بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 08:43 PM 
سىز لىيەنشىياڭ ماركىلىق مۇنۇ كومپىيۇتىرلارنىڭ سىمسى ...
سىمسىز تور قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئۈستەل كومپىيۇتېرىدا يوق . لېكىن خاتىرە كومپىيۇتېر ، تاختا كومپىيۇتېرلاردا زاۋۇتتىن چىقىشىدىلا سەپلەنگەن بولىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا
Andriod, iPhone, Windows Phone قاتارلىق تېلىفۇن مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەردە چوقۇم بار .
ئېكران بىلەن ئاساس ماشىنىسى بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن ھازىرقى كومپىيۇتېرلارنى مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم ، ئۇنىڭغار بىر نەرسە دىيەلمەيمەن .
لېكىن ، بازارلاردا سىمسىز تور كارتىسى دەيدىغان بىر ئۈسكۈنە بار ، چوڭلۇقى بارماق دىسكىنىڭ چوڭلىقىدا . ئاشغۇ سىمسىز
تور كارتىسىنى سەپلەپ قويسا ھەرقانداق ئۈستەل كومپىيۇترىمۇ ، سىز ئىشلىتىۋاتقان ئېكران بىلەن ئاساس ماشىنا بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن كومپىيۇتېرلارمۇ خۇددى خاتىرە كومپىيۇتېېر، تاختا كومپىيۇتېر ، تېلىفۇنلارغا ئوخشاشلا ، سىمسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ .
ھەتتا سىمسىز تور كارتىسىنى ھازىر يېڭىدىن ئىشلىنىۋاتقان ئەقلىي ئىقىدارلىق ، سۈيۈق كىرىستال ئېكرانلىق تېلىۋووزورلارغا سەپلەپ قويسىڭىزمۇ ، تېلىۋوزورلارمۇ سىمسىز تورنى قوبۇل قىلالايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatsoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-18 02:49 PM