|
|
|
|
ئەنگىلىيە بۇغدايلىقىدا ئەڭ غەلىتە چەمبىرەك بايقالدى، غايەت زور
مېدوزا يەر شارىغا ھۇجۇم قىلدى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە بۇغدايلىقىدا ئۇزۇنلۇقى 180 مېتىر (600 فۇت) كېلىدىغان غايەت زور مېدوزا ئىسخىمىسى بايقالغان. بۇ ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ غەلىتە، شۇنداقلا ئەڭ زور چەمبىرەك ھىسابلىنىدۇ.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئوكىسفورد ۋىلايىتىنىڭ كىڭستون (Kingston)جىلغاسىغا جايلاشقان بوغدايلىقتا بۇ بۇ يىل تۇنجى بايقالغان غايەت زور ئسخىمىسىكەن، ھەمدە بۇنىڭ كۆلىمى باشقا ھەرقانداق ئىسخىمىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن.
بۇغدايلىقتىكى غەلىتە چەمبىرەكنىڭ ھەۋەسكارى ئىسپانىيەلىك كەيرېن ئالكساندىر(Karen Alexander) مۇنداق دىدى:‹‹بىز بۇرۇن ھاشارات ياكى قۇشلارنىڭ ئىسخىمىسىنى كۆرگەن، لېكىن مېدوزىنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتتۇق. ئۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، باشقا چەمبىرەكلەرنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلچىمى ئىنتايىن مۇكەممەل، قارىماققا خۇددى غەلىتە مەخلۇق يەر شارىغا ھۇجۇم قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بىز بىرەر پاكىتقا ئېرىشىمىز دەپ ئۇنىڭ ئەتراپىنى شۇنچە ئايلانغان بولساقمۇ، ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدۇق››.
بۇنى بەزىلەر تاشقى پىلانىتىلىقلار ياسىغان دىسە، بەزىلەر جىن-شاياتۇنلارنىڭ ئويۇنى دەپ قارايدىكەن. لېكىن بۇغدايلىقتىكى غايەت زور ئىسخىمىلارغا بەزىلەرنىڭ يەنىلا گۇمانىي قارىشى بار، ئۇلار بۇنى ئوكىسفورد ۋىلايىتىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۇچۇن قەستەن ياساپ قويغان لاھىيەسى دەپ قارايدىكەن. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنى سۈنئى ئۇسۇلدا ياساش مۇمكىن ئەمەسكەن، شۇڭا بۇ ھازىرغىچە يەر شارىدىكى ئېچىلمىغان سىرلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتاكەن.
ئەنگىلىيەدە ھەر يىلى 4-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان بۇغدايدىن ھوسۇل ئېلىنىدىغان مەزگىلدە ئوكىسفورد(Oxford) ۋە ۋېرتا(Verta) ۋىلايەتلىرىدە مۇشۇنداق غالىتە چەمبىرەكلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇ شۇ جايغا نەچچە مىليون فۇند-سىتىرلىڭلىق ساياھەت كىرىمى يارىتىدۇ.
مەنبەئە: پەن-تېخنىكا خەۋەرلىرى تورى
ئۇلانما:http://www.kejixun.com/article/201405/40592.html
2010-يىلى ۋېرتا ۋىلايىتىدە بايقالغان غەلىتە قۇرۇلما
2009-يىلى ۋېرتا ۋىلايىتىدە بايقالغان ئىسخىما
2008-يىلى ۋېرتادا بايقالغان سىخىما، بەزىلەر چەمبەر تۇراقلىقىنى كەسىر چېكىتىدىن كېيىنكى 9 خانىغىچە ھېسابلاپ، ئۇنىڭ ئايلانمىسى بىلەن مەيدانىنى ئېنىقلاپ چىققان.
2007-يىلى ۋېرتادا بايقالغان سترولۇق قۇرۇلما
2004-يىلى ۋېرتادا بايقالغان قۇرۇت
2003-يىلى ۋېرتادا بايقالغان قۇرۇلما
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-11 04:09 PM
|
|
|
|
|
|