تېلىفۇنىڭىز تورغا راستىنلا ھەقسىز سىمسىز WiFi سېگىنال ئارقىلىق چىققان -چىقمىغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى ___
1 . تېلىفۇنىڭىزدىن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كارتىسىنى ئېلىۋىتىپ , كارتا سالمىغان ھالەتتە قايتىدىن قوزغىتىپ ، تېلىفۇنىڭىزدا WiFi 无线网 ئىقىتىدارىنى
ئېچىۋىتىپ تۇرۇپ ، مۇشۇ ھالەتتە تورغا چىقالىسڭىز ، ئاندىن
ھەقىقى ھەقسىز تورغا چىققان بولىسىز .
2. تېلىفۇنىڭىزدىن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كارتىسىنى ئېلىۋەتمەيسىز ، لېكىن تەڭشەك رايونىدىن 移动数据 تاقىۋىتىسىز . ئەلۋەتتە تېلىفۇنىڭىزدىكى WiFi 无线网 تەڭشىكى ئوچۇق ھالەتتە بولۇشى كېرەك . مۇشۇ ھالەتتىمۇ تېلىفۇنىڭىز تورغا چىقالىسا، سىز ئاندىن ھەقىقى ھەقسىز سىمسىز سېېگنال ئارقىلىق تورغا چىققان بولىسىز ...
3. يۇقىرىدىكى جەريانلار كومپيۇتېرغا سىم ۋاستىسى بىلەن كىرىۋاتقان كەڭ بەلۋاغلىق
تور سېگىنالىنى سىمسىز سېگىنالغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .
كومپىيۇتېرغا سىم بىلەن كىرىۋاتقان كەڭ بەلۋاغلىق تور سېگىنالنى سىمسىز سېگىنالغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ، سىم ئارقىلىق كەڭ بەلۋاغلىق تور سېگنالى كىرىۋاتقان كومپىيۇتېرغا چوقۇم مەلۇم بىر خىل ئۈسكۈنە سەپلىنىشى كېرەك .
كەڭ بەلۋاغلىق سىملىق تورنى سىمسىز ( ھەقسىز ) WiFi تور سېگىنالىغا
ئايلاندۇرۇش جەريانىدا ، 台式机 ئۈستەل كومپىيۇتېرىغا سىملىق كىرىۋاتقان تورنى سىمسىز شەكىلدە ئەتراپقا چېچىپ بېرىدىغان ھېچقانداق قوشۇمچە ئۈسكۈنە
ئىشلەتمەي تۇرۇپ ، پەقەت كومپىيۇتېردىكى مەلۇم يۇمشاق دېتال ئارقىلىق بىر تەرەپ
قىلىمەن دىيىش __ ئاقمايدىغان ئىش .
كومپىۇيۇتېرغا سىم ئارقىلىق كىرىۋاتقان كەڭ بەلۋاغلىق تور سېگىنالىنى يېقىن ئەتراپقا سىمسىز
WiFi ( ھەقسىز ) شەكىلدە چېچىش
كومپىۇيۇتېرغا سىم ئارقىلىق كىرىۋاتقان كەڭ بەلۋاغلىق تور سېگىنالىنى يېقىن ئەتراپقا سىمسىز ( ھەقسىز ) شەكىلدە چېچىش
ئارقىلىق ، تېلىفۇن ، خاتىرە كومپىيۇتېر ، تاختا كۆمپىيۇتېردىن نەچچىسى بولسا ،
سىز ئۇلارنىڭ شۇنچىسىدە ھەقسىز تورغا چىقالايسىز . بۇنداق ئۇسۇل بىلەن
تورغا چىقىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئۈسكۈنە كېتىدۇ .
(1) سىىمسىز روتېر 无线路由器 ( باھاسى : تەخمىنەن 100-150 يىۋەن)
بۇنىڭ سېگنالى كۈچلۈك ، كومپىيۇتېرغا تايانمايدۇ . مۇشۇ ئۈسكۈنە توكتا بولسىلا ، ئەتراپقا سېگنال تارقىتىۋېرىدۇ . چوقۇم بىر كومپىيۇتېر ئوچۇق تۇرۇشى كېرەك
دەيدىغان شەرت يوق ، ئۆيدە ئىشلەتسە پەقەت مۇشۇ ئۈسكۈنىنى ېچىپ قويسىلا بولىدۇ ، توك تېجىلىدۇ . بىر نەچچە تاختا كومپىيۇتېر بىر نەچچە تېلىفۇن ، بىر نەچچە خاتىرە كومپىيۇتېر بىر -بىرسىنىڭ ئوچۇق ياكى ئېتىك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا ، مۇشۇ ئۈسكۈنە تارقاتقان ھەقسىز سىمسىز سېگنال ئارقىلىق خالىغان كومپىيۇتېر ۋە تېلفۇنلاردا بىرلا ۋاقىتتا ياكى بىر -بىرىگەدەخلى قىلمايمۇ تورغا چقىىش ئەمەلگە ئاشىدۇ .
(2) 360 سىمسىز تور ھەمراسى 360随身WiFi ، (باھاسى : تەخمىنەن 25-30 يىۋەن )
بۇ ئۈسكۈنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى بارماق دىسكىغىلا ئوخشايدۇ ، بۇ ئۈسكۈنىنى كەڭ بەلباغ تورى سىگنالى سىملىق شەكىلدە كىرىۋاتقان كومپىيۇتېرنىڭ خالىغان بىر USB ئېغىزىغا سېلىپ، http://wifi.360.cn تور بېكىتىدىن بۇ ئۈسكۈنىنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى كەڭ بەلۋاغلىق تور سېگنالى كىرىۋاتقان
كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ، بۇ كومپىيۇتېرنى قايتىدىن قوزغاىتىۋەتسەك ،
كەڭ بەلۋاغلىق تور سېگىنالىنىڭ سىملىق شەكىلدە تورغا چىقىۋاتقان كومپىيۇتېر
ئۆزىدىكى تورنى سىمسىز ( ھەقسىز) قىلىپ ئەتراپقا چاچىدۇ.
بۇنىڭدىن پايدىلىنىپمۇ شۇ دائىرىدە نەچچە ئون خاتىرە كومپىيۇتېر ،
تاختا كومپىيۇتېر ۋە تېلىفۇنلار ھەسىز تورغا چىقالايدۇ .
بۇ ئۈسكۈنىنىڭ كەمچىللىكى شۇكى ، بۇ ئۈسكۈنە چېتىلغان كومپىيۇتېر چوقۇم
توكتا تۇرۇشى كېرەك ، ئۆينىڭ توكى ئىسراپ بولىشى مۈمكۈن،
سېگنالى ئاجىز ، قاپلىنىش دائىرىسى تۆۋەن . ئارتۇقچىلىقى : باھاسى ئەرزان ، كومپىيۇترغا چېتىپلا قويسا بولىدۇ ، تەڭشەش مۇرەككەپ ئەمەس .
ئەسكەرتىش :
ئەگەر سىزدە خاتىرە كومپىيۇتېر بولسا ، يۇقىرىدىكى ئىككى ئۈسكىنىنى ئىشلەتمەيمۇ ، سېستىما ئارقىلىق كەڭ بەلۋاغ تورىنى سىمىسىز تور سېگىنالىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەتراپىڭىزغا چاچالايسىز ...
WiFi __ ئۇچۇر -ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىدە سىمسىز شەكىلدە تور سېگىنالى يەتكۈزۈشنىڭ دۇنياۋى ئۆلچىمىنىڭ بىرلىكككە كەلگگن قىسقارتىلغان نامى
بولۇپ، « ۋاي -فاي « دەپ ئوقۇلىدۇ .
سىز بىلەرمەنلىك قىلىپ ، « ۋى فى « دەپ ئوقۇسىڭىز ، كۈلكىگە قېلىشىڭىز مۈمكۈن .
خۇددى QQ نى « كيۇ ـ كيۇ « دەپ ئوقۇماي ، « چى چى « دەپ ، ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئاشكارىلىغاندەك ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatsoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-15 03:19 PM