مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1626|ئىنكاس: 24

كانت پەلسەپىسى ۋە كانت ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش[ئېلكىتاب] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99369
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 03:33:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كانت پەلسەپىسى ۋە كانت ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش


[ئېلكىتاب]


ھەرقانداق ئادەم كانتنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن تېخى گۆدەك بالا.   -شوپىنخاۋىر


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پەلسەپە ھەۋەسكارلىرى دوستلار!

بۇ ئېلكىتابقا  كىرگۈزۈلگەن تەرجىمە ماقالىلەر كانت پەلسەپىسى،كانت ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرىمىزنىڭ بىرقىسمى بولۇپ، دوكلات خارەكتىرىدە مىسرانىم مۇنبىرى ئارقىلىق كەڭ تورداشلار بىلەن ئۇچراشتۇردۇق. شۇ سەۋەبلىك مىسرانىم مۇنبىرىگە رەھمەت ئېيتىمىز ھەمدە تورداشلارنىڭ
كانت ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشىمىزغا پايدىلىق قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر،ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئۇستازلارنىڭ، دوستلارنىڭ يول كۆرسىتىشى،قوللىشى ئاستىدا كانتنىڭ «ئۈچ تەنقىد»ىنڭ ئانا تىلىمىزدىكى تەرجىمە نۇسخىسى ئانچە ئۇزاق بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى!

QQ截图20140803151551.jpg


بۇ ئۇلانمىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ:
康德著作试译.pdf (528.02 KB, چۈشۈرۈش سانى: 295)



بۇ ئېلكىتابنىڭ مەنبە ھوقۇقى پەقەت مىسرانىم تورىغىلا مەنسۇپ،باشقا ھېچقانداق تورغا ئېلكىتاب شەكلىدە يوللانمىدى ھەم يوللانمايدۇ.  مىسرانىم تورىدىن چۈشۈرگەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىڭ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 03:49 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-8-4 03:31 AM):
كانت پەلسەپىسىدىكى مەسلىلەر

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى

كانت پەلسەپىنىڭ تارىخى سەھنىسىگە چىققاندا ئۇ دۇچ كەلگەن نەزەرىيە ئارقا كۆرۈنۈشى بولسا ئەڭ ئاۋۋال تەجرىبىچىلەر بىلەن نۇقۇل نەزەرىيچىلەرنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىدىكى ئۇمۇميۈزلۈك مۇقەررەرلىك مەسلىلىرىدىكى بەس – مۇنازىرىلىرىنىڭ قاتمال ئەھۋالدا قېلىشى بولدى.ئۇنىڭدىن قالسا،ئاقارتىش تەرەپدارلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەقلىيەتچىلەر بىلەن ئەركىنلىك تەرەپدارلىرى توقۇنۇشۇۋاتاتتى(ژان ژاك رۇسسو)؛يەنە بىر تەرەپتىن گۇمانلىنىش تەرەپدارلىرى بىلەن ماتېرىيالىزىمچىلارنىڭ زەربە بېرىشىدىن مېتافىزىكىنىڭ قۇرۇق نامىلا قالغان ئىدى.بۇ ئۈچ مەسىلە يەنە«ئەقلىيەتچىلىك نوپۇزىنىڭ تەۋرىنىشى»،«ئەركىنلىكنىڭ ھالاكىتى»،«مېتافىزىكىنىڭ يوقىلىشى»دەپمۇ ئاتالغان.ئەگەر كانت پەلسەپىسىدىكى مەسلىنى بىرئېغىز گەپكە يىغقاندا،«مۇقەررەر تەبىئىي قانۇنىيەتكە قەتئى بويسۇنىدىغان دۇنيادا ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى بولامدۇ،ئىنساننىڭ باشقا تەبىئىي مەۋجۇدىيەتتىن پەرقلىنىدىغان قىممەت ۋە غۇرۇرى بولامدۇ»دېيىشكە بولاتتى.بۇ ئاقارتىش دەۋرىدەك بۇنداق ئىلىم-پەنچىلەر گۈللەنگەن دەۋىر شارائىتىدا كانت دۇچ كەلگەن تۈپ مەسىلە ئىدى.رۆشەنكى،كانت پەلسەپىسىنىڭ تۈپكى مەسلىسى ئىنسان روھى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى مەسىلە ئىدى.مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى بىر ئەسىرى باشلىنىش ھارپىسىدا قىممەت قارىشىنى قايتا قۇرۇش مەسلىسى ئىدى.نىتزىدىن كېيىنكى(1900) يۈزيىلنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بىز يەنە بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز.
كانت بىلەن بىز ياشاۋاتقان دەۋىر ئاز دېگەندە 200يىل پەرق قىلىدۇ.ئەمما،ئۇ ۋە ئۇلار دۇچ كەلگەن مەسىلە ئوخشاش.پەن-تېخنىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ روھى قىممەت قارىشىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كانت بۇنىڭدىن 200يىل بۇرۇن ھېس قىلغان،200يىلدىن كېيىن بۇ خەۋپنى ھېس قىلىپلا قالماي بىۋاستە زىيىنىنى تارتىۋاتىمىز.
20-ئەسىر«پەن-تېخنىكا دەۋرى».  بىز 18-ئەسىردىكى كانتنىڭ دەۋرىدىكىدەك ئىلىم-پەننى ئۇمۇميۈزلۈك مۇقەررەر ھەقىقەت دەپ قارىماستىن،ئۇنى نىسبىي،شەرتلىك دەپ تونۇدۇق.بىراق،بىز20-ئەسىرنى يەنىلا«پەن-تېخنىكا دەۋرى»دەپ قارايمىز.چۈنكى،20-ئەسىردە پەن-تېخنىكىدا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلەش ئىنسانىيەت تارىخىدا ھەرقانداق ئەسىردىكى بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە زور بولدى.بىز پەن-تېخنىكىنىڭ نىسبىي ۋە چەكلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالىغان بولساقمۇ پەن-تېخنىكىنىڭ ئەجەللىك خەۋپىنى مەسىلەن،مۇھىت بۇلغىنىش،جانلىقلار تۈرىنىڭ يوقىلىشى،يادرو ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاتارلىقلارنى توسۇشقا ئامالسىزمىز.
نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ ئېھتىمال نۇرغۇن سەۋەبلەر بار،ئەمما ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتتى.يەنى،ئىنسانىيەت مەدەنىيتى ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا ماسلىشالماي قالدى.ئىنسانىيەت بارلىققا كەلگەن ھەم ئىشلىتىشكە بولىدىغان پەن-تېخنىكىغا قارىتا تولىمۇ تەييارلىقسىز ئىدى.1966-يىلى،ھەيدىگگىر گىرمانىيە«يورۇق ئەينەك»ژۇرنىىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا دەپ ئۆتكىنىدەك،ھەيدىگگىر ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئايغا چىققىنىنى كۆرگىنىدە ئىنتايىن ئەندىكىپ ئىلاجسىزلىق ھېس قىلغان،ھەيدىگگىرنىڭ قارىشىچە بىز بۇلارغا ئېھتىياجلىق ئەمەس.« ئاتوم بومبىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق،ھازىر ئادەملەر يىلتىزىنى كولاپ چىقتى.بىزنىڭ پەقەت تېخنىكا مۇناسىۋىتىمىزلا قالدى،بۇ پىلانت بۈگۈن ئادەملەر تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پىلانتقا ئوخشىماي قالدى»-دەيدۇ ھەيدىگگىر.ئەينى ۋاقىتتا بەزىلەر ھەيدىگگىرنى كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋاتىدۇ دەپ مەسخىرە قىلغان بولۇشى مۇمكىن.ئەمما،بايقىدۇقكى،ھەيدىگگىرنىڭ تەشۋىشلىنىشىنىڭ ئاساسى بار ئىكەنتۇق،نادانلىقىمىزدىن نۇرغۇن بىھۇدە بەدەللەرنى تۆلەپ تۇرۇپتىمىز.
بىز پەننى ئەيىپلىمەكچى ئەمەس،بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيىپلىمەكچى.پەن-تېخنىكىدا ئەسلىمۇ گۇناھ يوق،پەن-تېخنىكا يەرشارىنى،قۇياش سېستىمىسىنى ھەتتا،سامان يولىنى نابۇت قىلىۋەتكەن تەغدىردىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەن-تېخنىكىنىڭ خاتالىقى ئەمەس.مەسىلە پەن-تېخنىكىدا بولماستىن شۇنىڭدىن پايدىلانغان ئادەمدە.مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،بۇ دۇنيادا ئادەمنىڭ پەن-تېخنىكا ئىگىلىشىدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق.بۈگۈنگە قەدەر يەرشارىدا ئىنسانىيەتنىڭ تەشكىللىنىشى ئەڭ ناچار،ئەڭ ئاسان خەۋپ پەيدا قىلىدۇ ھەم تەبىئەتتىكى باشقا مەۋجۇداتلارغا،بىئولوگىيلىك تۈرلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.ھايۋاناتلار تەبئىي ئىقتىدارى بويىچە جەمئىيتىنى تەشكىللەيدۇ،ئۇلارنىڭ جەمئىيتى ئادەتتە ئاسانلىقچە خەۋپكە پېتىپ قالمايدۇ.خەۋپكە پېتىپ قالسىمۇ ئۆز-ئۆزىنى تەڭشىيەلەيدۇ،تەڭشىيەلمىگەن تەغدىردىمۇ تەبىئەتكە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ.ئادەم ئوخشىمايدۇ.ئادەمنىڭ تەبىئى تەرەققىياتى توختاپ بولغان،ئادەمنىڭ ئەمدىكى تەرەققىياتى روھى تەرەققىيات،جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى،مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى.ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلغانچە مۇرەككەپلىككە يۈزلىنىۋاتقاچقا مەسلە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى ئېشىۋاتىدۇ.ھەتتا،كىچىككىنە بىر ئامىلمۇ يوقىتىش خارەكتېرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.ئۇچراۋاتقان خەۋپى ئۆزىنىڭلا يوقىلىشى بولماستىن بەلكى پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھالاكىتى.
ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ئاساسى بوشىدى،زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر بىلەن تولدى.مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،ئىنسانلار ئىنسانلىق قىممىتىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسى قىلىدۇ.ھايۋانلار ياشىسا،تېخىمۇ ياخشى ياشىسىلا بولدى،ئادەم ئۇنداق ئەمەس،«نېمە ئۈچۈن»دەپ سۇئال قويۇپ ياشايدۇ.ئاۋۋىلىدا سوقرات،ئاندى كانت قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ قارىشىدا،ئەقىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتمىگەن تۇرمۇش قىممىتى يوق تۇرمۇش.ھالبۇكى،بۇ دۇنيادا ھېچقانداق يەرگە نېمىشقا شۇنداق دېيىلىدىغانلىقىنىڭ جاۋابى يېزىپ قويۇلغان ئەمەس.دۇنيادا ئەسلىدە قىممەت دەيدىغان نەرسە يوق،ئادەمنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن قىممەت بارلىققا كەلگەن.
ئادەمنىڭ قىممەتنى تۈپ ئاساس قىلىپ ياشىشى ئەمەلىيەتتە بىرخىل خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش.
قىممەت-قەدىمكى ئەنەتكەك تىلىدىن كىرگەن ئىبارە بولۇپ،«قوغداش» مەنىسىدە.لاتىن تىلىدىكى مەنىسى«توسما،مۇستەھكەملەش»دېگەنلىكتۇر.قەدىمكى گىرمان تىلىدا «قانات ئاستىغا ئېلىش»دېگەن مەنىدە.قىممەت –قۇرۇق نەرسە،يوقلۇق تەرەپدارلىرىنىڭ يېپىنچىسى.ئادەم بولسا غايە بىلەن داۋام ئېتىدىغان مەۋجۇدىيەت.شۇڭا ئادەم پەس رېئاللىق بىلەن گۈزەل غايە ئارىسىدا ياشايدۇ.ئادەم رېئاللىققا رازى بولمىغاچقا غايە پەيدا بولغان.غايە بولغاچقا رېئاللىقا رازى بولمايدۇ. غايە-قىممەتتۇر.ئەمما،قىممەت تەبىئەت ئىچىدە يېزىلمىغان،ئادەم ئۆزى بايقاپ ئۆزى يارىتىدۇ،قانداق قىممەتنىڭ ياخىش ياكى ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى ئېنىقسىز.بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى،بىز بىرخىل قىممەتنى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسى قىلغىنىمىزدا تاللاشقا دۇچ كېلىمىز،بۇ قىممەتنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.شۇڭا قىممەتنى مەۋجۇتلۇق ئاساسى قىلىدىكەن،ئىنسان تەۋەككۇل قىلىشى كېرەك.ھەرقانداق ئاقىلانە تاللاشمۇ بىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويۇشى مۇمكىن،ھەرقانداق بىر يول بارسا كەلمەس يول بولۇشى مۇمكىن.تاللىغان ئىكەنمىز،مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز لازىم.
ئەگەر،بىز«ئەگەر»دەۋاتىمىز،ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ئاشۇلار ئېيتقاندەك تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇۋاتقان بولسا ئۇ ھالدا كېلىدىغان خەتەر ئىنسانىيەتكىلا بولماستىن تەبىئەتمۇ خەتەر ئاستىدا قالىدۇ.چۈنكى،ئىنسانىيەتنىڭ پائالىيتى تەبىئەتنى نابۇت قىلىشقا سەۋەب بولدى.تەبىئەتنىڭ ئۆزىنى نابۇت قىلىدىغان ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇدىيەتنى قانداق ئاپىرىدە قىلغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.شۇڭا،تەبىئەتتىن ئىنساننىڭ كېلىپ چىقىشى تەبىئەتكە نىسبەتەن تەرەققىياتمۇ ياكى چېكىنىشمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.ئەگەر ئىنساننىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەبىئەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى دەپ قارىساق ئۇنداقتا بىردىنبىر جاۋاب تەرەققىي قىلىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە «خەۋپ»كە ئايلىنىدۇ.خەۋپ بولغچقا يېڭى ئۈمىد يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.خۇددى خۇدا ئادەمنى يارىتىپ ئۇنىڭغا ئەركىنلىىك بەرگىنىدەك، بۇ ئالىي جانلىقنىڭ «ئالىي»لىقى ئۇنىڭ ئەركىنلىكىدىدۇر.ئەمما بۇ ئەركىنلىك شۇنىڭدىن دېرەك بەردىكى،ئۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكىگە،گۇناھ ئۆتكۈزمەسلىك ئەركىنلىكىگىمۇ ئىگە.ئادەم مەۋجۇتلۇقىنىڭ خەۋپى شۇكى ئادەم ئەركىن تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە.ئەركىنلىك ئوخشاش بولمىغان مۇمكىنچىلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.تەبىئەت ئىنسانىيەتكە كەلگەندە ئەركىنلىككە يۈزلەندى.بەلكىم نابۇت بولۇش،ۋە بەلكىم تېخىمۇ يۇقىرى ماقامغا يۈزلىنىش.تېخىمۇ يۇقىرى ماقامغا يۈرۈشتە قالىدىغىنى خەتەرلىدۇ،تەۋەككۇل قىلىشقا ئەرزىيدىغان خەتەردۇر.
ئىنسانىيەت تەبىئەتكە ۋەكىل بولۇپ تېخىمۇ يۇقىرى ماقامغا يۈرۈش قىلىدىكەن،ھېچبولمىغاندا مۇنداق ئىككى ئاساسلىق مەسلىنى ھەل قىلىشى كېرەك.بىرى،ئەقىلگە تاينىپ تەبىئەتنىڭ سىرىنى بايقاش. يەنە بىرى،ئۆزىنى تەبىئەت سىرلىرى بىلەن ماسلاشقۇدەك سەۋىيدە پىشىپ يېتىلدۈرۈش.ھازىرغا قەدەر،بىز ئىككىنچىگە يېتەلمىدۇق،ئېھتىمال تەبىئەت سىرلىرىدىن يىراقلىشىش يامان ئىش بولمىسا كېرەك.
كانت دەۋرى مەرىپەتچىلىك بىخلىنىپ كىرزىس ئىچىدە تۇرىۋاتقان دەۋىر.كىشىلەر ئەقلىيلىك،پەننى قىممەت يۆنىلىشى قىلىپ تاللىغاندا مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقىدۇ.ئەقىل ئەڭ ئالىي نۇپۇز سانالدى،ھالبۇكى ئەقىل ھەرقانچە نۇپۇزلۇق بولسىمۇ خۇدانىڭ نۇپۇزىنى ئېلىپ خۇدالىق دەۋاسى قىلالمايتتى.ئەقىلنى غايىۋىلاشتۇرۇپ ئابىستراكىت،ئۇمۇميۈزلۈك،مەڭگۈلۈك دەپ قارىغىنىمىزدا ئۇ خۇداغا ئوخشىتىلىپ رېئال مەۋجۇتلۇق تۈسىدىن قېلىپ غايە پېتى قالاتتى.ئەمما يەنە بىرجەھەتتىن ئەقىل بىزنىڭ رېئاللىقىمىزدا بار نەرسە ئىدى.كانتنىڭ ئاتالغۇسى بىلەن ئېيتقاندا،بۇ بىزدە «ئەزەلىي فانتازىيە»سېزىمى پەيدا قىلغان ئىدى.غايىنىڭ ئەقلىيلىك چەكلىمىسى يوق،ئەمما رېئاللىقنىڭ ئەقلىي چەكلىمىسى بار.بىز خاتا ھالدا رېئاللىقتىكى چەكلىك ئەقىلنى چەكسىز غايىمىزدىكى ئەقىل دەپ قاراپ قالىمىز،خەتەر دەپ مۇشۇ يەردىن كېلىپ چىقىدۇ. كانت شۇنى ئېنىق تۇنۇپ يەتكەنكى،ئەگەر ئىنسانلار ئەقىل(پەن ئىشلىتىدىغان ئەقىل ياكى قورال ئىشلىتىدىغان ئەقىل)نى قىممەت يۆنىلىشى قىلىدىكەن،ئۇنداقتا قىممەت يوقىتىش خەتىرىگە تەۋەككۇل قىلىدۇ،چۈنكى پەن ئىشلىتىدىغان ئەقىل چەكلىك، مەيلى قانداق بولسۇن ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممەت ئاساسىنى تولدۇرۇپ بولالمايدۇ.شۇڭا،كانتچە بولغاندا ئەقىلگە چەك قويۇپ ئەخلاق ۋە ئېتىقادقا ئورۇن قالدۇرۇش زۆرۈر.


ئالدىنقى مەزمۇن:كانت پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتى،بۇ ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ:
http://bbs.uyghar.com/forum.php? ... 3%D8%A7%D9%86%D8%AA


كېيىنكى مەزمۇن:كانت پەلسەپىسىدىكى روھ
داۋامى بار!

مەنبە: http://www.exam8.com/lunwen/zhex ... 200705/1268207.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108598
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2014-7-20
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 07:47:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كانت دىگەن بۇ ئاتالغۇ كىشى ئىسمىمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rayhan05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 07:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99369
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 07:54:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rayhan05 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 07:47 PM
كانت دىگەن بۇ ئاتالغۇ كىشى ئىسمىمۇ؟

شۇنداق،كانت كىشى ئىسمى. بۇ كىشىنىڭ تەرجىمھالى ئېلكىتابتا تۇنۇشتۇرۇلغان.چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2510
يازما سانى: 1025
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11788
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 08:18:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە ئاپرىن ئەركىيار ئەپەندىم ! تەرجىمە جەھەتتىكى چەككەن رىيازەتلىرڭىز ، خەلىق قەلبىدە ھامان ئۇلۇغلىنىدۇ .

ھايات بولسا بىر دېڭىزغا ئوخشايدۇ ،ئىرادىلىك ئادەملەرلا قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ بارالايدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 09:58:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمگەكلىرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم بىزدە پەلسەپە ئەسەرلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ كانىت پەلسەپەسىگە دائىر ئەسەرلەر ناھايىتى كەمچىل . كانىت دەك گىگانىت پەيلاسوپنىڭ ئۈزۈندىللىردىن ئانچە- مۇنچە بەھىر ئالغان بولساممۇ كانىت پەلسەپىسگە بولغان چۈشەنچەم بەكلا يېتەرسىز ئىدى بۇ تەرجىمىڭىزنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇش بولدۇم .
ئەمگەكلىرڭىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6746
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 10:11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىم يولىدا چەككەن جاپالىرىڭلارنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بىرىدۇ.مەن  مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»دىگەن  كىتاپنى ئوقۇپ پەلسەپە ئىلمىنىڭ بىر مىللەتنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، ئېتىقاد، ئىقتىساد قارىشىنى توغرا نەزەر بىلەن يەكۈنلەپ چىقىشتىكى رولىنى  تۈنجى قېتىم ھىس قىلغان ئىدىم، سىزنىڭ بۇ ئىجادى ئەمگىكىڭىز بۇ ھەقتىكى قارىشىمنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردىغان بولدى،

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 11:45:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيالپەرەس ماتىريالىىزىمچىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ،مەززىسى يوق كۆز قاراشلىرىنى تەرجىمە قىلغۇچە ، ئۆزىڭىزگە باشقىلارغا پايدىلىق  پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ، ھىچ بولمىسا دىئالىكتىكىلىق پەلسەپە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلسىڭىزچۇ،بىكادىن ئاۋارە بوپسىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوقۇغىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 11:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99369
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 01:13:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغىن يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 11:45 PM
خىيالپەرەس ماتىريالىىزىمچىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ،مەززى ...

كىلاسسىكلارنىڭ مۇنۇ مىسراسىىنى ئېسىمگە سالدىڭىز:
قەلىمىم سىزسا سىزىقتىن بىر،
ئىلىم نۇرىسىز ئۇ چىقار قىڭغىر.

ھېچبولمىغاندا ئانچىكى ئەجىر قىلىپ مائۇسنى ئۈچ چېكىپ ئاۋۇ ئېلكىتابنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىپ ئىنكاس يېزىشىڭىز باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە قىلىنغان ئەقەللىي ھۆرمەت ئىدى. ئىسمىڭىز«ئوقۇغىن»دەپ قويغىنىڭىز توغرا بوپتۇ.
كانت -ماتېرىيالىزمچى ئەمەس،ئىدىيالىزمچى. ئۇ دۇنيانى تېگىدىن بىلگىلى بولمايدۇ،دەپ قارايدىغانلاردىن. كانت ھەققىدە يەنە بىلىدىغانلىرىڭىز بولسا تەپسىلىيراق بايان قىلغايسىز.
دىئالىكتىك پەلسەپە دېگىنىڭىز قانداق پەلسەپە؟
ماركىسىزملىق پەلسەپىدىكى دىئالېكتىكىنى دەۋاتقان بولسىڭىز،پەلسەپىگە ئائىت كىتابلارنى كەم بولسىمۇ تېپىپ كۆپرەك سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ كۆرۈشىڭىزنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن.

ھە راست، ئاۋارە بولسام كېرەك يوق،بۇمۇ بىرخىل تاللاش،بىرخىل ياشاش ئۇسۇلى،ۋاقتىمغا ئېچىنماڭ،ھەربىر تىنىقنىڭ ھېسابىنى ئۆزۈمدىن ئۆزۈم ئېلىپ كۆڭۈللۈك ياشاۋاتىمەن.

پەلسەپە ھەققىدە بىلىدىغانلىرىڭىزنى تۆكسىڭىز،كەڭ-كۇشادە سۆھبەتلەشسەك بولىدۇ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzum-tal + 50 ئاپىرىن !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99369
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 01:21:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغىن يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 11:45 PM
خىيالپەرەس ماتىريالىىزىمچىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ،مەززى ...

ھە راست، كانت پەلسەپىسىنىڭ «ۋاقتى ئۆتكەن»ى يوق،ۋاقتىدىن بالدۇر كېلىۋالغاچقا ۋاقىت كۈتىۋاتىدۇ...
ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ھالدا،ھېچبولمىغاندا كانت ھەققىدە خەۋەرسىزلا بىرنەرسىلەرنى دەپ بېقىش پايدىسىز.
«مەززىسى يوق كۆز قاراش»-كۆزقاراش مەسلىسى مەنىۋى دۇنيانىڭ ئىشى.ماددىي لەززەت ئىبارىسى بىلەن سۈپەتلەش شۇ خىل ئېھتىياجىدىن ئۆتەلمەيۋاتقانلارنىڭ ئىچىنى سىرتقا ئۆرىشى بولسىمۇ، بۇ ئۆزى خاتا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99369
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 01:30:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغىن يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 11:45 PM
خىيالپەرەس ماتىريالىىزىمچىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ،مەززى ...

پەلسەپە ساۋاتلىرىدىن خاتىرە
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


1.پەلسەپىدىكى مەزھەپلەر:
بىرمەنبەچىلىك(ماددا ۋە روھنىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ)
ئىككى مەنبەچىلىك(ئاخىرى ئىدىئالىستىك بىرمەنبەچىلىككە قايتىدۇ)
بىرمەنبەچىلىك يەنە ئىككىگە ئايرىلغان:
بىرى،ماتېرىيالىزم(ئىنكاس نەزەرىيسىدە چىڭ تۇرىدۇ)
يەنە بىرى،ئىدىئالىزم(ئەزەلىيەت نەزەرىيسىدە چىڭ تۇرىدۇ)
ماتېرىيالىزم باسقۇچ جەھەتتىن قەدىمكى ساددا ماتېرىيالىزم ۋە يېقىنقى دەۋىر مېتافىزىك ماتېرىيالىزمى(بۇ ئالدىنقى ئىككىسى قوشۇلۇپ كونا ماتېرىيالىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ)،ھازىرقى زامان دېئالىكتىك ماتېرىيالىزم دەپ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن.
تەرەققىيات قارىشى بويىچە دىئالىكتىكا ماتېرىيالىزمى،مېتافىزىكا ماتېرىيالىزمى دەپ ئايرىلغان.
تارىخ قارىشى بويىچە ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشى،ئىدىئالىستىك(ئۈزۈلكېسىل بولمىغان ماتېرىيالىزملىق) تارىخ قارىشى دەپ ئايرىلغان.
2.پەلسەپە بىلەن كونكېرت پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتى

3.پەلسەپە،دۇنيا قاراش،مىتودولوگىيە ـــ بۇ ئۈچىنىڭ مۇناسىۋىتى
پەلسەپە –ئەقلىي بىلىش،ئۇ دۇنيا قاراشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى خۇلاسىلەيدۇ.دۇنيا قاراش –ھېسسىي بىلىشقا تەۋە.دۇنيا قاراش مىتودولوگىيەنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئىپادىلەيدۇ.
پەلسەپىدىكى:
ئىككى خىل سۇبىستانسىيە قارىشى-ماتېرىيالىزم،ئىدىئالىزم
ئىككى خىل تەرەققىيات قارىشى – دىئالىكتىكا،مېتافىزىكا
تۈپتىن قارشى دەپ قارالغان ئىككى خىل پىكىر يولى – ئىنكاس نەزەرىيسى،ئەزەلىيەت نەزەرىيسى
ئىككى خىل تارىخ قارىشى – ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى،ئىدىئالىزملىق تارىخ قارىشى
4.سۇبيېكتىنىڭ ئۇبيېكىتلىشىشى ۋە ئۇبيېكىتنىڭ سۇبيېكىتلىشىشى
ئەمەلىيەت جەريانىدا بۇ خىل قوش يۆنىلىشلىك ئۆزگىرىش يۈزبېرىدۇ.سۇبيېكىتنىڭ ئۇبيېكىتلىشىشىدا: ئادەم مۇھىتنى ئۆزگەرتىدۇ،سۇبيېكىتنىڭ ئىدىيسىنى،ئېھتىياجىنى ئۇبيېكىتنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئۇبيېكىتنىڭ سۇبيېكىتلىشىشىدا:مۇھىت ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ،ئۇبيېكىتنىڭ ئالاھىدىلىكى،خۇسۇسىيتى،سۇبيېكىتنىڭ ئالاھىدىلىكى،خۇسۇسىيتى ۋە بىلىشىگە ئايلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش:
يۇقىرىقى مەزمۇنلار"ماركىسىزملىق پەلسەپە"خاتىرىسى بولۇپ،پەلسەپەگە قىزىقىدىغانلارنىڭ بۇ باشلانغۇچ ساۋاتلارنى سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش مەقسىدىدە تورغا يوللاندى. تەنقىدى مۇئامىلە قىلىنغاي!


http://bbs.uyghar.com/search.php ... 3%DB%95%D9%BE%DB%95

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش