مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9280|ئىنكاس: 44

قۇرئاندىكى نۇر تېزلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئويغان ئىنسان!!! بۇ چۈش ئەمەس.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1061
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13436
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 06:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇرئاندىكى نۇر تېزلىكى


(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلسىم)

speed_of_light_moon_orbiting_earth.gif



مۇسۇلمانلار پەرىشتىلەرنىڭ تۆۋەن زىچلىقتىكى مەخلۇقلار ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۇلارنى نۇردىن ياراتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. پەرىشتىلەر نۆل نۇقتىدىن باشلاپ نۇر تېزلىكىگىچە بولغان خالىغان تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزگىچلەر دەل پەرىشتىلەردۇر. پەرىشتىلەر بۇيرۇقنى ئالەمنىڭ مەلۇم جايىدىكى لەۋھۇلمەھپۇزدىن تاپشۇرىۋالىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەرشىدىن ئەمەس. ئۇلار ئاللاھتىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن لەۋھۇلمەھپۇزغا بېرىپ-كېلىپ قاتناپ تۇرىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتە، قۇرئان پەرىشتىلەرنىڭ لەۋھۇلمەھپۇزغا بېرىپ-كېلىپ قاتنىغان ۋاقىتتا قانداق سەپەر قىلىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قاتنىغان ۋاقىتتىكى سۈرئىتى بىزگە تونۇشلۇق بولغان نۇرنىڭ تېزلىكىگە باراۋەر كېلىدۇ.


32-سۈرە 5-ئايەت: ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ.


بۇ بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگۈچىلەر پەرىشتىلەردۇر. قۇرئان نازىل بولغان ئاشۇ دەۋردىكى ئادەملەر مۇساپىنى كىلومېتىر ياكى مىل بىلەن ئۆلچىمەيتتى، بەلكى ئاشۇ مۇساپىنى بېسىپ بولۇش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت مېڭىش كېرەكلىكىنى ئۆلچەم قىلاتتى. مەسىلەن؛ ئىككى كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بىر يېزا دېگەنلىك، شۇ يېزىغا بېرىش ئۈچۈن ئىككى كۈن مېڭىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىغا باراۋەر ئىدى. ئون كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بولسا، ئون كۈن مېڭىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىغا باراۋەر ئىدى... ھالبۇكى بۇ ئايەتتە بولسا، قۇرئان ئۇلار سانايدىغان مىڭ يىلغا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ (ئۇلار ماڭىدىغان ئەمەس). ئۇ دەۋردىكى ئادەملەر ۋاقىتنى ئاي (قەمەرىيە) كالېندارى بويىچە ھېسابلايتتى ۋە بىر يىلنى 12 ئاي (قەمەرىيە) ئېيى قىلىپ سانايتتى. بۇ ئايلار بولسا ئاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك قۇياش بىلەن ئەمەس. پەرىشتىلەر بىر كۈن ئىچىدە ئۇلار (ئاي كالېندارى بويىچە) مىڭ يىل دەپ سانايدىغان مۇساپىگە سەپەر قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغىنى مۇساپە بولغاچقا، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى بىر كۈن ئىچىدە ئاي ئۆز ئوربىتىسىدا 12000 قېتىم ئايلىنىپ سەپەر قىلغانغا باراۋەر كېلىدىغان مۇساپىگە سەپەر قىلىدۇ دەۋاتىدۇ. بىز ئىنېرتسىيىلىك يەر مەركەز قۇرۇلمىسى (Inertial geocentric frame) (بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆلچەملىك ئاتىلىشىنى تاپالمىدىم، بىلىدىغانلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن) ئىچىدە ئاينىڭ 12000 قېتىملىق ئوربىتىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر كۈنگە بولغان نىسبىتىنىڭ نۇر تېزلىكىگە باراۋەر ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.



