yollar يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 12:15 PM 
ئەمدى بۇ «شېئىر»ىڭىزنى ئوپىراتسىيە قىلىپ باقايلى:
قور ...
بارىكاللا يارايسىز، مانا بۇ ھەقىقىي بىر تەكلىپ- پىكىر بولۇپتۇ. خۇرسەن بولدۇم.
رەھمەت قېرىندىشىم.
توغرا دەيسىز ، يېڭى ئىملا قائىدىسىنى تېخى كۆرمىگەن ئىدىم، ئارلىقتا ئىككى يىللىق ئوقۇشقا بېرىپ ئۇنىڭدىن كىيىن خىزمەتكە چىقىپ تۇرمۇش خىزمەت رەتكە چۈشۈپ بولغىچە يەنە بىرە يىل ئۆتۈپ كىتىپ تېخى كۆرۈپ بولالمىغان ئىدىم.
شۇنداق سىزنىڭ مېنىڭ ھىكايەمگە بەرگەن تەكلىپىڭىز مېنى ئويلاندۇرغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھە ماۋۇ مۇنبەرداش بولىدىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم ھەمدە شۇ ھىكايىنىڭ ئىسمىنى ئاخىرى ناخشا چولپىنىنىڭ ئاشنىسى دېگەننى 2-خوتۇنى دەپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى.
چۈنكى ئادەم ياخشى ئىنكاستىن ئىلھام ئالغان بىلەن تەنقىد - پىكىر ئىنكاستىن ئۆزىدىكى كەمچىلىك ۋە نۇقسانلارنى ھىس قىلىپ ئۆزگەرتىۋالالايدۇ ئەمەسمۇ.
ھازىر مىسرانىمنى ماكان تۇتتۇم، ھايات بولساملا مەن مۇشۇ مۇنبەردە بار. مەن مۇشۇ مۇنبەرگە كېرىپ ماڭا ھەقىقىي يارىغۇدەك بىر ئىنكاسنى بۈگۈن كۆردۈم. مانا بۇ ھەقىقىي سىز.