بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن
مۇساپىرلىق دەردىدە ئاھلاپ،
قورسىقامنى باقالماي توقلاپ،
يۇرت-ماكاننى سېغىنىپ ئويلاپ،
يۇرت تەرەپكە قارايمەن توۋلاپ،
بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن.
ياقا يۇرتقا كەلدىم بىلىم دەپ،
بىلىم بىلەن بولا خىزمەت ئەپ،
دادا بولۇپ ئۆي غېمىنى يەپ،
كېلىپ بولۇپ زاڭاق تۇتتۇم خەپ،
بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن.
تاماقلىرى مۇسۇلمانچىدەك،
قاراپ باقسا خۇيزۇ خەنزۇدەك،
خۇرۇچلىرى قىلار كىسەلدەك،
شۈكۈردېدىم بولسام چۈشكۈندەك،
بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن.
خوتۇن بالام قالغان يۇرتلاردا،
دىدار بولار قايسى ئايلاردا،
سۆيگۈ ئىشقى قاينار باشلاردا،
ھىجران ئوتى چاقنار ياشلاردا،
بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن.
ئۆزدىن يىراق كۆڭلى يىراق دەپ،
كۈندەشلىكتە ئىشەنمەي غەم يەپ،
ئىشەنچىدىن بولار بىر ئۆي ئەپ،
بىگۇناھقا ئېيتىدۇ كۆپ خەپ،
بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن.
بىركۈن قالسام ئەگەر ئاغىرىپ،
بەش-ئالتە يۈز يەتمەس ئازكىلىپ،
ھېچبىر كىشى كۈتمەس ھال ئېلىپ،
بىر ئاي بولماي قالار قاقشىلىپ،
بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن.
بىرى ئىچىپ ھاراق شاراپنى،
بىرى چىكىپ نەششە قاپاقنى،
غەيۋەت قېلىپ،سۇۋاپ بەتنامنى،
قاندېشىغا ئاتار شاپاقنى،
بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن.
ھەق ئادالەت سۇندا ئالدىمدا،
سەكلەپ تۇرسام چاپسا پالدۇدا،
پىنھان تۇتسام ئىچىم يالقۇندا،
بەكمۇ تەڭسىز ئىكەن بۇ دۇنيا،
بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن.
ئاپتۇرى: ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان(قاشتېشى)
2012-يىلى11-ئاينىڭ1-كۈنى بېيجىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-26 08:03 PM