مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1431|ئىنكاس: 15

‹‹مەن يەنە كۆچەرمەنمۇ››نىڭ داۋامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106129
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 05:32:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ھايات ئادەمگە ھەرخىل قىسمەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىكەن. بۇ تاش شەھەردە يۈرىكىم تاش بولۇپ كەتمىسىكەن دەيمەن.شۇنداق قىلىپ يەنە ئۇكامنى چاقىرىپ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتىن  ئىككى سائەت بۇرۇن ئىشتىن چۈشتۈم.يىراق بولسىمۇ ھەر ھالدا پەقەت ئۆزۈمگىلا تەۋە بولىدىغان تۇرىدىغان ئۆي تاپتىم.شۇ كۆڭۈلنىڭ خوشلىقىدا تېخى ئىككى كۈن ئالدىدا تازلاپ رەتلەپ بىر ئادەمنىڭ نەرسە كىرەكلىرى پاتمىغان ئۆيگە ئۈچىمىزنىڭ نەرسە كىرەكلىرىمىزنى پاتقۇزۇپ شۇنچە يېقىملىق قىلىپ رەتلەپ قويغان بۇ ئۆينى يەنە ئۆز قولۇم بىلەن قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويدۇم. نىمەم كەم بولسا شۇنى ئېلىپ ئاساسەن دىگۇدەك كەم نەرسەممۇ يوق ئىدى، شۇڭا كۆچۈش ئۈچۈن رەتلىگەن نەرسە كىرەكلىرىم ئۆينىڭ ئىچىنى بىر ئالدى. نەرسە كىرەكلىرىمنى ماشىنىغا بېسىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزۈممۇ بىلىپ بولمايدىغان بىر خىل نەزەر بىلەن ئۇ ئۆيگە قارىدىم دە يېڭى ئۆيۈمگە ماڭدىم. يېڭى ئۆي ئالتىجى قەۋەتتە ئىدى. مەن ئۇكام ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆي كۆچۈشتە رىكورت ياراتقاندىم. ھەر قېتىم ئۆي كۆچۈشۈپ بەرگىلى سىىنىپىدىكى دوستلىرى نۆۋەتلىشىپ كىلىپ، ئۇكام ئاغىنىلىرىگە ماڭا ياردەملەشكىن دىسە، <يەنە ئۆي  كۆچەمدۇق> دەيدىغان بولدى دىيىشىپ چاقچاقلار بىلەن يېڭى ئۆيۈمگىمۇ كەپ قالدۇق. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىم ماڭا كۆچىشىپ بىرىدىغان ئادەم ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي بەكمۇ ئىگىزدە، ئۈچىمىز چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ بىر سائەتتە ئاران دىگەندە نەرسە-كىرەكلىرىمنى ئۆينىڭ ئىچىگە توشۇپ بولدۇق. ئىنىم ئۇلار يەنە مەكتىپىگە كەتمىسە بولمايتى، نەرسە كىرەكلەرنى تاشلىغان يەردە شۇ پېتى قويۇپ پەسكە تاماققا چۈشتۇق. بۇتەرەپ سەل چەت بولغاچقا تۈزۈكرەك ئاشخانىمۇ يوق دىيەرلىك، نىمە ئامال ،يولدىن ئۆتىدىغان يولۇچىلار بىلەن بىللە قىستىلىشىپ ئولتۇرۇپ تاماقنىمۇ يىدۇق. يولۇچىلاربىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يىگەچكىمىكى ئۆزۈمنىمۇ خۇدى يولدىن ئۆتەر يولۇچىدەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. ئىش قىلىپ ئۆينى قانداق تىز كۆچكەن بولسام تاماقنىمۇ شۇنداق تىزلىكتە يەپ ئىنىملارنى مەكتەپكە بېرىپ ماڭا ئۇچۇر قىلىۋىتىشنى تاپىلاپ يېڭى ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. بۇ ئۆي گەرچە چەترەك بولسىمۇ ياخشى يېرى قاتناش قولاي ئىدى، بىئارتىمۇ يەنە باشقا كوچا ئاپتىبوسلىرىمۇئۆتۈپ تۇراتتى.ماڭا ھەممىدىن ياققىنى بۇ قورۇ بەكمۇ جىمجىت،ئاساسەن دىگۇدەكياشانغانلار بىر قەدەر كۆپ ئىدى.پەستە چېنىقىۋاتقان بوۋاي مومايلارغا، يۈگۈرۈشۈپ ئويناپ يۈرگەن كىچىك بالىلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قويدۇم.ئۆيگە چىقىپ ئالدى بىلەن قىلغىنىم ئالدىن بانكىدىن ئېلىپ تەييار قىلىپ قويغان ئىككى ئايلىق ئۆي پۇلىنى تاپشۇرۇپ قولدىن ھۈججەت ئېلىۋلغاندىن كىيىن پۇت قويغۇدەك جايمۇ قالمىغان بۇ ئۆينى رەتلەش بوپتۇ. سائەت ئىككىگىچە ئۆينى رەتلەپ ئۇخلىغۇدەك جاينى تەييار قىلىپ بولغاندىن كىيىنبۇ ئۆزۈمگە تەۋە بولغان كارۋاتتا قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. ئۆي كۆچىمەن دەپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە ھېچقانداق چۈشمۇ كۆرمەي ئۇخلىغان كۈنۈم بولۇپ ھىساپلىناتتى(بەلكىم چۈش كۆرگەندىمەن، لىكىن ئىسىمدە يوق ئىدى).سەھەر تۇرۇپ ئادەتلەنگەن ۋاقتىم بىلەن تۇرۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دۇئادىن كىيىن تۇنجى ئەتىگەنلىك ناشتىنى قىلىپ ئىشقا ماڭدىم.ئاپتىبوسقا ئولتۇرۇپ ئۆزۈمنى خۇددى سەھراغا چىقىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم.بۇ خىل تۇيغۇ بەكمۇ غەلىتەئىدى. ئۆز-ئۆزۈمدىن سورايتىم، مەن ئەسلىدىنلا يىزىدا چوڭ بولغان تۇرۇقلۇق، ئەجەپ غەلىتە بىرخىل خىيالنى قىلدىمغۇ، توۋا، بۇ خىل خىيال مەن قىلىدىغان خىيال ئەمەستەك.مۇشۇنداق ئەلەس خىياللار بىلەن نەچچە كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى،ئىشخانىغا بېرىپ بىزنىڭ ئىشخانىدىكى ئەر ئايال خىزمەتداش ئاچاش، ئاكاشلار بىلەن بىر قورۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلدىم. ئۇلارنىڭ ماشىنىسى بار ئىدى، بەلكىم بۇمۇ بىر تەغدىردۇ، شۇنداق قىلىپ ھەركۈنى ئىشقا ئۇلار بىلەن بىللە بېرىپ كىلىپ ئاممىۋى ئاپتىبوسقا تۆلەيدىغان پۇلۇممۇ تىجىلىپ قالغانىدى. ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كىلەتتتىم. تۇرمۇشۇم بىرخىل رىتىمغا چۈشكەنىدى.ئىشتىن چۈشۈپ بەزىدە تاماق ئەتسەم بەزىدە ئۇنىڭ، بۇنىڭ بىلەنلا قورسىقىمنى گوللاپ يا كىتابىمنى يا بولمىسا ئالبومنى قۇچاقلىغىنمچە ئۇخلاپ قالاتتىم. مۇشۇنداق ئۇخلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تۇيۇقسىز ئاڭلانغان كۈلكە ئاۋازى ۋە غەلىتە بولغان بىر خىل پۇراقنىڭ دىمىغىمنى ئېچىشتۇرىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. كۈلكە ئاۋازلىرىغىغۇ خېلىلا كۆنۈپمۇ قالغانىدىم،لىكىن بۇ غەلىتە پۇراق بەكمۇ غەلىتە ئىدى.بىر تەرىپى گۈلنىڭ پۇرىقىدەك يەنە بىر تەرىپى ئىشقىلىپ مەنمۇ دەپ بىرەلمەيدىغان بىر خىل پۇراق. ياتاق ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىنى تاقىۋىلاي دىسەم بۇ ئىسسىقتا ئادەم تىجىقتىن ئولتۇرغىلى  بولمىسا، تازىمۇ بىر مۇشۇ ھەرەڭ-سەرەڭ بىر بەسە چىكىدىغان بەڭگىلەر مۇشۇ ئۆينىڭ كەينىگە بېرىپ چەككىچە نېرى بېرىپ چەكسەبولىدۇ، ئىچىمدە مىڭنى غودۇراپ كۆرمەي تۇرۇپ، كىمنىڭ چەككىنىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆز كۆڭلۈمدە مەلۇم ئادەملەرنى تىللاپ كەتكەنتىم. دېرىزىنى تاقىۋىلىپ ئىسسىققا چىدىمىغاندىن كىيىن دېرىزىنى ئېچىپ پەسكە قاراپ پەستە ھېچكىمنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ ئۆي ئىچىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ غەلىتە پۇراق سۇسلىماقتا يوق بارغانسىرى كۈچەيمەكتە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ ئاستا مىھمانخانىغا چىقتىميۇ كۆزلىرىمگەئىشەنمەيلا قالدىم.مىھمانخانا كىرىسلودا مەن بىلەن بىللە تۇرىدىغان ياتاقدېشىم يەنە ئۇنىڭ بىر دوستى ئىككىسى كۆزلىرى ئەلەس ھالەتتە مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىرنەرسىنى سۈمۈرۈپ ئولتۇراتتى. ئۇ نەرسە بەكمۇ غەلىتە بولۇپ تۇربا شىلىنكىسىدەك ئۇزۇن شىلىنكىنى تۇتۇپ سۈمۈرۈپ ئولتۇراتتى ،شىلىنكىنىڭ بېشى ئەينەكتىن ياسالغان چەينەككە ئوخشاپ كىتىدىغان بىر نەرسىنىڭ ئىچىدە سۇ بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن  يۇمىلاق بىر يالغان چوغقا ئوخشايدىغان  نەرسىنىڭ ئاستى تەرەپىدىن تۈتۈن چىقىۋاتاتتى. تۈتۈننىڭ رەڭگىنى راستنى دىسەم ئانچە ئاڭقىرالمىغان ئىدىم .مەن كىنولاردىن ئاق چەككەننى كۆرگەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ چىكىۋاتقىنىنىڭ ئاق ئەمەسلىكىگە جەزىم قىلدىم. كاللام ئىشلەشتىن ئوتتۇز سىكۇنت توختاپ قالدى بولغاي چەكچەيگىنىمچە ئۇ ئىككىسىگە قاراپ جايىمدا قېتىپلا قالغانىدىم. ئۇ ئىككىسى مىنىڭ ئويغىنىپ چىققىنىمنى سەزمىدى بولغاي تېخىچە قاتتىق ھوزۇردا ئىدى. بۇ ۋاقىتتا كاللامغا كەلگىنى ئۇلار نىمە چىكىۋاتىدۇ ئەمەس مەن يەنە قانداق بولۇپ مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە يولۇقىمەن؟زادى نىمىشقا؟مەن بىرەسىگە يامانلىق قىلغىنىمنى ياكى ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغىنمنى بىلمەيمەن.كەينىمگە يېرىم بەدەن ئۆرۈلۈشۈمگە ياتاقداش قىزنىڭ چاقىرغان ئاۋازى بىلەن خۇددى يامان چۈشتىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك ئۇلار تەرەپكە ئەمەس كەينىمگە تولۇق ئۆرۈلۈپ بولغانىدىم. پۇتلىرىم ئۆزۈمگە بويسۇنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.لىكىن مەن ئۆرۈلگەن پېتى شۇ جايىمدا قېتىپ قالغاندەك بىر قەدەممۇ ئالدىغاماڭالمىغانىدىم.توۋا دەيتىم ئىچىمدە،مەن چۈش كۆرۈۋاتقان ئوخشايمەن.نىمانداق ئالدىمغا بىر قەدەممۇ ماڭالمايمەن. ياتاقدىشىم مىنىڭ تامدەك تاتىرىپ كەتكەن چىرايىمنى كۆرۈپ يەنە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قاقاقلاپ كۈلگىنىدە مەن ئۆزۈمنىڭ چۈش ئىچىدە ئەمەس رىئاللىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمنى بىلدىم.ئۇ ئىككىسى خۇددى مىنى تۇنجى كۆرۈۋاتقاندەك كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قارىشىپ، توۋا بۇنىمۇ بىلمەمسىز بى دىگەنچىلىم، گۈلنىڭ جەۋھىرى،بەدەنگە پايدىسى با تېخى،قاراڭ، قورقۇپ چىرايىڭىزنىڭ بوپكەتكىنىنى،ھاھاھا.....

ئۇئىككىسىنىڭ چەككىنى نىمىلا بولمىسۇن مەندەك بىر ھېلىغۇ ئۇنداق ئەزەلدىن كۆرۈپباقمىغان نەرسە،ياق چىكىملىك،بولسۇن ،تاماكا چىشلىگىنىنى ياكى سومكىسىدىن تاماكاچىقىپ قالسىمۇ ئۆچلىكىمدىن كۆزلىرىمدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كىتەتتى.بۇئىككىسىگە قاراپ ئەمدى نىمە دەي.ئۇلارنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇشتىنمۇ يالتىيىپ مەنئۇخلاۋىرەي،بۇنىڭ پۇرىقى بەك كۈچلۈككەن،مەن تېخى سىرىتتا بىرسى بىر نەسەچىكىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن دىدىم ۋە قانداق چىققان بولسام ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىتىز سۈرەتتە ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم.شۇنىڭدىن ئىتبارەن ياتاقدېشىم بىلەن ئارامدا كۆرۈنمەس تام ئارلىق توسۇپ تۇرىۋاتقاندەك.

مانا مۇشۇ تەرىقىدە بىر مەزگىل مەن مىھمانخانا ئۆيگىمۇ چىقماس بولدۇم.دەسلەپكى چاغلاردىكىدەك بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان ئىشلارغۇ مومكىن بولمايدىغان ئىش.مۇشۇنداقئارلىق ساقلاپ يۈرۈپ رامىزان ئايلىرىمۇ كىرەي دەپ قالدى.بۇ ياتاقدېشىم ئورىنىپ يۈردىغان قىز بولغاندىكىن ھېچ بولمىسا رامىزاندىمۇ بولسا ئەمدى ئۇ ھېلىقى ئىپلاس نەرسىنى ئاغزىغا ئالماس دەپ ئويلايتىم.بىز تەڭ پۇل چىقىرىپ رامىزانلىق ئۈچۈن ئۇنماي گۈرۈچ ئالدۇق. رامىزاننىڭ بىرىنجى كۈنىلا مىنىڭ بۇ يېڭى ئۆيۈمگە مىھمانلىرىم يېغىپ كەتتى،مىنىڭ يىقىن دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئالدىن دىيىشىپ مىنى ئۆي كۆچتى دەپ يوقلاپ كەلگەنىكەن.جەمئى بولۇپ مەن ئۆزۈم ھەم ياتاقدېشىم قوشۇلۇپ ئالتە قىز بالابولغانىدۇق. رامىزاننىڭ بىرىنجى كۈنىنى ئالتىمىز ئۆز قولۇم بىلەن ئوخشىتىپ  ئىتىلگەن سۇيۈقئاش بىلەن كۈتىۋالدۇق. پەرتۇق شۇنداق يارىشىپ كەتكەنتىكى ئۇلار ئۈچۈن ئاشپەزلىك ھۈنىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئىشقاسالغانىدىم.كەچتە ئۆي كىچىك بولغاچقا رامىزاننىڭ بىرىنجى كۈنىلا تۈنەش نىسىپ بولغانىدى. كارۋىتىم ،مىھمانخانىدىكى كىرىسلو ھېچ يەر بىكار قالمىغانىدى.مەن يەنەزوھۇرلۇق ئۈچۈن تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ ئاشخانىدا سەي تاختىسىنىڭ يېنىغا يۆلىنىپلا ئۇخلاپ قالغانىدىم،بەلكىم ئون بەش مىنوتلارچە ئۇخلىغاندىمەن تىلفۇننىڭ سايرىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ لەغمەننىڭ تەييارلىقلىرىنى باشلىۋەتتتىم.شۇنداق قىلىپ رامىزاننىمۇ كۈتىۋالدۇق.كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە ئىدى.بۇ چاغلاردا كۆپىنچە ئۆيدە يالغۇز قالاتتىم .ياتاقدېشىم ھەپتە ھەپتىلەپ ئۆيگە كەلمەس بولۇپ قالغانىدى.ئۇنىڭ ئۆيگە كىلىپ ھېلىقى نىجىس نەرسىنى چىكىپ ئولتۇرغىنىدىن كەلمىگىنىمۇ ياخشى ئىدى،لىكىن شۇنداقتىمۇ كۆڭلۈمنىڭ بىر يەلىرىدىن ئۇنى قايتىپ كەلسىكەن دەيتىم.گەرچە ئۇ نەرسىنى چەكسىمۇ لىكىن ھېچ بولمىغاندا ماڭا يامانلىق قىلغىنى يوق.ئۆي كۆچكىچە ئاز كۈنلەرنى كۆرمىدىم.ئۇ ماڭا نورمال مەن قوبۇل قىلالايدىغان باھادا بۇ ئۆينى ئىجارىگە بەرگەن ،ھەم ئۈچ ئايلىق ئىجارە  پۇلنى بىراقلا تۆلە دەپ تۇرىۋالمىدى. ئاشۇ مەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشىنى ھىساپقا ئالمىغاندا قالغان تەرەپلىرى ياخشى ئىدى.مۇشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە بۇ ئۈرۈمچىدە يېشىل كارتا دولقۇنى قوزغالدى.مەن گەرچە ئوقۇغۇچى بولساممۇ ،لىكىن نۇپۇسۇم بۇ يەردە بولمىغاچقا، ھەم ئاسپىرانتلىقنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ھەم بۇ قورۇغا قاراشلىق ئاھالىلەر كومتىتىدىن ئۆيگە كىلىپ بەش كۈنگىچە يېشىل كارتىنى بىجىرىپ كىلىشىم كىرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. قانداق قىلالايتىم، ئۆيگە تىلفۇن قىلىپ ئۇكامنى ئۇ كارتىنى بىجىرىپ پوچتىدىن تىز يوللانما قىلىپ يوللاپ بىرىشنى ئېيىتتىم .لىكىن مىنىڭ بۇ ياتاقدېشىم يەنىلا خۇددى ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەندەك ھېچقانداق خەۋىرى يوق ئىدى.مۇشۇنداق بۇ ئۆيدە يالغۇز ئۈچ ھەپتىدەك تۇرۇپ،ھېيىتلىق ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىققىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياتاقدېشىم بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئۆيدە پەيدا بولۇپ قالدى.ئاددىيغىنا سالام ساھەتتىن كىيىن ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم ،ئۇ كەينىمدىنكىرىپ بۇ بالىنىڭ ماڭا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن چاغدا ئازراق گىپىنى قىلىپ بەرگەن بالا ئىكەنلىكىنى، ئىككىسىنىڭ يارىشىپ قالغانلىقىنى ،پات ئارىدا چاي ئىچۈرۈپ توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.مەنمۇ ياخشى بوپتۇ،م ۇبارەك بولسۇن ،توينى قاچانراق قىلاي دەيسىز دىدىم، ئونىنچى ئايلاردا قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز دىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆيگ ەقايتىپ ھېيىت ئۆتكۈزۈپ كىلىدىغىنىمنى ئېيتىپ كىيىنكى ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى قايتىپ كىلىپ تاپشۇردىغانلىقىمنى ئېيىتتىم .ئۆيگە قايتىشنىىڭ خۇشلىقىدا ئۇنىڭدىن جىق گەپمۇ سورىماپتىمەن، لىكىن شۇنىڭدىن ئىتبارەن بۇ ئۆيدە ئۈچىمىز بولدۇق. ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىمۇ مۇشۇ ئۆيدە تۇراتتى.دەسلەپتە يات جىنىس ئۆيگە كىرگۈزمەيمىز دەپ دىيىشكەن بولساقمۇ ، توي قىلىمىز دىگەنلىكى ھەم بۇ ئۆينىڭ ئۇنىڭ نامىدا ئىكەنلىكى بولغاچقا ئامالسىز ھېچنەرسە دىيەلمىدىم. ئۆيگە قايتىشنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ بىر ھەپتىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلمەيتىم. ئۆيدە يات بىر جىنىس بولغاچقىمىكى ئۆزۈمگە ئەينى چاغدا شۇنداق خاتىرجەملىك بەخىش ئەتكەن بۇ ئۆيدە ئەمدى ئۆزۈمنى شۇنداق قىسىلىپقالغاندەك ھىس قىلماقتا ئىدىم.رامىزان بولغاچقا ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئۆيگەقايتاتتىم دە ئۆيگە قايتىپ ئۆزۈمنى تاشلاپ يېتىپ كىتەتتىم .بەزىدە ئىپتاغىمۇ ئاران مىدىرلاپ تۇراتتىم .ئۇ ئىككىسى نىمىشقىكى رامىزان تۇتمىغان ئىدى. شۇڭا بەزىدە ماڭىمۇ تاماق ئېلىپ قوياتتى، ئىككىمىز بىللە ئالغان ئۇن ماي گۈرۈچلەرنىمۇ بىر نەچچە قېتىم تاماق قىلغانچە ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدىم .بۇنداق قىسىلچىلىقلاردىنمۇ قۇتۇلۇشقا ئاز قالغانىدىم .ئۆيگىمۇ قايتتىم .ئۆيگە بارغاندا قانداقمۇ ئۆيدىكىلەرگەبۇ كۆچمەنچىلىكنى دىگىلى بولسۇن .ھەممە شۇنداق ياخشى،ئورىنىپ يۈرىدىغان شۇنداقياخشى بىر قىز بىلەن بىللە تۇرىۋاتىمەن دەپ ئۆيدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلغانىدىم .ھېيىتنىمۇ خۇش خۇرام تۈگەتتۇق،مەن يەنە قايتىپ كەلگەنىدىم .قايتىپ كىلىپ ئۆيدە كۆرگىنىم يەنىلا بۇرۇنقى ھالەتتە بولدى. پويىزدىن ئەمدى چۈشكەچكە ھارغىنچىلىقتا ئارتۇق گەپ قىلغۇممۇ كەلمىدى ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم ۋە ياتاق ئۆيۈمنى بىرە قۇر تازلاپ ئېيتىپ سۈرتۈپ دىگەندەك ئىشلاردىن كىيىن يەنە ئۆزۈمنى تاشلىغىنمچە ئۇخلاپ قالغانىدىم .بىر چاغدا بىرسىنىڭ ئىشىكنى يېنىك چەككەن ئاۋاز ئاڭلاندى ،دەلدۈگىنىپ دىگەندەك ئىشىكنى ئاچتىم .ئىشىك ئالدىدا ياتاقدېشىم بىر قاچا سۈيۈقئاشنى تۇتقىنىچە تۇراتتى. ئۇنىڭ كىيىنىشلىرىمۇ ئۆزگىرىپ قالغان بولۇپ ھېيىتتىن بۇرۇنقى، ياق ،ئوغۇل دوستى بۇ ئۆيگە كەلمەس چاغدىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ياغلىقنى يەنىلا بېشىغا چىڭ ئورىغان بولۇپ، گىرىم قىلمايدىغان،يېڭى ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ھەم مەن يېڭى كەلگەن چاغدىكى ئۇ پوچىلىقى، ئويۇنخۇمارلىقى خۇددى پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەكلا. رەھمەت دىدىم ۋە قىززىقسۈيۈقئاشنى ئۇنىڭ قولىدىن ئاۋايلاپ ئېلىپ ئىچتىم .راستنى دىسەم سەپەر ھارغۇنچىلىقىدا بۇ سۈيۈقئاش بەكمۇ دىگەن يېرىمگە بارغانىدى. سۈيۈقئاشنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن چىقىپ قاچىنى يۇيىۋەتكەندىن كىيىن ياتاق ئۆيۈمگە قايتىپ خىيالغا پاتتىم .مەن يېڭى تۇنۇغان بۇ ياتاقدېشىم بىلەن بايا ماڭا ئاش ئەكىرىپ بەرگەن بۇ قىزنى بىرمۇ بىرسېلىشتۇرۇپ چىققانىدىم .ھېلىمۇ ئىسىمدە، ئۇنىڭ بىر دوستى كىلىپ نەچچە كۈن تۇرۇپلا خاپا بولۇپ كەتكەنىدى،چۈنكى ئۇنى نەرسە كىرەكلىرىنى قالايمىقان قويىدىكەن، ئۆينى پاكىزرەكمۇ تۇتمايدىكەن، ياغلىقنى بېشىغا ئورىۋىلىپ گىرىمنى بولىشىغا قىلىپ ،يەنە شۇئوينايدىغان يەرلەردىن كەلمەي،ئۆيگە قايتماي قىلغىنى نىمىسى دەپ كىتىپ قالغانىدى.نەچچە قېتىم ئۇ قىز تېخى ماڭا ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇڭ دەپ  ئىشارە قىلغاندەك. مەن بايا كۆرگەن بۇ قىز ئۇچاغدىكى ياتاقدېشىمغا خېلى بەك ئوخشىمايدىغاندەك. ئۆيلەر پاكىز تازلانغاندىن باشقا، ئاشخانىمۇ خېلى رەتلىك ھەم مايمۇ خېلى ئازلاپ قاپتۇ.مۇشۇنداق خىياللار بىلەن يەنەئۇخلاپ قاپتىمەن.ئەتىسى نامازغا قوپقاندا ئۇنىڭمۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكىنىنى سەزدىم .بىردەمدىن كىيىن ئاشخانىدا تاراق تۇرۇق ئاڭلاندى.مەن تېخى ئۇنى يەنە دورا قاينىتىۋاتقان چېغى دەپتىمەن. ئىشقا ماڭاي دەپ تۇرسام چاي قىلدىم ،ناشتا قىلىپ مېڭىڭ دىدى.بىر ئوبدان چاي ئىچىپ ناشتا قىلىپ مېڭىڭ دەۋاتسا قانداقمۇ رەت قىلاي.لىكىن مىھمانخانىغا چىقىپ بىللە ناشتا قىلىشتىن يالتايغان ئىدىم. ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى سەزگەندەك بىر چىنە چاي بىلەن بىر پارچە ناننى كۆتۈرۈپ ياتاق ئۆيۈم ئالدىدا يەنە پەيدا بولدى.رەھمەتلا دىيەلىدىم پەقەت،ئالدىراپ ناشتىنى قىلىپ ئىشقا ماڭدىم .ئۇ ماڭا بارغانسىرى ئۆزگىرىپ قالغاندەك تۇيۇلماقتائىدى.مۇشۇ تەرىقىدە ئەتىگەنلىك ناشتا ۋە كەچلىك تاماق ئاساسەن دىگەندەك ئۇنىڭ قولىدىن بولىۋاتاتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ مەندىن ناشتىغا نىمە قىلىپ بەرسەم بولا دىدى. مەن ھالۋا قىلىڭ بولمىسا دىدىم چاقچاق قلىپ.ئۇ مەن قىلىشنى بىلمەيتىم .ئەجەپ ياخشى ئۈگىنىۋالغاچ بىر قىلىپ باقاي يەپ مېڭىڭ ئەمسە دىدى. مەن بىر تەرەپتىن ئىشقا ماڭىدىغانغا تەييارلىق قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئانامنىڭ ھالۋا ئىتىش جەريانىدا دەپ ئۈگەتكىنى بويىچە ئۇنىڭغا دەپ بىرىۋاتاتتىم .ھالۋا پىشىشقا ئازقالغاندا ئىشقا بىللە بېرىپ كىلىۋاتقان ئاچاشنىڭ تىلفۇنى سايراپ قالدى.قىيمىغان ھالدا ئىشقا ماڭدىم .يەنە بىر كۈنى دوستلىرىم بىلەن بىللە پاراڭلىشىپ كەچ سەككىزگىچە ئۆيگە بارمىغانىدىم .تىلفۇنۇم سايراپ قالدى، قارىسام مىنىڭ ياتاقدېشىم ئىدى.تىلفۇندا ئۇنىڭ قاچان كىلىسىز .ھەركۈنى بالدۇر كىلىدىغان ئادەم ھېچ كەلمەيسىز شۇڭا تىلفۇن قىلىپ باقاي دەپ دىگىنىنى ئاڭلىدىم ئئ مۇشۇ كەمگچە بەزىدە كەچ قالسام مىنىڭ ئەڭ يېقىن ھىساپلايدىغان ئاشۇ بىر ئىككى دوستۇمدىن باشقا بىرەسى مەندىن ئەنسىرەپ باققان ئەمەس.ئۇنىڭ بۇ تىلفۇنى مىنى شۇنداق تەسىرلەندۈردىكى تىلفۇننى قويۇپ بولغاندىن كىيىن يۈرىكىمنى بىرخىل تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئىللىق سېزىم قاپلىغاندى.بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىغا رەھمەت ئېيىتسام يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا مۇشۇنداق كۈنلەرنى كۆرسىتىۋاتقان ئۇلۇغ ئاللاھقا شۈكرى دىمەكتە ئىدىم .نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇ ئىككىسىنىڭ چېيىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. گەرچە مەن تويدىن بۇرۇن بىللە تۇرىدىغانلارنى ئانچە ياقتۇرمىسامممۇ، لىكىن ھازىر بولغاندا ئۇ ئىككىسىگە ھېچقانداق پىكىرىم يوق ئىدى .يەنىلا بۇرۇنقىدەك ناشتىنى ئۆزۈمنىڭ ياتاق ئۆيۈمدە قىلاتتىم .ھەمچىن كۆڭلۈمدىن ئۇ ئىككىسىگە بەخىت تىلەيتىم .

خاتىمە:مانا بۇلار ئۇزۇنمۇ ئەمەس ئىككى ئاي ئىچىدە بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئىدى. بۇ قىسقىغىنەئىككى ئاي ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئۆي كۆچۈپتىمەن. توۋا دەيتىم ،ھەرخىل ئىشلار.ھەرخىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپتىمەن. بەزىدە تۇرۇپ ئويلاپ قالاتتىم،ھەربىر ئىشنىڭ بىر يامان تەرىپى بولسا يەنە بىر خەيرىلىك تەرىپىمۇ بولىدىكەن.ئۆي كۆچۈش شۇنداق تەسبىر ئىش بولسىمۇ ،مۇشۇ ئۆي كۆچۈش سەۋەپلىك ھاياتتا بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشقاتىگىشلىك بەزى سىناقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆزۈمنى ئىككى ئاي ئىچىدىلا خېلى چوڭبولۇپ قالغاندەك ھىس قىلاتتىم .مانا ئوقۇش باشلاشقىمۇ ئاز قالدى، كىيىنىكى قېتىم ئەمدى بىراقلا ئاشۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر قورغان، ھاۋاسى ئەڭ ساپ بولغان مەكتىپىمگە كۆچۈپ كىتىمەن.مىنىڭ بۇ قىسقىغىنە بولغان ئۆي كۆچۈش كەچۈرمىشىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىم، ھەرۋاقىت ھاياتقا كۈلۈپ قارىساق ،ئۆز بېشىمىزغا كەلگەن ئىشلاردىن ۋايساپ، قاخشاپ كەتمەي، ئىشلارنىڭ خەيرىلىك تەرىپىنىمۇ ئويلىشىش ئارقىلىق ئۆز ئۆزىمىزگە تەسەللى تېپىشىمىز كىرەكلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش.

مەنبەسى ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-19 10:47 PM  


ئىچىڭگە تېرىۋالغان ئاداۋەت ئۇرۇقلىرى بىخ تارتىپ كۆكلەپ كەتمىسۇن.

..... ئىنكاس شاھى ..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3619
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9650
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 10:49:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسىڭلار كۆچۈپ باقمىغان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107393
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2014-6-4
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 11:57:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى قىسىملىرىمۇ بارمىتى بار بولسا خاپا بولماي مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس شەكلىدە ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109182
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 12:18:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى سىزنى يەنە كۆچۈپ يۈرىدىغان بولىدە بۇ قىز دەپ ئويلىغان ، اللاغا شۈكرى ، نىمىلا بولمىسۇن ئەمدى خېلى ئۇزۇن تۇرغان ئوخشايسىز .....
اللاھ  ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109130
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2014-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 12:35:21 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەن ئىسىمنى بىلسەم كۆچۈپ يۈرۈپتىكەنمىز
ھازىرمۇ شۇنداق، مەنمۇ چوڭ بولۇپ توي قىلدىم، مەنمۇ كۆچۈپ يۈرىۋاتىمەن، ئاساس قاتلامنى بىزگە ئۆي بەرمەيدىكەن ئەمگەك كۈچى بار دەپ، خىزمىتىممۇ يوق مۇقۇم ئىش ئورنۇممۇ يوق، ھەر ھالدا ئۆلۈپ قالمىدىم كۈنلۈك تاپقىنىم تۈرمۇشتىن ئىشىنمايدىكەن، ھەي ماۋۇ مىنىڭ ئۆيۈمكەن دىگەن چاغدا كۈنمۇ غەرىپتىن چىقىدىغان ئوخشايدۇ، يىغىپ كەلسەم ئۆزەمنىڭ يۇرتىدا ئۆزۈم سەرسانە ياشاۋاتىمەن، ئاتا ئانام كىچىك چىغىمدا ئاجرىشىپ كەتكەن ئانام تۈگەپ كەتكەن دادام بىزنى تاشلىۋەتكەن، مىنىڭ بىلەن ھىشكىمنىڭ كارى يوق ، ھۆكۈمەتنىڭمۇ چاتىقى يوق، مانا مەن مۇشۇنداق ئۇيغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106129
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 10:39:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
irhabiy يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 11:57 PM
ئالدىنقى قىسىملىرىمۇ بارمىتى بار بولسا خاپا بولماي مۇ ...

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-125789-1-1.html

ئىچىڭگە تېرىۋالغان ئاداۋەت ئۇرۇقلىرى بىخ تارتىپ كۆكلەپ كەتمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11431
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 12:41:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cia يوللىغان ۋاقتى  2014-8-20 12:35 AM
مانا مەن ئىسىمنى بىلسەم كۆچۈپ يۈرۈپتىكەنمىز
ھازىرمۇ ش ...

بۇنىڭ ئۇيغۇر بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى ؟ ئامېىرىكىدا بولغان بولسىڭىزمۇ سىز بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايتى . بۇ شۇنداق جاھان كۈچلۈكلەر ياشايدۇ ئاجىزلار شاللىنىدۇ ، بۇرۇنمۇ شۇنداقتى بۇندىن كىيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 01:01:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆچۇپ باققان ئادەملەر بىلشى مومكىن ...ئادەتتە  بىر ئۆيدىن باشقا ئۆيگە كۆچمەك تەس ....يۇرىتتىن  يۇرىتقا كۆچمەكقۇ  ئەسلى تەس....
مەنمۇ جىق كۆچكەچكە ،،،،كۆچۇشنىڭ گېپىنى ئاڭلىساملا جاپالىق ئىشلار كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ..

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109130
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2014-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 01:26:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گىپىڭىزنىڭ ئاساسى بار، بۇ جاھاندا كۈشلۇكلەر ياشايدۇ،
سىز دىگەن ئاشۇ جاھاندا مەنمۇ كىچىكىمدىن تارتىپ نۇرمال ئائىلىدە ئاشۇ ياخشى نەتىجىلىرىم بىلەن ئوقۇشۇمنى ئوقىۋەرگەن بولسام، مەنمۇ ئاشۇ كۈچلۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشىم مۇمكىن ئىدى، بىلىمەن بەزى چاغلاردا ئوقۇماي تۇرۇپمۇ نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ، لىكىن مىنىڭ زەرگۈزەشتەم مىنىڭ چىقىش يولۇمنى توسۇپ قويدى، كىچىك چىغىمدا مەن قىزىققان ھۈنەر كەسىپلەردە ياتاق تاماق كۆتۇرمەيدىكەن، ئامالسىز ئاشپەزلىكنى ئۈگەندىم …… بولدى بەس ، مەن بۇيەرگە دەرت تۆككىنى كىرمىدىم ، مەقسىتىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاجىرشىشنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشى ، ئاتا ئانا ئاجراشسا  بالىلارغا بولىدىكەن،
مەسىلەن بالىلاردا، روھى چۈشكۈنلۈك، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان،  جاھاندىن زىرىكىش ھىس قىلىدىغان ، تىڭىرقاش ئەھۋاللىرى، مانا بولار يىتىمچىلىك دەردىدە تالادا قالغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى،  بىرلا ئىغىز گەپ ئاجراشماڭلار ، بۇنىڭ بالىلارغا ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى ھەرگىز بولمايدۇ ،ھەرھالدا باشلانغۇچتا ئازراق بولسىمۇ ئوقۇپتىكەنمەن ، كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى بولسىمۇ دەۋالدىم،  يەنە بىر گەپ سىز ئامىركىغا چىقىپ باققانما؟ ئامىركىدا يىتىم يىسىرلارنى ئوقۇتمايدىغان تۈزۈم باما؟

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 01:57:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرۇت قەدرىنى شاھلار بىلمەس،
يۇرۇتتىن يۇرۇتقا كۈچۈپ يۈرمە،
مۇساپىرلىق بەكمۇ يامان،
كىشى يۇرۇتنى ئارتۇق بىلمە

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش