مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1927|ئىنكاس: 24

مەن يەنە كۆچەرمەنمۇ؟؟؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106129
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 09:43:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كونىلار نامرات بولساڭ كۆچۈپ باق دەپتىكەن شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن بۇ بەش يىل ئىچىدە قانچە قېتىم كۆچكىنىمنى بىلمەيمەن.لىكىن بەشىنجى يىلى كۆچۈش دىگەن نىمە بەكمۇ ئېنىق بىلىۋالدىم.مەن بۇيىل ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئاسپىرانتىلقتا ئوقۇماقچىتىم.بەلكىم تەلەيلىك بولسام كىرەك تۆتىنچى يىللىقتا مەلۇم بىر شىركەت بىلەن توختاملاشتىم ھەم بىر تەرەپتىن ئوقۇغاچ بىر تەرەپتىن ئىشلەيدىغانغا دىيىشتىم.ئىشلىرىم ھەر ھالدا ياخشى كىتىۋاتاتتى.بېشىم قېتىۋاتقان بىردىن بىر ئىش ئوقۇش باشلىغىچە تۇرىدىغان جاي تېپىش مەسلىسى ئىدى.ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ كىتىدىغان گەپكەن.ھېلى ئۇ ئىش دىگەن ،ھېلى بۇ ئىش دىگەن.قېرىشقاندەك دەم ئېلىش كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ تىزىملاتقان دەرسىمنىڭ ئىمتىھانىسى بىلەن مەكتەپتىكى ئىمتىھانىم بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قالسا بولىدۇ.ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىمتىھان بىرىپ ئۇھ دىسەم يىراق بىر تۇغقىنىمىز تۇغۇلىشىدن مېيىپ تۇغۇلۇپ قالغان قىزىنى ئوپراتسىيىگە ئېلىپ كەلسە بولىدۇ.ماڭا زادى ئارامچىلىق بولمىغۇدەك.بوپتۇلا بۇ بەش يىل جەرياندا مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى مەنمۇ ئاز تارتمىدىم.ھەممىسى يەنە ئۆتۈپ كىتىدىكەن.شۇنداق بىر تالاي ئىشلاردىن كىيىن بىر ئىشخانىدىكى خىزمەتدېشىم بىلەن بىللە بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ بىللە تۇرىدىغان بولدۇق.ئۆينىڭ شارائىتىمۇ يامان ئەمەس ئىدى.ئەڭ مۇھىمى كۈندە بىللە ئىشقا بېرىپ بىللە ئۆيگە قايتىدىغانغا ،چۈشتە بىللە تاماق يەيدىغانغا ھەمراھىم بار بولغانىدى.مەن ئۆيدىنمۇ بەكرەك بۇنىڭغا خوش ئىدىم.ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ بىللە تاماق يەيتۇق.يولدا قايتقۇچە خىزمەتدېشىم بىلەن چېقىشىپ كۈلۈشۈپ ئۆيگە قانداق قايتىپ كەپ قالغىنىمىزنى بىلمەيلا قالاتتۇق.بىر كۈنى ئىشچانلىقىم تۇتۇپ شىرىن خىياللار ئىلكىدە ئاشخانا ئۆينى تازلاپ ھەتتا ئەخلەت چىلىكىنىڭ ئىچى-سىرتىنىمۇ سۈرتۈپ چىققان ئىدىم .لىكىن بۇ كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى.ئىشتىن چۈشۈپ بىر يىشىك سۈت ئالدىم ھەم ئەتە ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئەتكەن چاي قىلىشنى ئويلىشىپ ئۆيگە قايتتىم .بۇ شىرىن خىياللرىمىڭ بۇنچە تىز  يوققا چىقىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.ئەتكەن چايمۇ يوق،تازلاپ سۈرتۈپ پارقىرىتىۋەتكەن ئاشخانىدا سەي قىڭرىقىمنى تاقىلدىتىپ بىرە قېتىم سەي توغراپ باققان بولسامچۇ كاشكى. ئۆينى بىز بىلەن بىللە ئىجارىگە ئالغان قىز ماڭا  ئۆزىنىڭ ئاكىسىنىڭ كىلىپ بىللە تۇرىدىغانلىقىنى ھەم ماڭا باشقا جايدىن ئۆي تېپىپ ئىككى كۈن ئىچىدە كۆچۈشنى ئېيىتتى.بۇ خۇددى ماڭا چۈشۇمدىكى چاقچاقتەك تۇيۇلدى.چۈنكى مەن بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىلى تېخى تولۇق بىر ھەپتىمۇ بولمىغان ،تاكى  قولۇمدىكى ئۈچ ئايلىق ئىجارە ھەققى بىلەن زاكالەت پۇلى يەرگە چېچىلىپ ئاياغلىرىم ئاستىدا دەسسەلگەندىلا ئاندىن بۇنىڭ چۈش ئەمەس راسلىقىنى بىلدىم.كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ چۈشمەكتە،نىمانداق تاۋى نازۇك ئۇششۇق بوپ كەتتىم ؟نىمىگە يىغلىدىم نەدىن كەلگەن ياش...ھېچنىمىنى بىلمەيتىم.كاللامدا پەقەتلا بىرلا سۇئال نىمىشقا؟ئەمدى نەدىن ئۆي ئىزدەمەن؟ئەگەر تۇرىدىغان ئۆي تاپالمىسامچۇ؟بۇ كۆز ياشلار توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.توۋا ئادەم يىغلىساكۆز ھەم بۇرنىمۇ تەڭ يىغلايدىكەن.كۆزدىن ئېقىۋاتقاندىكىن بولمىدىمۇ،كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم ،كىمگە نىمە دەپ ئىچىمنى بوشاتسام بولا.قېرىشقاندەك مۇشۇ كۈنى مىنىڭ يېقىن دوسلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشى با.بىرى ئاغرىق،بىرسى بېيجىڭغان كەتكەن،يەنە بىرسى ئۆيگە كەتكەن.ئۇلاردىنمۇ بەكرەك يېقىنلىرىم يوق ئىدى.ئۆيگە تىلفۇن قىلشقا تېخىمۇ بولمايتى.كىم مىنى ئاتا-ئاناڭنىڭ پۇلىنى ئىككى ئىنىڭ ئۈچۈن تىجە،سىنىڭمۇ بەش ئەزايىڭ بىجىرىم بولغاندىكىن ئۆزەڭ تاپ دەپ ئۈگەتكەن ؟بىر چاغدا قارىسام ياش ئېيىتقان قەغەز قىپقىزىل قان  تۇراتتى،ئۆزۈممۇ قورقۇپ كەتتىم،بۇرنۇمدىن قان ئېقىۋاتاتتى.شۇنداق تەسلىكتە بۇرنۇمدىكى قاننى ئېيتىۋاتىمەن.يەنە بىر تەرەپتىن مەن بىلىدىغان تونۇيدىغان تونۇشلىرىمنىڭ ھەممىسىدىن ئۆي سوراۋاتىمەن.سائەتنىڭ نەچچە بولغىنى كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتى.ناماز ۋاقتى بولاي دەپ قاپتۇ،ھەم مەن يىغلاپ ئۇخلىمىغان بىلەن باشقىلار ئۇخلايدۇ دە.يىغىدىن كۆزلىرىم قاپاقلىرىم ئىششىپ كەتكەنىدى.نامازنى ئوقۇپ بولۇپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ سومكام ۋە كومپىيۇتىرىمنى كۆتۈرگىنىمچە ئىشقا ماڭدىم.ياخشى يېرى بۈگۈن مەن ئىشخانا نۆۋەتچىسى .ئىشخانىنىڭ ئاچقۇچىمۇ بار.شۇنداق قىلىپ ھەممىدىن بۇرۇن كىلىپ ئىشخانا تازلىقىنى قىلدىم.لىكىن يەنىلائىشقا چۈشۈشتىن بىر سائەتتەك بۇرۇن ئىشىم تۈگىدى.ئىش ئۈستىلىمگە بېشىمنى قويغىنىمچە مۈگدەپ قاپتىمەن.كۈپكۈندۈزدە چۈش كۆرۈۋاتاتتىم.مەن نەرسە كىرەكلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۆي ئىزدەۋاتاتتىم، لىكىن خۇددى ھەممە مىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىۋاتقاندەك.ھېي،سەن چوڭ ئالدىراش خېنىم ئەمەسمىدىڭ،تېخى كۈچلۈك ئايال.سىنىڭ كۈچلۈكلىكىڭدىن ئۆرگىلەي.مۇشۇ ھالىڭغىما؟!ھا ھاھاھاھا.بىرى چۈشۈمدە مىنى مۇشۇنداق مەسخىرى قىلىپ كۈلىۋاتاتتى.چىكەمدىن ئاققان سوغۇق تەر،چۆچۈپ ئويغىنىپ ئۆزۈمنىڭ ئىشخانىدا ئىكەنلىكىمنى بىلدىم.توۋا كۈپكۈندۈزدە ....مىنى دائىم ساخو دەپ قويىدىغان ئاكاش كىلىپ گىزىت كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ھوي ساخو .بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئىتتىك كۆزەينىكىمنى تاقاپ ئۈلگۈردۈم(ئىششىپ كەتكەن قاپاقلىرىمنى كۆرۈپ باشقىچە ئويلاپ قالمىسۇن دىدىم).كومپىيۇتىرنى ئاچتىم ۋە ئۆي ئىزدەشكە باشلىدىم.بىر نەچچە ئۆينىڭ ئورنى ۋە شارائىتىنى مۇۋاپىق كۆرسەم پۇلى قىممەت،پۇلى مۇۋاپىقنىڭ ئورنى چەت ياكى بەكمۇ يىراق.شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كىيىن بولغاندا شىركەتتىن رۇخسەت سوراپ ئۆي كۆرگىلى چىقتىم.پۈتۈن چۈشتىن كىيىن يەتتە سەككىز يەردىن ئۆي كۆرۈپتىمەن،لىكىن مۇۋاپىقراقى يوق.بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە يەنە ئاشۇ{ئۆيۈم}گە ماڭدىم.تۇيۇقسىز ئالدىنقى يىلى بىللە تۇرغان دوستۇمنى ئويلاپ قالدىم.بولمىسا نەچچە كۈن شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ تۇرايمۇ يا.تىلفۇن ئۇلاندى بەكمۇ خوش بوپ كەتتىم .شۇنىڭ بىلەن كەينىمگە ياندىم دە ئۇنىڭ قېشىغا باردىم.ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇ يالغۇز ئىدى.كۆرشۈپلا يەنە ئازراق يىغلاپ سالدىم.تاغدىن باغدىن دەپ يۈرۈپ ئۇ دوستۇمنىڭ قېشىدا قونۇپ قالدىم.ھەم ئۇنىڭ يېنىدا بىر نەچچە كۈن تۇرىدىغان يا بىللە تۇرىدىغانغا ئىجارە ۋە باشقا چىقىملارنى بىللە تۆلەيدىغانغا دىيىشىپ ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشقا ماڭدىم.بۇ دوستۇم بىلەن ئىزدەشسەك ھالىمىز يوق ،ئالدىراش بوپ كەتسەك نەلەردە يۈرگىنىمىزنىمۇ بىلمەي قالاتتۇق.لىكىن ياردەم كىرەك بولغاندا تېپىشالايتۇق.شۇنداق قىلىپ  مەن ئۆي كۆچىدىغان بولدۇم.مىنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىمدىنمۇ بەكرەك بىر نەچچە يىشىك كىتاپلىرىم بار ئىدى.ئاشۇ كىتاپلار سەل ئېغىر ئىدى.ئوقۇغۇچىنىڭ يەنە نىمىسى بولسۇن .ھەي بىچارە ئىنىم يەنە جاپا تارتىدىغان بولدى دە.بىرىنجى قېتىم كۆچكەندىمۇ ئىنىم كۆچۈشۈپ بەرگەن .ئالتىنچى قەۋەتتىن يەنە تۆتىنچى قەۋەتكە.ئەمدى تۆتىنچى قەۋەتتىن كۆچىمەن ،ھەر ھالدا يېڭى ماكانىم بىرىنجى قەۋەتتە ئىدى.يۈك-تاقلارنى توشۇيدىغانغا شىركەتنىڭ توشۇش بۆلمىدىكىلەر ياردەم قىلدى .مەن نەرسە كىرەكلىرمنى يۆتكەپ چقىپ كەتكۈچە بېشىمدا ساقچى بولدى.نىمە بولسا بولسۇن،ئەمدى بۇ ئۆيگە ئاياغ باسماسلىققا قەسەم قىلىپ چىقىپ كەتتىم.شۇنداق قىلىپ كوچۈۋالدىم .ھەي ،بولسا مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ قالسام،ئوقۇش باشلاشقىمۇ ئۇزۇن قالمىدى.كىيىنكى قېتىم مەكتەپكە كۆچۈپ كەتسەم يەنە كۆچمەن بولۇپمۇ يۈرمەسمەن.شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن جاپالاردا  ئىككىنچى قېتىم كۆچتۈم.ئۆي كۆچۈپ نەرسە يۆتكەپ ھارغان بولساممۇ لىكىن كۆڭلۈم توق بولغاچقا ھارغىنچىلىقمۇ بىلىنمىدى بولغاي، ئۆينى رەتلەپ تازلاپ شۇنداق ئادەمنىڭ مەسلىكى كەلگۈدەك قىلۋەتتىم.ئۇھ دەپ تۇرسام مەن  بىلەن بىللە تۇرىدىغان قىز كەلدى.بىز چىرايلىق كۆرۈشتۇق،مەن قويغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ئۇنىڭغان دەپ بەردىم.لىكىن ئويلىماپتىكەنمەن،بۇ ئۆي تۇنجى كۈنىلا ماڭا خاتىرجەم ئۇخلاشقىمۇ نىسىپ قىلمىدى.مىنىڭ بۇ يېڭى ھەمراھىمنىڭ يېزىنىسى ھەم ئاچىسى ئۈرۈمچىگە كىسەل كۆرسەتكىنى كىلىدىكەن.ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ بۇ ئۆينى ئۆيىدىكىلەر كەلسە شۇلارنى كەڭ- تاشا تۇرامدىكى دەپ ئاغانمىش.توۋا بۇ ئىجارە ئۆي تۇرسا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ پۈتۈن بىر يۈرۈش ئۆينى ئىجارىگە ئالغان بولسىكىن.ئىچىمدە توۋا بۇ ئۆيگە ئايغىم يارىشىپ قالسا بولاتتى دەپ ئويلايتىم.ۋە تىلفۇنغا قاراپ ئۇيان بۇيان ئاختۇرۇپ،يا بولمىسا بىرە مىھمان كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرامدۇق ،ھېرىپ كەلگەندە كەڭ-تاشا ئۇخلاپ ئارام ئالسادىگىنىمنى بىلىمەن.....گىپىمنىڭ ئاخىرى تېخى تۈگمەستىنلا گەپ قىلغانغا تويدۇم.ماڭا قالغىنى ئىشىكنى جالاقشىتىپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاش بولدى.شۇنداق ئاچچىغىم كەلگەن بولسىمۇ،بىرىنجى كۈن تۇرسا ، ئەتە ياخشى بوپ قالا.شۇنداق قىلىپ ئىشكنى تاراقشىتىپ ۋاڭ چۇڭ بىلەن بىزنىڭ مىھمانلىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن سېتىۋالغان ئۆيگە كىرىپ كەلدى.يالغاندىن بولسىمۇ ھىجيىپ كۆرۈشتۈم ۋە مەن ياندىكى قىزلار بىلەن ئۇخلاپ تۇراي،چارچاپمۇ قالغانسىلەر دىدىم ۋە مىنىڭ تۇمشۇقلىق ھەمراھىمنى چاقىردىم ،مەن بۇ قىزلانى تونۇمايمەن،سىز دەپ باقامسىز؟تۇمشۇق يەنىلا ئاڭلىمىغاندەك ئۆيگە كىرىپ كىتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردىم.ئۇ خوش ياقمىغاندەك ماقۇل تۇرۇپ تۇرۇڭ دەپ قويۇپ يەنە كىرىپ كەتتى،مەن خۇددى يايما ئورنى قالمىغان يايمىچىدەك ياستۇقۇم بىلەن ئەدىيالنى قاماللاپ ئىشىك ئالدىدا تۇراتتم.خېلى ساقلىغان بولساممۇ لىكىن چىقىدىغاندەك ئەمەس.قانداق قلىشىمنى بىلمەي تۇرغان شۇ ۋاقىتتا يان ياتاق ئۆيدىكى قىز چىقىپ قالدى.نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇراتتىم .ئۇ ماڭا قاراپ مىنىڭ ياتىقىمدا بىر بوش ئورۇن بار كىرىڭ دىدى.رەھمەت ھە ئارانلا دىيەلىدىم.ئۇ ماڭا سىزگە ئورۇن راسلاپ بىرەي دىدى،ياق بولدى ئۆزۈم قىلاي دىدىم.ئامالنىڭ بارىچە بۇ كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولدۇم.ئۇ يەر بۇيەردىن پاراڭلىشىپ ئۇخلاپمۇ قالدۇق.مەن سەھەردە ئىشقا ماڭمىسام بولمايتى،شۇڭا سەھەر تۇرۇپ يەنە پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم.لىكىن ئۆيگە كىرگەندە تۇمشۇق كىرگىنىمنى سەزدى بولغاي ئۇخلاۋاتقان چاغدىكى چىرايىمۇ بىرخىل پۈرۈش.ھەي بولدىلا تىزرەك چىقىپ كىتەيچۇ.لىكىن تۇيۇقسىز بۇ ئۆيدىكى بىردىنىبر بولغان ئەر زاتى ئۇنىڭ يىزىنىسى ئويغىنىپ كەتتى.قورقۇپ تاس قالدىم.ئۆزۈمنى ئاران بېسىپ ئويغىتىۋەتتىم ھە دىدىم بۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەدىسىمۇ ئويغاندى ۋە سىرىتقا قاراپ ۋوي كۈن چىقىپ كىتىپتىغۇ،سىىزلەنى قىستاپ قويدۇق ھە دىدى.ھېچقىسى يوق،بىرە كۈن دىگەنگە نىم بولاتتى دىدىم .ۋە ناشتىلىق نەرسىلەرنى قويغان ئورۇننى(چۈنكى بۇ ئ●ۆينى مەن رەتلىگەن دە،يەنە ناشتىلىق نەرسىلەرنى تاپالماي قالسا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ مىنى يەۋەتمىسۇن) دەپ بىرىپ مەن كىچكىپ قالماي مەن ماڭاي دەپلا چىقىپ كەتتىم.يولدا ماڭغاچ ئويلايتىم،بۈگۈن كەچقۇ خاتىرجەم ئۇخلامەن.ئەسنىگەچ ئىشقا ماڭدىم.ئىشخانىغا كەلسەم ھەممە ھەيران ،ئىككىڭلا نىمداق بىللە كەلمىدىڭلا،ھە ،كەينىمدە كىلىۋاتىدۇ.ئىشخانىدا سۆز چۆچەك بولۇپ كىتىشىنى خالىمايتىم.لىكىن كىسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئىشكارا دەپ مىنىڭ ئۆي كۆچكىنىمنى ئىشخانىدىكىلەرمۇ بىلىپ بولغاندى.يەنە بىرسى ئۈندىدارغا چىقارغان ئۆي ئىزدەش ئىلانلىرىم.بىلمەسلىكى قانداقمۇ مومكىن بولسۇن.باشقىلار نىمە دىسۇن ئىشقىپ مەن خىزمەتدېشىم بىلەن ئۆي توغرىلىق بىر نەسە دىيىشىپ قالغىنىم يوق.دىيىشسەممۇ نىمە دەيتىم.مىنى ئۆيدىن قوغلىغان ئۇ بولمىسا.لىكىن كۆڭلۈمگە بەكلا كەلگەنىدى .چۈنكى مىنى باشقا ئۆي تېپىڭ دىگن قىز يەنى بىزنىڭ ئىككىنچى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئ▲ۇ ياخشى دوسىت،كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى.مىنى بۇ ئۆيگە ئۇ باشلاپ كەلگەن.مىنى باشقا جايدىن ئۆي تاپسۇن دەيدىغان ئىش بولسا ئۇنىڭغا دىمەي قالارمۇ.لىكىن ئۇ يەنىلا ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىزدەك.خەۋىرى بولسۇن ياكى راسلا خەۋەرسىز بولسۇن بولغۇلۇق بولدى .ھازىر پەقەت شۇ بىللە كەلمەيمىز.بۇرۇنقىدەك چاقچاقمۇ قىلىشمايدىغان بوپ قالدۇق.بۇنىڭ بىلەن باشقىلار تېخمۇ بەك ئىككىمىزنى بىرنىمە دىيىشىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ،ئادەتتە چاقچاقلىشىپ كەتمىگەن بىلەن بۇرۇنقدەكلا ئىدۇق.بۇ بىر كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى.ئىشتىن چۈشۈپ يېڭى ئۆيۈمگە ماڭدىم.مەن تۈنۈگۈنكى كۆڭۈلسىزلىكلەر يەنە بولمىسىكەن دەپ ئويلايتىم.شۇنداق قىلىپ خىياللار ئىلكىدە ئۆيگىمۇ كەپ قاپتىمەن .ئ●ورۇن كۆرپىلەر قالايمىقان ھالەتتە جايىدا تۇراتتى،ئۇلارنى  جايىغا رەتلىدىم ۋە سىرىتتىن ئازراق تەييار يىمەكلىك ئەكىرىپ كەچلىك تاماق قىلىپ چىرايلىق پاراڭلىشىپ ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگىتىشنى خىيال قىلىپ ئاۋال يېڭى ھەمراھىمغا  تىلفۇن قىلدىم،لىكىن تىلفۇنۇم بېسىۋىتىلدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر يازدىم،ئۇ ماڭا تىزلا ئۇچۇر قايتۇردى ،ئۇچۇر مەزمۇنى بىز تىزلا ئۆيگە قايتىمىز.  بىز؟؟ ئۇلار بۈگۈنمۇ يەنە بۇ ئۆيدە تۇرماقچىكەن.توۋا ،ئۇنىڭ يىزىنىسى ئازراق بولسىمۇ خىجىل بولمىغانمىدۇ؟قىزلار بار ئۆيدە نەدىمۇ بۇنداق تۇرغان بار؟قارىسام بىرە مىھمان كۈتۈشتىن ياتاق ئالالمىغىدەكمۇ ئەمەس.بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى.تاماققا تۇتۇش قىلغان توك قازىنىنىمۇ يىغىشتۇرۇپ بولالمايلا بۇ مىھمانلار كىرىپ كەلدى.نىمىمۇ دىيەلەيتىم.يەنە يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ تۈنۈگۈنكى قىزنىڭ ياتىقىنى ئاستا چەكتىم.لىكىن ئادەم باردەك ئەمەس.شۇنىڭ بىلەن يەنە يېڭى ھەمراھىمغا مۇراجەت قىلدىم.لىكىن بۈگۈن ئۇ ھەددىدىن تېخىمۇ ئاشتى.مەن چاقىرسام خىيالىدا يوق گىلەم ئۈستىدە ئېغىناقلاپ ياتاتتى.مەن خۇددى بۇ ئۆيدىكى ھەيكەلدەك.ئىشىكنى شۇنداق ياپتىمكى،ئېغىناڭلاپ ياتقان يېرىدىن چۆچۈپ قوپتى.نەپرەتلىك كۆزلىرىم ئۇنىڭغا مىختەك قادالدى.مەن يان ئۆيدە ئۇخلاي ،يازىدىغان ماقالە بار ئىدى،راھەت ئۇخلاسىلەر.مىڭ قىلمىغان بىلەن قەشقەرلىك دە مەن.ئىچىمدە ئويلايتىم ئەتە نەگە بولسا چوقۇم كۆچۈپ كىتىمەن.چۈنكى بۇ يېڭى ھەمراھىم يەنە بىللە تۇرۇشقا كۆزۈم پەقەتلا يەتمەيتى.يەنە بىر تاڭ ئاتماس ئۇزۇن كىچە............

بۇ كۈن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپمۇ يۈرمىدىم.ئالىدىغان نەرسىلىرىمنى ئالدىم.بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلغۇم يوق.خۇددى مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى سەزگەندەك مەن ئىشقا ماڭغاندا مىھمانلار تېخى شىرىن ئۇيقۇدا.ئىشخانىغا كەلدىم .يەنە ئۆي ئىزدەشكە باشلىدىم.ئون-يىگىرمە تىلفۇن قىلغاندىمەن.بىر نەچچىسى تېخى ئوخشاش نۇمۇر.ئاخىر ئىشخانا بىلەن ئارلىقى سەل يىراق،لىكىن ب ئېر ت قولاي بىر جايدىن ئۆي ئۇقۇشتۇم.بىر يۈرۈش ئۆيدە مەن ئالاقىلاشقان ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدكى قىز بىلەن بىللە تۇرىدىغانغا دىيىشتىم.ھەم چۈشتىن كىيىندە ئۆينى كۆرگىلى باردىم.سەل يىراقلىقىنى دىمىگەندە قالغان شارائىتلىرى بولاتتى.شۇنداق قىلىپ بىرىنجى قېتىم ئاياغلىرىم ئاستىدا دەسسەلگەن ئاشۇ  قەدىرسىز پۇلنى ئىجارە ھەققى قىلىپ تاپشۇرۇپ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى قولۇمغا ئالدىم.يەنە كىمگە دىيەلەيتىم،ئىنىمغا تىلفۇن قىلدىم ،بىرە دوستۇڭنى ياكى ساۋاقدېشىڭنى ئېلىپ كەلگىن ،ئاللاھ خالىسا ئەمدى كۆچمەيمەن.                                                   

خاتىمە                                                                    

  شۇنداق قىلىپ بىرىنجى قەۋەتتىن ئالتىنجى قەۋەتكە يەنە كۆچتۈم.ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەن ئۈچ قېتىم كۆچۈپتىمەن.ماڭا ئېغىر كەلگىنى ئۆي كۆچۈش ئەمەس ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدىغان ئاشۇ ئادەملەر ۋە ئىشلار بولدى.ئەزەلدىن پۇلنىغۇ ھەممىگە قادىر دەيدىغانلار بىلەن گەپ تالىشىپ كەتمەيتىم.يەنە بىر قېتىم پۇلنىڭ نۇرغۇن بىز ھىس قىلىپ يىتىپ بولالمايدىغان قەدىرسىز ۋاقىتلىرى بارلىقىغا ئىشەندىم .مانا قارا،پۇل نىمىگە قادىر؟قايسى بىر يىغىلىشتا بىر يازغۇچىنىڭ بۇ  شەھەر تاش شەھەر.بىز مۇشۇ تاش شەھەردە تاشقا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتىمىز دىگىنى ئىسىمگە كىلىپ قالدى. بەلكىم مىنىڭ بېشىمغا كەلگەن بۇ كۆچۈش ماڭا بىر قېتىملىق جەمئىيەت دەرسىدۇ،لىكىن بۇ شەھەردە يەنە نۇرغۇن ماڭا ئ●وخشاش كۆچمەن بولىۋاتقان نەچچە ئوقۇغۇچى،نەچچە كۆچمەن باردۇ؟ئادەم كۆچسىغۇ مەيلى لىكىن ئاشۇ كۆچمەن ھەمراھلىرىمنىڭ يۈرىكى بىراقلا تاش شەھەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كۆچۈپ ئاشۇ تاشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتمىسە بولاتتى.                                                        


  ئۆز قەلىمىم                                    

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-19 01:05 PM  


ئىچىڭگە تېرىۋالغان ئاداۋەت ئۇرۇقلىرى بىخ تارتىپ كۆكلەپ كەتمىسۇن.

پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96923
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 893 سائەت
تىزىم: 2013-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 11:34:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلى تۇرۇپ _تۇرۇپ نورمال ئەمەسكەن

ھاياتتا كۈلۈپ يۈرگەن بەخىتسىزلەرنى،يىغلاپ يۈرگەن بەخىتلىكلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.ئىنساننى بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز دەپ ئايرىماق قىيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100052
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 11:49:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەۋەككۇلنىڭ بىر ناخشىسى ئارتۇق.

                           - ئاتىلار سۆزى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 11:56:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەلكىم سىز ئۈچۈن بىر سىناق بولۇشى مۇمكىن.

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33564
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4266
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 12:15:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىيىشىمنى پەقەت بىلەلمىدىم ، سەۋر قىلىڭ سىڭلىم . بۇ ئۈرۈمچىنىڭ باغرى ئەنە شۇنداق قاتتىق ...سىز - بىزدەك مۇساپىرلارنىڭمۇ خاتىرجەم ئۇخلايدىغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ كەپ قالار .
خاتىرجەم ئۇخلاش ئۈچۈن ئۆي ئېلىشقا تىرىشايلى ، ئەنە شۇ ئەڭ خاتىرجەمى

يۇلتۇزۇم ،سىرداشلار، ئاشىخ  تور بەتلىرى كېلىشىم باھادا  سېتىلىدۇ؛
www.axih.cn    www.yultuzum.cn   www.sirdaxlar.net
QQ  669641364

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93862
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-3-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 12:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ئىشلار ھە. قارىسام راستىنلا چۈشتەك بىلىنىدىكەن. لېكىن مەنمۇ يېقىندىن بېرى ئۇخلىماي تۇرۇپ چۈش كۆرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11430
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 12:27:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئوقۇغۇچى تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ياتىقىدا ياتمايسىز ؟ مەيلى نەدە نەدە يېتىڭ بۇنچىلىك ئىشلار دېگەن ياشاش جەريانىدىكى ئىنتايىن نۇرمال ھادىسە، سىزنىڭ بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىز تېخى ھىچقانچىلىك ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ ، جاسارەتلىك بولۇڭ ، پسىخىك جەھەتتىن ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرۇڭ ، ھەم شۇ توغرىسىدا ماتىريال كۆرۈپ بېقىڭ

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 12:50:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  شەھەر تاش شەھەر.بىز مۇشۇ تاش شەھەردە تاشقا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتىمىز ...


   نىمىدىگەن     توغرا    ئىيتىلغان  گەپ  ھە بۇ   ...............  

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 01:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹نامرات بولساڭ كۆچۈپ باق›› دىگەن گەپ سوزنىڭ ‹‹نامرات بولۇپ كوچۈپ باقساڭ بېيىپ كېتىسەن›› دىگەندىن باشقا، ‹‹سەن ئەسلى نامرات ئەمەس، كۆچۈپ باقساڭ نۇرغۇن بايلىقىڭنىڭ بارلىقىنى ئاندىن بىلىسەن›› دىگەن مەنىسىمۇ بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 01:12:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەتلىك بولۇڭ،،،كېلەركى قېتىم يەنە كۆچۈش توغرا كەلسە مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ،،ئىجارە بېرىدىغا ئۆيۈم باتتى،،سىزگىلا بېرەي.

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش