شرئەلى118 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 12:23 PM 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بىلگەجان ئاق قان راكىغا خېمىيىل ...
ياخشىمۇسىز ،ھازىر ئۈندىدارلاردا ئاق قان كېسىلىنىڭ داۋاسى تېپىلدى دېگەن تېمىدا ئۇچۇرلار ئېقىپ يۈرىدۇ.
مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:
ئاق قان كېسىلىنىڭ داۋاسى تېپىلدى
سىلەرگە يوللاپ بەرمەكچى بولغان رېستىپ تەجرىبىدىن ئۆتكەن، ئەكس تەسىرى يوق،ئىشەنچىلىك،تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى رېستىپ.
قوينىڭ بۆرىكىنى قىيما قىلىپ چۆچۈرە تۈگىمىز ،چۆچۈرە سۈيىنىڭ تۇزىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن ،كالىنىڭ پاچاق سۆڭىكىنىڭ يىلىكىنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئوتنى توختىتىمىز ،قانچىلىك ئىستىمال قىلسا بولىۋېرىدۇ،بۇنى ئىككى ئاي ئىستېمال قىلىدۇ،ئاللا شىپالىق بەرسە ئىككى ئايدا ساقىيىپ بولىدۇ،سىناقتىن ئۆتكەن .
مانا بۇ ئۈندىداردا ئېقىپ يۈرگەن رېستىپلار، بۇ رېتسىپنى ئېلان قىلغان سالوننىڭ ئىسمى家联乐 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىكەن.
بۇرېتسىپنى مۇشۇ كېسەلنى تەتقىق قىلىۋاتقان دوختۇرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىشلەتكەن تۈزۈك.بۇرېتسىپقا قارىتا بۇ مۇنبەردىكى دوكتۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ پىكرى قانداق ئىكىن ،بەكمۇ بىلىپ باققۇم بار.