ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «ئۇيقۇ قانچە ئاز بولسا، ئادەم شۇنچە ئوڭاي سەمرىپ كېتىدىكەن. بىر كېچىدە 80 مىنۇت ئاز ئۇخلىسا، بەدەن قوبۇل قىلىدىغان ئېنېرگىيە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 549 كالورىيە كۆپىيىپ كېتىدۇ، بۇ بىر ھامبۇرگ بولكىسى بىلەن بىر خالتا بەرەڭگە قەلەمچىسى يېگەنگە باراۋەر».
بۇ تەتقىقاتنىڭ باشلامچىسى مۇممېرس مۇنداق دېدى: «ئۇيقۇ كەملىك يېيىلگەن يېمەكلىكنىڭ مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى ئادەم ئۇيقۇغا قانمىسا، ئىشتىھانى تىزگىنلەيدىغان ئورۇقلىتىش ئاقسىلىنىڭ ئاجرىلىشى بىر قەدەر ئازىنىپ، ئاچلىق ھومۇنىنىڭ ئاجرىلىش مىقدارى كۆپىيىدۇ، شۇڭا ئادەم چوقۇم ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، بولمىسا سەمرىپ كېتىدۇ».
تەشنايى ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا ئىزاھات