ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 08:08 PM 
كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن قېرىندىشىم،سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭ ...
ياخشى پىكىر !
نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا سىياسەت شۇنداق ياخشى ۋاقىتتىمۇ ئىشلىيەلمىگەن . ئىشلىيەلمىدۇق چامىمىز يەتمىدى دىيەلمەي . قارا نەشىركەشلەرگە . ھىلى ئۇنىڭغا ،ھىلى بۇنىڭغا ئارتىپ قىلالمىغان ئىشلىرىنى ياپىدۇ .
فىلمنى ئىشلىسە نەچچە يۈز مىڭ يۈۋەن مەبلەغ سالغان شىنجاڭ كىنو-فىلىم شىركەتلىرى ، ئىشلىگەن فىلمگە مەخپى نۇمۇر سىلىشنى بىلمەمدىكەن . مەخسۇس پارۇللۇق قىلىپ . ئۈرۈمچى ، كورلا ، غۇلجا ، ئاقسۇ ، قەشقەر ،خوتەندەك رايۇنلاردا ( مۇشۇ رايۇنلارنىڭ ھەممىسىدە كىنوخانا بار ) تەرتىپ بىلەن بىر قىتىملىق بىلىتىنى شۇ رايۇندىكى كىشىلەرگە ئىغىر كەلمىگۈدەك ھالدا قىلىپ بىر مەيداندىن قويسىمۇ گەپ يوق فىلىم ئىشلىگەن پۇلنى ئىككى قاتلىيالايدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا بۇ پۇلغا قاينام رىستۇرانى ، چەۋانداز ...قاتارلىق ئالى دەرىجىلك كۆڭۈل ئىچىش مەركەزلىرىدە كىچىككىنە نەتىجىنى تەبىرىكلەپ كاتتا ھەشەم قىلىپ بۇزۇپ- چاچماي بۇ پۇل بىلەن تىخمۇ ياخشى يەنە بىر فىلمنى ئىشلەپ بازارغا سالسا . كىشىلەرمۇ ياخشى ئىشلىگەن فىلىمنى بىزنىڭ شىركەتلەرمۇ ئىشلىيەلەيدىكەن دىگەن قاراشقا كەلگەندە گەپ يوق ئىككىلىنىپ تۇرماستىن 40~30 يۈۋەننىڭ كۆزىگە قارىماي بىلەت سېىتۋىلىپ كۆرىدۇ .
چېچالماس پوقدىن ئاتالماس ئوقۇدىن كۆردۈ دىگەندەك ياخشى قىلسا تاس قالىدۇ ئايغا چىقىپ كاكىراپ بىز قىلغان دىگىلى . قىلالمىسا قاراڭغۇ بازاردىكى قارا پىلاستىكچىلارنىڭ دەردىن .ئۇنىڭ كاساپىتىن ، بۇنىڭ كاساپىتىدىن دەپ باشقىلارغا ئارتىپ قۇتۇلىدۇ .
ئېسىڭزىدە بولسسۇن دۇنيادا ناخشىكەش . كىنو-فىلمكەشلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇردىكەن . قانۇنسىز پىلاستىنكا كۆپەيتىپ ساتىدىغان قاراڭغۇ بازارچىلار مەۋجۇت بولۇپ تۇردۇ . گەپ سىزنىڭ بۇ تەرپتىكى خەتەرنىڭ قانداق ئالدىنى ئىلىشنى بىلىشتىكى تەدبىرىڭىزگە باغلىق .