاۋەت ياز كېتىشى بىلەن توختاپ قالماي، مەڭگۈ داۋاملاشسا، تۇرمۇشى خاتىرجەم بولسا ئاشقان پۇللارنى قالايمىقان مودا قوغلاشماي، ئاشۇ بىچارە كىشىلەرگە ساخاۋەت قىلساق بولىدۇ.

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82685
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4575
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 11:13:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھار كەلسە تۇزار گۈلشەندە غۇنچە.
تىرىكنىڭ قەدىرىمۇ كۆز يۈمۇلغۇنچە،
لىكىن ئۆلمەس كىشلەر بار جاھاندا.
قۇياشنىڭ ئۆمىرى قانچە، ياشار شۇنچە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 12:04:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qabiljan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 11:05 PM
بەزىلەر مىسرانىمنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى چۈشەنمىگەن چىراي. ...


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7951
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 12:07:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچىنى ھەقىقەتەن راۋان سۆزلەپتۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93217
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 12:11:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىكىلىقلار بىزنىڭ دىيارىمىزغا كېلىپ ئۇيغۇرچە ئۆگۈنۋاتقىنى مېنى تەسىرلەندۈرگەن بولسا ،بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تىلدا سۆزلەپ يۈرگىنىگە ھەيرانمەن،ساخاۋەت قوللىرىنى سۇنغان ئاشۇ ‹‹قېرىنداش››لىرىمىزنىڭ اللە ئەجرىنى بەرسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109182
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 01:05:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى زاماندىمۇ ھويلىدا 20 سانتىغىچە قاتمىغان ،توزىيدىغان توپا بار ، ئۇنى ئاشۇ كېرىيەدە كۆرگەن . شۇ توپىلاردىن كېچىپ شۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن.
ھازىرمۇ ئۆيلىرىگە قۇلۇپ سالمايدىغان كىشىلەر بار . ئۇنى ئاشۇ كېرىيەدە كۆرگەن . ئۆزىگە تەئەللۇق بىر سۇپا بار ،يېپىنچىسىمۇ يوق، كېچىلىرى چاپانلىرىنى يېپىنچا قىلىپ ياتىدۇ.
ھازىرمۇ بالىسىنى ئىمىتەلمەي چوڭ قىلىدىغانلار بار، ئۇنى ئاشۇ كېرىيەدە كۆرگەن .

جەنۇبى شىنجاڭدا تېخى بار بۇ مەسىلىلەر .... كېرىيەدىلا ئەمەس .

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21709
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9922 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 01:20:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېلىس خانقىزنىڭ مىسرانىم ئەپەندىگە ‹‹جەڭ›› ئېلان قىلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
فىلىمدىكى ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇ قىز بىلەن ئۇچراشقان شۇ دەقىقىلەرنى قايتا ئېسىمگە ئالدىم.
2013-يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى(ئېسىمدە قېلىشىچە15~20 كۈنلىرىغۇ دەيمەن). شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتنىڭ ئىچىگە جايلاشقان كىچىك بازاردىكى بىنانىڭ 3-قەۋىتى. ‹‹ئاۋرال تېز تاماقخانىسى››نىڭ خوجايىنى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرسام، مورىسىگە قاپقا سېلىنغان دۇتتارنى كۆتۈرگەن ئېلىس خانقىز بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن تاماقخانا ئالدىغا كەلدى.
‹‹ياخشىمۇ سىزلەر؟›› يېقىملىق ئۇيغۇرچە سالامغا بىزمۇ مۇناسىپ ھالدا ‹‹خۇش كەپسىز›› دەپ سالام قايتۇردۇق. تاماق پىشقىچە ئارىلىقتا ئېلىس خانقىز مۆرىسىدىكى قاپتىن دۇتارنى چىقاردى ۋە بىر نەچچە ئاددى پەدىلەرگە چېلىشقا باشلىدى. ئاندىن دۇتتارنى يانغا قۇيۇپ قويۇپ ئاشخانا خوجايىنىنىڭ شاھزادىسى، ئىككى ياشقا كىرەي دېگەن ئوماق ئوغلى راھىدىن بىلەن ئوينىشىشقا باشلىدى. دۇتتارنى كۆرسەم قولۇم قىچىشىدىغان ئادىتىم بار ئەمەسمۇ، ئاستا دۇتتارنى قولۇمغا ئېلىپ ‹‹ئاتامنى ئەسلەپ››كە چېلىپ كېتىپتىمەن. بەلكىم ئۈرۈمچىدىكى غېرىپلىق، يالغۇزلۇق مېنى شۇ ناخشىغا زورلىغاندۇ. دۇتتارنى پەدىگە كەلمىسىمۇ چېلىپ ناخشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۆز چاناقلىرىمغا يىغىلغان سېغىنىش ياشلىرىنى زورىغا سىڭدۈرۈۋاتقان شۇ پەيتتە چاۋاك ئاۋازى بىنانىڭ 3- قەۋىتىنى بىر ئالدى. قارىسام ئېلىس خانقىز قاتارلىق بىر نەچچە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار(ئۇلار ئاساسەن ئۆزبىكىستان،قازاغىستان، قىزغىزىستاندىن كېلىپ شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقانلار)  ئەتراپىمنى ئورۇۋاپتۇ. ئۆزۈمچە خىجىل بولۇپ قالدىم. مەن سەنئەتكار ئەمەس بەلكى بىر ئاددى ھەۋەسكار. بەلكىم شۇ چاغدىكى ناخشىغا سىڭىپ كەتكەن موڭلىرىم، پىغانلىرىم ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈۋەتكەن بولسا كېرەك.
  مەن ئالدىمدا تۇرغان تۇرقى چەتئەللىكتەك كۆرۈنىدىغان، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنى شۇنچىلىك راۋان سۆزلەيدىغان بۇ قىز بىلەن كىچىككىنە موڭداشتىم.
  ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا شىتاتىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر سەنئىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. مەن شۇ يەردىلا ئۇنىڭغا سەمىمىي رەخمىتىمنى، قايىللىقىمنى بىلدۈردۈم. بىز تەخمىنەن 15 مىنۇت پاراڭلاشتۇق. سۆھبىتىمىزنىڭ تېمىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت مەدەنىيىتى ۋە بىزدىكى ئابرويپەرەسلىكنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە بولۇندى. ۋە ئۆزىنىڭ ھازىر قايسى بىر ئۇستاز(سەمىمىي ئۆزرە، ئۇ تىلغا ئالغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ) دىن تەلىم ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
كېيىن مەندىن بىر ئۇسۇل پەدىسىگە چېلىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. قانداق قىلاي ئەمدى، قېچىپ كېتەيمۇ؟ ئامالسىز ئۆزۈم ئۈگەنگەن پەدە بويىچە‹‹ئاتۇش ناخشىسى››غا چېلىپ ناخشىسىنى ئېيتتىم. بىنانىڭ كارىدورى ئۇسۇل بىلەن قىززىپ كەتتى.........
ئۇسسۇلدىن كېيىن يەنە نەچچە مىنۇت پاراڭلاشتۇق. ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇش ئارزۇيۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتقىنىمدا ئېلىس خانقىز يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىشلىتىۋاتقان تېل نومۇرىنى قالدۇرغان ئىدى. ئەپسۇس، يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپلا ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن.
  شۇڭلاشقا مۇشۇ تېمىدا ئېلىس خانقىزغا بىر نەچچە ئېغىز يۈرەك سۆزۈم بار. بەلكىم ئېلىس خانقىزمۇ بۇ ئىنكاسىمنى كۆرۈشى مۇمكىن.
ئېلىس خانقىز: مەن سىزنىڭ ئاشۇ  ۋاقىتتىكى، سىز بىلەن موڭداشقان ئاشۇ مىنۇتلارنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىمنى كەچۈرۈڭ! سىزنىڭ كەسپى  ئىزدىنىشلىرىڭىزدە ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىزگە چىن-دىلىمدىن تىلەكداشمەن. شۇنداقلا سىزگە شۇ ۋاقىتتا بەرگەن ۋەدەم ھېلىمۇ كۈچكە ئىگە، ناۋادا ئاقسۇ شەھرىگە كېلىپ قالسىڭىز سىز ئامراق تاماق چۆچۈرە، ئۆپكە-ھېسىپ(بۇنى ئۆزىڭىز دېگەنتىڭىز) بىلەن مېھمان قىلىمەن.  
سىزنىڭ سەمىمىي دوستىڭىز:
                                   ھۆكۈمراندىن.      
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-30 02:43 PM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3735
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 01:38:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىلىنى بەك ياخشى ئوگۈنۈپتۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر گۈزەل تىل ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم. ئابابەكرى مىسرانىمغا كوپ رەھمەت.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3872
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 974 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 01:50:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمىز نىمە دىگەن يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ -ھە ؟.

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1615
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10908
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2216 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 04:44:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچىنى ھەجەپ راۋان سۆزلەيدىكەن.........   


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش