سۈرخان1 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 01:01 AM 
ھاۋانى كۆرەلمىگىنىڭىز ھاۋانىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ...
رەھمەت سەييارە مۇخبىر .
ماتىريال كۆرمىسەممۇ ھەممىسى سەپسەتە ۋە توقۇلما نەرسىلەردۇر . تاشقى پېلانىت جانلىقلىرى بولۇشى پەرەز قىلندى بىراق تاشقى پېلانىت ئادەملىرى بايقالمىدى .
ئەگەر تاشقى پېلانىت ئادەملىرى مەۋجۇت بولدىغان بولسا . ئۇلارغىمۇ ھەجى پەرىز بولغان بولاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ ھەر يىلى ھەرەمگە چۈشۈپ ئۇلۈغ كەئبىنى تاۋاپ قالغان بولاتتى . خۇددى مۇسۇلمان جىن-ئالۋاستىلارغا ئوخشاش .نىمىشقا شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى بۇ ھەقتە ئاز-تولا بولسىمۇ بايقاش ياكى يىپ ئۈچى يوق .
بار دىيىلگەندە تاشقى پېلانىت جانلىقلىرى مەۋجۇت بولۇشى مۈمكىن . بىراق ئۇلار بىز ئىنسانلاردەك ئەقىللىق بولمىسا كىرەك . ئەگەر ئەقىللىق بولسا بىز ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىغان بىر ھالەتتىمۇ چوقۇم ئۇلار بىزنى ئىزدەپ تاپقان بولاتتى .
ئەگەر ئۇلار ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپۈيلىدىدن يەر شارىغا كىلەلمىسىمۇ . يۇلتۇز نۇرۇنىڭ تىزلىگىدىن ياكى نۇر تىزلىگىدىننمۇ نەچچە مىلىيون ھەتتا مېلىيارىت ھەسسە تىز بولغان غەيرى فېزىكا ھەركەت ئېنىرگىسى ئارقىلىق ھەركەت قىلدىغان مەخلۇقلاردىن پايدىلىنىپ يەر شارىغا تەرجىمە قىلىپ يىشەلمىسەكمۇ مەلۇم بىر خىل رەتلىك بولغان سىگىنال ياكى مەلۇم مەقسەتنى ئىپادە قىلدىغان كود ئەۋەتىشى مۈمكىن ئىدى .
سىزدىن سوراپ باقاي . سىز ياپۇنيە دىڭىزمۇ ياكى چېرنوبىل يادىرو رىئاكسىيە قازىنىدىن يادىرو يىقىلغۇسى چىقىپ كەتكەندە تاشقى پېلانىت ئادەملىرى ھاۋا بوشلىقىدا تۈرۈپ كۈتۈش قىپتۇ دىدىڭىز . بۇ گىپىڭىزنى راسىت دەپ تۈرايلى . نىمىشقا ئۇلار خىزمىتى ئاخىرلاشقاندا ئىنسانلار بىلەن پاراڭلىشىپ ياكى ئالاقە قىلىپ باقمايدۇ . سىزچە ئۇلاردا بىز ئىنسانلاردەك قىزقىش ، يىىڭلىققا يىڭى شەيئلەرگە ئىنتىلىش خاراكتىرى يوق تاشپاقا مىجەزدىكى جانلىقلارمىدۇ ؟
سىز ۋە سىز باشچىلىقىدا بىر قىسىم ئىنسانلار تور مىدىيالىرىدىكى داڭلىق تور بىكەتلەردە ئېلان قىلىنغان مۇشۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرنى بەك چوڭ بىلىپ ئىشىنىپ كىتىدىكەنسىلەر . قىزىققىنىڭلار ياخشى ئىش بىراق گېزىت-ژورنانلارغا ، ھەر قايسى مەدبۇئاتلاردا تەشۋىق قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چىن بولۇپ كىتىشى ناتايىن .
بىز بىر مەسىلىگە يولۇققاندا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ياكى ساختا-چىنلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقدىغان ئەقلى لوگىيكا نۇقتىسىدا تۇرۇپ نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز قىتىمغا يىقىن گۇمانى تەرەپلىرىدىن ئەقلىمىز قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە خاتالىق تاپالاپلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن شۇ شەيئىنىڭ چىنلىقنى ئىتىراپ قىلىشنى ئۈگنۋىلىشمىز كىرەك دەپ قارايمەن .
ئەگەر بۇ ئىشنى چېنلىققا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلدىغان بولساق 5~4 خىل ئۇسۇلى ئەمەس ھەتتا 70~60 خىل ئۇسۇلىنى چانمىغۇدەك ئىيتىپ بىرەلەيمەن .
راستىققا ئىشەندۇردىغان ئەڭ ئاددىي بولغان بىر دوكىلات تەييارلىماقچى مەن ھە .
باشلاندى .
يىقىندا ئەنگېلىيە زىمىن تەۋەلىگىدىكى مەلۇم بىر ئېكنزارلىقتا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە غايەت چوڭلۇققتا ھەر خىل دىڭىز جانلىقلىرىنىڭ شەكلىدە ئىنچىكلىك بىلەن كۆڭۈل قويۇپ چىقىرىلغان ھەر خىل شەكىللەر بايقالدى .
بۇ خەۋەر دۇنياغا تارقىلىشى بىلەن ئامېرىكا ئالەم بوشلىقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناسانىڭ 10 نەچچە نەپەردىن ئارتۇق غوللۇق تەتقىقاتچى خادىملىرى تېزلىك بىلەن شۇ جايىغا يىتىپ بىرىپ شۇ شەكىللەر ئۈستىدە ئىنچىكلىك بىلەن كۈزۈتۈش ۋە تەتقىقات ئىلىپ نەتىجىسىدە ئۇ شەكلىللەرنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن ياسالغان شەكىل بولماستىن بەلكى تاشقى پېلانىت ئادەملىرىنىڭ ياساپ چىققانلىقى دەللىپ چىقتى .
شۇ كۈنى ئۆيى دەل شۇ ئىنكىنزارلىققا نەچچە يۈز مىتر كىلدىغان جايغا جايلاشقان جونسون فېرىگ دىگەن كىشى مۇخبۇرلارغا شۇ كۈنى چۈشتە ئايالى بىلەن كۆكتاتلىقتا چۈشكىچە ئىشلەپ چۈشلۈك تاماق يىيىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرىپ ئايالى چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن ھامبوروگ بولكىسى تەييارلاشقا ئاشخانىغا كىرىپ كىتىپ تۇيۇقسز چىقرغانچە يولدىشىنى چاقرىغان . يولىدىشى ئاشخانىغا كىرگەندە ئايالى جونسۇن دەرىزىدىن ئاۋۇ ئىتىزلىققا قاراڭ غەلىتە بىر ئىش يۈز بىرىۋاتىدۇ دىگەنچە چىرايى ئۆڭگەنچە يولدىشىغا دەرىزىدىن چەكسىز كەتكەن ھەر خىل دانلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلگەن جاينى كۆرسەتكەن جونسۇن قارىغۇدەك بولسا ئىتىزلىققا ئۆزلىگىدىن شۇنداق چىرايلىق ھالتتە ھەر خىل جانلىقلارنىڭ شەكلى ئويلىۋاتقان ئىدى . غەلىتە يىرى ئىتىزلىقتا بىرەر ئادەم ياكى بىرەر مىخانىك ماشىنا كۆرۈنمەيىتتى . بۇلار بۇ غەلىتە ئىشتىن ھەيرانلىق ھىس قىلىپ تۇرغان ۋاقىتتا تۇيۇقسز چىققان مەيىن شامال دەرىزىنىڭ ئوچۇق تۇرغان كۆزنىكىنى يىپىۋەتكەن . بۇ ۋاقىتتا دەرىزىنىڭ ئەينىگىدىن ھاۋا بوشلىقدىن توملىقى كىچىك بالىنىڭ بىلىگى چوڭلىغىدا كەلگەن سارغۇچ بىر نۇر ھىلىقى ئىنىكزارلىققا جونسۇن ۋە ئايالى كۆرۈپ ھەيرانلىق ھىس قىلغان ھىلىقى شەكىللەرنى ئويمىچىلىق ئۇستىكارلىرىدەك ئويىۋاتقان ئىدى . ئەسلىدە جونسۇن ۋە ئايالى ئاددى كۆزلىرى بىلەن كۆرەلمىگەن ھىلىقى نەقىش ئويغان نۇر دەرىزىنىڭ كۆزنىكىگە چاپلانغان نۇر سۈندۇرۇش شەكللىك دەرىزە ئەينىكىنىڭ يۈزىدىن ئىنىق كۆرۈنگەن ئىدى . جونسۇن ئۇ نۇرنىڭ قانچىلىك ئىگىزلىكتىن چۈشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقىپ قارىغاندا . ئۇ نۇرنىڭ ئالاھىزەل 900 مىتىرچە ئىگىزلىكتە شەكلى دۇم كۆمتۈرۈلگەن تەخسىگە ئوخشاش بىر نەرسىدىن چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆردى . جونسۇن تىخمۇ ئىنىق كۆرۈش ئۈچۈن ئايالىغا ساياھەتكە چىققانلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋالغان دۇربۇننى ئاچچىقىۇزۇپ قارىغادا ئەسلىدە ئۇ تەخسە شەكىللىك نەرسە بىرلا بولماستىن 17-16 گىچە ئىكەنلگىنى ئارىدىكى چوڭراق بىرىسى بايقى ئېكىنزالىققا نەقىش ئويۋاتقان قالغىنى بولسا ئۇ تەخسە شەكلىلىك نەرسىنى چەمبەر شەكلىدە ئوراپ تۈرغىنى ئىنىك كۆرگەن . جونسۇن نىمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭىراپ تۇرغاندا . تۇيقسىز ھىلىقى تەخسە شەكىلدىكى جىسىملارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى تۇيقۇسز ئۆيىنىڭ يىنىغا قونۈپ كۈچلۈك نۇر ئىچىدىن بويى 50~60 سانتېمىتىر ئىگىزلىكتە رەڭگى كۈلرەك بىر كىشى چۈشكەن. ئۇ جىسىم يەرگە قوينىۋتقاندا جونسۇن ۋە ئايالىنىڭ بەدىنىدە كۈچلۈك بىر توك سوققاندەك سىزىم بولغان . ئاندىن ھىلىقى كىشى كىلىپ جونسۇن ۋە ئايالىنىڭ ئالدىغا ئىككى مىتىر يىقىنلاپ كىلىپ . بىر قولى بىلەن ئاسماننى يەنە بىر قولى بىلەن يەرنى كۆرسۈتۈپ ئاندىن خۇددى ھەركەت ئوينىغاندەك بىر قىلىقنى قىلغان ئاندىن غەلىتە بىر تىلدا ۋىچىرلاپ فېەسااسدېسسۈەاا ئا ئا ۋ ۋ و و دىگەن بىر جۇملە غەلىتە سۆزنى دىگەندىن كىيىن ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنى ئىچىپ كۆرسەتكەن . جونسۇن قارىغۇدەك بولسا ئالقىندا داۋېت يۇلتۇزىنڭ شەكلى بولۇپ بىر خىل كۈچلۈك نۇر چىچىپ تۈرغىنى ئوچۇق كۆرگەن . ئاندىن ھىلىقى مەخلۇق جونسۇننىڭ ئايالىنىڭ كۆكسگە بىگىز بارمىقىنى چىنىگەندە بىگىز بارمىقى ئۇچۇدىن رەڭگى ھەسەن-ھۇسەن رەڭگىدىكى بىر نۇرنىڭ ۋىزىلدىغان ھالدا كىرىپ كەتكەن . ئاندىن ھىلىقى كىشى بۇ ھەركەتنى يىرىم مىنۇت ئىشلىگەندىن كىيىن جونسۇننىڭ ئايالىنىڭ كۆكسىنىڭ تۈگمىسىنى بارمىقى بىلەن ئۈچ قىتىم كۈچلۈك بىسىپ قويغاندىن كىيىن بىر ئوڭ قولنى بىشىنىڭ كەينىدىن ئارتىلدۇرۇپ ئۆڭ كۆزىنى توسۇپ تۇرۇپ ئاسماندىكى قۇياشقا قاراپ ئۈچ قىتىم تۈكۈرگەندىن كىيىن ھىلىقى تەخسە شەكلىك جىسىمغا چىقىشىا ھىلىقى جىسىم كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقاننىڭ ئارلىقىدا كۆزدىن غايىپ بولغان . بۇ ئىشلاردىن خۇددىنى يوقۇتۇپ قويغان جونسۇن فېرىگ ئىسىنى يىغىپ ئۆيىدىن فوتۇ ئاپىراتىنى ئىلىپ چىقىپ ھىلىقى جىسىملارنى رەسىمگە تارتىۋىلىشنى ئويلاپ ئاپاراتنى ئىلىپ چىققىندا بولسا ھىلىقى غەلىتە جىسىملارنىڭ ئاللىقاچان غايىپ بولغانلىقى . پەقەت ئۇلار ئېكىنزارلىققا ئويغان غەلىتە دىڭىز جانلىقلىرىنىڭ شەكىللىردىن باشقا ھىچ نەرسىنى كۆرەلمىدى .
يۇقارقىسى مەن مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يالغاندىن توقۇپ چىققان تاشقى پېلانىت ئادەملىرىگە ئائىيىت توقۇلما خەۋەر بىر ئاز ئوخشىغناندەق قىلامدۇ ؟
سىزچە بۇ توقۇلما فېسىبوك ، بەيدۇ...لاردا ئېلان قىلسا كۆرگەنلەرنىڭ پىكرى قانداق بولار ؟