32-سۈرە 5-ئايەتتىكى ۋاقىت بىلەن مۇساپىنىڭ سېلىشتۇرمىسى؛ بۇ ئايەت بىزگە ئويلىمىغان يەردىن نۇر تېزلىكىنىڭ ئۆزى بولۇپ چىققان پەرىشتىلەرنىڭ تېزلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ھالبۇكى 22-سۈرە 47-ئايەت ۋە 70-سۈرە 4-ئايەتلەردىكى بولسا ۋاقىت بىلەن ۋاقىتنىڭ سېلىشتۇرمىسى (مۇساپىنڭ ئەمەس)؛ بۇ بولسا ۋاقىتنىڭ كېڭىيىشىدۇر. بىز ئېينىشتىيىننىڭ نەزىرىيىسىدىن، مېنىڭ ۋە سىزنىڭ سائىتىڭىزنىڭ ئوخشاش سۈرئەتتە ماڭمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ۋاقىت (ياكى سائەتلىرىمىزنىڭ سۈرئىتى) تېزلىك بىلەن تارتىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر مېنىڭ سائىتىم تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلسا ياكى كۈچلۈك تارتىش كۈچى مەيدانىدا بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا مېنىڭ سائىتىم سىزنىڭ سائىتىڭىزگە قارىغاندا ئاستىراق ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا ۋاقىت نىسبىي بولىدۇ. 22-سۈرە 47-ئايەت يەر شارىدىكى ۋاقىت بىلەن جەننەت ۋە دوزاختىكى ۋاقىتنى سېلىشتۇرىدۇ. شۇنداقلا  70-سۈرە 4-ئايەت يەر شارىدىكى ۋاقىت بىلەن قۇرت تۆشۈكىدىكى (مەئەرج – مَعارِج) ۋاقىتنى سېلىشتۇرىدۇ.

************************* بۇ ئايەتلەر ئەسلىدىكى يازمىغا قىستۇرۇلمىغان ***************************
22-سۈرە 47-ئايەت: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى-سائىتى بولىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ ئاللاھ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر.


70-سۈرە 4-ئايەت: پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ.
***********************************************************************************************

(نورمال سەزگۈمىزلا بىزگە قۇياش نۇرىنىڭ زېمىننى يورۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە قۇياش نۇرىسىز زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ؛ بۇنىڭدىنمۇ  ئاددىي ئىش بولامدۇ؟ بىراق ئىنجىل باشقىچە بىر گەپنى قىلىدۇ: يارىتىشنىڭ 1-بۆلەك 1-31 گىچە بولغان بايانلىرىدا، ئىنجىل قۇياشنىڭ كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بايان قىلىدۇ. تۇنجى كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنغا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ياراتقانلىقىنى، تۇنجى كەچنىڭ كىرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۇنجى سەھەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بىراق پەرۋەردىگار تۆتىنچى كۈنىگە كەلگىچە قۇياشنى ياراتمىغان، ئېنىقراق ئېيتقاندا ئۈچ كېچە ۋە ئۈچ كۈندۈز ئۆتكىچە قۇياشنى ياراتمىغان دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ زېمىندا قۇياش يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا ئۈچ كېچە ۋە ئۈچ كۈندۈز بىمالال ئۆتكەن. ئىنجىلغا ئاساسلانغاندا قۇياش بولمىسىمۇ كۈندۈز بولىۋېرىدىكەندە!؟)


***************************************************************************
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
بۇ تېما ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى ئاساسىدا ئىنگلىزچە مەنبەلەردىن تەرجىمە قىلىنغان. تەرجىمىدە خاتالىقتىن مۇستەسنا بولالمىغان بولۇشۇم تامامەن مۇمكىن، نامۇۋاپىق دەپ قارىغان نۇقتىلار بولسا تۈزىتىش بېرىشىڭلارنى سورايمەن. چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن، ئەسلى مەنبەدە يازمىغا قىستۇرۇلغان قىسقا فىلىمنىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ چامىمنىڭ يېتىشىچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم. شۇنداقلا ئەسلى مەنبەدە تىلغا ئېلىنغان بىراق يازمىغا قىستۇرۇلمىغان بىر قىسىم ئايەتلەرنى تېمىغا قىستۇرغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا تېمىنى ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم.
تېمىنىڭ مەقسىدى ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەپەككۈر دۇنيارىمىزنىڭ رامكىلىرىنى ئازغىنە بولسىمۇ كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىشتىن ئۆزگە ئەمەس.
ئاللاھنىڭ بۈيۈك ھېكمەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن كەڭ كائىناتنىڭ سىرلىرىغا ئاشىق بولۇپ، ئازغىنە ئەقلىمىز بىلەن سىرلارنى يەشمەككە ئۇرۇنۇپ كەلدۇق. ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش كېرەك بولغاندەك، ئىشىنىمەنكى ھەممىگە قادىر زاتنىڭ ئالدىدا قانچىلىك قۇۋۋەتسىز ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.


تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: http://www.speed-light.info/miracles_of_quran/speed_of_light.htm


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىلسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 07:07 PM  


...Every man dies, but not every man really lives

ئىزدەنگۈچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4548
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8639 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 05:58:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېمى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ...
بۇ تېما مەندە بىرقانچە گۇمانىي نۇقتىنى پەيدا قىلدى .
1- ھىساپلانغان تىزلىك نۇر تىزلىگىدىن كۆپ چىقتى
تېمىدا ئېيتىلغان نۇر تىزلىكى ، مۇساپە دىگەنلەر مېنى قىزىقتۇردى ، شۇڭا مەنمۇ يۈزەكى ئۇسۇلدا ئايشارىنىڭ يەرشارىنى 12000 قېتىم ئايلىنىش ئۇچۇن باسقان مۇساپىسىنى ھىساپلاپ ئاندىن بىر كۈننى سىكىنوتقا ئايلاندۇرۇپ بۆلسەم نەتىجە ئەمىلىي نۇر تىزلىكى بىلەن سەل ئوخشىمايدىغان چىقىپ قالدى . مەن ئاي شارىنىڭ يەرشارىنى ئايلىنىش رادىئوسىنى 384000 كىلومىتىر بويىچە ھىساپلىغان ئىدىم ...
ئاينىڭ بىر قېتىم ئايلىنىش مۇساپىسى=2411520 كېلومىتېر
ئاينىڭ 12000 قېتىم ئايلىنىش مۇساپىسى 28938240000 كېلومىتېر
28938240000  كىلومىتىر مۇساپىنى بىركۈندە بېسىپ بولدى دەپ ھىساپلىساق ، كەتكەن ۋاقىت 24*60*60=86400 سېكونت

تىزلىگى =28938240000/86400 =334933.3 km/s
نۇرنىڭ خەلقارادا بىرلىككە كەلگەن تىزلىكە=299792.458 Km/s
ئوتتۇرىدا خېلى كۆپ پەرىق چىقىپ قالدى
مېنىڭ ھىساباتىمدا خاتالىق بار دىيىلسە ،خاتالىق ئاي شارىنىڭ يەرشارىنى ئايلىنىش رادىئوسى بولۇشى مومكىن ، لېكىن مەن ئۇ ساننى توردىن پايدىلانغان سان ،،، شۇڭا باشقىلارمۇ قول سېلىپ ھىساپلاپ باقسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن ...

2-گۇمانىمنى نۇقتا ،
تىزلىك ماس كەلدى دىگەن تەغدىردىمۇ ،ئومومىي مۇساپە ئادەمنى گۇمانغا سالىدۇ ، ئەگەر نۇر تىزلىگىدە ماڭساق خۇدانىڭ ماكانىغا بىر كۈندە يىتىپ بارىمىز ،بىز بىلەن ئارىلىقى 28938240000 كىلومىتېر يىراقلىقتا دىدىگەن مەنا چىقىپ قالىدىكەن ، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ ؟  

3-گۇمانىي نۇقتا ،،،،
تېمىدا 'پەرىشتىلەرنى نۆل نۇقتىدىن باشلاپ نۇر تېزلىكىگىچە بولغان خالىغان تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ. ' دىيىلگەن ، خاتالاشمىسام بۇنىڭ مەنىسى پەرىشتىلەر ئەڭ تىز ماڭغاندىمۇ نۇر تىزلىگىدىن ئاشالمايدۇ دىگەنلىكقۇ دەيمەن ؟! ئەمىسە جىبرىلمۇ بىر پەرىشتە بولغان ئىكەن  ،ئۇنىڭ تىزلىگىمۇ نۇر تىزلىگىدىن ئاشالماس دەپ ئويلايمەن .
ئۇنداقتا ئىسرا - مىئراج ۋەقەسى دە بايان قىلىنغان  'مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 7 قات ئاسمانغا چىقىشى' دىگەن ئابراسنى تەپسىلىي ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-127208-1-1.html

ھەزرىتى خەدىچە ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى بىر ئاخشىمى پەرىشتە جىبىرىئىل كېلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىككى قاچا (utensil) دا ئىككى خىل ئىچىملىكنى سۇنۇپ، «ئۈممەتلىرىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن بىرىنى تاللاڭ» دەيدۇ. بىر قاچىدىكىسى ھايۋانلار سۈتى، يەنە بىر قاچىدىكىسى بولسا ئۈزۈم ھارىقى (wine) بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۈتنى تاللايدۇ.  بۇ ئىشتىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرىشتە جىبىرىئىل بىلەن بىللە بىر بۇراق(دۇلدۇل) (Buraq, winged steed) قا مىنىپ، مەككىدىكى مەسچىت ھەرامدىن يېرۇسالېمدىكى مەسچىت ئەقساغا كېلىدۇ. بۇراقنىڭ مېڭىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئۇ ھەر بىر تاقلىشىدا ئىنساننىڭ كۆزى يەتكۈدەك ئارىلىققا ماڭىدىكەن. يەنى، ھاۋا سۈزۈك كۈنلىرى ئادەم بىر قانچە ئون كىلومېتىر ئارىلىقنى كۆرەلەيدىغان بولغاچقا، بۇراق ھەر بىر تاقلىشىدا بىر قانچە ئون كىلومېتىر ئارىلىققا يۈرۈيدىكەن. مەككىدىن يېرۇسالېمغا بېرىش ئۈچۈن تۆگە بىلەن ماڭغاندا بىر ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن. ئەمما، بۇ يەردە بايان قىلىنىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى بىر كېچىدە يۈز بېرىدۇ. بىر ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، جىبىرىئىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەككىدىكى ئۆيىدىكى ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن ئويغىتىپ، ئىككىسى ئۆيدىن ھەرەمگە، ھەرەمدىن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ۋە يېرۇسالېمدىن 7 قات ئاسمانغا چىقىپ، ئۇ يەردە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىپ، 7 قات ئاسماندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ چۈشۈپ، ئاندىن يېرۇسالېمدىن مەككىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۆزى ياتقان كۆرپە تېخىچە ئىسسىق تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ.


تېمىدا پەرىشتە خۇدانىڭ يارلىقنى ئېلىپ يەر شارىغا نۇر تىزلىكىدە كېلىشى ئۇچۇن توپتوغرا 24 سائەت ۋاقىت كىتىدۇ دىيىلدى ، ئۇنداتتا پەرىشتە جىبرىل مۇھەممەت پەيغەنبەرنى ئېلىپ ھەرەمگە ئاندىن يېروسالىمغا ئاندىن خۇدانىڭ دەرگاھىغا بارغانلىقى ئۇيەردە 7 قات ئاسماننى،دوزاق بىلەن جەننەتنى ئىكىسكورسىيە قىلىپ ئاندىن خۇدا بىلەن كۆرۈشكەنلىگىدەك بىر قاتار ۋەقەلىكلەر سۆزلىنىدۇ ، ئۇ ئىشلارنى تۈگۈتۈپ يەنە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ۋاقىت پەقەتلا بىر ئاخشام ، تېخىمۇ ئۇچۇغىنى ئېيقاندا 4 سائاتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت دەپ تەسەۋۇر قىلىشقا بولىدۇ ..(كۆرپىنىڭ تېخى ئىسسىق تۇرغانلىقى )

  شۇ 4 سائەتتە شۇ ئىشلار يۈز بەردى دىسەك ئۇ ھالدا يەر شارى ۋاختى 160 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى كېرەككۇ دەپ ئويلايمەن .
ئەگەر ۋاقىتنى ئويلاشمىغان ئەھۋالدىمۇ پەرىشتە جىبرىل پەيغەنبەرنى خۇدانىڭ دەرگاھىغا ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن 1000 يىل ، ئېلىپ كىلىشى ئۇچۇن 1000 يىل كېتىدۇ دىگەن گەپ ، ئۇنداقتا مۇھەممەت پەيغەنبەر جىبرىلغا ئەگىشىپ مىلادى 619- يىلى بىر ئاخشىمى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن بولسا ئۇ ھالدا  مىلادى 2619 -يىلى قايتىپ كېلىدۇ دىگەن مەنا چىقىپ قالىدۇ ...
  مەن خاتا ئانالىز قىلدىممۇ ياكى تېمىدا مەسىلە بارمۇ ؟ ھىچ بىلەلمىدىم ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭمۇ بىر سوغاققانلىق بىلەن ئانالىز قىلىپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Xaparang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-27 06:28 AM  


يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1388
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 07:15:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8537
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 868 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 10:07:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  شەپەرەڭ بۇرادەرنىڭ ئىلمىي قاراشلىرىغا قايىل بولدۇم . بۇ قاراشتا  ھەقىقەتەن بىر دەقىقە ياكى بىر دەقىقىنىڭ نەچچە مىڭدىن بىرى ۋاقىت ئىچىدە پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدىن كائىناتنىڭ ھەر قانداق ئورنىغا بىرىپ كىلىپ بولۇشى مۇقەرەر . بۇنڭىغا چىن پۈتىمىز ، ھەتتا چىن پۈتمەسلىككە مۇسۇلمانلىق نۇقتىسدىن ئىلىپ ئىيتقاندىمۇ ھەددىمىز ئەمەستە ! چۈنكى بۇ قاراشقا  قوشۇلماسلىق مۇشۇ ھەقتىكى ئېسرا ۋە مىھراج ۋەقەسىگە ئوخشاش ئىلاھى مۆجىزىلەر بىلەن ئىشقا ئاشىدىغان ھەركەتلەرگە ئىشىەنمىگەن بىلەن بارابەردۇر .

  شەپەرەڭ ئەپەندىمنىڭ بۇ ئىلمىي كۆز-قاراشلىرىنى ئوتترۇغا قويۇشى ئۇنىڭ تېمىدا بايان قىلىۋاتقان ئىلاھى پائالىيەتنى ئىنكار قىلغىنى بولماستىن بەلىكى . ئاۋۇ تىلغا ئىلنغان سانلىق ھىساپلاشلاردا كۆرۈلگەن گۇماننى ئوتتۇرغا قويغانلىقى دەپ چۈشەندىم .

  راستىنى دىسەم بارغۇ ، ئالاھىيدە مىللەتنىڭ ھەر قانداق نەرسىلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ، بىرەر ئىختىرانى ياساپ چىقىشى ، مەسىللەرنى تەپەككۇر قىلىشى ......ھەقىقەتەن باشقىچە بولىدىكەن .
  بۇرۇن بىر ئاداش بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم . قارىسا شۇنداق ئاددىي-ساددا لىكىن شۇنداق زىرەك . پىكىرىمىز تولا ھالدا بىر يەردىن چىقىپ قالاتتى ، مەن بېيجىڭغا يىڭى چىققان ۋاقتىمدا ئۇ ئېنگلىس تىلدا ئوقۇۋىتىپتىكەن . بۇ ئاداشنىڭ دەرىستە ئوقۇيدىغان ۋاقتىدىن بىكار ۋاقتى كۆپ ئىكەندۇق . بوش ۋاقتى بولسىلا سەن نەدە ئاداش ؟ دەپ بىر-بىرىمىزنى تىپىشىپ نەمۇ-نە باراتتۇق . ئۇ نامازنى  نەدە ۋاقتى كەلسە شۇ يەردە يول بولسا يول دىمەي ، چىملىق بولسا چىملىق دىمەي ، مۇۋاپىق يەرنى تىپىلا .... ۋاقتىدا ئوقۇپلا ماڭاتتى . مەن ئۇنىڭسومكا جابدۇقلىرىنى ساقلاپ بىرەتتىم ھې ھې  .....ھەر ۋاقىت  ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن شۇنداق سۆيۈنۈپ قالاتتىم ۋە بىر خىل ھەۋەس بىلەن قاراپ قالاتتىم . قاچان قارىسا سومكىسىدن بىر دانە جەيناماز تاھارەت ئىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن بىر قۇتا مىنىرال سۇ كام بولمايىتتى . ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق تەقۋادارلىقىغا قارىماي شۇنداق قىززىقچى ، يۇمۇرۇستىك ۋە قولى ئوچۇق ھەركەتلىرىمۇ قىزىقارلىق بىر ئاداش ئىدى .  تولا پائالىيتى نەدە مەسچىت بولسا كىرىپ بىر ئاز ئىلىم تەھسىل قىلىش بولاتتى . ھەر قاچان ئوقۇيدىغىنى بولسا ئېنگىلسچە قۇرئان بولاتتى . مەن ئېنگىلىسچىنى بىلمىگەچكە ئوقۇغىننى چۈشەنمەي ئىچم سىقىلىپ . ئۇيغۇرچە قۇرئان تۇرسا شۇنى ئوقۇساڭ بولمادۇ ئاداش ؟ دىسەم . ۋاي ئېنگىلىسچە قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ئۇيغۇرچىغا قارىغاندا تولىمۇ سېستىمىلىق ۋە ھەر بىر ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەشتە شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن شۇ سۆزنىڭ بىر نەچچە خىل ۋارىيانتى ، تەپسىرسى ، ئالىملارنىڭ ئۆزىنىڭ تالاي قىتىملىق مۇھاككىمە قىلىش ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققان چوڭقۇر مەنالىرىنى قوشۇش بىلەن بىرگە مۇشۇ مەسىلىگە نەچچە خىل مەزھەپتىكى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى سىڭدۇرۇپ تەرجىمە قىلىدۇ دىگەن ئىدى .
بۇ قەدىناس ئاداشىم ، مىنى ئۇنمىسام-ئۇنماي تۇنجى قىتىم تور دۇنياسىدىكى مۇشۇ سورۇن چىراي مىھىرى ئىسىق مىسرانىمغا ئەزا قىلىپ قويغان . بىر كىرىپ قويدە دەتلىرىڭىنى توك دەپ ! مانا تۆكۈۋاتىمەن -تۆكۈۋاتىمەن تۈگۈمەيدۇ . بىراق ئۇ دوستۇم ئىز-دىرەكسىز يوقالدى . سۈرۈشتە قىلسام ھاياتمىش بىراق ئىنىق تۇرالغۇسى يوقمىش .خۇددى مەندەك .

بۈگۈن تىلسىم دىگەن دوستىمىزنىڭ نەچچە ئاي ئىلگىرى ۋە بۈگۈنكى مۇنۇ تېمىسىغا قاراپ ئېنگىلىسچە قۇرئان ۋە تەپسىرلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرچە قۇرئانلارغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىغى كۆپكەن دەپ ئويلاپ قالدىم .

   شەپەرەڭ بۇرادەرنىڭ قارىش بويىنچە ئىيتقاندا ھەقىقەتەن ئاز-تولا گۇمانى نۇقتىلار بولسا . بۇ قۇرئاندىكى ياكى تەپسىرىدكى خاتالىق بولماستىن بەلكى يازمىغا كىرگۈزۈشتە ياكى تەھىرلەشتىكى مەسىلە بولۇشى مۈمكىن دەپ ئويلىدىم .
  شەپەرەڭ بۇرادرىمىز ئەمدىي قىززىۋاتىدۇ . ئېسىل ئىنكاسلىرىغا تەشنالىق بىىلەن ئىنتىزارمىز . بولسا فېزىك دىگەن بىر بۇرادەر بولدىغان يوقاپ كەتتى دەيمەن . شەپەرەڭ بۇرادەردەك ئىنكاسلىرى ئېسىل ئىدى .

قىنى راسىت ھىلىقى كارۇلنىڭ سۈرتىدىكى قىزىقچى قان ئىچەر پېرسۇناژنىڭ سۈرىتىنى باش سۈرەت قىلۋالغان ئۇمۇن دىگەن ئاداش . كەممەيلىما ماۋۇ تېمىغا ئىككى ئىغىر پىكىر بەرگىلى مۇنداق . مۇكەممەل  ۋە مول بىلىم بولمىغان بىزدەكلەرنىڭ بۇنداق ئىشلارغا پىچىقىمىز كەسمەيدىكەن . شۇنداقتىمۇ ئاللاھ بىلىدۇ . مۇشۇ نەرسىنى تەتقىق قىلىمەن دىگۈچە ئۇخلسىا بولمامدۇ ..... دەپ تېمىنىڭ ھۆسنىگە داغ-سەپكۈن چۈشۈردىغان روھ چىۋىنلارنىڭ نامايشىنى باستۇرغىلى بولسىمۇ ئاز-تولا ئەز قىتىپ قالىمىزكەن . تىللاپ ، دەشكۈلەپ دىگەندەك .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-27 11:37 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2890
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2554 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 10:32:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئاننى مانا مۇشۇنداق زىغىرلاپ ،تېگى تەكتىنى چۈشىنىپ ھەزىم قىلماق كېرەك....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 10:55:54 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 10:07 AM
شەپەرەڭ بۇرادەرنىڭ ئىلمىي قاراشلىرىغا قايىل بولدۇم  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئۈزۈمتال قېرىندىشىم. سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىز ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. نەچچە ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ ئىسىللىقىدىن ئۇنى ساقلىۋالدىم. مەسىلەن :يەھۇدىلار ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىڭىزنى!  بۇ ئىنكاسىڭىزغىمۇ قايىل بولدۇم. توغرا سىز دىگەندەك بۇتىمىدىكى خاتالىق قانداقتۇر، قۇرئان دىنىمىزنىڭ تەلىمىنىڭ خاتالىقىدىن ئەمەس، بەلكى تەرجىمان، ۋە تەھرىر، يازغۇچىلارنىڭ خاتالىقى دەپ چۈشۈنۈش زۆرۈر. بولمىسا شەپەرەڭ دىگەن تورداشنىڭ گۇمانى قاراشلىرى، بىرقىسىم نادان ياشلىرىمىزغا ئىسلام ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ. بۇ شەپەرەڭ بۇ نۇقتىلارنى ئويلىغاندۇ ھەقىچان.!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109265
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-8-18
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 11:51:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە ، 32.سۇرە 5. ئايەتتە دىيىلگەن  ( ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ.)مۇنۇ مەزمۇنلار ،پەرىشتىلەرنىڭ زىمىندىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىشقا كىتىدىغان مەلۇم بىر بۆلەك ۋاقىتنى كۆرسەتمەستىن ،مەلۇم بىر پەيىتنى كۆرسىتىشى مۆمكىن ،خۇددى ،70-سۈرە 4-ئايەتلەدە دىيىلەىندەك (پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ) گە ئوخشاش . بۇنداق بولغاندا بەزى ئىختىلاپلىق مەسىللەرمۇ ئايدىڭلىشىپ كىتىدۇ .     


ئويغان ئىنسان!!! بۇ چۈش ئەمەس.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1061
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13436
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 12:05:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Xaparang يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 05:58 AM
مەن تېمى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ...

سىزنىڭ كۆز قاراشلىرىڭىزدىنلا تېمىغا ناھايىتى ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقىڭىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنچى گۇمانىڭىزغا كەلسەك، تېمىغا قىستۇرۇلغان قىسقا فىلىمدىكى ھېسابلاش ئۇسۇلى نىسبەتەن مۇرەككەپ ئىكەن. مەن بۇ جەھەتتە كەسىپ ئەھلى بولمىغاچ، ئەڭ ئاخىرقى يەكۈننى قانداق چىقارغانلىقىنى مۇكەممەل چۈشىنىپ كېتەلمىدىم. شۇ سەۋەپتىن ئاشۇ ماتېماتىكلىق ھېسابلاشنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان قېرىنداشلارنىڭ كىچىككىنە ۋاقىت چىقىرىپ سېلىشتۇرما قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كېيىنكى مەسىلىگە كەلسەك، بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ئەلۋەتتە تېگىشلىك. شەخسەن مەن ئۆزۈم ھازىرغىچە بولغان ئالەم چۈشەنچىلىرىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا نۇر تېزلىكى بىلەن بىر كۈن ئۇچۇپ يېتىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەلمەيمەن. بۇ تېمىدىكى يەكۈنلەرگە ئاساسلىنىپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىنىڭ ئارىلىقىنى قىياس قىلىش ھەقىقەتەن يەڭگىلتەكلىك بولۇپ قېلىشى چوقۇم. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، بۇ تېما ۋە ئالدىنقى تېمامدىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا پەرىشتىلەر نوقۇل ھالدىكى تېزلىككە تايىنىپلا قاتنىمايدىغانلىقى مەلۇم.

كېيىنكى ئويلىغانلىرىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سېلىشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. «ئىسرا ۋە مىراج» ۋەقەسىنى ئالدىنقى تەرجىمە تېمامدا ئازراق تىلغا ئېلىنغان قۇرت تۆشۈكى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلساق مۇۋاپىقراق بولۇشى مۇمكىن.
ئالدىنقى يازمىدىكى بىر بۆلەكنى قوشۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.

***************************************************
قۇرئاننىڭ 70- سۈرە 3- ئايىتىدە ئۇلارنى «مەئەرج – مَعارِج» دەپ ئاتايدۇ ۋە شۇنداقلا پەرىشتىلەرنىڭ يىراق ئارىلىققا سەپەر قىلغاندا ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار بۇ «مَعارِج» لارنىڭ ئالىملار قۇرۇت تۆشۈكلىرى دەپ ئاتايدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدى.
***************************************************


مەن چولتا بىلىمىم بىلەن بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى چۈشىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ كېتەلمەيمەن ئەلۋەتتە، شۇ ۋەجىدىن مۇنبەردىكى بىلىمدە توشقان ھەرقايسىڭلارنىڭ تەھلىللىرىنى ئاڭلاشنى مەقسەت قىلغان ئىدىم.
شەپەرڭ بۇرادەرنىڭ گۇمانىي كۆز قاراشلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق. ھەم شۇنداقلا دەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئىش، بۇ گۇمانىي كۆز قاراشلار قانداقتۇ قۇرئان ھەقىقىتىدىن گۇمانلىنىش بولماستىن بەلكى ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىدىن كېلىپ چىققان نەتىجىدىن گۇمانلىنىش بولغانلىقى ئايدىڭ بولۇپ كەتسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىلسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-27 12:07 PM  


...Every man dies, but not every man really lives

ئويغان ئىنسان!!! بۇ چۈش ئەمەس.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1061
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13436
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 12:18:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 10:07 AM
شەپەرەڭ بۇرادەرنىڭ ئىلمىي قاراشلىرىغا قايىل بولدۇم . ...

توغرا دەيسىز، شەپەرەڭ بۇرادەر ناھايىتى ئىلمىي گۇمانىي قاراشلار بىلەن چۈشەنچىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئوبدان يول ھازىرلاپ بەردى.
ھەم شۇنداقلا شەپەرڭ بۇرادەرنىڭ گۇمانىغا نىسپەتەن چۈشەنچىمىز بىردەك ئىكەن. باشقىلارنىڭمۇ خاتا چۈشەنچىدە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالدىنقى ۋە مۇشۇ تېمىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدىغان يەنە بىر يازما بار ئىدى ئوخشاش مەنبەدە. قۇرت تۆشۈكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ يازمىنى تەييارلاپ مۇنبەر ئەھلىگە سۇنالىسام بەلكىم يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەپەككۇرىمىزنىڭ قاناتلىنىشىغا سەۋەپ بولالىشى مۇمكىن.
ئۈزۈمتال بۇرادەر، سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىز مەن سىزنى مۇشۇ مۇنبەردە ئۇچراتقاندىن تارتىپ تولىمۇ قايىل قىلارلىق چىقىپ كەلدى. شەخسەن مەن شۇنداق چۈشىنىپ كەلدىم. دادىل پىكىرلىڭىزنى ئايىماي بىزدەك ئۆزگىچە تەپەككۇر قىلىدىغانلارغا ئەقىدە قىلىدىغانلارنىڭ چاڭقاق دىلىنى قاندۇرۇپ تۇرغايسىز.

...Every man dies, but not every man really lives

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8537
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 868 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 12:46:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 10:55 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئۈزۈمتال قېرىندىشىم. سىزنىڭ ئىنك ...



                ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام بۇرادەر !

شەپەرەڭ بۇرادەرنىڭ بۇ ئىشى پىتنە بولماستىن بەلىكى بىر خىل پىتنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا كۈچ چىقىرىش ھىساپلىنشى دىيىش كۆپ ئاقلانلىك .
ئەگەر تىمىدا بايان قىلىنغان ھەقىقەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق-مەلۇماتلاردا ھەقىقەتەن شەپەرەڭ بۇدارەر ئىيتقانداق  خاتالىق بولسا ، بۇ خاتالىقنى خاتالىق پىتى ئېلان قىلسا ، ئىسلامغا بولغان سۆيگۈمىز سەۋەپلىك نىرى-بىرىنى ئويلىشىپ ئولتۇرماستىن ، ھە مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ يۈرىۋىرىمىز  .بىراق ھەر نەرسىنىڭ دۈشمىنى بولغاندەك . ئىسلام ئىىچدە پىتنە تىپىشقا ھەر قاچان تەييارلىق ھالەتتە تۇردىغان كىىشلەرگە نىسپەتەن بۇ ئاز ئۇچۇرايدىغان بىر ئولجا ھىساپلىنىدۇ . ئۇلار بۇ خاتالىق ئارقىلىق ئىسلام مۇنداق دەۋاتقان تەكشۈرسەك ئۇنداق چىقمىدى . مۇنداق چىقمىدى دەپ كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىسلامغا مۆتىدىل مۇئامىلە قىلدىغان كىشىلەر ئىسلامدىن شەكلىنىپ قالىدۇ . دۇنيادا ئاللاھتىن باشقا بارلىق شەيئى ئېنىرگىيەسىز ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۆرسۈتەلمىگەندەك ئىمانمۇ ئېنىرگىيەسىز ئۆزىنى جۇلالاندۇرالمايدۇ ۋە كۈچلۈك-ئاجىزلىق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ . ئىماننىڭ ئىسلام ئۆز مۇرۇتلىرى سانىڭ كۆپلىگى بىلەن ئەمەس بەلكى شۇ مۇرۇتلارنىڭ ساپاسىنى ، ئەقىدىسىنى ئۆلچەم قىلىدۇ . شۇڭلاشقا شەپەرەڭدەك  بىر كەسىپ ئەھلىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىشتا دادىللىق بىلەن ئوتتۇۇغا چىقىپ كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلىشى ئۇنىڭ ‹‹ دوس يىغلىتىپ ئىيتار،  دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ›› دىگەن تەمسىلگە ئوخشاش ئىسلامغا بولغان چىن مۇھاببىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .
    دىنىم بولغانلىقى ئۈچۈنلام دىنىمغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق پەرمان ، ھەر قانداق ئەمىر-مەرۇپلار . گەپ-سۆز ھەركەتلەر ھېكايەتلەر ۋە قىسەلەر توغرا دەپ قارىساق بۇ بىزنىڭ دىنىمىزغا مەپكۇرلارچە سۆيۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بۇنىڭدەك ھەر قانداق بىر ئىشلاردا بىزلەردە دىنىمزنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان كىرگۈزۈپ قويغان خاتا نەرسىلەرگە قارىتا كۆز يۇمۇۋىلىشتەك ئەجەللىك خاتالىق كۆرلۈشكە باشلاپ . كىينكى قەدەمگە قارىتا تىخمۇ كۆپ تىخىمۇ ئىغىر پىتنىگە يول ئىچىلىپ قىلىشقا سەۋەپ بولۇپ قالىمىز .

ئۇچقۇندىن يالقۇن چىقىدۇدەپ ، كىىچك پىتنىدىن چوڭ پىتنە چىقىدۇ .
  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش