مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2830|ئىنكاس: 17

(bilgejan) ئامېرىكا راستىنلا ئەركىن دۆلەتمۇ؟ (داۋامى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 20231
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2204 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 10:18:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامېرىكا راستىنلا «ئەركىن» دۆلەتمۇ؟ (2)

ئاپتور: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە


بۇ تېمىنىڭ باش قىسمىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ: ئامېرىكا راستىنلا «ئەركىن» دۆلەتمۇ؟ (1)

2009-يىلى 8-ئاي، ئوتتەك قىززىپ كەتكەن، ھەم نەم ھەم كىشىنى بىئارام قىلىدىغان تاماكا پۇرىقىغا تولغان بېيجىڭدا تاكسىغا چۈشۈپ دەككە-دۈككە ئىچىدە بېيجىڭ خەلقىئارا ئايرودرومىغا كېتىۋاتىمەن. تاماكا پۇرىقىغا ئۆچ ئىدىم، ئىچىمدە مۇنداق سېسىق پۇراقنى پۇراشقا مەجبۇر بولمايدىغان بىر ئىس-تۈتەكسىز جايغا كېتىۋاتقانلىقىمدىن خۇشاللانساممۇ، لېكىن مەن ئۇچىدىغان ئايروپىلان قانداقتۇر سەۋەبلەر بىلەن بىكار قىلىنىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا ئىدىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى چېگرىدىن چىقىش ئورنىدا توسۇلۇپ قىلىپ چىقالماي قالسام بەرىبىر بارالماسلىقىم مۇمكىن دېگەندەك يامان خىياللارلا كاللامنى چىرمايتتىم. يۈك-تاقىلىرىم خىلى بار بولۇپ يوغان چامداندىن ئىككىسى كىچىك چامدانىمدىن بىرسى بار ئىدى. ئۈرۈمچىدىن ماڭغىنىمدا يۈكلىرىمنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىپ تاس قالغانتىم بېيجىڭغىمۇ نەرسىلىرىمنى ئەكىلەلمىگىلى، ھېلىمۇ ياخشى مېنى ئالاھىدە ماشىنلىق كىلىپ ئايرودورۇمغا ئۇزىتىپ چىققان دىلشات ئاكام (بىر ئۇستازىمنىڭ يولدىشى)نىڭ بىر تېلېفۇن قىلىشى بىلەن ئازغىنە ھەق تۆلەپلا ئوڭۇشلۇق بېيىجىڭغا كىلىۋالغان ئىدىم. شۇ قېتىم مۇناسىۋەت دېگەننىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئەقلىم ھەيران بولغان بولسىمۇ، دىلشات ئاكامنىڭ ياردىمىدىن شۇنچىلىك مىننەتدار بولغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە بېيجىڭ ئايرودرومىدا بىرەر كىلەشمەسلىك بولسا ئۆزۈمدىن باشقا ياردەم قىلغۇدەك ھېچكىممۇ يوق بولغاچقىمۇ كۆڭلۈم راستىنلا جايىدا ئەمەس ئىدى. ئۈرۈمچىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىين ئادەمگە ھەممە نەرسە ناتونۇش بىلىنگەچكىمۇ بېيجىڭدىكى بىر كۈنلۈك ساقلاش ۋاقتىنى تەستە ئۆتكۈزۈپ ئەمدى ئۇزۇندىن بۇيان كۈتكەن چوڭ سەپەرگە ئاتلانغىنىمدا خۇشال بولاي دەپمۇ خۇشال بولالمايۋاتاتتىم. ئەمدى مۇشۇ كەتسەم ئاتا-ئانام، ئايالىم، ئاچا-ئېنىلىرىم ۋە ئۇرۇق تۇغقان دوست-بۇرادەرلەر بىلەن قاچان كۆرۈشىدىغىنىم خۇدايىمنىڭ ئۆزىگە ئامانەت ئىدى. مىڭ شۈكرى، بېيجىڭ ئايرودرومىدا ئىشلار ئۇنداق تەس بولۇپمۇ كەتمىدى. خەلقىئارالىق ئايروپىلانلارنىڭ يۈك-تاق ئۆلچىمىدە كۆپرەك نەرسە ئىلىۋىلىشقا يول قويۇلغاچقا يۈك-تاقلىرىمنى ئاسانلا ئۆتكۈزىۋىتىپ چىگرادىن چىقىش ئورنىغا كەلدىم. چەتئەلگە چىقىپ باققان ھەممەيلەن بىلىدىغىنىدەك، مەنمۇ بىر چەتتە تۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇلدۇم ۋە خىزمەتچى خادىم پاسپورتۇمنى بىر ساقچى كىيىۋالغان كىشىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ مەندىن كىيىن قاتاردا تۇرغانلارنىڭ ئىشىنى تىزلىكتە بىجىرىشنى داۋاملاشتۇردى. ھەممە ئادەم ماڭا قاراۋاتقاندەك، نېمىشقا توختىتىپ قويىدىغاندۇ، بىرەر چاتىقى بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ ناھايتى راھەتسىزلىك ۋە ئەنسىرەش ئىچىدە ئون مېنۇتنى 10 سائەتتەك ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى پاسپورتۇمنى قولۇمغا ئالدىم ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا كىرىۋالدىم. يەنە بىر شۈكرى دېدىميۇ-ئەمما يەنە بىرى كەينىمدىن قوغلاپ كىلىپ قايتۇرۇپ تېشىغا چىقىرىۋىتىدىغاندەك تۇيغۇلاردىن زادىلا نېرى بولالمىدىم ۋە ئىتتىك-ئىتتىك قەدەملەر بىلەن توپ-توپ كىشىلەر ئارىسىغا ئىلىشىپ مېڭىپ ئاران دېگەندە مەن چۈشىدىغان ئايروپىلاننىڭ ساقلاش ئورنىنى تىپىپ تاقەتسىزلىك ئىچىدە بىر نەچچە سائەتلىك كۈتۈش ۋاقتىنىڭ تىزراق ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتتۈم. شۇ ئەسنادا مەخسۇس ئۆيدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىشقا لازىم بولىدۇ دەپ ئېىلىۋالغان 50 كويلۇق كارتىدىن بىرنى ئىلىپلا سېلىۋالغان ئەبگا تېلېفۇن يادىمغا يەتتى، ۋە ئولتۇرۇپ مەندىن ئەنسىرەيدىغان يېقىن-يورۇقلارغا تېلېفۇن قىلىپ ئامەن-ئېسەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويدۇم. 2009-يىلى 8-ئايلار ئەنسىزلىككە تولغان ئالاھىدە بىر مەزگىل بولغاچقا، ھەممەيلەن مېنىڭ ئوقۇشقا ماڭالىشىمدىن ئوبدانلا ئەنسىرەپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ماڭا ھېچبىر ئىش ئالاھىدە بىلىنمىدى، پەقەت تور توختىتىۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىشتا بەزى قولايسىزلىقلار بولغان بولسىمۇ، باشقا ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىمىدىم. بېيجىڭدىكى ۋاقتىمدا ئالدىمغا ئالغىلى چىقماقچى بولغان ئامېرىكىلىق دوستۇم ئېلىنغا ئايروپىلان ئۇچۇرلىرىنى ئېلخەت قىلپمۇ ئۈلگۈردۈم. شۇنداق قىلىپ ئايرپىلانغىمۇ چىقىپ ئورۇنلىشىۋالدىم. مانا ئەمدى يۈرىكىم سوقماقتا… ھاياجانلانماقتىمەن… يۈرىكىمنىڭ دۈپ-دۈپ، دۈپ-دۈپ قىلىشلىرى قۇلىقىمغا ئېنىق ئاڭلانغاندەك ھېس قىلاتتىم. شۇ تاپتا ئايروپىلان كۆتۈرۈلدى، دۇئا قىلدىم. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مەرھەممىتى ئۈچۈن، مېنى ئەزىز قىلغان قەدىردان ئاتا-ئانام، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئۈچۈن، ئازاپ ئىچىدە ماڭا ئىشىنىپ خوش دېگەن مېھرلىك ئايالىم ئۈچۈن، مېنى پەرۋىش قىلغان ئۇستازلىرىم ئۈچۈن، ھاياتىمدىن ئورۇن ئىگەللەپ مېنى مەن قىلغان دوستلىرىم ۋە بارچە يۇرت-خەلقىم ئۈچۈن دۇئا قىلدىم…. ئايروپىلان پەلەككە كۆتۈرۈلۈپ شەھەر ئاسمىنىدىن يىراقلاشقان شۇ دەقىقىدە تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارىدىغانلىقىمغا ھەقىقىي ئىشەندىم چۈنكى ئەمدى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بۇ يولدىن مېنى توسۇپ قالالمايتتى. راست، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىش مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى، بۇ ئارزۇيۇم ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم، مانا ئەمدى ئارزيۇمغا يېتىش يولىدىكى ھايات سەپىرىمنىڭ يېڭى بىر مۇقەددىمىسى باشلىنىش ئالدىدا مەن ھاياجانلانماي كىممۇ ھاياجانلانسۇن؟ ئەمما ئويلاپ يەتمىگىنىم شۇ دەقىقىدە نېمىلەردىن ۋاز كېچىپ ۋە نېمىلەرنى يوقىتىپ قويغىنىم ئىدى...

ئامېرىكىدىكى غەلىتە ياتاقدىشىم


مەن ئامېرىكىغا كىلىش ئالدىدا يۇرتتا خەلىقئارا تېلېفۇن ۋە تور توختاپ قالغىنىنىڭ زېينىنى ئامېرىكىغا كىلىپلا كۆرۈشكە باشلىدىم. ھەممە ئىش بەكلا بۇرۇن ئالدىن پىلانلىنىدىغان بۇ دۆلەتتە، مەن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ قويمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئامال يوقىدىن تۇرىدىغان جاي ئۇقۇشمايلا ئامرىكىغا كەلدىم. ھېلىمۇ ياخشى مەن ئامېرىكىدا تۇنجى قەدەم باسقان، ئوقۇيدىغان مەكتىپىمگە يېقىن كالورادو شىتاتىدىكى دەنۋىر دېگەن شەھەردە تۇرىدىغان ئامېرىكىلىق دوستلىرىم بار ئىدى. ئامېرىكىغا تۇنجى قەدەم باسقىنىمدا شۇلار ئالدىمغا چىقىپ ئۆيىگە ئىلىپ باردى ۋە شۇلارنىڭ ئۆيىدە 5-6 كۈن تۇرۇپ قالدىم. مۇشۇ مەزگىلدە مەكتىپىمگە تېلېفۇن ئۇرۇپ بارسام تۇرىدىغان جاي ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى، ھازىرغىچە ھېچقانداق تۇرىدىغان جايىم يوقلۇقىنى ۋە قانداق ئۆي بولسا تىپىپ بېرىشىنى، ئىشقىلىپ مېنى تالادا قويماسلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇردۇم. بۇ ۋاقىت ئاللىقاچان مەكتىپىمدە تىزىمغا ئالدۇرۇشۇمغا پەقەت بىر ھەپتە قالغان ۋاقىت ئىدى. ئۇلار دەسلەپ مەكتەپنىڭ بىنا ئۆيلىرىنىڭ ئاللىقاچان توشۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ مەكتەپ سىرتىدىن ئۆي ئىزدەپ تىپىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەمما مەن جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ «قانداقلا بولمىسۇن مېنى تالادا قويماڭلار» دەپ يالۋۇردۇم. ئادەتتە كۆپىنچە ئامېرىكا ئۇنىۋىرستېتلىرىدا پەقەت تولۇق كۇرسنىڭ 1-2-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارلا مەكتەپ ياتىقىدا يېتىشى شەرت بولۇپ قالغانلار ياكى مەكتەپنىڭ بىنا ئۆيلىرىدە ۋە ياكى مەكتەپ سىرتىدىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇرۇشى لازىم بولاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ماڭا مەكتەپنىڭ بىنا ئۆيلىرى تۈگەپ قالغان دەپ ئۆتەپ-تېشىپ 2 كىشىلىك ياتاقتىن بىرسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي Logan ئىسىملىك بىر ياتاقدىشىم بارلىقىنى دىگەنتى، مەن دېگەن چۆچۈپ كەتكەن گەپ....  چۈنكى مېنىڭ بۇرۇن Logan ئىسىملىك ئامرىكىلىق بىر دوستۇم بار بولۇپ، ئۇ بىر قىز بالا ئىدى، دەل شۇ قىز مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ ماڭا ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا ئامرىكىنى ناھايتى «ئوچۇق» دۆلەت دەپ چۈشەنگەچكە، بۇنداق ئېھتىماللىقنىڭ بولۇشىدىن ئەلۋەتتە گۇمان قىلىمىدىم. مەكتەپكە خەت يېزىپ بۇ كىشىنى گۇمانغا سالىدىغان ياتاقدىشىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى توغرۇلۇق سورىسام، ئۇلار ئوشۇق گەپ قىلمايلا بىز سەن توشقۇزغان جەدۋەلگە ئاساسەن ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان بىرىنى ياتاقداش قىلىپ ئورۇنلاشتۇردۇق، دەپلا مەن قىزىقىدىغان سوئالغا جاۋاب بەرمەي قويدى. ئوھ.. ئۇلارغۇ مەندىن يېشىم، قىزىقىشىم، كەسپىم، چوڭ-كىچىك تۇرمۇش ئادەتلىرىمدىن تارتىپ سوراپ ساڭا ئەڭ ماس كىلىدىغان بىرسى بىلەن تۇرىسەن دىگەنتى، ئەجىبا ئەمدى ماڭا ئەڭ ماس كەلگىنى بىر قىز بالا بوپتىدە دەپ ئويلاپ ئەنسىرەپ كەتكىنىمنى دېمەيسىلەر… قىززىق ئىشتە! يات بىر دۆلەتكە بارسىڭىز، ئۇلار سىزنى ئۆزىنىڭ قائىدىلىرىنى چۈشىنىدۇ دەپلا ئويلىغاچقا سىزنىڭ سوئال سوراشتىكى چىقىش نۇقتىڭىزنى قەتئىي ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىكەن ۋە ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرى بويىچىلا جاۋاب بېرىدىكەن. مەن دەرھال مەكتەپ تەمىنلىگەن ئېلخەت ئادېرىسى بويىچە، Logan غا خەت يازدىم. ئەتىسى ئاخىرى Logan دىن خەت كەلدى. ئۇ قىسقا قىلىپ ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېر ئېنژىنىرلىقى كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسنى باشلايدىغان يېڭى ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا خىزمەت قىلغان يىگىت ئىكەنلىكىنى، ھازىر 26 ياشقا كىرگەنلىكى ئۈچۈن بىر قەدەر پىشقان دەپ قارىلىپ مەندەك بىر دوكتور ئاسپىرانتى بىلەن بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ مىسسۇرى شىتاتىدىن بىر نەچچە كۈندىن كىيىن يولغا چىقىپ ماشىنا ھەيدەپ مەكتەپكە كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ كۆڭلۈم ئەمدى ئەمىن تاپقان بولدى.

مەن دەنۋىردىن بىر ئاپتوبۇسقا چۈشۈپ ئالاھەزەل ئىككى سائەت يول يۈرۈپ مەكتىپىم جايلاشقان شەھەرگە كىلىۋالدىم ۋە مەكتەپتىن ئالدىمغا چىققان بىر ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ياردىمى بىلەن مەكتەپكە كىلىپ ياتىقىمغىمۇ ئورۇنلىشىۋالدىم. شۇ كۈنى لوگان ماڭا ئەتىسى كىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ يەنە بىر ئىلخەت يازغان ئىدى. ئاخىرى ھاياجاندا ئەتىىسى چۈشتىن بۇرۇنقى قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەردىن بىكار بولۇپ ياتاققا كىرسەم بويى ئىگىز، خام سېمىز، مەندىن خېلى قېرى كۆرۈنىدىغان بىر يىگىت ياتاقتا تۇرۇپتۇ. بىر مۇنچە ھەيرانلىقلاردىن كىيىن، مەن سىلەرگە گىپىنى قىلىپ بەرمەكچى بولغان ياتاقدىشىم Logan بىلەن تونۇشۇشۇممۇ غەلىتە باشلاندى. ئۇ ناھايتى كەمسۆز يىگىتكەن. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ھايۋاناتلارنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلىنىدىغان كىتابلار ۋە شۇ تۈردىكى كارتونلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ يەنە بىر قىزىقىشى بولسا بۆرە، تۈلكە، يولۋاس، ئېيىق دېگەندەك ھايۋاناتلارنىڭ شەكلىدىكى نىقاب كىيملەرنى توقۇشكەن. راست دىگەندەك ئۇ 3-4 كۈندىن كىين بىر مۇنچە يۇڭلارنى ئەكىلىپ مۇشۇنداق «بۆرە كىيملىرى» نى توقۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۆزى بۇرۇن توقىغان 5 قۇر شۇنداق كىيىمى بار ئىكەن. نېمىشقا يەنە توقۇيسەن دىسەم، «توقۇپ ساتىمەن» دەيدۇ.  ياتاقنىڭ ئىچى كارۋىتىمنىڭ ئۈستىدىن باشقا ھەممە يەر لىق رەڭگارەڭ يۇڭلارغا تولۇپ كېگىزچىلىك زاۋۇتىدىن پەرقىمۇ قالماپتۇ. ئۇنى مۇشۇنىڭغا قاراپلار غەلىتىكەن دەپ قاپتۇ، ھەجەپمۇ باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى ھۆرمەتلىمەيدىكەن دەپ ئويلاۋاتقان بولسىڭىز تېخى ساقلاپ تۇرۇڭ. چاتاق يېرى ئۇ كۈندە كەچتە توختىماي گازلىق ئىچىملىك ئىچىدىكەن. ئىچسىغۇ مەيلىتى، لېكىن توختىماي ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوسۇرۇپ قويىدىغان ئىشى بار ئىكەن. ئانچە سېسىق پۇرىمىغاندىكىن ئۇنىمۇ مەيلى دىسەم ھەر قېتىم شۇنداق قىلىشتىن بۇرۇن "excuse me" (كەچۈرۈڭ) دەپ قويۇشلىرى بار، بەزىدە شۇنداق دەپ ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىمۇ ئويغىتىۋىتىدۇ، دېمەيسىلەر. ئاخىرى بىر كۈن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ، تېشىغا چىققان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغالىقىنى ياكى مۇنچا ئۆيىدە شۇنداق قىلسا مېنىڭ ناھايتى مىننەتدار بولىدىغانلىقىمنى ئېيتسام، ئۇ بىر-ئىككى كۈن شۇنداق قىلىپ يەنە ئەسلىگە قايتىۋالدى. بىر كۈنى پەقەت ئۇخلىيالماي سانىسام ئۇ توپتوغرا بىر كەچتە 50 قېتىمدەك «excuse me» دېدى. بۇ غەلىتە ھەم مۆرىمەس ياتاقدىشىمدىن بىئارام بولۇپ يۈرەتتىم. ئىككى ھەپتىلەردىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ئىسمىمنى ئېسىدە تۇتالىدى ۋە بىر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا ئاكتىپلىق بىلەن  مېنىڭ قانداق تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى سورىدى، بۇ ئىككى ھەپتىدىن بىرى ئۇنىڭ مەندىن تۇنجى قېتىم ئۆزى گەپ باشلاپ سوئال سورىشى ئىدى. مەن تىك-تاك توپنىڭ گېپىنى قىلدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوۋ ئوۋلاشنى ناھايتى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى بىللە ئوۋ ئوۋلاپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدى ۋە خالىسام ئوۋغا چىققاندا ئۆزىنىڭ 4 مېلتىقىنىڭ بىرىنى ماڭا ئارىيەت بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئوۋ ئوۋلاشقا قىزىقمايدىغانلىقىمنى دېدىميۇ، كۆزۈم ياتاقنىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇشقا چۈشتى چۈنكى مەن ئۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپتە قورال ساقلاشقا بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدىم. مېنى ئەنسىرەتكىنى، بىر قېتىم كېچىسى ئويغىنىپ كىتىپ قارىسام ئۇ كارۋىتىدا بىر نىمىلەرنى دەپ ئولتۇرۇپتۇ، گىپىنى پەقەت ئۇقالمىدىم. ئەتىسى ئويغىنىپ قارىسام يەنە شۇ، پىچىرلاپ بىر نېمىلەرنى دەۋىتىپتۇ، يا تېلېغۇنى يوق، يا قۇلاقتا نائۇشنىكمۇ يوق.. شۇنىڭ بىلەن جۈرئەتكە كىلىپ ئۇنىڭدىن «مەندىن گەپ سورىدىڭمۇ؟ مەن ئاڭلىيالماي قالدىم، قايتا سورىساڭ بوپتىكەن» دىسەم، نېمە دەيدۇ دېمەيسىلەر؟ ئۇ تۇرۇپ كىتىپ، «ياق، مەن سەندىن ھىچنىمە سورىمىدىم. ئەگەر ئۆزەمگە گەپ قىلغىنىمنى دەۋاتقان بولساڭ، ئەنسىرىمە، داداممۇ شۇنداق قىلاتتى» دېمەسمۇ.... شۇ كېچە قەتئىي ئۇيقۇم كەلمىدى. ئۇ «مەندە تاپانچىدىن تۆتى بار دىگەن ئىدى ئەمەسمۇ؟ نەگە يوشۇرغاندۇ؟ » دىگەنلەر كاللامدىن كەچتى چۈنكى بۇ كاللىسى چاتاق ئاداش بولسا ئەمدى... دەپ بەك قورقۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپ تاماقخانىسىدىن تاماق يىيىشىمگە توغرا كىلىپ بېلىق بىلەن خام سەيلەردىن باشقىسىنى، ئەتىگەنلىرى تۇخۇم، مېۋە.. دىگەندەكلەرنى يىگەندىن باشقىسىنى يىيەلمىگەندىكىن ئىچىم پۇشۇپلا تۇراتتى. دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنىڭ بىرىنچى دەرس باشلانغان ھەپتىسىلا فاكۇلتىتىمىزىكى شۇ يىلى قوبۇل قىلىنغان 10 ئوقۇغۇچىغا يىغىن ئېچىپ يىل ئاخىرىدا يېرىمىمىزنىڭ بۇ دوكتورلۇق پروگراممىسى بىلەن خوشلىشىشىمىز ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىر مۇنچە ئېغىر تەلەپلەر ۋە قورقۇنچلۇق گەپلەرنى ئۇقتۇرغان بولغاچقا مەكتەپتىنمۇ بېسىم ھېس قىلىپ تۇراتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاقدىشىم ھېلىقىدەك! بۇنداق ۋاقىتتا كۈندە «كېگىزچىلىك زاۋۇتى» دا يېتىپ، كەچلىرى جۆيلۈيدىغان ساراڭ تەرىپىدىن ئويغىتىلىپ ئۇخلىيالماي قىلىشتىن ئەنسىرەش ئەسلى مەن ئەنسىرەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىش بولۇشى كېرەك ئىدى چۈنكى ھەر بىر مېنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بېرىشكە سەل قارىغىلى بولمايدىغان دوكتورلۇقنىڭ تۇنجى يىلىدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈۋىلىشىم كېرەك ئىدى. ئاخىرى بىر ئايدىن كىيىن مەكتەپ ئۆتكۈزگەن خەلىقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىش دالا تامىقى پائالىيىتىدە بىر تۈركىيەلىك بالىدىن قاقشاپ يۈرگەن (تاماق ئەتسەم پۇرايدىكەن دەپ ئەتكىلى قويمىدى دەپچۇ ) جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى مېنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدەپ كىلىپ ئۇنىڭ تۇرۋاتقان ئۆيىنى ئىجارە ئىلىشىمنى ئۆتۈنۈشى بىلەن مەكتەپنىڭ تاماق ئەتكىلى بولىدىغان بىنا ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشنى باشلىدىم. ئادەتتە توختام بويىچە 1 يىل تۇرۇشۇم كېرەك بولغان بولسىمۇ، مەن ياتاقدىشىمنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلىگەچ ئۆزۈمنىڭ تاماق يىيەلمەي ناھايىتى قېينىلىپ كەتكەنلىكىمنى ئېيتىپ كۈندە ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشىم بىلەن، ئاخىرى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا بۇ غەلىتە ئامېرىكىلىق ياتاقدىشىم بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ تۈركىيلىك ياتاقدىشىم، مىجەزى ئوڭلۇق يىگىت ئونۇر تۇرغان ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ ئاخىرى كۆپ ئىنتىزار بولغان لەغمەن-پولۇلار بىلەن نورمال ھاياتىمنى باشلىدىم.


ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى «ئەركىن»مۇ؟



ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭىمۇ دەسلەپ مەكتەپكە كەلگىنمدە تېخى ئۆزەمچە ئەمدى جۇڭگودىكىدەك بېسىم ئىچىدە ئوقۇماي، ئەركىن-ئازادە ئوقۇيدىغان بولدۇم، دەپ ئويلاپ ئۆز كۆڭلۈمنى خوش ئېتىپ يۈرۈپتىمەن. مەكتىپىمىگە كىلىش ئالدىدا ئامېرىكىدا تۇنجى قەدەم باسقان ئامېرىكا ئوتتۇرا قىسمىدىكى گۈزەل روكىي تاغلىرى باغرىدىكى ئېگىز تۈزلەڭلىككە جايلاشقان، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئامېرىكىدا «ئېنگىلىز مىلى ئېگىزلىكىدىكى شەھەر، mile high city» دەپ تونۇلغان كالورادو شىتاتىنىڭ پايتەخىت شەھىرى دەنۋىر (Denver) ئەتراپىدىكى گولدىن (Golden) دېگەن كىچىككىنە شەھەردە بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپ قىلغىلى ئىش بولمىغاچ ئەركىن-ئازادىلىكتىن ئىچىم پۇشۇپ بولغان ئىدى. مېنى ئۆيىگە باشلىغان دوستلىرىم مېنى ئۆيگە ئەكلىپ قويۇپ ئەتىسىلا پىلانى بويىچە شەرىقى قىرغاقتىكى پېنسىلۋانىيە شىتاتىغا جايلاشقان پىتىسبۇرگ (Pittsburgh) شەھرىگە بىر دوستىنىڭ تويىغا بارىمىز دەپ ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە كەتكەچكە، ئامېرىكا كىچىك شەھەرلىرىنىڭ ئاجايىپ تىمتاس جىمجىتلىقى، ساپ ۋە قېنىق، ئوچۇق رەڭلەرگە تولغان گۈزەللىكىدىن بەھىر ئىلىشتىن تويۇپمۇ بولغان ئىدىم.
گولدىندا مەن كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر:


  


تۆۋەندىكىسى سىز كۆرگەنگە ئوخشىمايدىغان دۇنيا خەرىتىسى (ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا قاراڭ):


مۇشۇ يەردە كېيىنكى مەزمۇنلارنى چۈشىنىش ئاسان بولسۇن زېرىكىشلىك بولسىمۇ ئازراق ئامېرىكا جۇغراپىيىسىدىن دەرس ئۆتەي: ئامېرىكىدىكى 50 شىتات ئىچىدە 48 شىتات تەخمىنەن تۆت چاسا شەكىلدە، كانادا بىلەن مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىسىلغان ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، پەقەت ھاۋاي شىتاتى يىراقتىكى تىنىچ ئوكياندا بولسا، ئالياسكا شىتاتى كانادانىڭمۇ شىمالىدىكى روسىيە بىلەن ئامرىكا قىتئەسىنىڭ تىنچ ئوكيان بىلەن چېگىرلىنىدىغان قىسمىغا ئورۇنلاشقان. بۇ ئىككى شىتاتنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئامېرىكا تۆت چوڭ رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر رايوننى ئۆزىنىڭ رايون ۋاقتى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ جۇڭگودىكىدەك ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلىك رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك پايتەخت ۋاقتى ئىشلىتىلمەيدۇ.
ئامېرىكىغا نىسبەتەن ياۋروپاغا ئاتلانتىك ئوكيان ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى رايونلار شەرىقى قىرغاق دەپ ئاتىلىدۇ ۋە شەرق ئۆلچەملىك ۋاقتىنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، ھەممەيلەن ئاڭلىغان ۋاشىڭگىتون شەھىرى (شىتاتى ئەمەس)، نيۇيورك شەھرى… قاتارلىقلار شەرىقى قىرغاققا جايلاشقان.
2-سى ئوتتۇرا قىسىم ۋاقىت رايونى بولۇپ، بۇ رايونلار شەرىقى قىرغاق رايونلىرىنى يېنىغا جايلاشقان ئوتتۇرا قىسمدىكى كۆپلىگەن شىتاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، سىلەر كۆپ ئاڭلىغان ئىللىنوي شىتاتىنىڭ پايتەختى چىكاگو شەھىرى ۋە مەن ھازىر ياشاۋاتقان تىكساس شىتاتى قاتارلىقلار مۇشۇ رايونغا تەۋە.
3-سى تاغلىق رايونلار ۋاقتى بولۇپ، بۇ رايونلار روكىي تاغلىرى بويىغا جايلاشقان تاغلىق شىتاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ ۋاقتى شەرىقى قىرغاق ۋاقتىدىن 2 سائەت كىين بولىدۇ. مەسىلەن، مەن گېپىنى قىلىۋاتقان كالورادو شىتاتىدىكى دەنۋېر شەھىرى ۋە مەن ئوقۇغان ۋايومىڭ شىتاتىمۇ شۇ ۋاقىت رايونىغا تەۋە.
ئاخىرقىسى تىنچ ئوكيان ۋاقىت رايونى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان، ئەمما جۇڭگودىكى دۇنيا خەرىتىسىدىن قارىغاندا جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى تىنچ ئوكيان بىلەن قارىشىپ تۇرۇپ كىشىگە شەرقتەك تۇيغۇ بېرىدىغان قىسمى بولۇپ، بۇ جايلار تىنچ ئوكيان بويلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ۋاقىت جەھەتتە شەرىقى قىرغاق ۋاقتى (ۋاشىڭگىتون ۋاقتى) دىن 3 سائەت كېيىن. مەسىلەن، ھەممىمىز بەك كۆپ ئاڭلىغان كالىفورنىيە شىتاتىدىكى لوس ئانجىلىس، سان-فىرانسىسكو شەھەرلىرى، مىكروسوفىتنىڭ باش مەركىزى قۇرۇلغان ۋاشىڭگىتون شىتاتى سىئاتىل شەھىرى ۋە مەن بۇ ماقالەمدە كۆپ تىلغا ئالغان ئورىگون شىتاتى پورتلاند شەھىرى قاتارلىقلار مۇشۇ رايوندا.


ئومۇمەن، ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق كۆپ نوپۇسى شەرىقى قىرغاق بىلەن غەربىي قىرغاققا جايلاشقان بولۇپ، گەرچە ئامېرىكىدا تەرەققىيات جۇڭگودىكىدەك تەكشىسىز بولمىسىمۇ، ئەمما بىز ئىسمىنى ئاڭلىغان چوڭ شىركەتلەر ۋە كۆپرەك نوپۇس مۇشۇ ئىككى قىرغاق رايونىغا جايلاشقان. مەيلى قانداق بولمىسۇن، ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن يېرىمدىن كۆپرەك ئۇنىۋېرستېتلىرى بىر قەدەر كىچىك شەھەرلەرگە ياكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ شەھەر سىرتىدىكى كىچىك شەھەرچىلەرگە جايلاشقان بولۇپ، سىزنىڭ قەيەردە ياشىشىڭىز بەك مۇھىم بولسا ئامېرىكىدا ئوقۇماقچى بولغانلارغا نىسبەتەن مۇشۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىپ قويغاننىڭ زېيىنى يوق بولسا كېرەك.

دەنۋىردىن قايتىپ مەكتىپىمگە قايتىپ كىلىشتىن بۇرۇن دوستۇم ئېللىن مېنى كالورادو شىتاتلىق پايتەخىت بىناسىدا ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەن ئامېرىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇشۇنداق جايلارنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىشىم مۇھىم ئىكەن. بۇ جايدا راس دېگەندەك بەكمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئېرىشكەن ئىدى ۋە ئامېرىكىدىكى ئەركىن ھوقۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا تۇنجى قېتىم گۇۋاھ بولغان بولدۇم.
كالورادو پايتەخىت بىناسىدىن كۆرۈنۈشلەر:






ئامېرىكىدىكى بارلىق شىتاتلارنىڭ مەركىزى شەھىرى شىتات پايتەختى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى شىتات پايتەخىتلىرىدە تاشقى كۆرۈنۈشى ئاق ساراينى تەقلىد قىلىپ سېلىنغان شىتاتلىق پايتەخىت بىناسى بولىدىكەن. كالورادو شىتاتلىق پايتەخىت بىناسى ئىچىدە بۇ كۈنى شىتات باشلىقى بىر يىغىن ئېچىۋاتقان بولۇپ، خالىغان كىشىلەر زالنىڭ ئىچىدىكى ئەينەك بىلەن توسۇلغان ئايرىم ئورۇنلاردا ئولتۇرۇپ شىتاتلىق ھۆكۈمەتتىكى ھەر بىر باشلىقنىڭ قانداق پىكىر بەرگەنلىكىنى ۋە نېمىلەرنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى نەق مەيداندا ئاڭلىسا بولىدىكەن، شۇغىنىسى ئامما نەق مەيداندا پىكىر قاتناشتۇرسا بولمايدىكەن. بىز زالغا خالىغانچە كىردۇق، پەقەت ئىشكتىن كىرگەندە سومكىلارنى پەستە قويۇپ قويۇشىمىز كېرەككەن، ھېچكىم كىملىك تەكشۈرمەيدىكەن. كىرىشىمىزگە مەخسۇس خادىم بىزنى باشلاپ پۈتۈن بىنانى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇردى ۋە بىنانىڭ سىرتقا قارايدىغان ئەينەكلىرىدىن شەھەرنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلدۇق. دوستۇم ئېللىن ئۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىشلەيدىغان بولغاچقا مېنى ئاپتوبۇس بېكتىگە ئاپىرىپ مەكتىپمگە يولغا سېلىپ قويۇپ مەن بىلەن خوشلاشتى. مەنمۇ ئۇ يوق نەچچە كۈندىن بىرى زېرىكىپ ئامېرىكىغا كىلە-كەلمەيلا ئاللىقاچان يۇيۇبتىن يۇرتۇمنىڭ كوچىلىرىنى، ئۇيغۇرلىرىمنى كۆرۈپ يىغا باسقۇدەك دەرىجىدە يۇرت سېغىنچى قيىنىغان بولغاچقا بۈگۈن مەكتىپىمگە مېڭىشقا ئالدىرىدىم. ئاپتوبۇس بېكىتىنى كۆرۈپ ئەقلىم ھەيران قالدى. مۇشۇ ئەتراپىدىكى كىچىك شەھەرلەر بىلەن قوشۇلسا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياشايدىغان چوڭ شەھەرنىڭ ئاپتوبۇس بېكىتىدە پەقەت 10 چە ئاپتوبۇس تۇراتتى. تېخى يۈك-تاقىغا ئايرىم پۇل تۆلەيدىغان ئىشكەن. قولۇمغا ئىلىۋالغان كىچىك سومكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۈچ چامادانغا 35 دوللار ئارتۇق پۇل تۆلەپ، 40 دوللارغا ئالغان بېلىتىم بىلەن تەڭ بوپ قالغىنىنى كۆرۈپ خىلى ئىچىم ئېچىشىتى. قانداقلا بولمىسۇن، ئاپتوبۇس دەل ۋاقتىدا قوزغىلىپ دەنۋىردىن ئايرىلدى ۋە شەھەر سىرتىغا چىقىپلا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ئامېرىكا «ياۋا غەرب دالاسى، wild west» غا كەلگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. روكىي تاغلىرىنىڭ پايانسىز ئۇزۇن باغرىنى بويلاپ ماڭغان بۇ يولنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭرىچىلىق، يېىشىل يايلاقلار كىشىگە تەڭرىتاغ بويلىرىنى ئەسلىتەتتى. بۇ يەردىكى قېنىق رەڭلەرگە تولغان ياۋا دالا، كۆپكۆك ئاسمان ۋە كەڭرى زېمىن كىشىگە ھوزۇر ۋە ئەركىن-ئازادىلىك بېغىشلايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئاپتوبۇستا ئىككى سائەتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى بىلمەيلا بىر كىچىك شەھەرگە كەلگەندە شوپۇر چۈشىدىغان جايغا كەلگەنلىكىمنى ئەسكەرتتى. شۇنداق قىلىپ 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ تۆت يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇش ھاياتىم ۋايومىڭ شىتاتىنىڭ لارامىي دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كىچىك شەھەردە تىپتىنچ ۋە مول-ھوسۇللۇق ئۆتۈشكە باشلىدى.

تۇنجى ھەپتىسى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىش ۋە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىش بىلەن ئۆتكەچكە خىلى ئازادىچىلىك ئىچىدە ئۆتتى. دەرس باشلىغان ھەپتىسى بىزگە بىر مۇنچە قائىدە نىزاملار ئۇقتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دوكتورلۇقنىڭ بىرىنچى يىلىدىن قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىمىزدە كۈتۈلىدىغان تەلەپلەر بىلەن كۆچۈرمىكەشلىك ۋە سەمىمىيەتسىزلىك ئۈستىدە گەپ ئەڭ كۆپ بولۇندى. كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئۇلار شۇ يىلى نەق بىزنىڭ كەسىپتىن بىزدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇغان تۆت نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى ئىشلەپ كىلىشكە بېرىلگەن سوئاللارغا توردىن كۆچۈرۈپ شۇ پىتى چاپلاپلا جاۋاب بەرگەنلىكى سېزىلىپ ھەممىسىنىڭ مەكتەپتىن ھەيدەلگەنلىكىنى نەچچە رەت تەكىتلەپ بىزنى ئاگاھلاندۇردى. توۋا دەپ قالدىم، ئامېرىكىغا كىلىپمۇ ئەركىن ياشىغىلى بولمامدۇ ئادەم؟! نېمىدىگەن كۆپ تەلەپ، قائىدىلەر بۇ؟ سىز بولسىڭىزمۇ چوقۇم شۇنداق دەپ ئويلاپ قالاتتىىڭىز. مەن كىرگەن دوكتورلۇق پىروگراممىسى بىر «كۆپ فاكۇلتىتلار بىرلىشىپ ئاچقان، interdisciplinary» بىر كەسىپ بولۇپ، گەرچە ئىسمى مولىكۇلا ۋە ھۈجەيرە ھاياتلىق ئىلىمى، ياكى قىسقارتىپ MCLS دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەكتەپتىكى ھاياتلىق پەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك 10 دىن ئارتۇق فاكۇلتىتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پروفىسورلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر كۆپ ساھەلىك كەسىپ ئىكەن. بۇ دېگەنلىك بىرىنچى يىلى شۇ پىروگراممىنى ئاچقۇچى مولىكۇلا بىئولوگىيسى فاكۇلتىتى بىزنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى (ئايلىق مائاش) بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇ بىر يىل ئىچىدە ھەر ئىككى ئايدا بىر تەجىرىبخانا ئالمىشىپ 4 قېتىم نۆۋەتلىشىپ چىقىدىكەنمىز ۋە يىلنىڭ ئاخىرىدا شۇ 4 تەجىرىبىخانا ئىچىدىكى بىرەر پىروفىسورغا ياققۇدەك ياخشى ئىشلىگەن بولساق، ئاندىن شۇ پروفىسورنىڭ تەجىرىبخانىسىغا كىرىدىكەنمىز ھەم شۇ پىروفىسور تەتقىقات مەبلىغىدىن چىقىم قىلىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ئىشكەن. ھەپتىسىگە ئاران 12 سائەت دەرس ئوقۇدۇق دېگەن بىلەن ئامېرىكىدا دەرس ناھايىتى تىز سۆزلىنىدىكەن ۋە ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئىمتىھان ئىلىنىدىكەن. شۇنداق بولغاندا مەن تاللىغان تۆت پەن دەرسكە ھەپتىسىگە بىر قېتىم، بەزىدە ئىككى قېتىمدىن ئىمتىھان توغرا كىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندۈزلىرى دەرس يوق بارلىق ۋاقىتلاردا نۆۋەتلىشىپ ئىشلەۋاتقان تەجىرىبخانىدا مۇقىم تۇرۇپ تەجىرىبە ئىشلەپ 2 ئايدىن كىيىن چىققان نەتىجىنى پۈتۈن فاكۇلتىت پىروفىسورلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىمىز ئالدىدا دوكلات بېرىدىكەنمىز. ياخشى نەتىجە چىقىرىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە كۆپىنچە شەنبە-يەكشەنبىلەر ۋە كەچلىرىنىمۇ تەجىرىبخانىدا ئىشلەپ ئۆتكۈزىدىغان ئىشكەن. دەرسنىڭ ئىمتىھانلىرىغا پەقەت كېچىلىرى تەييارلىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىدىكەن. دەسلەپ تېخى سەل قاراپ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان بولمىغاندىكىن دەپ ئانچە تەييارلىق قىلمىسام ئاران C ئالغان گەپ (70-70 گىچە نومۇر) ھەم ھەر بىر قېتىملىق كىچىك ئىمتىھان بىلەن مەۋسۈم ئاخىرىدىكى ئىمتىھاننىڭ شۇ پەننىڭ ئاخىرقى مەۋسۈملۈك نەتىجىسىدە ئىگەللەيدىغان نىسبىتىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدىكى ۋاقىتلاردا بەزى خوشياقمىغان دەرسلەرنى مەۋسۈم ئاخىردىكى ئىمتىھانغا 2 ھەپتە قالغاندا كېچىلەپ ئۆگىنىپمۇ ئىمتىھاندىن گەپ-سۆز يوق 90 نومۇرنى ئىلىۋىتەتتىم، ئەمدىلىكتە بۇنداق ئەركىنلىكتىنمۇ پۈتۈنلەي مەھرم قالغان گەپ. تەجىرىبخانىدا ئىشلەپ بۇ تەلىپى يۇقىرى پىروفىسورلارنى تەسىرلەندۈرمىسە تېخى، دەرسلەردە A، ئەڭ كەمىدە B ئالمىساڭ ھەيدىلىسەن دەۋاتقان ئىككى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشۇلۇپ بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا تېخى 10 ئاساس سىناش ئىمتىھانى ئىلىنىپ، باشقا جەھەتلەردىن لاياقەتلىك بولسىمۇ بۇ ئىمتىھاندا 80 دىن يۇقىرى ئالمىساق ھەيدىلەرمىشمىز تېخى… ئويلاپ بېقىڭلار، بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ ئەركىن ھېس قىلغىلى بولسۇن؟ بۇلارنىڭ ئىمتىھانلىرىنىڭ تەسلىكى، كىتابتىكى ئىنچىكە مەزمۇنلارنىمۇ ئۈجۈر-بۈجۈرگىچە تىگىدىن تولۇق چۈشىنىپ باشقىلارغا ئۆز تىلىڭىزدا چۈشەندۈرگىدەك بىلمىسىڭىز ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ ئىنچىكە ۋە تەسلىكىدىن ئۆتۈشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەڭ قاملاشمىغان يىرى، سىزنىڭ جاۋابىڭىز كىتابتىكى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولسا ياكى ھەر قانداق بىرەر ساۋاقدىشىڭىز بىلەن ئوخشاش بولسا كۆچۈرمىكەشلىك قىلغان ھېسابلىنىدىكەنسىز! توۋا، بىزنى ئەسلى كىتابتىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان يازساق نومۇر بەرمەيدىغان، ئەكسىچە كىتابتىكىنى ئۆز ئەينى يادلىۋىلىپ شۇنى يازساق تولۇق نومۇرغا ئېرىشىدىغان قىلىپ تەربىيلىگەن ئەمەسمىدى؟ ئەمدى بۇلارنى دەپ ئامېرىكىدا ئوقۇماقچى بولغانلارنى قورقۇتۋەتكۈممۇ يوق، ئەمما ئامېرىكا مائارىپى ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئاسان، ئەركىن مائارىپ ئەمەسلىكىنى بىلسىڭىزلا بولدى. نۇرغۇنلارنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ئالىي مائارىپى ئىمتىھان نومۇرلىرىغا ئالاھىدە ئىتىبار بېرىدىكەن ھەم نەزىرىيەنى تېگى-تېگىدىن پىششىق بىلىشىڭىزنى ۋە بىرلا ۋاقىتتا قول سېلىپ ئىشلىيەلەيدىغان، قىلغان ئىشىڭىزدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا قورقماي دوكلات بېرەلەيدىغان بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىكەن. يېڭى مۇھىت، يېڭىچە مائارىپ، يېڭىچە تۇرمۇش ۋە ئوي-پىكىر شەكلى بىلەن تونۇشۇپ ئىشلارنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ بولغۇچە، بۇ بىر يىلمۇ توشۇپ كېتىدىكەن، ئەمما بىر يىلدىن كىيىن شۇ قاقشاشلارنىڭ ئارقىسىدا ئېرىشىدىغان يەكۈنىڭىز مۇنداق بولىدىكەن: «ئامېرىكا مائارىپى ھەقىقەتەن بىلىمخۇمارلارنى دۇنياۋى ئىلغان بىلىملەرگە قۇلاققىچە چىلىشىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن ۋە كىشىنى ھەقىقىي ئۆزىگە ئىشىنەلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىدىكەن».  شۇنداق قىلىپ بىلگەجاننىڭ ئامېرىكىدىكى بىرىنچى يىلىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى ئاللىقاچان پەرەز قىلىپ بولدىڭىز. شۇنداقتىمۇ، شۇ بىر يىل جەريانىدا ئەلۋەتتە بىرەر-يىرىم قېتىم ساياھەتكە بارىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ ۋە «ئامېرىكىدا مۇنداق ئوينىدۇم» دەپ دوستلىرىڭىزنىڭ سىزدىن سورايدىغان ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك ۋە تاماشاغا ئائىت كۈتكەن جاۋابلىرىغا قورقماي جاۋاب بېرىشكە ئەسقىتىپمۇ قالىدۇ.

ئەمدى سىىلەرگە بىر نەچچە قىسقا ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەي:


مەكتەپتىن قوغلانغان تۈركىيىلىك دوستۇم


يېڭى كىلىپلا «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك بۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقىنى بىلىپ بولالماي گاڭگىراپ يۈرگەندە ئۈستىدە ھېكايسىنى سۆزلەپ بەرگەن ھېلىقى غەلىتە بىر ئامېرىكىلىق (ئۇندىن كىيىن ئۇنداق غەلىتە ئامېرىكىلىق ئۇچرىتىپمۇ باقمىدىم) بىلەن تاماق ئېتىش شارائىتىمۇ يوق ياتاققا تەقسىملىنىپ قىلىپ تازا ئىچىم پۇشقانتى. يەنە كىلىپ، 2009-يىللىرى يۇرتتا خەلىقئارالىق تېلېفۇن كىرمەيدىغان-چىقمايدىغان بولغاچقا ئايالىم ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي ئۆلگۈدەك زېرىكىپ كەتكەن ئىدىم. مەكتەپكە كىلىپ بىر ئايدىن كىيىنلا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ھەر ئايغا بۆلۈپ مائاش شەكلىدە بېرىدىغان بولغاچقا ئىقتسادتىن غەم قىلىدىغان ئىش بولمايدىكەن، شۇ بىرلا يېرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئوقۇشنىڭ بېسىمىغا يۇرت سېغىنچى قوشۇلۇپ كاللامدا يەتكۈدەك غەم بار ئىدى. ياخشى يېرى، مەكتەپ ياتىقىدىن تۈركىيىلىك يىگىت ئونۇر تۇرۋاتقان ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن كۈنلەر ھەر ھالدا مەنىلىك ئۆتۈۋاتاتتى. ئونۇر بىلەن دەسلىپىدە كۆرۈشۈپلا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتسام، ئۇ قىزغىن قۇچاقلاپ كۆرۈشتى ۋە مەندىن بىر مۇنچە ئەھۋال سوراپ ئىلگىرىكى جۇڭگولۇق ياتاقدىشىنىڭ خىلى جىق غەيۋىتىنى قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. بىز ناھايتى تىزلا چىقىشىپ قالدۇق. بۇ مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، ئويۇن-تاماشاغا ئامراق يىگىت مەكتىپىمىزنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىتىدا دوكتورلۇققا ئوقۇشىنى مەن بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا باشلىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئايئوۋا شىتاتىدا 2 يىل ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان ئىكەن. ئۇنى دەسلەپ بەكلا تىرىشچان ئوقۇغۇچىكەن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن چۈنكى ئۇ ھەر جۈمە-شەنبە كەچلىرىمۇ «كۈتۈپخانا، library» غا بارىمەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتەتتى ۋە كەمدىن-كەم يېرىم كېچىدىن بۇرۇن ئۆيگە قايتاتتى. ئۇ ئەتىسى چۈشكىچە ئۇخلاپ ئويغانغىنىدا مەن ئەتكەن چۈشلۈك تاماققا داخىل بولغاچ تۈنۈگۈن دوستلىرى ۋولقان ۋە جان بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ تاماق ئېتىشكە ئانچە ئېپى يوق ئىكەن، شۇنچە يىل ئۆزى يالغۇز ياشاپمۇ تاماق ئېتىشنى ئۆگەنمپتۇ، جىق بولسا «كۆفتە» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە كاۋاپ قورۇپ يەپ قويىدىكەن. شۇڭىمۇ مېنىڭ ياققان نانلارنى يەپ «ئانامنىڭ نېنىني يېگەندەك بولدۇم» دېسە، لەغمەندىن ئىككى تەخسە سوقۇۋىتىپ «ئىسسىق باستى» دەپ قويۇپ ئولتۇرۇپ ماڭا گۇڭا-مۇڭا بولاتتى. بۇ ئۆيگە كۆچكەندىكى كۈنلىرىم  ئىلگىرى ياتاقتا تۇرغان ۋاقتىمدىكىدىن ھەر ھالدا زېرىكىشتىن خالىي ئىدى. ئۇ چاغدا يا پاراڭ قىلىشقۇدەك ئادەممۇ يوق، ئۇيغۇرچە بىرەر ئېغىز مۇڭدىشىپ بېرىدىغانغا مەكتىپىمدىكى سۇبات ئاكامدىن بۆلەك ھېچكىم يوق، ئەمما ئۇ بەكمۇ ئالدىراش ئىدى.  ياتاقتا تۇرۇپ دەل بىر ئاي بولغان بىر كۈنى شۇنچىلىك ئۆيگە تېلېفۇن ئۇرغۇم كىلىپ كەتتى، بەزىدە بىرەر مېنۇت ئۇلىنىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىم بولغاچقا ئېلىنمىسا قايتا ئۇراتتىم. شۇنداق زېرىككەن بىر شەنبە كەچلىكى ياتاق بىناسىنىڭ زالىدىكى تېلېفۇنغا 10 دوللارغا سېتىۋالغان كارتا بىلەن باشقا دۆلەتلەردىكى دوستلىرىمغا تېلېفۇن ئۇرماقچى بولدۇم. ئۇلار بىلەن سۆزلەشتىم-يۇ، ئەمما كۆڭلۈم يەنىلا ئۆيدىكىلەرگە تارتاتتى، شۇنىڭ بىلەن ساناپ تۇرۇپ 10 قېتىم ئۇرساممۇ ئېلىنمىغاچ، چوقۇم ئۇلىنىپ قالىدۇ دېگەن نىيەتتە 100 قېتىم نومۇرنى باستىم، 30 سېكۇنقىچە جىرىڭلاپ ئارقىدىن تۈتۈلەپ ئۈزۈلۈپ كېتەتتى… شۇنداق داۋاملاشتۇرىۋەرسەم خۇدايىمنىڭ ئىچى ئاغرىپ بولسىمۇ ئۇلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە شۇ كېچىنى تاڭ ئاتقۇزۋىتەي دەپ قالغان ئىدىم…. ئەمما ھازىر پاراڭلاشقۇم كەلسە ئونۇر بىلەن پاراڭلىشىپ زېرىككىنىم چىقىپمۇ قالىدۇ. بەزى گەپلەرنىڭ ئېنگىلىزچىسىنى تاپالمىغىنىمىزدا ئۇيغۇرچە مۇنداق دەيتتۇق دېسەم، ئونۇرمۇ تۈركچىمۇ شۇنداق دەپ قالاتتى ۋە كۈلۈشۈپ كېتەتتۇق.

يەنە بىر خۇشال بولىدىغان يېرىم. مەكتەپكە پىيادە ماڭسا 10 مېنۇت كىلىدىغان بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئاھالىلەر رايونىدىن مەكتەپ ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ كۈندە نەچچە رەت تەجىرىبخانىغا قاتنايتتىم. بۇ ئاپتوبۇسقا چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىچنىسى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا، ئافرىقىدىن كەلگەن قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ، رەڭگى ئۇلاردىن قېلىشمايدىغان نۇرغۇن ھېندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار، ئاق چاچ، سېرىق چاچ شىمالىي، غەربىي ياۋروپالىقلاردىن تارتىپ چېچى مېنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان روس، تاتارلار ۋە شەرىقى ياۋروپالىقلارغىچە، ئۇيغۇرغا بەكلا ئوخشاپ كېتىدىغان نېپاللىقلاردىن تارتىپ جۇڭگولۇق ۋە جەنۇبىي ئاسىيالىقلارغىچە بولغان 80 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونلىغان ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشىپ كۈلۈشۈشلىرىگە ئاپتوبۇس شوپۇرى دائىم قويۇۋالىدىغان ئامېرىكا سەھرا مۇزىكىلىرى جۆر بولۇپ قاينام-تاشقىنلىق بىر كەيىپىيات شەكىللىنەتتى. گەرچە مەن بىلەن ئۇيغۇرچە تەڭ سۆزلىشىپ ماڭىدىغان ئادەم بولمىسىمۇ، ماڭا ئوخشاش ھېچكىمگە گەپ قىلماي ئولتۇرىدىغان ھەر يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ كۆڭلۈمگە تەسەللىي تاپاتتىم.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئونۇر ئۆيىمىزگە پات-پاتلا بىر ئاغىنىسىنى باشلاپ كىلىدىغان بولدى. بۇ كۆڭ كۆزلۈك، چاچلىرى ئۇزۇن ۋە بۈدرە ئېگىز بويلۇق تۈركنىڭ ئىسمى جان ئىكەن. ئۇ كەم سۆزدەك كۆرۈنسىمۇ، لىكىن بەكمۇ ئەدەپلىك ئىدى. ئونۇرنىڭ مەن بىلەن بىر فاكۇلتىتتىكى ۋولقان ئىسىملىك چوشقا گۆشى يەيدىغان تۈرك ئاغىنىسىگە قارىغاندا كۆپ تۈزۈتلۈك ۋە تاماق ۋاقىتلىرىدا ئۆيىمىزگە كىلىپ قالسا تەشۈككۈرنى نەچچە رەت ئېيتىشنى يادىدا ساقلايدىغان بۇ يىگىت بىلەنمۇ ئاسان چىقىشىپ قالدىم. بىر جۈمە كۈنى كەچ ئونۇر بىلەن ئىككىسى كۈتۈپخانىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنىمۇ تەكلىپ قىلىۋىدى، مېنىڭمۇ ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقلىرىم خىلى كۆپ بولغاچقا ماقۇل دەپ سومكامنى ئېسىپ ئۇلارغا ئەگەشتىم. ئونۇر ئالدىنئالا تېلېفۇن قىلىپ قويسا ئىشىك ئالدىغا كىلىپ ئەكتىدىغان مەكتەپنىڭ «ئاقيول، Saferide» دەپ ئاتىلىدىغان شەنبە-يەكشەنبىلىك ھەقسىز تاكسى مۇلازىمىتىگە تېلېفۇن قىلىپ قويغانىكەن. ئەمما ماشىنىدىن چۈشۈپ قارىسام بىز مەكتەپ كۈتۈپخانىسى ئالدىدا ئەمەس، بەلكى مەكتەپنىڭ قارشىسىدىكى بىر قاۋاقخانا ئالدىدا تۇرۇپتۇق.

-ئونۇر، بىز ھەجەپ بۇ يەردە چۈشۈپ قاپتۇققۇ، دەپ سورىدىم-تەئەججۈپلىنىپ.

-مانا «كۈتۈپخانا»غا كەلدۇق دەپ ئۈستىدىكى ۋىۋىسكىنى ئىشارە قىلدى، ئۇمۇ ھەيران بولغان قىياپەتتە.

ئوھ، ئەسلى بۇلار دائىم بارىدىغىنى دەل مۇشۇ «كۈتۈپخانا» ئىسىملىك قاۋاقخانىكەن ئەمەسمۇ؟ ئامېرىكىلىقلار تاپمايدىغان ئىشى يوق، خەقتە دەپ قالدىم ئىچىمدە ۋە ئۇلارغا تاپشۇرۇقۇم كۆپلۈكىنى ئېيتىپ ئۇلارغا خوش دېگەچ مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا يول ئالدىم. قىزىق يىرى ئونۇر شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ناھايىتى تىرىشچان ۋە ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، كۈتۈپخانىغا ماڭدىم دېسە، بۈگۈن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا ماڭدىم، تاپشۇرۇقلىرىم بەك كۆپ دەپ ماڭىدىغان بولدى ۋە ئەتىسى تېخى 23 بەتلىك ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار بىلەن تولغان تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۆرسىتىپمۇ قويىدىغان بولۇۋالدى. ئونۇر يەنە بىر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى دەرىسىنى «ئوقۇتۇش ياردەمچىسى» بولۇپ، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەن.

-قارا، ماۋۇ ئوقۇغۇچى بۇ سوئالغان مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ، نومۇر بېرەيمۇ قانداق قىلاي؟ دەپ سورايتتى بەزىدە، ئۇ.

-قېنى كۆرۈپ باقايچۇ، «ئىقتىساد دېگەن قانداق پەن؟ جاۋاب: ئىقتىساد ناھايىتى پەچەت كىشىلەر تەتقىق قىلىدىغان بىر مۇھىم پەن» دېگەندەك جاۋابلارنى كۆرۈپ، مەنمۇ كۈلۈپ كېتەتتىم.

ئامېرىكىلىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جاۋابلىرى ئىچىدە مۇشۇنداق قىزىقارلىق جاۋابلار چىقىپ تۇراتتى. ئونۇر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ دوكتورلۇقنىڭ 1-يىلىدىكى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلگەچ، مەن ئۇنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىگە قىلچە گۇمان قىلمايتتىم. ئەمما ئۇنىڭ دوستى جان ئوخشىمايتىتى. جان خېلى سوغۇق كۈنلىرىمۇ يىلىڭ مايكىلارنى كېيىپ ئالدىنى ئېچىپ قويۇپ يۈرىدىغان، ئايىغى قاچانلا قارىسا پارقىراپلار تۇرغان بىر پاكىزە يىگىت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىرەر قېتىم دەرس تەكرارلىغىنىنى ياكى دەرسنىڭ گېپىنى قىلغىنىنىمۇ ئاڭلىمايتتىم. ئۇ ھەر ۋاقىت خۇشخۇيلۇق بىلەن بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ كېتەتتى ۋە مەندىنمۇ ۋاقتىم بولسىلا كۆپ گەپ سوراپ جاھاندا ھېچبىر غېمى يوقتەك ئالدىرىماي تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئاچقۇچنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمدە ئونۇرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆينىڭ ئىشكىنى ئېچىپمۇ بەرگەن ئىدى. شۇڭا مەنمۇ ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلىدە بولاتتىم ۋە ئۇ تولۇق كۇرس 4-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغاچقا دەرسلىرى كۆپ بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايتتىم. ئاخىرى مەۋسۈم ئاياغلىشىپ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. بىر كۈنى ئاران دېگەندە بىر پەن ئىمتىھانىمنى تۈگىتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم، جان بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپتۇ، قارىسام ئونۇر بىلەن ۋولقان ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىۋاتقاندەك قىلىۋىدى، ئالدىراشچىلىقىمدا كارىم بولماي توڭلاتقۇدىكى ئىككى بۇرۇن ئېتىۋالغان پولۇنى ئىسسىتىپ يەپلا ئەتىسىدىكى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتىم. ئۇنى شۇ كۆرگەنچە قايتا كۆرمىدىم، 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا قىشلىق تەتىل بوۇپ 1-ئاينىڭ بېشىدا ئەتىيازلىق مەۋسۈم باشلاندى. ئەمما ئۇنى يەنىلا كۆرمىدىم،  كېيىن ئۇقسام جان ھېلىقى كۈنى ئەتىگەندىكى ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر مەۋسۈم قالغاندا مەكتەپتىن ھەيدىلىپتۇ. بۇ ئىشتىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم ۋە ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كۆچۈرۈپ تۇتۇلۇپ قالغانغىمۇ ھەيدىۋەتكىنىگە قاراپ بۇلار نېمىدىگەن «رەھمىسىز»، كىشىلەرنىڭ «ئەركىنلىكى»نى چەكلەپ نېمە قىلار بولغىيتتى دەپ قالدىم.


دوكتورلۇق ئوقۇشتا رېكورت ياراتقان جۇڭگولۇق ساۋاقدىشىم  


مەكتەپكە كەلگەن كۈنىمىزدىن باشلاپ پىروفىسورلىرىمىز بۇ يەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇراتتى ۋە ئامېرىكىدا كۆپىنچە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئاز دېگەندە 5 يىلدا پۈتتۈرىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە يېرىمدىن كۆپ ئوقۇغۇچىلار 6 يىلدا پۈتتۈرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ قۇلىقىمىزنىمۇ پىشۇرۋەتكەن ئىدى. ئەمما مەن دوكتورلۇقتا شۇنچە ئۇزۇن ئوقۇيدىغان ئىشنىڭ بارلىقىغا گۇۋاھ بولمىغان بولسام يەنىلا ئىشەنمىگەن بولاتتىم. كۆپ قىسىم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئۆزىگە ئېنگىلىزچە ئىسىم قويۇۋالغان جۇڭگولۇق قىز سىندى (ئەسلى ئىسمى فاڭشىن) قارىماققا ناھايىتى ئادەتتىكى بىر قىزدەك بىلىنەتتى. ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە بىر قىز ئىكەن. ئۇنى مەكتەپتە تونۇمايدىغان پىروفىسىورلارمۇ ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى، قىسقىسى غەيۋەتلىرى ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ ئۇنى كۆرۈپ باقمىغانلارنىڭ بىر كۆرگۈسىنى كەلتۈرەتتى. مەنمۇ مەكتەپكە كىلىپ ئىككى يىل بولغاندا بۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئېرىشتىم چۈنكى بەك كۆپ گپېىنى ئاڭلاپ كەتكەن ئەمەسمۇ. بىر كۈنى يېتەكچى ئۇستازىم دوكتور فورد ماڭا ئالاھىدە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىزنىڭ تەجىرىبىخانىنىڭ ئۈسكىنىسىنى ئىشلەتمەكچى ئىكەنلىكى، چوقۇم مېنىڭ ئۇ تەجىرىبخانىمىزدا ۋاقىتتا كۆز قۇلاق بولۇشۇمنى سوراپتۇ. ئادەتتە تەجىرىبخانىلار ئارا خالىغانچە بىر-بىرىمىزنىڭ ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا بۇ ئىش ماڭا غەلىتە تۇيۇلۇپ ئۇنىڭدىن سورىسام، ئەسلى بۇ قېتىمقىسى دەل نامى داڭلىق سىندى ئىكەن. نېمىشقا داڭلىق دەمسىلەر؟

سىندى 2004-يىلى مەكتىپىمىزنىڭ نېرۋولوگىيە فاكۇلتىتىغا دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ ئىككى يىلدىن كىيىن بىر ماقالە يازغاندا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىپ مەلۇم قىلغانلىقى بايقىلىپ قىلىپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرمەكچى بوپتۇ، ئەمما دورىگەرلىك فاكۇلتىتىدىكى جۇڭگولۇق پروفىسور رېن ئۇنىڭ نېمىنىڭ ئىلمىي سەمىمىيەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى بىلمەي ئۇقۇشماي شۇنداق قىلىپ ساپتۇ، دەپ يۈرۈپ ئۇنى ئۆزىنىڭ تەجىرىبىخانىسىدا ئېلىپ قاپتۇ. ئەمما ئۇ بۇ قارارىغا تولىمۇ پۇشايمان قىلغانمىش. سىندى دوكتور رېنغا ناھايىتى كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېيتىپتۇ ۋە ئەسلىدىنلا تىرىشچان بۇ قىز كېچىلىرىمۇ تەجىرىبە ئىشلەپ كۆپلەپ سانلىق مەلۇماتلارنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇستازىنى تەسىرلەندۈرمەكچى بوپتۇ. ئەمما ئۇ قوشنا تەجىرىبخانىدىكىلەر تەييارلاپ قويغان دورىلار ۋە تەجىرىبە لازىمەتلىكلىرىنى سورىمايلا ئىشلىتىۋالىدىغان (ئوغۇرلاپ ئىشلىتىدىغان) خۇي تېپىۋاپتۇ. ئۇستازى نەچچە قېتىم نەسىھەت قىلسا تېخى «سەن ئۈچۈن شۇنچە جاپالىق ئىشلىسەم مېنى ئەيىپلىدىڭ» دەپ ئۇنىڭغا تازا ۋارقىراپ ئاچچىقىنى چىقىرىپتۇ. بەزى ئەپقاچتى گەپلەردىن قارىغان ئۇ ئەسلى دوكتور رېننى ياخشى كۆرۈپ قالغانمىش… مەيلى قانداق بولمىسۇن، ئىشلار يامانلىشىپ دوكتور رېن ئوقۇغۇچىسى سىندى ئۆزىگە كۆپ قېتىم ھاقارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز سۇنۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سوت «سىندى بىر ئۆمۈر دوكتور رېن بار جايغا 30 قەدەم كىلىدىغان دائىرىنىڭ ئىچىدىن چەكلىنىدۇ» دەپ ھۆكۈم ئېلان قىپتۇ. بۇ دېگەنلىك سىندىينىڭ ئىككىنچى تەجىرىبخانىدىكى مەكتەپ ھاياتى ئاخىرلاشتى دېگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.  قىززىق دەيمەن، بۇنداق ئىش بىزنىڭ تەجىرىبىخانىدىمۇ بىر قېتىم بولمىغان بولسا، مۇشۇنداق ھۆكۈمنىڭ بارلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمىگەن بولاتتىم. ئالدىنقى يىلى، تەجىرىبخانىمىزدا  ئىشلىگەن نەيسېن ئىسىملىك بوكىسچىلاردەك يوغان ھەم ئېگىز (1 مېتىر 95 كىلىدۇ) بىر ئامېرىكىلىق پوستدوكتۇرمۇ مۇشۇنداقراق بىر ھۆكۈمگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇ تەجىرىبخانىمىزدا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا بىر ئوبدانلا ئىدى بولمىسا، ئەمما ئۇ ئارىزونا ئۇنىۋېرستېتىدا ياردەمچى پىروفىسورلۇق خىزمىتىگە ئېرشىپ تەجىرىبخانىمىزدىن كېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ بىر تەجىرىبگە ياردەملىشىش ئۈچۈن بىر ھەپتىلىك قايتىپ كەلمەكچى بولغان ئىدى. ئەمما شۇ ئارىدا بىر نامەلۇم قىز ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ ئۈستىدىن مەكتەپكە ئەرىز سۇنۇپتىكەن، مەكتەپ مۇنداق قارار چىقىرىپتۇ: «نەيسېن ئىلگىرى مەكتىپىمىزدە پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتى قىلىۋاتقان مەزگىلىدە كىشىگە تەھدىت سالىدىغان، قورقۇتىدىغان ۋە قىزلار پوخۇرلۇق قىلىنىشتىن ئەنسىرەيدىغان خىزمەت مۇھىتى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر مەكتىپىمىزنىڭ تۇپرىقىغا قەدەم بېسىشتىن چەكلىنىدۇ». بۇنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران قالسام ھەم كۈلگۈم كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بەزىدە سەل ئاچچىقى يامان بولۇپ، بىرەرسىگە قوپالراق گەپ قىلىپ قويغانمۇ تاڭ، كېتىپلا مۇنداق شىكايەت بىلەن ئەيىپلەندى. بۇنى بىلگەچ ، مەن سىندىغا چىقىرىلغان ھۆكۈمنى ئاڭلاپ ئۇنچىۋالا ھەيرانمۇ قالمىدىم. سىندى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مول تەجىرىبىلىك ۋە بەكمۇ تىرىشچان بولغاچقا، ئۇنى مىكروبىئولوگىيە فاكۇلتىتىدىكى بىر پىروفىسور تەجىرىبخانىسىغا ئىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سىندى 2007-يىلىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم يېڭى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە يېڭى دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسى ئۈچۈن ئىشلەشنى باشلاپتۇ. مەن كىلىپ بىرەر يىلدىن كېيىن مەكتەپ ئىچىدە سىندى ئوقۇش پۈتتۈرىدىكەن دەپ خەۋەر تارقىلىپ يۈردى، لېكىن كېيىنكى يىلى ئۇ يەنىلا بار. شۇنداق قىلىپ يىللار ئۆتۈۋەردى، مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈردۈم، ئەمما سىندى يەنىلا ئوقۇش پۈتتۈرمىدى. ماڭا ئۇ مەڭگۈ ئوقۇش پۈتتۈرمەيدىغاندەكلا بىلىنەتتى. مەن مەكتىپىمدىن ئايرىلىپ تېكساسقا كۆچۈپ كىلىپ پوستدوكتور بولۇپ ئىشلىگىلىمۇ بىر يىل بولاي دېگەندە ئاخىرى سىندى توغرۇلۇق بىر خۇشخەۋەر ئاڭلىدىم. ئۇ بۇ يىل 5-ئايدا راستىنلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپتۇ! 10 يىل! دەل 10 يىلدا سىندى ئاخىرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ مەكتەپ تارىخىدىكى دوكتورلۇقتا ئەڭ ئۇزۇن ئوقۇغان كىشى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.


ئامېرىكىدا بالىسىنى «خورلىغان» ئۆزبېك


ئامېرىكىدا غەلتە قائىدىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى بالام تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاندىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىدىم. دەسلەپ ئامېرىكىدا بالا بېقىش بەكلا ئاسان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم چۈنكى بۇ يەردە بالا تۇغۇلغىچە نۇرغۇن قولايلىقلار بار. ئادەتتە ئامېرىكىدا دوختۇرخانىغا كەلگەنلەرنىڭ پۇلى بار-يوقلۇقىنى دوختۇردىن چىقىدىغان ۋاقىتقىچە ئانچە ئېنىق بىلىپ كەتمەيدۇ ھەم ھىچكىم سوراپمۇ يۈرمەيدۇ. بالام تۇغۇلغاندا مەن بىر ئوقۇغۇچى بولغاچقا بالام تۇغۇلغاندا دوختۇرخانىدا كېتىدىغان چىقىمنى شىتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مىدىتسىنا سۇغۇرتىسى پۈتۈنلەي ئۆزى كۆتۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن 12 مىڭ دوللارلىق دوختۇرخانا چىقىمىدىن بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئۇلتىرا تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەكشۈرگەنگە 300 يۈز دوللار تۆلىمىسەڭ بولمايدۇ دېگەنتى، باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىم بويىچە 12 ئايغا بۆلۈپ تۆلەيمەن دېسەم ماقۇل دېمەسمۇ، شۇنداق قىلىپ ئاسانلا بولغان ئىدى. دوختۇرخانىدىكى مۇلازىمەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دېمەي ئامالىم يوق. ھەتتا بالام تۇغۇلغاندا سىسترالار بىزنىڭ ھاياجانىمىزنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن ئۇلارمۇ يىغلاپ كېتىشتى… قېرىشقاندەك بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاران 48 سائەت تۇرۇشقا يول قويۇلىدىكەن، ئەمما قېلىن قار ياغقانلىقى ئۈچۈن بىر كۈن ئارتۇق تۇرۇپ ئاندىن كەتكۈمىز كەلمەي دېگۈدەك ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدۇق. سېستىرالار كۈتۈشتە ئانىڭىز، ئاچا-سېڭىللىرىڭىزدىنمۇ ئۆتە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغان بولغاچقا دوختۇرخانىدىن قەتئىيلا ئايرىلغۇڭىز كەلمەيدىكەن. ئايالىم بىلەن بالىنىلا ئەمەس، بەلكى مېنىمۇ ئاجايىپ كۈتتى. مېنىڭ كارۋىتىم ئايالىمنىڭكىدىن كىچكرەك بولسىمۇ شۇنداق ئەپلىك، شارائىتىمۇ بەكلا ياخشى ئىكەن. گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا بىز «باشقىلارنى شۇنچىۋالا ئويلىغىلىمۇ، ئىشلارنى شۇنچىلىكمۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغىلى، دوختۇرخانىدىمۇ ئارامگاھتەك تۇرغىلى بولىدىكەن، ھە» دەپ ياقىمىزنى چىشلىشىپ ئۇ ياخشى مۇئامىلىلەرگە تۇنجى كۈنى كۆنەلمەي، ئەتىسىدىن باشلاپ بەك خوشيىقىپ كەتكۈمىز كەلمەي قالغان ئىدى. تۇغۇت بۆلۈمىدە ئىشلەش ناھايتى جاپالىق بولسىمۇ، بۇ كەسپىنى تاللىغان سېستىرلار ئىچ-ئىچىدىن بوۋاقلارنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا رازى بولۇپ سىز كۈتكەندىن ئاز دىگەندە يۈز ھەسسە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىكەن. بالا تۇغۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن ئەر-ئايال ئىككىمىز ھەپتىدە ئىككى سائەتتىن ئۆتۈلىدىغان تۇغۇت دەرىسى دېگەندەكلەرگە قاتنىشىپ بالا بېقىش توغرۇلۇقمۇ خىلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولغان ئىدۇق. ئەمما بالا بېقىشتىكى قائىدىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى كېينچە تېخىمۇ ئېنىق بىلىپ قالدۇق.
ئامېرىكىدا ئاتا-ئانا بولۇش راستىنلا ئاسان ئەمەس. قىزىمنى دوختۇرخانىدا ئىلىپ چىقىدىغان ۋاقتىدا شۇ ئۈچ كۈنلۈك بولغان بوۋاقنى ماشىنىغا «بالىلار ئورۇندۇقى» بېكىتىپ شۇنىڭغا سېلىپ ئۆيگە ئاپىرىشقا مەجبۇر بولدۇق چۈنكى 8 ياشتىن كىچىك ھەر قانداق بالا چوقۇم ھەر ۋاقىت شۇ خىل ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىكەن. تېخى بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئۇ ئورۇندۇقنى ئاتايىتەن ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنى چاقىرىپ بېكىتكىلى سالىدىغان ئىشكەن. بىر قېتىم تاللا بازىرىدا بالىنى ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ نەرسە-كېرەك سېتىۋىلۋاتاتتىم. بىر قولۇم ھارۋىدا بۆلجۈرگەن تاللاۋاتسام، بىر ساقچى ئالدىمغا كىلىپ:

-ئەپەندى، سىزنى ئاگاھلاندۇرىمەن، بالىڭىزغا ياخشى قاراڭ. بالىڭىز چوقۇم ئالدىڭىزدا، كۆرۈپ تۇرىدىغان جايدا تۇرۇشى كېرەك!

كەچۈرۈڭ، مەن دېققەت قىلاي دېگەچ بۇ ئاچچىقى يامان ساقچىنىڭ كۆزدىن ئاران قۇتۇلۇپ ئۆزۈمنى ناھايىتى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ ئۆيگە يېنىپ كەلگەن ئىدىم. تېخى بالا 12 ياشقا تولۇق كىرمىگۈچە بىر قەدەم چوڭلارنىڭ قاراپ تۇرمىسا ئايرىلىشاق بولمايدۇ. بۇ ئاددىي گەپتەك بىلىنگەن بىلەن، ئامېرىكىدەك يات دۆلەتتە ئاتا-ئانىڭىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز يوق ئەھۋالدا ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىز قاراپ بولۇشىڭىز راستىنلا ئاسانغا توختىمايدىكەن.

مەكتىپىمدە ئىشلەيدىغان 40 ياشلار ئەپچۆرىسىدىكى ئۆزبىكىستانلىق دوستىمىز ئەخەد تولىمۇ قىزىقچى كىشى ئىدى. ئەزەربەيجانلىق ئايالى زۇلفىيە ئىككەيلەننىڭ بىر ئوغۇل بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇ ئىككەيلەننىڭ ناھايىتى كۆيۈمچان ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىگە بىز قايىل ئىدۇق. بىر كۈنى ئەخەد مۇنداق بىر ئىش توغرۇلۇق قاقشاپ بەردى:

10-ئاينىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى ئەخەدنىڭ ئايالى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇ بالىلىرىنى يەسلىدىن ئىلىپ كەپتۇ ۋە ئۆيگە قايتىشىدا ئۆيدە ماي تۈگەپ قالغانلىقىنى پەملەپ تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا توختاپتۇ. ئەمما قىزى قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن بولغاچقا، ئۇ ئوغلى ئابدۇللانى ئىلىپ 2 مېنۇتتا چىقىدىغان بولغاندىكىن دەپ قىزىنى ماشىنىدا قالدۇرۇپ دۇكانغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئەمما كىم بىلسۇن، ئۇ 5 مېنۇت ھايال بولۇپ تېشىغا چىقسا بىر توپ ساقچىلار ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئەينىكىنى چېقىۋاتقۇدەك. ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى، ساقچىلار ئۇنى دەرھال تۇتۇپ قولىغا كويزا ساپتۇ ۋە بالىلارنىمۇ بىللە ئىلىپ كېتىپتۇ. ساقچىلار ئەخەدنى «بالىنى خورلاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەخەد شۇنچە چۈشەندۈرۈپمۇ قايىل قىلالماي، ئاخىرى بىرەيلەننىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە ئەخەدنىڭ راستىنلا دەل 5 مېنۇتتا يېنىپ چىققانلىقىنى ئېيتىشى بىلەن ئۇنى بىر كېچە سولاپ قويغاندىن كېيىن قولغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا «80 سائەتلىك ئاممىۋى ئەمگەك جازاسى» بېرىپ قويۇپ بېرىپتۇ. توۋا دەيمەن، دەيتتى ئۇ- مەن ئۆزەمنىڭ بالىلىرىنى بېقىپ بولالماي يېتىشەلمەيۋاتسام ئەمدى قېرىلار ساناتورىيىسىگە بېرىپ ئىشلەيسەن دەيدۇ. بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ كاللىسى چاتاق!

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، مەن ئۆزۈمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇش، ياشاش جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەن ئەمەلىي ئىشلارنى سىلەرگە سۇندۇم. ئامېرىكا راستىنلا ئەركىن دۆلەتمۇ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلساممۇ، ئامېرىكا ھېچبولمىغاندا نۇرغۇنلىرىڭلار ئويلىغاندەك ئەركىن-ئازادە بىر ماكان ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن. ئەڭ ياخشىسى جاۋابنى بۇ ھېكايىلىرىمنى ئوقۇپ ئۆزۈڭلار تەھلىل قىلىپ تېپىۋالغايسىلەر.


بىلگەجان (ئامېرىكا)

2014-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 24-كۈنى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 10:22 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105999
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 855
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 12:41:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!......ئامرىكا توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم خىلى ئەمەلىي چۈشەنچىگە ئىرىشتىم. نادىر تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1964 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 01:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن دۆلەت ؟ئەركىن دۆلەتنىڭ ئىنىقلىمىسى نىمە ؟مىنىڭ ئامىرىكىدىكى يىرىم ئايلىق تەسىراتىمدا ئامىرىكا ئەركىن دۆلەت ئەمەس بەلكى دىموگىراتىك دۆلەت .سىز قانۇن يول بىلەن پىرىزدىنت بىلەن سوتلىشالايسىز .سىز فىراتسىيە قانۇنى بىلەن ئامىرىكا (يۇ ئىس ئىي)دە بىر پۇقرادا بولۇشقا تىگىشلىق ھەرقانداق قانۇندىن بەھرىمان بولالايسىز .يەرلىك شىتات قانۇنى ئارقىلىق ئۆزىگىچە قانۇنى مەنپەتىڭىزنى بەھىرلەندۈرەلەيسىز .دىمەك ئامىرىكىلىقلار قانۇنى چۈشىنىدۇ .ھەمما ئادەمنىڭ قانۇننى بىلىشى چۈشىنىشى پارىخورلۇقنىڭ يامراپ كىتىشىنى ،نازارەتنىڭ چىڭ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .دۇنيادا ئەركىن دۆلەت يوق .ئەركىنلىك سەخسىنىڭ باشقىلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىيىتىگە دەخلى قىلماسلىق شەرتىگە قۇرۇلىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 01:02 PM  


دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1381
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 01:02:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە ،ھەشقاللا

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80903
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4832
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 01:05:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىرىكا قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرگەن دۆلەت،ئىشقىلىپ بەزى دۆلەتلەردىن مىڭ ھەسسە ئەركىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3995
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 02:26:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rehmet! bu yazmingiz bek qiziqarliq we yumiristik yeziliptu.  konglum ichilip qaldi.  qelem tulparingiz harmisun!  amirikideki zhunggoluq sawaqdishingizning ishleri bek qiziqqken, ha ha.......

www.begmurad.wix.com/yaqupjan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8696
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45199
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 7307 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 03:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەندە مىسىرانىمنىڭ ئامېركا زىيارىتى ئارقىلىق ئامېركا ھەققىدە بىر قىسىم چۈشەنچىگە ئەگە بولساق بۈگۈن سىزنىڭ يازمىڭىز ئارقىلىق يەنە بىر قىسىم چۈشەنچىگە ئىگە بۇلدۇق گەرچە بىزگە ئامېركىغا بېرىش پۇرسىتى بولمىسىمۇ  بۇ دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈم، ئىجىتمائى ئەكۋالىدىن خەۋەردار بولدۇق ، ئەجىرڭىزگە رەھمەت ئېيتىمىز.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7436
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7746 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 04:07:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارغا بولغان تەربىيە لايىقىدا بولسا ،ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاكىتىپ ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بالىلارغا راستچىل بۇلۇش توغرىلىق تەربىيەنى ،بۇشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئالى باشقۇرغۇچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 04:21:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىنلىكنىڭمۇ مەلۈم دەرىجىدە چېكى بولىشى كېرەك. غەرىپ دۆلەتلىرىدە مەۋجۇت بولغان  پاھىشىلەرنىڭ تىجارەت ئەركىنلىكى، يالىڭاچ كوچا ئايلىنىش ئەركىنلىكى،ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق غەلىتە ئەركىنلىكلەرگە ئاز تولا دىكتاتورا يۈرگۈزۈپ قېلىپنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويغاننى مەنچە يامان دېگىلى بولماس....

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24198
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 04:33:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى سىياسەتلىرى نىمانداق ياخشى ....................


رەھمەت بىلگەجان  .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش