mahdumazam يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 11:07 AM 
بوزقىر ئاكا مىنىە سۇئالىمغا ھىچكىم قاناھتلەنگۈدەك جا ...
چىرىكلىكتە مېنىڭچە جۇ يوڭكاڭ خېشىننىڭ ئالدىدا تۇرامدىكىن دەيمەن . سەۋەبى :
1-خېشىن گەرچە چىرىكلىشىپ نۇرغۇن پۇل توپلىغان بولسىمۇ ئەمما ،ئۇ توپلىغان ھارام پۇللارنىڭ ھەممىسى دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغان. خېشىن چەتئەللەرگە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئارقىلىق پۇل يۆتكىمىگەن. بەزى خەۋەرلەردە جۇنىڭ چەتئەلدىكى بەزى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك داچىلاردا ئولتۇرارمىشلا؛
2-خې شېن گەرچە چىرىكلىشىپ موللاق ئاتقان بولسىمۇ ئەمما ، ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئۇنچە كۆپ ئەمەلدار چۇۋۇلۇپ چىقمىغان. مەلۇم بولۇشىچە ، جۇنىڭ بەش - ئالتە كاتىپى تۇتۇلغان، ئۇ ئىلگىرى ئىشلىگەن نېفىت ساھەسىدىنلا 18-قۇرۇلتايدىن بېرى40 نەچچە ئەمەلدار تەكشۈرۈلگەن ، يەنە ئىككى ئەمەلدار بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىغان؛
3- خېشېن مۇھەببەتكە ناھايتى سادىق كىشى بولۇپ ئايالىغا تولىمۇ ۋاپادارلىق قىلغان .ئايالى ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا كىمكى ئايالىنى ساقايتالىسا بارلىق بايلىقىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ھەم ئايالى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئايالىنىڭ ھوجرىسىغا ئىككىنچى بىر ئايال زادىنى يېقىن يولاتمىغان. ئەمما ، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، جۇنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىنىڭ ھەربىي نومۇر تاختىسى بار ماشىنىغا سوقۇلۇپ سىرلىق ئۆلگەنلىكى مەلۇم. ئۇندىن باشقا يەنە مەركىزىي تېلېۋىزىيىسىدىكى ئىككى رىياسەتچى خېنىمنىڭمۇ جۇنىڭ دېلوسىدىكى تەكشۈرۈش دېلوسىغا كىرگەنلىكى مەلۇم؛
4-خېشىن ئىلىم -بىلىمدە توشقان كىشى بولۇپ ، شەخسىي پۇل چىقىرىپ " قىزىل راۋاقتىكى چۈش'' رومانىنىڭ داۋامىنى يازدۇرغانلىقى ۋە پادىشاھقا دەپ يۈرۈپ ، بۇ روماننى چەكلەنگەن كىتاب دائىرسىدىن چىقارغۇزۇپ ، تاش مەتبەدە بېسىپ تارقاتقانلىقى مەلۇم. ئۇ يەنە مانجۇ تىلىدىن باشقا خەنزۇ ، موڭغۇل ، تۈبۈت تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن . ئەمما ، جۇنىڭ ھازىرغىچە خەنزۇ تىلىدىن باشقا جۇڭگودىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدىن قانچىنى بىلىدىغانلىقى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئەستە قالغۇدەك قانداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى نامەلۇمدۇر.
بۇ پەقەت جۇنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈش تېخى ئاخىرلاشمىغان ، بۇ ھەقتە توللۇق ۋە ئېنىق مەلۇماتلار بېرىلمىگەن شارائىتتىكى ئازغىنە ئوقۇغانلىرىم ئاساسىدىكى يۈزەكىي سېلىشتۇرۇش . قالغانلىرى جۇنىڭ دېلوسى ئاخىرلىشىپ ، بۇ ھەقتىكى توللۇق مەلۇماتلار ئاشكارىلانغاندا ئاندىن مەلۇم بولغۇسى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-10 04:10 PM