|
|
|
|
جۇ يوڭكاڭ جۇئېنلەي ۋە لۇشۈنلەر بىلەن تۇغقانكەن
بۈگۈن كۆرگەن بىر ماقالىدە يېزىلىشىچە ، تېخى يېڭىلا موللاق ئاتقان « چوڭ يولۋاس»- ج ك پ سېياسىي بىيروسىى دائىمىي كومىتېتېتىنىڭ ئەزاسى ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ، ج خ مىنىستىرى ، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، دۆلەتلىك زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ، جۇڭگو نېفىت –تەبىئىي گاز باش شىركىتىنىڭ دېرىكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن جۇ يوڭكاڭ ( ئەسلىي ئىسمى جۇ يۇەنگېن بولۇپ ، 1942-يىلى تۇغۇلغان ، بېيجىڭ نېفىت ئىنىستىتۇتىنىڭ چارلاپ تەكشۈرۈش كەسپىنى پۈتتۈرگەن ) جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇيى شەھرىنىڭ يىشەن رايونىغا قاراشلىق شىچىيەنتۇ كەنتىدىن ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ كەنىتتىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى جۇ فامىلىلىك بولۇپ ، ئەجدادى خۇنەننىڭ داۋشىيەن ناھىيەسىدىن ئىكەن.بۇ كەنىتتىكى جۇ فامىلىلىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن كاتتا ئۆلىما جۇ دۇنيىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىكەن.
شىچىيەنتۇ كەنتىدىكى جۇ فامىلىلىكلەردە تەرىقەت ئىلمىگە چوقۇنۇش ۋە بېرىلىپ كىتاپ ئوقۇش ئەن-ئەنىسى بولغاچقا ئۇلاردىن تۈركۈم-تۈركۈم ئۆلىما-تالىپ-ئىقتىساس ئىگىلىرى چىققانكەن. يەنە كېلىپ جۇ فامىلىلىكلەر جۇڭگودىكى كاتتا ئەرباب ، مەشھۇر شەخىسلەر كۆپلەپ چىقىدىغان ئۇلۇغ جەمەت سانىلىدىكەن.
جىيېجىياڭنىڭ شاۋشىڭدىكى جۇ فامىلىلىكلەرمۇ ئوخشاشلا جۇ دۇنيىنىڭ كېيىنكى پۇشىتلىرىدىنكەن. ئۇلارنىڭمۇ خۇنەندىن كېلىپ بۇ يەرگە يەرلەشكىنىگە 400 يىلدىن ئېشىپتۇ. جۈملىدىن پىشقەدەم پۇرولېتارىيات ئىنقىلاپچىسى ، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەم مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان قەدىردان جۇ ئېنلەيمۇ جىيېجىياڭنىڭ شاۋشىڭدىن بولۇپ ، ئۇلۇغ ئەدىب ، مۇتەپەككۇر ، ئىنقىلاپچى لۇشۈن ( جۇ شۇرېن) بىلەن ئۇرۇقداش ئىكەن.
مۇنداقچە ئېيىتقاندا جۇ يوڭكاڭ ، جۇئېنلەي ۋە لۇشۈن ( جۇ شۇرېن) لارنىڭ ھەممىسى جۇ دۇنيىنىڭ پۇشىتلىرىدىن بولۇپ ، بىر ئۇرۇغدىنكەن.
http://blog.ifeng.com/article/33691221.html?touping
|
|
|
|
|
|