مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1594|ئىنكاس: 9

ئىسلام ۋە ئەقىل (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106141
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 01:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلام ۋە ئەقىل


(1)


ئىسلام نۇرى تاڭ ئاتقان چاغدىكى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىق ئەھۋالى




مىلادىيە 7- ئەسىردە ئىسلامنىڭ تاڭ نۇرى ئاتقاندا خرىستىيان چېركاۋلىرى يۇناننىڭ ئاقىلانىلىقىنى ئۆلتۈرۈپ، رىم دۆلىتىنى قاراڭغۇلۇققا باشلىغان ئىدى. خرىستىيان چېركاۋلىرى ئارىسىدا«پەرۋەردىگارنىڭ خاراكتېرى»توغرىسىدىكى كەسكىن تالاش-تارتىش ئۆز ئارا توقۇنۇش، بىر بىرىنى ئىزىش ۋە دىنسىز دەپ تۆھمەت قىلىشقا ئېلىپ بارغان. بۆلۈنۈش ۋە ئىزىش چېركاۋ پوپلىرى ئارىسىدا بۇرۇلۇش ۋە نادانلىققا يول ئېچىپ بېرىپ،خرىستىيان ئەقىدىسىنى ئېغىر كىرىزىسكە ئۇچراتقان. نەتىجىدە خرىستىيان ئەقىدىسىنى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىققا دۈشمەن قىلىپ قويغان. بىلىم-مەرىپەتنى ۋەز-نەسىھەت خاراكتېرلىك يالغۇز ئىنجىلدىن ئېلىشقا چاقىرغان، شۇ سەۋەبتىن غەرب ھەزارىتىدە دىن بىلەن ئىلىم-پەن ۋە ئاقىلانىلىق ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە ئېچىنىشلىق جېدەل باشلانغان.
ھازىرقى خرىستىيان ئەقىدىسىدە:«كۆزۈڭنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئېتىقاد قىل»، «كۆزۈڭنى يۇمۇپ تۇرۇپ ماڭا ئەگەشكىن» دېگەن سۆزلەر ئەۋج ئالغان. (پولۇسنىڭ رۇمىيەگە يازغان مەكتۇپى، 139-بەت).
خرىستىيان دىنىنىڭ پەيلاسوپى «ئوغىستىن»Augustinus (354-430م): «مەن بۇنىڭغا ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ ئىشىنىمەن»دېگەن.(د.مۇھەممەد ئەممارە: ئىسلام ۋە پاتكان، 50-52-بەت)، (د.ئەھمەد شەلەبى: دىنلار سېلۇشتۇرمىسى، 2-توم، 124- بەت)، (مۇنقىز سەققار:«ئاللاھ بىرمۇ ياكى ئۈچمۇ؟»:174- بەت).
پەيلاسوپ پوپ ئەنسەلىم(1033-1109م):«سەن دەسلەپتە قەلبىڭگە تەڭلەنگەن نەرسىگە نەزەر تاشلىماستىن ئېتىقاد قىلىشىڭ كېرەك. ئاندىن كېيىن ئېتىقاد قىلغان نەرسەڭنى چۈشىنىشكە ئۇرۇن. ئىمان ئەقلى قاراشقا مۇھتاج ئەمەس»دېگەن. (مۇتەپەككۇر مۇھەممەد ئابدۇنىڭ تولۇق ئىش ئىزلىرى، 3- توم، 279- بەت).
ئەمەلىيەتتە، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق تەلىماتلارنىڭ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس...
خرىستىيان دىنىنىڭ خۇراپاتلىرى يۇناننىڭ قەدىمىي ئاقىلانىلىق مىراسىنى مۇھاسىرىگە ئالغان، بۇ ئاقىلانىلىقنىڭ قول يازمىلىرىنى تۆمۈر ساندۇققا قاماپ، چېركاۋنىڭ يەر ئاستى ئامبىرىغا تىقىۋەتكەن. يۇنان ئاقىلانىلىق مىراسىنىڭ ئىسكەندەرىيە كۇتۇپخانىسىدا قېلىپ قالغان قىسمى مىسىر خرىستىيانلىرى تەرىپىدىن بۇ مىراس بۇددىزمنىڭ مىراسىي دېگەن باھانە بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ ۋە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. مىسىر چېركاۋلىرىنىڭ پاپاسى سىفھىلىس  Theophilus (385-412م) بۇ مىراسنىڭ كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈش ۋە پەيلاسوپلىرىنى ئۆلتۈرۈش ھۇجۇمىنى قوزغىغان. ئىسكەندەرىيە پەلسەپە مەكتىپىنى تاقاش، كۈتۈپخانىسىنى ۋەيران قىلىش ۋە ئوت قويۇۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلغان. يېڭى ئەپلاتون پەيلاسوپى، ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ئالىمى «ئىناتىيە»(370-415م)نى تىرىك كۆيدۈرۈۋەتكەن. (د.سەبرى سەلىم: بىزانتىن دەۋىردىكى مىسىر تارىخى، 40- 49- بەتلەر).
ياۋروپا ھەزارىتىدىن ئەقىل قۇياشى غايىب بولغانلىقىنىڭ تەسىرىدىن، ئاقىلانىلىقنى ئېتىراپ قىلمايدىغان چېركاۋ ئېتىقادىنىڭ ھوقۇقى سەۋەبىدىن ۋە چېركاۋنىڭ ئىلىم- پەن ۋە ئالىملارنى ئىزىشى، تەبىئەت ۋە كائىنات بىلىملىرىدىكى  ئالىملارنى «جىنايەتچى» دەپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن ياۋروپا-خرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن تارتىپ- مىلادىيە 16- ئەسىردە بىرىنچى قېتىم ئاسترونومىيە ئالىمى كوبىرنىكىس Copernivus(1473-1543م)نى ئاران كۆرەلىدى. كوبىرنىكىس «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى» نامىدا يازغان كىتابنى چېركاۋ مۇسادىرە قىلىپ،18-ئەسىردە يورۇقلۇققا چىقارغان. گالىلې Galileo(1564-1643م)غا ئوخشاش ساناقسىز ئالىملار تونۇر ئوتقا ئىتتىرىلگەن.
مانا بۇ ئىسلام ئاقىلانىلىق قۇياشى نۇر چاچقان كۈندە خرىستىيان دۇنياسىدىكى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ ئەھۋالى.
غەرب ئالىملىرىدىن ئىنساپلىق بولغانلىرى ئىسلام ئاشكارا بولغان چاغدىكى  ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى بىلەن چېركاۋنىڭ غەيرى ئاقىلانىلىقىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ شەرقنى خرىستىيان دۇنياسىنىڭ يۈرىكىدىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزىگە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان تىز سۈرئەتتە تىنىچ ئۆزگەرتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن.
مەسىلەن، فرانسىيىلىك شەرقشۇناس پروفېسسور ئىدۋار مونتىتE.montet (1856- 1927م) مۇنداق يازغان:«ئىسلام دىنى ماھىيىتىدە ئەقلى دىن. ئاقىلانىلىق ئۇسۇلنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى: دىنى ئەقىدىلەرنى ئەقىل ۋە لوگىكىدىن ئېلىنغان پرىنسىپلار ئاساسىغا تۇرغۇزىدىغان يولدۇر،  بۇ ئاقىلانىلىق ئىسلام دىنىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. مۇھەممەدنىڭ دىنىدا ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ لوگىكا ۋە ئەقىل ئاساسىغا شەكىللەنگەنلىكىگە ئالامەت ۋە بەلگىلەر كۆپ تېپىلىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى ئاللاھ ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش دىيانەتلىك كىشىنىڭ نەپسىدە ئەقىل ۋە لوگىكا ئاساسىدا مۇقىملىشىدۇ. ئاللاھ ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش قۇرئان ئېلىپ كەلگەن ئەقىدە تەلىماتىنىڭ ھەممىسىنى خۇلاسىلاپ بېرىدۇ. ئىسلام تەلىماتىنىڭ ئاددىيلىقى ۋە ئېنىقلىقى بۇ دىندىكى  ۋە تەشۋىقاتىدىكى جانلىق كۈچ قۇۋۋىتىنىڭ ئوبرازىدۇر.
قۇرئان ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇش ئېتىبارى بىلەن تارىخ بويى قىلچە ئۆزگىرىپ قالماي ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. قۇرئان دائىم شۇنداق ئېنىق ۋە سۈزۈك ھالدا تەۋھىد(ئاللاھنىڭ بىرلىك) پرىنسىپىنى جاكارلاپ كەلدى. ئىسلامدا بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان خۇسۇسىيەت بولمىسا كېرەك. مانا مۇشۇ يەردە مۇسۇلمان دەۋەتچىلەرنىڭ كۈچىنىڭ ئۈنۈم قازنىشىدىكى كۆپ سەۋەبلەر يوشۇرۇنغان. پەلسەپىنىڭ مۇرەككەپ تەرەپلىرىدىن تامامەن خالى بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى ئادەممۇ چۈشىنىپ كېتەلەيدىغان ئېنىق ۋە بەلگىلىك بۇ ئەقىدىنىڭ كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىغا يول ئېلىشتا ئاجايىپ كۈچكە ئىگە بولىشى كۈتۈلۈپ تۇرغانلا گەپ». (ئىدۋارنىڭ:«ئىسلامنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى»، «خرىستىيان تەشۋىقاتى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان دۈشمەنلىرى» ناملىق كىتابنىڭ، 20،12- بەتلىرىگە قاراڭ).
ئىسلام تەتقىقاتىدا مۇتەخەسسىس ئىتالىيىلىك شەرقشۇناس ئەمىر كايتانى لىيۇن Caetani Leone (1869-1926م) مۇنداق يازغان:«ئىسلامنىڭ شەرق خرىستىيانلىرى ئارىسىدا تارقىلىشى خرىستىيان ئەقىدىسىگە Hellen روھى (گرېكلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدىيىسى چۈشكۈنلەشكەن دەۋر) ئېلىپ كەلگەن مەزھەپ سەپسەتىسىدىن رەنجىگەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان. ئاددى ئېنىق ئىدىيىلەرنى ياخشى كۆرۈش بىلەن تونۇلغان شەرق خەلقىگە  ھېللىن مەدەنىيىتى دىنىي جەھەتتىن ئاپەت بولغان. چۈنكى بۇ مۇرەككەپ يۇنان مەدەنىيىتى خرىستىيان دىنىنىڭ ئاددى تەلىماتلىرىنى شەك-گۇمان بىلەن توشۇپ كەتكەن تەس، مۇرەككەپ ۋە چىگىك ئەقىدىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ ھالەت ئۈمىدسىزلىك روھىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، دىنى ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرىنىمۇ تەۋرەتكەن.
ئىسلامدىن ئىبارەت يېڭى ۋەھىينىڭ خەۋىرى سەھرادىن ئۇشتۇمتۇت نامايان بولغاندا، ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنۈپ كەتكەن، ئېتىقاد ئاساسلىرى تەۋرىگەن، شەك-گۇمان سەۋەبىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ساختىپەزلىك ئارىلىشىپ كەتكەن شەرقتىكى خرىستىيان دىنى يېڭى دىننىڭ قىزىقتۇرۇشى ئالدىدا بەرداشلىق بېرەلمىگەن. بۇ يېڭى دىن بىر زەربە بىلەن بارلىق شەك-گۇمانلارنى يوقىتىپ، ئاددى ۋە ئېنىق پرىنسىپلىرى بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك ماددى ئارتۇقچىلىقلارنى تەقدىم قىلغان. شۇ ۋاقتىدا شەرق خرىستىيانلىرى دىنىنى تاشلاپ، ئەرەب يۇرتلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى...». (كايتانى لىيۇن:«ئىسلام يىلنامىلىرى= ئىسلام تارىخ سەھىپىلىرى» ناملىق كىتابىغا قاراڭ.
ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ جون تايلور Cunon Taylor (1753-1824م) ئىسلام دىنىنىڭ تىز تارقىلىشىدىكى سىرى بولغان ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى توغرىسىدا مۇنداق يازغان:«بۇ يېڭى دىننىڭ ئافرىقا ۋە ئاسىيادا مۇنچىۋالا تېز تارقالغانلىقىنى بىلىش ئاسان. ئافرىقا ۋە شام دىيارىدىكى خرىستىيان پوپلىرى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى تەس مېتافىزىكىلىق ئەقىدىلەرگە ئالماشتۇرۇپ قويغان. چۈنكى ئۇلار بويتاق ئۆتۈشنىڭ ئاسماندىكى پەزىلىتى ۋە بويتاقچىلىقىنىڭ پەرىشتىلەر دەرىجىسىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئىزاھلاش ئارقىلىق بۇ دەۋردە يۈز بەرگەن بۇزۇقچىلىقلارغا قارىشى تۇرماقچى بولغان. دۇنيادىن ئايرىلىپ ياشاش پاكلىقنىڭ يولى، مەينەتچىلىك راھىبلارنىڭ پاكلىقىنىڭ سۈپىتى ئىدى. كىشىلەر ئەمەلىيەتتە بىر بۆلەك شېھىتلەر، پوپلار ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىدىغان مۇشرىكلار ئىدى. يۇقىرى تەبىقىدە چىرىكلىك ئەۋج ئالغان، تۆۋەن تەبىقە باج بىلەن چارچاپ كەتكەن ئىدى. قۇللارنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىدە ئۈمىد يوق ئىدى. ئىسلام دىنى كېلىپ بۇ بىر بۆلەك چىرىكلىك ۋە خۇراپاتلارنى يوقاتتى، ئىسلام دىنى ئەقىدىدىكى قۇرۇق جېدەل ماجىراغا ئىنقىلاپ ۋە راھىبلارنى تەقۋالىقنىڭ بېشى دەپ ئۇلۇغلاشقا قارىشى كۈچلۈك  ھۆججەت ئىدى. ئىسلام دىنى ئاللاھنى يەككە يىگانە دەپ قارايدىغان دىننىڭ ئاساسلىرىنى بايان قىلىپ بەردى. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مېھرىبان ۋە ئادىل ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنى بىۋاستە پەرمانىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئىسلام دىنى ئىنساننى ئۆز ئىشلىرىدىن مەسئۇل، قىيامەت كۈنى دەپ ئاتىلىدىغان ھېساب بېرىدىغان يەنە بىر ھاياتنىڭ بارلىقىنى ۋە ئەسكە ئادەملەرگە ئېغىر جازا تەييارلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىسلام ناماز، زاكات، روزا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ساختىپەزلىك، دىن نامىدا يالغان سۆزلەش، خۇراپات ۋە ئازغۇن ئىستىلنى تاشلاشنى پەرز قىلدى. ئىسلام راھىبلىقنىڭ ئورنىغا باتۇرلۇقنى چۈشۈردى، قۇللارغا ئۈمىد ۋە ئىنسانىيەتكە قېرىنداشلىق بەردى. كىشىلەرگە ئىنسان تەبىئىتى تايىنىدىغان ئاساسلىق ھەقىقەتلەرنى ھېس قىلىشنى ئاتا قىلدى». (تارىخشۇناش توماس ئارنولد Thomas Arnold:«ئىسلامغا چاقىرىش»،89-91-بەتلەر).

(2)


قۇرئان ئەقلى مۆجىزە




ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسىنى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، ئىسلامنىڭ دەۋرلەر بويى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئەقلى مۆجىزىسى قىلىپ بېكىتكەن. مانا قۇرئان ھەر دەۋر ۋە ھەر زاماندا ئىنسان ئەقلىگە خىتاب قىلىپ كەلمەكتە. قۇرئان ھىدايەت كىتاۋى، رەسۇلۇللاھنىڭ قىيامەت كۈنىگىچە مۆجىزىسى. قۇرئان ھەر قانداق دەۋر ئۈچۈن يەككە- يېگانە ئەقلى مۆجىزە، چۈنكى قۇرئان ئەقىلگە خىتاب قىلىدۇ، ئەقىلنى ھۆرمەتلەيدۇ، قەلب ۋە ۋىجدانغا نىدا قىلىدۇ، ئەقىل بىلەن ساغلام لوگىكا ئاساسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ، بىر ئادەمنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ.
ئىنسان ئەقىل بولمىغان بولسا ئىسلام دىنى،پەيغەمبەرلىك، ياخشىلىق- يامانلىق ۋە توغرا-خاتانى بىلەلمىگەن بولاتتى. ئەقىل ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ ئاستى قۇرۇلمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقىلنىڭ كەسكىن يەكۈنلىرى ئىسلام ئالىملىرى نەزىرىدە كەسكىن ھەقىقەت دەپ قارالدى. مانا ئاللاھدىن بەك قورقىدىغان كىشىلەر كائىنات، ھايات ۋە يارىتىلىشنىڭ سىرلىرىنى بىلىدىغان ئالىملار. چۈنكى كائىنات، ھايات ۋە يارىتىلىشنىڭ سىرلىرىنى بىلمەيدىغان ئىنسان ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلمەيدىغان ئىنسان.
ئىسلام دىنى ئەقىلگە ئەركىنلىك چۇلۋۇرىنى قويۇپ بېرىپ نەزەر يۈرگۈزۈش، ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش  يولىنى ئېچىپ بېرىپ ئىلىم پەنگە چاقىردى. مانا ئىسلام ئىدىيىسى ئىدىيە ئەركىنلىكى ۋە ئاللاھ بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان.
قۇرئان كىرىم ئەقىلنى بايان قىلسا ئەقىلنى تەرتىپكە سېلىش، ئەقىل بىلەن ئەمەل قىلىش ۋە ئەقىلگە تايىنىش ئورنىدا بايان قىلىدۇ. شەرىئەتتە بۇيرۇق ۋە چەكلىمە كەلگەن ھەر بىر ئورۇندا مۇسۇلماننى ئەقلىنى ئىشقا سېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ ياكى ئەقلىنى ئىشقا سالمىغانلىقىغا قارىتا ئەيىبلەيدۇ. قۇرئان كىرىم ئەقىلنى ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كەتمىدى، بەلكى ئەقىلنىڭ ھاياتتىكى رولىنى قەدىرلەيدىغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىسلام خەلقئارالىق ھەزارەت بولغاچقا ئەقىل ۋە بىلىم-مەرىپەتكە دەرۋازىلىرىنى ئاچتى، ھەزارەت ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى قوغداپ كەلدى، بۇرۇنقى مىللەتلەرنىڭ كۈچىنى يوققا چىقرۋەتمىدى، ياخشى نەتىجىلەر ۋە پايدىلىق ئىدارە تۈزۈملىرىنى نەقىل قىلىپ قوبۇل قىلدى.
«ئىسلام ۋە ئەقىل» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.

(3)


ئىسلام  ئەنئەنىسىدە ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ ئورنى




ئىسلام ئەنئەسىنىڭ بارلىق ئېقىملىرىغا قارىساق، بۇ مىراسنىڭ تارىخ بويى ۋە تۈلۈك مەزھەپلىرىدىمۇ ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ يۇقىرى ئورۇن ۋە ئالاھىدە ۋەزىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز.
ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بىر قىسىم ئالىملارنىڭ گۇۋاھلىقىغا مىسال تەرىقىسىدە ئىشارەت قىلىپ ئۆتىدىغان بولساق، ئۆزىمىزنى مۇسۇلمانلار  باشقا مىللەت ۋە ھەزارەتلەردىن پەخىرلەنگۈدەك ئەنئەنىنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن:
(1).«ھەزرىتى ئەلى» سوئال سورىغان بىر كىشىگە: ئى ئىنسان ئاللاھنى چۈشىنىشتە ئەقلىڭنى ئىشلەت دېگەن، ئۇ ئادەم: ئەقلىمنى ئىشلەتتىم دېگەن. شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلى: مانا ئەمدى مۇسۇلمان بولدۇڭ،دېگەنىكەن. ئاللاھنى ئەقلى جەھەتتىن چۈشىنىش ئىسلامنىڭ دەلىلى.
(2).ئۆز دەۋرىنىڭ ئالىمى «ھەسەن بەسرى» (642- 728): «بىر ئادەمنىڭ ئەقلى تولۇق بولمىغىچە دىنى پۈتۈن بولمايدۇ»دېگەن.
ئەقىل ھېس تۇيغۇ ۋە ھېسسى ئەزالاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەرىپەت ۋە ئاڭقىرىش دەرىجىلىرىنىڭ بىر دەرىجىسى. بۇ توغرىدا جاھىز:« كۆزۈڭ كۆرگەن بويىچە ئىش قىلما، ئەقلىڭ كۆرسەتكەن بويىچە ئىش قىل»دەيدۇ.
(3).ھىجرىيە 2- ئەسىردە ياشىغان ئەقلى، ۋىجدانى ۋە ئىجادىيىتىدە تەسەۋۋۇپ، پەلسەپە ۋە سەلەپىلىكنى بىرلەشتۈرگەن ئالىم «ھارىس مۇھاسىبى»(781-857م)نىڭ گۇۋاھلىقىغا قارىسىڭىز ئەقىلنىڭ چاقناپ تۇرغان ئورنىنى كۆرەلەيمىز. «ھارىس مۇھاسىبى» مۇنداق دەيدۇ:«ئەقىل ئاللاھ ئىنساندا ئورۇنلاشتۇرغان تەبىئي خاراكتېر، كۆزدىكى نۇرغا ئوخشاش قەلبتىكى نۇر. ئىنسان مۇشۇ نۇر بىلەن تۇغۇلۇپ، ئەقلى نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەرىپەتنى ئاشۇرىدۇ. ئەقلى مەرىپەت روھنىڭ ساپ ماھىيىتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە ماھىيەت دەپ ئاتالدى. ئەقىل ئارقىلىق ئىنسانلار ئاللاھنى تونىدى، قايسى نەرسىلەرنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق ئىكەنلىكىگە ئەقىل ئارقىلىق گۇۋاھلىق بەردى. ئاللاھ ئەقىل ئارقىلىق مەسئۇلىيەت يېشىغا يەتكەنلەرگە ھۆججەت تۇرغۇزدى...
ئىنسان كۆپ ئىبرەت ئېلىشى، بىلىمىنىڭ ئېشىپ كۆپىيىشى ۋە پەزىلىتىنىڭ ئۈستۈن بولىشى ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىشى ۋە نەزەر يۈرگۈزۈشى كېرەك. قايسى بىر ئىنساننىڭ تەپەككۇرى ئاز بولسا ئىبرەت ئېلىشى ئاز بولىدۇ، كىمنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئاز بولسا، ئىلمى ئاز بولىدۇ. كىمنىڭ ئىلمى ئاز بولسا نادانلىقى كۆپ بولىدۇ ۋە كەمچىللىكى كۆرۈنۈپ قالىدۇ ياخشىلىقنىڭ تەمىنى، ئىماننىڭ لەززىتىنى ۋە ھېكمەتنىڭ روھىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئەقىللەرنى ھېكمەتنىڭ ئاساسىي، كۆز قاراشنىڭ دەلىلى، چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسى، ئىلىمنىڭ قورغىنى ۋە كۆزلەرنىڭ نۇرى قىلىپ بەلگىلىدى... ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئاقىل ئىنسانلارنىڭ كاتتىسى ئەقىل ۋە مەرىپەتتە ئاللاھنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشتىن ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئاللاھنى ئەقلى جەھەتتىن تونۇغان كىشىلەردۇر.(ھارىس مۇھاسىبى:«ئەقىلنىڭ مەنىسى ۋە ماھىيىتى»201،230-بەت).
(4).ئىسلامنىڭ ھۆججىتى دەپ نام ئالغان مۇتەپەككۇر ئالىم ئەبۇھامىد غەزالىي(1058-1111)نىڭ ئەقىلنىڭ ئورنى ۋە مۆتىدىل ئىسلامنىڭ ئىسلام ئاقىلانىلىقىنى ئالاھىدە قىلىشتىكى رولى توغرىسىدا چوڭقۇر ئاجايىپ كۆپ سۆزلىرىنى ئۇچرىتىمىز. ئىسلامنىڭ ئوتتۇرىھاللىق خۇسۇسىيىتى ھۆججەتنىڭ زاھىرىدا تۇرۇۋالىدىغانلار بىلەن، ئەقىل بىلەن شەرىئەت ئارىسىدا زىتلىق شەكىللەندۈرىدىغان ئاقىلانىلىقنىڭ ئاشقۇنلىقىدىن ھىمايە قىلىدۇ.
غەزالى بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:«ئەقىلنىڭ مىسالى: ئاپەت ۋە ئەزىيەتتىن ساغلام كۆزگە ئوخشايدۇ. قۇرئاننىڭ مىسالى: نۇر چاچقان قوياشقا ئوخشايدۇ.
بۇ ئىككى ھەقىقەتنىڭ بىرسىدىن بىھاجەت بولغان كىشى دۆتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا لايىق. چۈنكى قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن كۇپايىلىنىپ ئەقىلدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشى كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ قۇياشنىڭ نۇرىغا تەڭلەنگەن كىشىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قارىغۇ ئادەمنىڭ ئارىسىدا پەرق بولمايدۇ.
شەرىئەت بىلەن ئەقىل نۇر ئۈستىدىكى نۇردىن ئىبارەت. (ئىمام غەزالى «ئېتىقادقا مۆتىدىل بولۇش» 303- بەت).
«ئەقىل قەتئىي مۇمكىن ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقارغان مەسىلىدە ۋەھىي ھۆججىتىنى باشقىچە ئىزاھلاش لازىم، ۋەھىيىنىڭ ئەقىلگە كەسكىن زىت  كېلىدىغان نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ». (يۇقىرىقى مەنبە، 122-بەت).
«ئىلاھىي ۋەھىي ۋە ھەقىقى شەرىئەت ئەقىل نەپرەتلىنىدىغان نەرسىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئەقىل ھېس قىلالمىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى مۇمكىن ئەمەس ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. ئەقىلگە يىراق ئىش بىلەن مۇمكىن ئەمەس ئىشلار ئارىسىدا پەرق بار. ئەقىلگە يىراق دېگەن ئىش تونۇشلۇق بولمىغان نەرسىدۇر، مۇمكىن ئەمەس دېگەن نەرسىنىڭ پەيدا بولىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ». (غەزالىنىڭ رىسالىسى، 345-بەت).
يەنە:«ئەھل سۈننىڭ ئېتىقادىدا شەرىئەت بىلەن ئەقلى ھەقىقەت ئارىسىدا توقۇنۇش يوق. زاھىرىي ئېقىمنىڭ تەقلىدچىلىكتە تۇرغۇن ھالەتتە تۇرۇش ۋاجىپ دېگەن قارىشى ئەقلىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ ئازلىقىدىن بولغان. بىر قىسىم پەيلاسوپلارنىڭ ئەقىلنىڭ ھەرىكىتىدە چېكىدىن ئېشىپ، شەرىئەتنىڭ كەسكىن ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى بىلەن ئەقىلنى سوقۇشتۇرغانلىقى ۋىجدانىنىڭ نىجىسلىقىدىن بولغان. ھەر ئىككى تەرەپ پاراسەتتىن يىراق بولغانلاردۇر».(غەزالى: «ئېتىقادتا مۆتىدىل بولۇش» 2- بەت).
(5). مۇجتەھىد، فەقىھ، دوختۇر ۋە ئەقىدەشۇناس پەيلاسوپ «ئىبنى رۇشد» (1126-1198م)ئىسلام ئاقىلانىلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«شەرىئەت مەۋجۇدىيەت مەسىلىلىرىدە ئەقىلنى ئېتىبارغا ئېلىشقا ۋە ئەقىل ئاساسىدا ئىزدىنىشكە چاقىرغان...شەرىئەت ھەق بولغانىكەن ۋە ھەقنى بىلىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىزدىنىشكە چاقىرغان ئىكەن، ئەقلى پاكىت شەرىئەت ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە قارىشى تۇرۇشقا ئېلىپ بارمايدۇ، چۈنكى ھەقىقەت ھەقىقەت بىلەن زىتلاشمايدۇ، بەلكى ئۇيغۇنلىشىدۇ ۋە قوللايدۇ.
ئەگەر ئەقلى پاكىت يەكۈنلىگەن ھۆكۈم كەسكىن بولۇپ، شەرىئەتنىڭ زاھىرىغا زىت كېلىپ قالسا، ئۇ چاغدا شەرىئەتنىڭ زاھىرىنى ئەرەب تىلى قائىدىسىدىكى تەۋىل(سۆزنى زاھىرىي مەنىسىدىن-دەلىل ئېتىبارى بىلەن- ئېھتىمالى بار بولغان ئاجىزراق مەنىگە يۆتكەش) گە ئاساسەن ئىزاھلايمىز.
شەرىئەت ھېكمەت(پەلسەپە)گە زىت دەپ قارىغانلار، نە شەرىئەتنىڭ، نە ھېكمەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىگەنلەر. شەرىئەت پەلسەپىگە زىت دەپ قاراش ئاساسىي يوق گەپ ۋە شەرىئەتتىكى بىدئەت سۆزدۇر، ياكى پەلسەپىدىكى خاتا كۆز قاراشتۇر. ھېكمەت شەرىئەتنىڭ ھەمراھى ۋە قېرىندىشى. ئىككىسى خاراكتېرى بىلەن ھەمرا، ماھىيىتى بىلەن بىر بىرى بىلەن دوست»( ئىبنى رۇشد: «پەلسەپە بىلەن شەرىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئېنىق بايان»، 22-23- بەتلەر).
(6). فىقھى ۋە پەتىۋانىڭ پېشۋاسى، ئوتتۇرا تارىختىكى مۇجتەھىد ئالىم ۋە سەلەپي پەيلاسوپ، ئارستوتىلنىڭ لوگىكىسىنى چوڭقۇر تەنقىد قىلغۇچى ۋە پەلسەپە قاراشتىكى ئالاھىدە تەتقىقات ئىگىسى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە(1263-1328) نىڭ ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقىنى خۇلاسىلىغان(كەسكىن ئەقلى يەكۈننىڭ توغرا نەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنىڭ بايانى) ناملىق كىتاۋىنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز.
ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ:«كەسكىن ئەقلى يەكۈن دەپ تونۇلغان ئۇقۇمنىڭ سەھى نەقلى(ۋەھىي)ھۆججەتكە زىت كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. كىشىلەر تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئىشلاردا سەھى ھۆججەتلەرگە قارىشى كەلگەن نەرسىنىڭ -ئەقىل ئارقىلىق ئورۇنسىزلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان- قۇرۇق گۇمان ئىكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلدىم... كەسكىن ئەقلى يەكۈن ھەرگىزمۇ نەقلى ھۆججەتكە زىت كەلمەيدۇ. ئەگەر زىت كەلدى دېيىلسە، ھۆججەت ساختا ھەدىس ياكى ئاجىز دەلىل بولىشى مۇمكىن. كەسكىن ئەقلى يەكۈنگە قارىشى كەلگەن ساختا ھەدىس ياكى ئاجىز ھۆججەتنى دەلىل دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.
پەيغەمبەرلەر ئەقىل مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغان نەرسىلەرنى ھەرگىز خەۋەر قىلمايدۇ، بەلكى ئەقىل توغرا قوبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى خەۋەر قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئەقىل مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغان نەرسىنى خەۋەر بەرمەيدۇ. بەزىدە ئەقىل بىلىشتىن ئاجىز كېلىدىغان نەرسىلەردىن خەۋەر بېرىدۇ».( كەسكىن ئەقلى يەكۈننىڭ توغرا نەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنىڭ بايانى، 1-قىسىم، 83- بەت).
قايسى بىر سۆز شەرىئەتنى بەكرەك بۇزۇۋەتسە، ئەقىلنىمۇ بەكرەك بۇزۇۋېتىدۇ. ھەقىقەت بىر بىرى بىلەن زىتلىشىپ قالمايدۇ. پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتنى خەۋەر قىلىپ بەرگەن، ئاللاھ ئىنسانلارنى ھەقىقەتنى بىلىشكە تەبىئىلەشتۈرگەن. پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنىڭ تەبئىي خاراكتېرنى-ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەمەس-تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. «ئۇلارغا بىز تاكى قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان- زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ»(فۇسسىلەت سۈرىسى، 52- ئايەت).
ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئىنسانلارغا ئالەم بوشلۇقىدىكى ۋە ئىنساندىكى روشەن قۇدرەتلىرىنى كۆرسىتىمىز دەپ خەۋەر بەردى، قۇرئان كىرىم بۇ ھەقىقەتنى دەپ بەردى. ئۇنداقتا قۇرئاننىڭ پاكىت ئۇقۇمى بىلەن ئەقلى پاكىت ئۇقۇمى ئۇيغۇن كېلىدۇ، شەرىئەتنىڭ نەقلى تەقەززاسى بىلەن ئەقلى نەزەر يۈرگۈزۈش تەقەززاسى دوستلىشىدۇ. (ئىبنى تەيمىيە: «سۈننەتنىڭ مېتودى» 82- بەت).
«ھەنەفى مەزھىپى، كۆپلىگەن مالىكى ۋە شافىئى مەزھەپتىكىلەر «ئەقىلنىڭ ياخشى ۋە يامان»دېگەن كۆز قارىشىنى ئالىمىز،دەپ قارىغان. بۇ كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزىدۇر» (ئىبنى تەيمىيە، «پەتىۋالار توپلىمى» 8-توم،428-بەت).
ئىسلام ھەزارىتى گۈللەنگەن دەۋردىكى ئىسلام ئاقىلانىلىقى مانا مۇشۇنداق چاقنىغان. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەزھىپىدىكى تەپەككۇر مېتودى مۇشۇنداق يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئىدى. دېمەك، ئىسلام ھەزارىتىدىكى زاھىرىي ئېقىمدىن باشقا ئىدىيە ئېقىملىرىدا ئىسلام ئاقىلانىلىقى ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولغان.

( 4 )


ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ كەينىگە چېكىنىشى



ھەزارەت لىنىيىسىدە تەرەققى قىلىش ۋە ئارقىدا قېلىش، ئويغىنىش ۋە يىقىلىشتىن ئىبارەت  ئېسمىنالىق ۋە ئورۇن ئالمىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ: «بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز(يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە, بىر كۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)»(ئال ئىمران، 140-ئايەت).
ساۋاب ۋە جازا قانۇنىيىتى ئارزۇغا تاپشۇرۇلمىغان، ساۋاب ۋە جازا قانۇنىيىتى ھەر قانداق مىللەت باراۋەر بولىدىغان مۇقىم ئاساس ۋە ئىزچىل قانۇنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، ھېچقانداق بىر ئىنسان بۇ قانۇنىيەتنى بۇزۇۋۇتەلمەيدۇ. دىن ئارزۇ- ئارمان بىلەن بولمايدۇ، دىن دېگەن قەلبىدە مۇستەھكەم ئورنىغان ۋە ئەمەل ئارقىلىق تەستىقلىغان نەرسىدىن ئىبارەت:«(ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب)سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە)جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھ دىن باشقا(ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان)ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ» (نىسا سۈرىسى، 123- ئايەت).
  ھەزارەت ۋە مىللەتلەر لىنىيىسىدىكى ئالمىشىش ۋە ئىسمېنالىق ئىجتىمائىي قانۇنىيىتىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:«زۇلۇم مەندىن كېيىن ئۇزۇنغا قالماي كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، زۇلۇمدىن قانچىلىك كۆرۈنسە ئادالەتتىن شۇنچىلىك يوقاپ كېتىدۇ. زۇلۇمنىڭ دەستىدىن زۇلۇمدىن باشقىنى تونۇمايدىغان ئەۋلادلار تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلىپ بېرىدۇ، قانچىلىك ئادالەت قولغا كەلسە، زۇلۇمدىن شۇنچىلىك مىقداردا يوقايدۇ، ھەتتاكى ئادالەت ئىچىدە ئادالەتتىن باشقىنى تونۇمايدىغان ئەۋلادلار تۇغۇلىدۇ»(ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان).
ئىسلام ھەزارىتىنىڭ ئارقىغا چېكىنىش كۆرۈنۈشى ئىچىدە ئىسلام ئاقىلانىلىقى چېكىنگەن شۇنداق بىر دەۋر پەيدا بولغان. قۇرئاننىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. ئىسلام فىقھى مەزھەپلىرىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئورنىغا تۇرغۇن ھالەت ۋە تەقلىدچىلىك(دورامچىلىق) پەيدا بولغان. ھەقىقى تەسەۋۋۇپنىڭ ئورنىغا بىدئەت ۋە خۇراپاتلار تارقىلىپ كەتكەن. ئىسلامنىڭ ئەقىدە-پەلسەپە ئىلمىي چېكىنىپ، لوگىكا چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
ئىسلام ئاقىلانىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەزارەتنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىنڭ ئىچكى ۋە سىرتقى بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەب- ئامىللىرى بار:
سىياسى جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئابباسىيە خەلىپىلىك دەۋرىدە ئىسلام ھەزارىتىدە پارسلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن يۇقىرى سانايدىغان«پارىس مىللەتچىلىكى»بىلەن خەلىپىلىك ئارىسىدا توقۇنۇش كۈچەيدى، ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇئتەسىم(795-841) پارسلار بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدا بىر تەرەپلىمە تۇرىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىدىن تەركىپ تاپقان قۇل ئەسكەرلەردىن دۆلەت ۋە خەلىپىلىك قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى دەپ ئويلىغان. خەلىپە مۇئتەسىم باغدادنىڭ سامىرا شەھىرىنى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ گازارمىسى قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن. يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ گازارمىسى جانلىنىپ، كۈچ- قۇۋۋەت مىزانىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولغان. بۇ ئەسكەرلەر خەلىپىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا خەلىپىلىكنى قورچاق ئورنىدا «ئويۇنچۇق»قا ئايلاندۇرۇۋالغان. تارىخشۇناس مەسئۇدىنىڭ ئىپادىلىشىچە :«خەلىپىنىڭ  پەرمانى ئىجرا قىلىنمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان».
ئابباسىيە خەلىپىسى«قادىر بىللاھ»(991-1031م)نىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، خەلىپە «قادىر بىللاھ» تۈرلۈك ئازغۇن ئىدىيە ئېقىملىرىغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن (ئىسلام ئاقىلانلىقى ۋە ئىلمىي كالام)نىڭ قاراشلىرىنى ھارام دەپ چەكلەپ، ئىسلام روھىغا زىت پەرمان چىقارغان. ئىسلام ئاقىلانىلىقىغا قارىشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىنقىلاب ئىسلام ئەللىرىدە ئىدىيە مەيدانلىرىغا يول ئالغان.
ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇل بولۇپ ئەرەب تىلىنى بىلمىگەنلىكى،  ئىسلام ھەزارىتى ۋە ئاقىلانىلىقىدىن يات بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام ھەزارىتى ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغان. ھەربى قوماندانلار ئاجىز خەلىپىلەرنى كونترول قىلىپ دۆلەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. نەتىجىدە دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەسكىرلىشىپ كەتكەن، ئەقىلنىڭ ئورنىغا مۇسكۇل ۋە كۈچ كۆرسىتىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. مانا مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئىسلام دىنى ئەرەب تىلىدىن چەتنەشكە باشلىغان. مۇشۇ تارىختىن باشلاپ ئىسلام تارىخىدىكى ئاقىلانىلىق ۋە ھەزارەت قىسمىتى چېكىنىشكە باشلىغان.
ئاندىن (1096-1291م) يىلغىچە ئىككى ئەسىر داۋاملاشقان خرستىيان ھۇجۇمىنىڭ خەتەرلىرى يۈز بەرگەن. خرىستىيانلار موڭغۇللار بىلەن بىرلىشىپ ئىسلام دۇنياسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ماددى ۋە ئىدىيە ۋەيرانچىلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنداقلا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھەر تەرەپلىرىدە مۇستەقىللىق يۈزلىنىشلىرى پەيدا بولغان. مۇشۇ خەتەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دۆلىتى، ئۈممىتى ۋە ھەزارىتىگە تەھدىت سالغان. نەتىجىدە ئابباسىيلاردىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى يېتەكچىلىكى ۋە رەھبەرلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قۇل بولۇپ كېلىپ، مىسىردا ھەربىي قوماندان بولغان تۈركلەرنىڭ قولىغا قالغان. ئەسلى قۇل ھەربى قوماندانلار مىسىرنى مەركەز قىلىپ ئىسلام دۇنياسىنى (1250-1517م) يىلغىچە ئىككى ئەسىر سورىغان. ئىسلام دۆلىتىنى ئىگىلىۋالغان ئەسكەرلەر دەۋرى ئۇزۇراپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيە، ئىلمىي ۋە ھەزارەت ھاياتىغا ئەكسى تەسىر قىلغان. نەتىجىدە ھەزارەت چېكىنىشنى گۈللىنىشنىڭ ئورنىغا چۈشكەن، ئىسلام ئەقلانىيىتىمۇ قان تېمىپ ئارقىغا چېكىنگەن، ئەسلى قۇل تۈرك ئەسكەرلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋرلەردە ئىسلام ئەقلانىيىتى يوشۇرۇنغىلى تاس قالغان.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئوسمانلىلار دۆلىتى 1299م- يىلى قۇرۇلۇپ ، 1517م- يىلى خەلىپىلىك بىلەن سۇلتانلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا  كەلتۈرگەن.

(5)


يېڭى دەۋر ئىسلام ئويغىنىش ۋە گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئاقىلانىلىقى




مۇسۇلمانلارنى ھەزارەت چېكىنىشىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ۋە ئىسلام ئويغىنىش قۇرۇلمىسىنىڭ بەلگىلىرىنى سىزىپ بەرگەن يېڭى دەۋردىكى ئويغىنىش ۋە گۈللىنىش ئېقىمىنىڭ يېتەكچىسى جامالىدىن ئافغانى(1838-1897) ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئىسلام دىنى دەلىلسىز ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى تەنقىدلىگەن ۋە گۇمانغا ئەگەشكۈچىلەرنى ئەيىبلىگەن دىندۇر. بۇ دىن ئەگەشكۈچىلىرىدىن دىنىنىڭ ئاساسىنى پاكىت ئاساسىدا بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلام ھەر قېتىم خىتاب قىلسا ئەقىلگە خىتاب قىلدى، مۇھاكىمە ئېلىپ بارسا ئەقىل ئاساسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئىسلام ھۆججەتلىرى «بەخت-سائادەتنىڭ» ئەقىل ۋە قەلب كۆزىنىڭ نەتىجىسى؛ بەخىتسىزلىك ۋە ئېزىپ كېتىش بولسا غاپىللىق، ئەقىلنى ئىستىمال قىلماسلىق ۋە قەلب نۇرىنى ئۆچۈرۋەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ بايان قىلىدۇ. باشقا دىنلاردا مۇنداق خۇسۇسىيەت تېپىلمايدۇ. ئەقىل ئىماننىڭ چاقنايدىغان ئورنى، كىم ئەقىلدىن يۈز ئۆرۈسە ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن بولىدۇ.
ئەقىل ماھىيىتىگە يېتەلمەي تەسىرىنى بىلىدىغان نەرسە بىلەن ئەقىل مۇمكىن ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقارغان نەرسە ئارىلىقىدا پەرق بار. بىرىنچىسى ئەقىلدە تونۇشلۇق بولۇپ، بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ماھىيىتىگە يېتەلمىگەن نەرسە. ئىككىنچىسى نەزەر ۋە ئېتىباردىن ساقىت، ئۇنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كەسكىن يوق دەپ تۇرۇپ قانداقمۇ تەستىقلايدۇ؟.
ئىنسان كائىناتتىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى، ئىنسان پات ئارىدا ئەقلى ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرىنى نامايان قىلالايدۇ. بىلىم-مەرىپەت ۋە ئەركىن تەپەككۇر ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قاراشلىرىنى تەستىقلىيالايدىغان بولىدۇ، بۇرۇن مۇمكىن ئەمەس دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان نەرسىلەرنىڭ مۇمكىن بولغانلىقىنى ۋە خىيال دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.
ئىسلامنىڭ بىرىنچى ئاساسىي ئەقىلنى ساپ تەۋھىد بىلەن پاكلاش ۋە خىياللارنىڭ بۇلغىنىشىدىن تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەقىل خۇراپات داغلىرى ۋە خىيال داتلىرىدىن تازىلانمىسا مىللەتلەر بەخىتلىك بولالمايدۇ، چۈنكى خۇراپات ئەقىلنى ئىدىيە ھەرىكىتىدىن توسۇپ قويىدۇ ۋە ھەر قانداق گۇمانغا ئىشىنىشكە باشلاپ بارىدۇ.
ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئالدىدا شەرەپ ۋە ھۆرمەت دەرۋازىلىرىنى ئېچىۋەتتى، ئەقلى ۋە مەنىۋى كامالەت قائىدىسى ئاساسىدا ئارتۇقچىلىقلارنى مۇقەررەرلەشتۈردى، چۈنكى كىشىلەر ئەقىل، پەزىلەت ۋە ئەقىدە ئاساسىدا پەرقلىنىدۇ».(د.مۇھەممەد ئەممارە «ئافغانىنىڭ تولۇق ئىش ئىزلىرى» 177، 256،260 -بەتلەر).
ئىسلام يېڭى ئويغىنىش ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىسى مۇھەممەد ئابدۇ(1849-1905م) نىڭ ئىسلام ئاقىلانىلىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئىسلام ئاقىلانىلىقىنى تەمسىل قىلىدىغان قىممەتلىك بىر ئىشنى شەكىللەندۈردى. مۇتەپەككۇر مۇھەممەد ئابدۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئىنسان ئاقىلانە مەخلۇق، ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق كۈچى ئەقلىدىن كېلىدۇ، ئەقىل توغرا بىلەن خاتانى ئايرىپ بېرىدىغان ھۆججەت. ئەقىل ئىنساننىڭ ئىنسانلىق ماھىيىتى ۋە ئىنساننىڭ ئىلغار كۈچ-قۇۋۋەت تۈۋرۈكى. كائىنات ئەقىل نەزەر يۈرگۈزىدىغان ۋە ئوقۇيدىغان كىتابتۇر، ئەقىل كائىناتتىكى قايسى بىر نەرسىنى ئوقۇسا، ئۇ نەرسە ئاللاھ تەرەپكە باشلايدۇ ۋە ئاللاھغا يېقىنلىشىشنىڭ يولى بولىدۇ.
بىرىنچى قېتىم پەيغەمبەرنىڭ تىلى ئارقىلىق قۇرئان كىرىمدە ئەقىل بىلەن دىن قېرىنداش بولدى. ئەقىدە مەسىلىلىرىنىڭ ئىچىدە ئاللاھنى بىلىش، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەۋەتىشكە قۇدرىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىش ۋە ۋەھىيىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلىش...كە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ ئەقىل يولى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدىغانلىقى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۇقەررەر بىر مەسىلە. شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنى بەزىدە ئەقىلنىڭ چۈشەنچىسىدىن ئۈستۈن كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدە، لېكىن ئەقىلگە زىت كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدە بىردەك قاراشتا.
ئىسلام ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنچى ئاساس ئەقلى نەزەر يۈرگۈزۈشتۇر، ئىسلام نەزىرىدە ئەقلى نەزەر يۈرگۈزۈش ساغلام ئىماننىڭ ۋاستىسى. ئىسلام ئالىملىرى نەزىرىدە: ئەقىل بىلەن نەقىل زىتلىشىپ قالسا، ئەقىلنىڭ كۆرسەتمىسى ئېلىنىدۇ،  ئەقىلگە زىت كەلگەن نەقىلگە ئىككى يولنىڭ بىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
بىرىنچى يول:نەقىل سەھى توغرا، لېكىن ئەقىل چۈشىنىشتىن ئاجىز كەلسە، مەنىسىنى ئاللاھغا تاپشۇرىدۇ. ئىككىنچى يول: ئەقىل ئىسپاتلىغان نەرسىگە نەقىلنىڭ ئۇيغۇنلىشىشى ئۈچۈن نەقىل ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىزاھلىنىدۇ.
ئاللاھ قۇرئاندا ئىدىيە، ئەقىل ۋە بىلىم-مەرىپەتكە چەكلىمىسىز خىتاب قىلماقتا. قۇرئان كىشىلەرنى ئەقلى بىلەن نەزەر تاشلاشقا چاقىرىدۇ. قۇرئان ئەقىلگە تەڭلەنگەن ئەقلى مۆجىزە كىتاب، قۇرئان كىرىم ئەقىلگە ئايەتلىرىدە نەزەر تاشلاش ھەققىنى مۇتلەق قويۇۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئەقلى دەلىل-پاكىت ۋە تەبىئي قانۇنىيەتتىكى ئىنسانىي ئىدىيىدىن باشقىسىغا تايانمايدۇ. شۇڭا سېنى ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار بىلەن ھەيرانلىققا سالمايدۇ، كۆزۈڭنى ئادەتتىكىدىن باشقا باسقۇچلار بىلەن ئورىۋالمايدۇ ۋە ئىدىيە ھەرىكىتىڭنى ئىلاھى سادا بىلەن ئۈزۈپ تاشلىمايدۇ. دىنىنى چۈشەنگەن ۋە ئۆزى تونۇپ قانائەتلەنگەن ئادەمدىن باشقىسى مۆمىن دەرىجىدە سانالمايدۇ. كىم ئەقلىنى ئىستىمال قىلماي باش ئېگىشكە ۋە چۈشەنمەي ئەمەل قىلىشقا تەربىيىلەنگەن بولسا ئۇ مۆمىن دەرىجىسىدىكى شەخس ئەمەس. چۈنكى ئىماندىن مەقسەت ئىنسان ئەقلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى، ئاللاھنى تونۇشى ۋە دىنىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى پاكلىشى مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا مۇسۇلمان ياخشى ئىش قىلسا ئاللاھنى رازى قىلىدىغان مەنپەئەتلىك ئىش دەپ چۈشىنىپ تۇرۇپ قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى دىن ۋە دۇنيالىقىدا زىيانلىق ۋە ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ، دەپ چۈشىنىپ قىلمايدىغان بولىدۇ. ئېتىقادى ئىشلىرىدا پاكىت ۋە ئەقىلنى ئاساس قىلىپ ماڭىدۇ، ئەقىللىق ئىنسان ئۆزىگە ئوخشاش ئەقىللىقنى دورىمايدۇ، بەلكى ئىزدىنىدۇ، ئۇنداقتا ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان نادان ئادەمگە ھەرگىزمۇ ئەگەشمەيدۇ.
ئىسلام دىنى مۇشۇ ئىدىيىسى ئارقىلىق ئەقىلنىڭ ئالدىدا ھەممە يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ باردى، ئەقىل يولدىن بارلىق توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلىدى ۋە ئەقىلگە مەيداننى چەكسىز ئېچىپ بەردى»...
لېكىن ئىنسان ئەقلى ئۆزىگە تايىنىپ بۇ ھاياتتىكى بەخت- سائادەت يولىغا يېتەلمەيدۇ. بۇيرۇلغان بەزى ئىشلارنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى ۋە چەكلەنگەن بەزى ئىشلارنىڭ قەبىھ تەرەپلىرىنى ھېس قىلالماي قالىدۇ. ئەقىل ھېس قىلالمىغان بۇ تۈردە  شەرىئەت تەرىپىدىن بۇيرۇلغان ئىش مەنپەئەتلىك ۋە چەكلەنگەن ئىش زىيانلىقتۇر. پەقەتلا ئەقلى بايان تالاش-تارتىشنى توسىيالمايدۇ ۋە خاتىرجەملىكنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەقىلنى ھەقىقى قەدىرلىسەكمۇ ئەقىل ئىنساننىڭ ھېس دائىرىسىگە تەۋە كائىناتلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى بىلەلەيدۇ، بىراق ئەقلى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىگە يېتەلمەيدۇ.
ئاخىرەت ئىشلىرى توغرىسىدا ئىنسان ئەقلى يالغۇز يېتەلمەيدىغان ئىشلار بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت يوللىرىغا ياردەملىشىدىغان ۋەھىيدىن ئىبارەت ياردەمچىگە مۇھتاج.
چۈنكى ئەقىل ئاللاھغا، ئاللاھنىڭ چەكسىز ئىلمى ۋە قۇدرىتىگە ئىشىنىش، پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلاشنىڭ بۇلىقى. نەقىل(ۋەھىي) ئىبادەت ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىغا ئوخشاش غەيبى (مېتافىزىكا) ئىشلارنى بىلىشنىڭ بۇلىقى. ئىسلام دىنى ئەقىدە جەھەتتە تەۋھىد دىنى، ئەقىل تەۋھىدنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى، نەقىل بولسا تەۋھىدنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاساسىي.
ئاللاھ ئىنسانغا بەخت-سائادەت يولىنى تاپقىلى بولىدىغان تۆت تۈرلۈك ھىدايەت ئاتا قىلغان:
1.تەبىئي ۋىجدان ۋە ئەسلى خاراكتېرنىڭ ئىلھام ھىدايىتى.
2. ھېسسى ئەزا ۋە ھېس -تۇيغۇ  ھىدايىتى.
3. ئەقىل  ھىدايىتى. ئۇ يۇقىرىقى ئىككى ھىدايەتتىن ئۈستۈن.
4. دىننىڭ ھىدايىتى. بۇ باشقا ھىدايەتلەرنى توغرىلايدۇ، خاتالىقلىرىنى تۈزەپ تۇرىدۇ ۋە كەم ئورۇنلىرىنى تولۇقلاپ تۇرىدۇ. (د.مۇھەممەد ئەممارە:«مۇھەممەد ئابدۇنىڭ تولۇق ئىش ئىزلىرى» 5-توم، 428-بەت. 4-توم، 414-بەت. 3-توم، 396-بەت).
مانا بۇلار ئىسلامنىڭ ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن بىرلىشىپ ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىق بىلەن ئالاھىدە بولغانلىق توغرىسىدىكى بىر ئاز ئىشارەتلەدىن ئىبارەت. ئىنسان ئىلاھىي ۋەھىي ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت ئىككى ئەلچى ئارقىلىق بۇ دۇنيانى «قۇرئان» ۋە «ھېكمەت»-يەنى شەرىئەت نۇرى ۋە ئەقىل نۇرى-غا ئۇيغۇن ھالدا گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىختىيارلىق ۋە مەسئۇلىيەت ئامانىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
ئىسلام دىنى ئالەمگە ئوچۇق بولۇپ، ئەقلى تەرەققىياتقا قارىشى تۇرمايدىغان ئاقىلانە دىن. ئىسلام ئاقىلانىلىقى باشقا ھەزارەتلەر بىلەن كەڭ قورساق بولۇش ۋە ھەمكارلىشىش يولىنى تۇتقان ئەقىلدىن ئىبارەت.
«ئىسلام دىنى شەكسىز ھالدا ڭەڭ قورساق بولۇش ۋە ئىنساپلىق بولۇشتا يەر شارىدا كۆرۈنگەن ئەڭ بۈيۈك دىن. بىز بۇ سۆزنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا دېيەلەيمىز..» (گېرمانىيەلىك ھەزارەت مۇتەخەسسىسى شەرقشۇناس دوكتۇر سىگرىد ھونكە  Sigrid hunke «ئاللاھ ئۇنداق ئەمەس» ناملىق كىتاۋىنىڭ 95-96-101- بەتلىرىگە قاراڭ).

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى


(دوكتۇر ئاسپىرانتى)


2014-6-9 كۈنى، قاھىرە شەھىرى، مىسىر.





Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44293
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15953 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 02:41:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئۈستاز ، ناھايتىمۇ ئىسىل ياخشى تىما ئەۋەتىپسىز ، بۈيۈك ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن ، مەنپەتلىك تىملىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10975
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10607 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 03:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە اللە تەئالا رەھمەت قىلسۇن

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3434
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1048 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 03:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلامنى ھەقىقى چۈشەنگەن ئادەم شۇنى ھىس قىلالايدۇكى، ئىسلام بىردىن-بىر چىقىش يولى.
قۇرئاننى ھەقىقى چۈشەنگەن ئادەم شۇنى ھىس قىلالايدۇكى، قۇرئان  ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە.

تىما ئىگىسىگە رەھمەت، ئاللاھتائالا يولىڭىزنى كەڭرى، ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 979 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 04:57:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىر ئەسەرنى ئوقۇش كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدىكەن،ئاللا قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ بەركەت ئاتا قىلغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105999
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 855
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 05:55:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!!!!.....ئالدىنقى قېتىم يوللىغان ئەسىرىڭىزنىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم.......... بۇئەسىرىڭىزنىمۇ شۇنداق ياقتۇردۇم،رھەمەت!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94058
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 375
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2013-3-29
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 04:10:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، ئىسىل تىمىلار بىلەن يۇز كۆرۇشتۇرگىنىڭىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10975
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10607 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 08:43:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە اللە ـەئالا رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107522
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-6-8
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 05:10:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى يازغاللاغا ئالاھ رەھمەت قىلسۇن........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107508
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-6-7
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 06:30:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  تىمىنى يازغانلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن تېخىمۇ كۆپ يېزىپ تۇرۇڭلار.  ئامىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش