مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەركيار

كانت پەلسەپىسى ۋە كانت ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش[ئېلكىتاب] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 09:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغىن يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 10:32 AM
بولدى ئۆزىڭىزمۇ چۈشەنمەيدىغان قۇرۇق دەپدەبىلىق شۇئا ...

خۇددى جىنكەشلەردەكلا گەپ قىلىدىكەنسىز ،سىزچە بىر ئادەمگە باھا بىرىشتە يەڭگىلتەكلىك قىلسىمۇ بۇلىدىغاندەكلا، ئالدى بىلەن بۇ پەلسەپىنى قايتا بىر كۆرۈپ بېقىپراق دەتالاش قىلسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز .
كاللىڭىز شاش بولسا ئاغزىڭىزغا كەلگەننى دەۋەرمەيسىز.   

ساقنى تاز دىسە كۈلگۈسى كىلۇر ، تازنى تاز دىسە ئۆلگۈسى كىلۇر دىگەندەكلا ئادەمكەنغۇ سىز .

بىڭسىڭىز بولسا ،كاللىڭىز شاش بولسا ،يوللۇق مۇنازىرە قىلارسىز .  خۇددى سىزدىن باشقا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تاشكاللىدەكلا.

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8461
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 845 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 11:16:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   


                                    قەلىمىم سىزسا سىزىقتىن بىر،
                                    ئىلىم نۇرىسىز ئۇ چىقار قىڭغىر.


  ئاپىرىن ئەركىيار ئەپەندىم . ھىلىمۇ بۇ توردىشىمىزغا كۆپ چۈشەندۇرۇش بىرىپسىز ، ئەگەر مۇشۇ ئىككى قۇر مىسرانى قالدرۇغان بولسىڭىزمۇ ئەقىل ئىگىسىگە يىتىپ ئاشاتتى .

   سىزگە قول قويدۇم . ئويلاپ قالدىم ئاشۇ ئىككى مىسرا شىئىرنىڭمۇ ئۆزى مۇكەممەل بىر پەن بولغۇدەك . ناۋادا شەرىت بۇ مىسرانىڭ مەناسىنى يىشىپ راۋاجلاندۇرسا .

  بىر ۋاقىتتا مۇشۇ مۇنبەرگە  ئىنسانىيەتنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى توك  دىگەنمۇ شۇنداقراق بىر تما يوللانغان ، شەپەرىڭمۇ ياكى شى بىر نىمە ئىدى ئۇ تېمىنى يوللىغان مۇنبەردىشىمىزنىڭ .  ھەقىقەتەن بىلىملىك ئاداشكەندۇق . بىراق تەرەپ-تەرەپتىن تىللاپ توردا تۇرغۇسىز قىلۋەتكەن ئۇ تېمىنى چۈشەنمەي . بۈگۈنكى كۈنلۈكتە شۇ تېمىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر يازمىنى مانا ھازىر كۆرۈپتىمەن . رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8461
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 845 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 11:49:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



    ئەرىكيار ئەپەندىم ، سىزچوقۇم ئادىل تۇنياز ئەپەندىمنىڭ ‹‹ پەيغەمبەر دىيارىدا كىچىلەر ›› دىگەن ئەسسىردە چىقامدۇ ياكى باشقا ئەسەرلىرىدە چىقمامدۇ كىتاپنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ .  ئادىل تۇنياز ئەپەندىمنىڭ ئوتتۇرا شەرىق مەدىنىيتى ياۋرۇپانىڭ بولمىش  مەدىنيەتلىك ھىساپلانغان كىشىللىرى تەرىپىدىن ۋاقىت قارشى يوق ، ئادنىغەي مۇندىغەي دىگەن قاراش ئاستىدا قالغان ئەرەپ مەدىنىيتى ئىچىدە بىر مەزگىل چوڭقۇر چۆكۈپ ياشاش جەرياندا ئەسلىدىن ئەرەپ قاتمال ، قالاق، ۋاقىت قارشى يوق ئىرغىن شامال خاركتىرنى ئالغان مەدىنىيتىنىڭ ئەسلىدىن تولىمۇ مەنىلىك ، تولىمۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرگە تولغان ئەڭ ساپ ،ئەڭ مۇۋاپىق بولغان گۈزەل بىر مەدىنىيەت ئىكەنلىگىنى بىراق بۇنداق تەرىپىنى شۇ مەدىنىيەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئەرەپلەرنىڭمۇ ئانچە چوڭقۇر ھىس قىلىپ كىتەلىشىنىڭ ناھايتىمۇ تەس بولغان مەسىللەرنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە قارىتا ، قۇياش« شەمسى »  كالېندارى ، ئاي « قەمەر » كالېندارى دىگەن ئىككى ئىبارە ئۈستىدە ياتقان ھاياتلىق كارىدورى ئىچىدە تىنىمسىز ياشاۋاتقان ئىككى كالېندارغا تەۋە بولغان ئىككى خىل كىشىلەر توپى  ئۈستىدە ، ئۇلارنىڭ ياشاۋاتقان  رىئال دۇنياسىدىن  ،تولىمۇ جانلىق ۋە تولىمۇ ئەمەلىي بولغان مىساللارنى ئىلىپ ھار قانداق بىر ئەقىل ئىگىسىنى قايىل قىلغۇدەك ۋە شۇ ئەرەپلەرنىڭ تەبئىي  ساپلىقى ، تەبئىي تاتلىقلىغى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بىر مەدىنىيەت ئۈستىدە ئۆزىنىڭ بەزى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىكەندۇق . شۇنداق بىرىلىپ ئوقۇپ شۇنداق قايىل بولغان ئىدىم .

ھازىر سىزنىڭ تېمىڭىزنى ئوقۇپ ئادىل تۇنىياز ئەپەندىم شۇ ئەسىردە بىلىپ-بىلمەي سىز ئىيتقان كانىت پەلسەپەسى ئىلمگە چىتىشلىق بولغان بىر مەسىلە ئۈستىدە جانلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ قالغانمۇ قانداق ياكى ئادىل تۇنياز ئەپەندىم ئۇ ئەسسىرىدە تىلغا ئالغان مەسىلە سىز ئىيتقان پەلسەپە بىلەن چەك-چىگىراسى ئايرىلىپ باشقىچە بىر پەن سۈپىتىدە مەخسۇس باشقا بىر  پەن تۈرىگە كىرىپ كىتەمدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14961
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 11:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،ئەركيار ئەپەندى كۆپ ئەجىر قىپسىز .
ھازرچە 17بەت كەن ،بولسا داۋامىغا تەشنامىز .ئارىلاپ ئوقۇپ باقسام كانىت ئەقىل(پەن ) ئىنسانىيەتنىڭ ھەممە مەسلىسنى ھەل قىلىپ كىتەلمەيدىغانلقىنى ،ئەكسىچە ئەقىلگە(پەن ) نىڭ رولىغا زىيادە چوقۇنۇش ئورننى تولدۇرغۇسىز مەنىۋى بوھراننى كەلتۈرۈپ چىقىدغانلقىنى 200يىل بۇرۇنلا دەپ بوپتىكەن ،بۇ پەيلاسوپنىڭ قاراشلىرنى  دەۋرىمىزدە ۋاقتى ئۆتكەن دەپ ئەمەس بەلكى ئەمدى ۋاقتى كېلىۋاتقان قاراشكەن دەپ ئوبدانراق تونۇشقاننىڭ  ئەھمىيتى  زور دەپ قارايمەن .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8461
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 845 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 12:09:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تادۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 11:05 AM
قىساسۇل ئەنبىيادا ئىنسان روھىيتىنى  ،   تەپەككۇر    قەلى ...



تادۇ ئەپەندىم ئەرىكيار ئەپەندىم ئوتتۇرغا قويۋاتقان مەسىلىگە قارىتا قۇرئاندىمۇ نۇرغۇن ۋە ئىنىق بولغان مەلۇماتلار بار .

     دۇنيادا كىرەكسىز نەرسە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس . بىراق بارلىق كىرەكلىك نەرسىلەرمۇ ساپ بولغان ئەمەس . مەسىلە بىزنىڭ شۇ كىرەكلىك نەرسىلەرنى كىرەكسىز نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن قانداق بايقاپ قانداق تاللاپ ئىلىشتىكى مەسىلە .

    مىسال . داڭلىق بىر قىمارۋاز بار دىسەك . ئۇنىڭ قىمار ئوينىشى ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ناچار بولۇشى ناتايىن .
     بۇ يەردە بۇ قىمارۋازنى ئەسكى كۆرسىتىپ قويغان نەرسە ئۇنىڭ قىمار ئويناشتىكى ناچارلىقى خالاس . ئەگەر ئۇ قىمارۋاز بىسىپ ئوينىماي ئاي-يىلدا بىرەر قىتىم 300~400 يۈۋەنلىك قىمار ئويناپ قويسا . ئۇنىڭ بۇ قىممىتى ئۇنىڭ باشقا ياخشى خاراكتىرى تەرىپىدىن بىسىلىپ كىتىپ ئەسكى دىگەن ئاتاقتىن يامان ئەمەس ئادەملىك دەرىجىسىگە كۆتۈرلىدۇ .

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە - بىراۋ بىرەر مۇسۇلمان ئايالنى كۆرۈمسىزلىگى سەەپلىك ياقتۇرماي قالمسۇن . بەلكىم ئۇ ئايالنىڭ باشقا بىر تەرىپىنى ياقۇتۇرپ قىلىشى مۈمىكن . مۇشۇ مەنىدىراق دىگەنكەن . لىكىن تولۇقى ئېسىمدە يوق .

      بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق تەپسىرلىگەندە ھەر قايسى ئالىملارنىڭ تەپسىرلىشىمۇ ھەرخىل بولىدۇ ئەلۋەتتە .
       بۇ دىگەنلىك ھەر قانچە يىقىشلىق بىلىنمىگەن ئادەمدىمۇ چوقۇم ئادەمگە ياقىدىغان بىر تەرىپى بار دىگەنلكتۇر . يەنى بۇ ئايالنىڭ چىرايى ياكى بەدەن قىياپىتى ياقمىسا بەلىكم ئۇنىڭ يولدشىنى كۈتۈشى ، كۆڭلىنى ئىلىشى ۋە ياكى دىننى ئىبادەت قاتارلىق تەرەپلەردە  يىتەرلىك ساپاسى بولۇشى مۈمكىن دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇشىمۇ ھەم مۈمكىن .
     لىكىن بۇ ھەسىنى كۈچلۈك دەللىل قىلىپ . ئۆز ئارا مەلۇم نىسپەتتە باراۋەرلەشمىگەن قىممەت ئاساسىدا يەنى ساپا ، ياش ئۆلچىمى ، تەلەپ ....قاتارلىق دەرىجىلەردە مەلۇم ئىككى نۇقتا ئارىسىغا دەرىجىسى چۈشمەستىن قوشنا قىممەتتىن زور دەرىجىدە چەتنەپ كىتىدىغان ئىشلاردا  باشقىلارغا چانمىغۇدەك ياكى قارشى تەرەپنى قايسى جەھەتتىن بولسۇن كۆڭلىنى يارا قىلمىغۇدەك بىر سەۋەپ بىلەن چىرايلىق رەت قىلىپ ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان يولنى تاللاش ھوقۇقىمۇ بولغان بولىدۇ .

   پەلسەپە مۇشۇنداق كۆپلىگەن تەرەپلەرگە چىتىلدىغان تولىمۇ مۇرەككەپ ھەم چۈشەنمەك بەك مۈشكۈل بولغان ئوقۇمدۇر . تولا ھاللاردا  كىشىلەر تەرىپىدىن ئاسانلىقچە قوبۇل قىلىنمايدۇ بىراق شۇ بايان قىلىنغان خەتەر يىتىپ كەلگەندە نەچچە زامان ئىلگىرى ئىيتقان  كىرەكسىز پەلسەپەلىك قاراشلار ئىچىدىكى بىباھا ئالتۇندەك پەلسەپىۋيلىك قاراشلار ئېسىمىزگە كىلىپ ھەسىرەت چىكىپ قالغاندا ئاللىقاچان كىچىككەن بولىمىز دەپ قارايمەن .
   مەنمۇ ياخشى پىكىر قىلالمىدىم شۇنداقتىمۇ ھەر ھالدا  ھەر بىر ئىنسان ئۈچىنىڭ يىتىشچە چۈشىنى قويغاننىڭ زىينى يوق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش