ئامېرىكىلىق قىز،ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمغا مۇز چېلەك رىقابەت ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى ھېسلار ....
فىلىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ :
نورمال قويۇلمىسا،ياكى يانفوندا كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ..
http://v.qq.com/page/e/9/z/e0135zzha9z.html
ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم قەلىمى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، مىسرانىم تورىنى ۋە مىسرانىم سالونىنى قوللاپ كېلىۋاتقان دوستلار.ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھتىن ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن. ئىنساننىڭ كەسىپ ئىشلىرىدىن باشقا ئائىلە ئىشلىرى ، تۇققانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋاللىرى كىشىنى چارچىتىپ ،مەۋھۇم دۇنيادىكى بىزنى نەچچە مىڭ كىلومېتىردىن نەچچە يۈز مېتىرغىچە قوللاپ كېلىۋاتقان تورداش دوستلار بىلەن كۆپرەك دىدارلاشقىلى مۇۋاپىق ۋاقىت چىقارغۇزمايدىكەن. بۇنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
نەچچە ئون كۈن ئاۋال مەن ‹مۇز چېلەك رىقابىتى ئويۇن ئەمەس› نامىدا تېما يوللىغان ئىدىم.. تېمامدىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن، مەن قانداقتۇر مەزكۇر ئىشنى پۈتۈنلەي خاتا ياكى قىلماسلىق پوزىتسىيسىدە بولمىغان . ئەمما بىر ئىش قىلغاندا ئەسلى ماھىيىتىنى توغرا چۈشىنىپ ،رايونىمىزنىڭ دىن ۋە ئەخلاق رامكىلىرى ئىچىدە ، مەلۇم نىشان بىلەن ئىشنى باشلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
مۇشۇ خىل مۇز چېلەك نامىدىكى رىقابەتلىك ئويۇن باشلىنىپ مۇشۇ كەمگە قەدەر بىر قانچە دوستلار ماڭىمۇ جەڭ ئېلان قىلدى . بۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ كەسىپداش دوستۇم كارۋان تورىنىڭ تۈر دېرىكتورى نەبىجان ۋە ئامېرىكا ئىندىئان ئۇنۋېرستىتىنىڭ مۇزىكىشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتۇرى ،شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستۇتىنىڭ مۇقام كەسپىنىڭ ئوقوغۇچىسى ئېلىس ئاندېرسوننىڭ مەخسۇس فىلىمىنى كۆردۈم. دوستلىرىمغا كۆپ رەھمەت. مەنمۇ سۇ قۇيۇشنى ئەمەس ، ئەڭ مۇھتاج كىشىلەرگە ساخاۋەت قىلىش يولىنى تاللىدىم، ئەپسۇس ساخاۋىتىمنى تور بانكىسىدا ياكى بىرە ئىسپاتلىرى بىلەن يۆتكەيدىغان يەردە ئەمەس، تور بانكىسى دىگەننىمۇ چۈشەنمەيدىغان، ئۆمرىدە بانكا كارتىسى ئىشلىتىپمۇ باقمىغان ۋە ياكى ئېغىر كېسەل كارۋىتىدا تەماسىز ،ۋە شۈكۈرلۈك ھالدا ئاللاھتىن ياخشى كۈنلەرنى تىلەپ ياتقانلارغا ، يېتىملىك دەردىدە مۇساپىر بولغانلارغا، كوچىلاردىكى پەرزەنت ئۈچۈن ھارۋىلاردا كېچىنى كېچە دىمەي باققاللىق قىلىۋاتقان سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزگە ، نۇرغۇن يېتىم بالىلارنىڭ غەمگۇزارلىرىغا ئىچىمدىن مېھىرلىك قەلبىم بىلەن پۇل ۋە قېرىنداشلىرىق مېھرىمنى سۇنىمەن.
مەزكۇر پائالىيەتتە گاھىلارنىڭ ساخاۋەت قىلغان پۇللىرى ھازىرغىچە كارتىلىرىدا تۇردى. ساخاۋەت قىلغان پۇللار نەق ۋاقتىدا ئىگىسىنى تېپىشى كېرەك . بىز قورسىقىمىز لىق توق ۋاقتىدا ھەرگىز باشقىلاردىن نان تەما قىلمايمىز، ئەمما ئامال بولمىغان ،ئاچ قالغان ۋاقىتلىرىمىزغا ئەلۋەتتە بىراۋنىڭ ساخاۋەتلىك قوللىرىغا مۇھتاج بولىمىز.شۇنىڭدەك بىزنىڭ شۇ مۇھتاج قەلىبلىرىمىز يازنىڭ تومۇزلىرىدا قاغجىرىغان قەلىبلىرىگە ئۇسسۇزلۇق بېغىشلىسۇن.
ئىشقىلىپ مەيلى قانداقلا مەقسەتتە ساخاۋەت بولۇنسۇن ، بۇ قېتىم شىنجاڭدىكى مۇز چېلەك ئويۇنىدا ساخاۋەتتىن بەكلا يىراقلاشقان ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قەلىبلىرى ئازراق بولسىمۇ ئويغاندى. ھەرخىل مەقسەت بىلەن ئوينالغان ۋە ياكى سەۋەبىنى چۈشىنەلمەي ئوينالغان بۇ ئويۇنلار نۇرغۇن ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدى.
مەن مۇز سۇ قۇيۇشنى تاللىمىغىنىم ھەرگىزمۇ مېنىڭ رىقابەتتىن قورققىنىم ئەمەس،مەن ئۈچۈن بىر چېلەك سۇنى بېشىدىن قۇيۇش ئانچە قورققىدەك ياكى ئادەمنى قورقۇتقىدەك ،رىقابەتلەشكۈدەك، جەڭ ئېلان قىلغۇدەكمۇ ئىش ئەمەس. يەنە كېلىپ چېلەك بىلەن مۇز تەڭ تەييارلىنىدىكەن ، 8 - ئاي يۇرتىمىزنىڭ ھاۋا كېلماتىنىڭ تېخى ئۇنچە تۆۋەنلىمىگەن ۋاقتى بولغاچقا ،سۇلار ئادەمنى شۈركەندۈرگىدەك سوغۇق ئەمەس، مۇزنى دەرھال سېلىپلا بېشىمىزغا قۇيساق قانداقمۇ سوغۇقنىڭ تەمىنى تېتىيالايمىز؟ مۇز سۇغا كىرىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن مۇزنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بېشىغا مۇز قۇيغانلارنىڭ كۆپچىلىكى ساخاۋەتلىك قەلىبلەرنى مەلۇم ھەركەتلەر بىلەن ئويغىتىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش بەدىلىگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلغانلار. بارلىق مۈز تۆككەنلەرنىڭ جۈرئەت ۋە ساخاۋەتلىرىگە تەشەككۈر.
ئۆزىمىز كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك بۇ پائالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىتلىرى كەلدى. ھاۋامۇ بارغانسىرى سوۋۇشقا باشلىدى، ئەگەر 1- ئايدا ماڭا مۇز چېلەك ئويۇنىدا رىقابەت ئېلان قىلىدىغانلار بولسا ، مەن مانا شۇ چاغدا رىقابەتنى يەنىلا خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ داۋاملاشتۇرىمەن.
شۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكىدا كەلگەن بۇ ئويۇننى سىزمۇ ھەم مەنمۇ يازدىلا ئوينىدۇق ، بارا بارا بۇ ئويۇن تەسىرىنى يوقاتقىلى تۇردى. بىزمۇ شۇ ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش يېڭىچە تەسىر قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ،بايلارنىڭ پۇلىسىنى نامراتلارغا ياكى يوقسۇل ،ھاجەتمەنلەرگە تەقسىملەپ بېرەلىگىدەك يېڭىچە بىر پائالىيەت ياكى ئويۇن شەكلىنى ئويلاپ چىقساق ۋە بۇنى تارقاتساق بۇنىڭدىنمۇ قالتىس ئىش بولمىسا كېرەك. رىقابەتنى يالغۇز مۇز سۇدىلا ئەمەس ، ئويغاق تەپەككۇرلاردا ، كەسىپلەردە ، خەلقئارا ئىلىم تەھسىل قىلىشلاردىمۇ ئېلىپ بارساق .
ئوپچە ساخاۋەت ۋە يالغۇز ساخاۋەتلەرنىڭ ھەرخىل بولغىنى ياخشى ، ھەركىم قانداق ئۇسۇلدا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلسا ئوخشاشلا ساۋابىنى ئالىدۇ . ئەمما مۇھەببەتلەشكەنلەر مۇھەببىتىنى ۋارقىراپ تۇرۇپ ئىزھار قىلمايدۇ، پىچىرلىشىش كەينىگە نۇرغۇن مۇھەببەتلىك ھېسلار يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. كىشىلەر ئۇرۇشقاندا ۋارقىراپ تۇرۇپ بىر بىرىنى تىللىشىدۇ . ئەمما مۇھەببەتلىك ھېسلارنىڭ بۇنچە يۇقىرى ئاۋازدا ‹سىزنى سۆيىمەن› دېگىنىنى ئاڭلىمىغان بولغىيتىڭىز؟
شۇ تاپ ھېلىقى كېرىيەدە يەر تەۋرىگەندە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن مەنزىرىلەر ...... ئېچىنىشلىق ۋە شۈكۈرلۈك....
ھازىرقى زاماندىمۇ ھويلىدا 20 سانتىغىچە قاتمىغان ،توزىيدىغان توپا بار ، ئۇنى ئاشۇ كېرىيەدە كۆرگەن . شۇ توپىلاردىن كېچىپ شۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن.
ھازىرمۇ ئۆيلىرىگە قۇلۇپ سالمايدىغان كىشىلەر بار . ئۇنى ئاشۇ كېرىيەدە كۆرگەن . ئۆزىگە تەئەللۇق بىر سۇپا بار ،يېپىنچىسىمۇ يوق، كېچىلىرى چاپانلىرىنى يېپىنچا قىلىپ ياتىدۇ.
ھازىرمۇ بالىسىنى ئىمىتەلمەي چوڭ قىلىدىغانلار بار، ئۇنى ئاشۇ كېرىيەدە كۆرگەن . ئۇ بالىسىنى مېھىر بىلەن باغرىغا باسالىغۇدەك كۈچ ماغدۇرغىمۇ ئىگە ئەمەس، ئاتا - ئانا ئىككىلىسى مىيىپ ، ئورنىدىنمۇ تۇرالمايدۇ، بالىسىنى ئىمىتكۈدەكمۇ كۈچ يوق ،پەقەت ئوچۇق ئىشىكتىن قوشنىلارنىڭ كىرىپ ياردەم قىلىشىنىلا كۈتىدىغان ،بوۋاقلىرى يېنىدا ئۈنى پۈتكىچە توۋلاپ يىغلاپ ،رەھىمسىز رىئاللىققا تەن بېرىپ توختايدۇ..
پۈتۈن رايونىمىزدا يۇرتلىرىغا پاتمىغان ، سەرگەردان ھالىتىدە ئىجارە ئۆيلىرىدىمۇ پۇتلىرىنى ئارامخۇدا سۇنۇپ ياتالمايدىغان ، تۈگىمەس جاچالارغا چىدايدىغانلارمۇ ھەم بار. كۈنىگە 50 يۈەنلىك سودا قىلىپ ،بالىسىنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۋاتقانلارمۇ ھەم بار.
دوختۇرخانىلاردا كېسەل ئازابىدىن ئىڭراپ ياتقان ، ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاللىقاچان تاپشۇرۇپ ئالغان، ئەمما ئۈمىد بىلەن قېرىنداشلىرى كۈتىۋاتقانلارمۇ ھەم بار...
بۇلار تار بولغان مۇھتاجلىق رامكىلىرىدىكى ئىشلار، ئەتراپقا نەزەر سالساق بىز ئويلىمىغان كىشى يۈرىكىدىن قان ئاققۇزىدىغان ئىشلار ھېلىھەم مەۋجۇد...
بىز جەمئىيەتكە قارايدىغان بولساق نۇرغۇنلىغان مۇھتاجلىق چەمبەرلىرى بىزنى قورشاغلىق ،ئەمما بىز شۇ چەمبەرلەردىن بىمالال ئۆتۈپ كېتىۋاتىمىز.
جەمئىيتىمىز مەڭگۈ ساخاۋەتكە تويۇنمايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ساخاۋەت ئويۇنلىرى مەڭگۈ ئۈزۈلمىسۇن . ساخاۋەت بىزگە ئويۇن بولسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق،ئەمما كۆز ئالدىمىزدا بىزنىڭ مېھىر بىلەن ئەتراپقا باقماسلىق سەۋەبىمىز بىلەن بىر تېرىك جان قىينالمىسۇن. ئانىلار ۋە ئاتىلار ، مۇساپىر قېرىنداشلار، كېسەلچان ئەزىزلەر كۆزلىرىدىن ھەم ياشلار ئاقمىسۇن.
بىزنىڭ بىر تال قىزىل قەغىزىمىز بىراۋ يېشىنى سۈرتەلمەيدۇ. ئۇ مەڭگۈ قەغەزلىكىنى قىلىدۇ. ئەمما شۇ قىزىل قەغەز بىرىنىڭ ئاز يىغلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالسا، شۇ سەۋەب قىلغان ئەمەللىرىمىز قوبۇل قىلىنسا ئەجەپ ئەمەس.