مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1797|ئىنكاس: 12

ئىسلام ۋە ئەقىل (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106141
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 08:36:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلام ۋە ئەقىل

-1-

ئەقىل ئاللاھنى تونۇش ۋە ۋەھىيىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشنىڭ ۋاستىسى. بىلىم مەرىپەتنىڭ قورالى. ھېس قىلىش، تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىشنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى. ئىسلام ئەقىلنى ھۆرمەتلىدى، ئەقىل ئاساسىدا مەسئۇلىيەت بېكىتتى. ئەقىلنى ھىمايە قىلىشنى بەش زۆرۈرىيەتنىڭ قاتارىدىن قىلىپ بەلگىلىدى. ئەقىلىنى خامۇش قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى چەكلىدى. ئەقىل ئالدىدا ئىزدىنىش مەيدانلىرىنى ئېچىۋەتتى. ئەقىلگە تەپەككۇر قىلىش ئەركىنلىكىنى يارىتىپ بەردى. ئەقىل ئارقىلىق ئىنساننى باشقا مەخلۇقلاردىن ئالاھىدە قىلدى.

ئىسلامنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى دۆتلۈك، نادانلىق، ئاڭسىزلىق، دورامچىلىق ۋە ئاڭسىزلارچە مۇتەئەسسىپلىك قىلىشتۇر. ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئىستىمالقىلماسلىقىنى ئىسلام ھەرگىز  كەچۈرمەيدۇ. ھەر قانداق مەسىلىدىكى ئىسلامنىڭ قورالى:«گېپىڭلار راست بولسا، پاكىت كۆرسىتىڭلار»(ئەنبىيا، 24-ئايەت) دەيدۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 k( g$ n* ^* j, t

(1)

ئىسلامنىڭ ئەقلانىلىقى

ئەقىل ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نېمەت. ئىسلام دىنى ئەقىلنى ئازات قىلىدۇ.ئەقىلنى ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئەقىلنى خۇراپاتلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن ئازات قىلىشقا چاقىرىدۇ.

ئىسلام دىنى «ئەقىل» بىلەن «نەقىل» يەنى ئەقىل بىلەن ۋەھىي ئارىسىدا زىتلىقنى پەيدا قىلمىدى. مەسىلەن، قۇرئان كىرىم ئەقلى مۆجىزە بولۇپ ئەقىلگە تەڭلەندى، قۇرئان توغرىسىدا نەزەر يۈرگۈزۈشنى ئەقىلگە مۇتلەق ئېچىۋەتتى. ئەقىل ۋە چۈشەنچىگە بىۋاستەئالاقىدار كەلگەن ئايەتلەر قۇرئاندا 300 ئايەتتىن ئاشىدۇ.

دېمەك،ئىسلامدا نەقىل(قۇرئان كىرىم) ئەقلى مۆجىزە. ئىسلامدىكى ئەقىل نەقىلنى چۈشىنىش يولى، ئەقىل دىننىڭ ئاساسىي، ئەقىل مەۋجۇت بولمىسا دىن مەۋجۇت بولمايدۇ.مۇتەپەككۇر ماۋرىدىنىڭ ئىپادىلىشى بويىچە: «شەرىئەتنىڭ ئاساسلىرىنى بىلىش ۋەشەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئەمەل قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ئەقىلدۇر،ئەقىلنىڭ ھۆججەتلىرى شەرىئەت ئاساسلىرىنى بىلىشنىڭ ئاساسىدۇر».

«نەقىل» نۇر بولسا، «ئەقىل»كۆزگە ئوخشايدۇ، ئەقىل بولمىسا كىشىلەر شەرىئەتنىڭ نۇرىدىن پايدىلىنالمايدىغان قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئىسلام قۇرئان كىرىمنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقىغا ئاساسەن تەپەككۇر قىلىش، ئانالىز قىلىش ۋەئويلىنىشىنى ئىنسانغا  بەلگىلەنگەن بىرىنچى پەرزدۇر، نەزەر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاللاھنى تونۇغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىسلام ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنچى ئاساس ئەقلى نەزەر يۈرگۈزۈش. ئىسلامدا ئەقلى نەزەر يۈرگۈزۈش ساغلام ئىماننىڭ ۋاستىسى. ئىسلامدا سەھى نەقىل بىلەن كەسكىن ئەقلى ئۇقۇم زىتلىشىپ قالمايدۇ. ئىسلامدا ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان نېمىتى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى بىر بىرى بىلەن زىتلاشمايدۇ، ئەقىل نەقىلنىڭ ئاساسىي، ۋەھىينىڭ مۇمكىنلىكى ئەقىل يولى ئارقىلىق ئىسپاتلاندى.

ئىسلام دىنى ئەقىلگە خىتاب قىلىدۇ، ئەقىل ئاساسىدا مەسئۇلىيەت ئارتىدۇ. نەقىل ياكى ۋەھىي ئەقىلگە كائىنات ۋە ھايات ئىشلىرىنى كەڭرى قويۇپ بەردى، ئەقىلگە چەكلىمە قويۇۋالمىدى، بەلكى ئەركىن ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەتكە تەشەببۇس قىلدى. چۈنكى ئەقلى تەپەككۇر تەرەققى قىلىشنىڭ باشلانمىسى، ئەقىل قانچە ئىلغار بولسا، قەدىر قىممەت شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

ئىمام غەزالىي:«شەرىئەت بىلەن  كۇپايىلىنىپ ئەقىلدىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ، ئەقىل بىلەن كۇپايىلىنىپ شەرىئەتتىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئەقلى بىلىملەر غىزانىڭ ئورنىدا بولسا، شەرئى بىلىملەر دورىنىڭ ئورنىدا»

«ئەقىل شەرىئەت بولمىسا ھىدايەت تاپالمايدۇ، شەرىئەت ئەقىل بولمىسا نامايان بولمايدۇ. ئەقىل ئاساس، شەرىئەت بىناغا ئوخشايدۇ»دېگەن.

دېمەك، ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى قۇرئان كىرىمنىڭ ھەر بىر ئايەتلىرىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئېنىق ھەقىقەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئىسلامنىڭ مۆجىزىسىنى ئەقلى مۆجىزە قىلىپ بەلگىلىدى. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئەقىلنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ [" E2 M* j8 U2 N  j( a

(2)

ئىسلامدىكى ئەقىلنىڭ ئورنى

ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى دىندىن كېلىپ چىققان،ئەقلانىلىق دىنغا يات ئەمەس، ياكى دىنغا قارىشى ئىنقىلاپ قوزغىمايدۇ. ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقىنى شەكىللەندۈرگەن كىتاب قۇرئان كىرىم. بۇ كىتاب ئىسلام تارىخىدا دىن، ئۈممەت، دۆلەت ۋە ھەزارەت شەكىللەندۈرۈپ چىققان كىتاب. ئاقىلانىلىق ئىسلامغا قارىشى ئىنقىلاپ ئەمەس، بەلكى ئىسلام ئۈچۈن ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام ئالىملىرى ئەقىلنى: ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئىقتىدار، تۇغما خىسلەت، نۇر، چۈشەنچە ۋە ئېنىق ھۆججەت دەپ تونۇشتۇرغان .

ئىسلام دىنى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنى ئاللاھتەرىپىدىن كەلگەن نۇر دەپ قارايدۇ،  ئەقىل مۇشۇ توغرا دىن بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە مۇشۇ دىننىڭ چۈشىنىش ۋاستىسى بولۇپ تەمسىل بولىدۇ. ئەقىلنىڭ ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ئىسلام ھەزارىتىدە تۇتقان ئورنى سەۋەبلىك، ئىسلام ئەقلىنىڭ ۋەزىپىسى ئىسلام ئەقىدىسىنى  ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن ۋە نەقىلنى قوللايدىغان ئەقىل لوگىكىسى بىلەن قوغداشتىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ مەنبەلىرىدە «ئاللاھ ئەقىل ئاساسىدا تونۇلدى، بىلىم-مەرىپەت ئاساسىدائىتائەت قىلىندى»دېگەن سۆز كەڭرى تارقالغان.

ئىسلامنىڭ ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقىنىڭ ۋەزىپىسىنى تونۇشتۇرۇشى، غەربنىڭ ئاقىلانىلىقىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامدىكى ھېكمەت ۋە پەلسەپىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ غەرب ھەزارىتىگە قارىغاندا ئالاھىدەبولغان.

مەسىلەن، غەربتە گرىك دەۋرىدىكى پەلسەپە ۋەھىي ۋە دىننىڭ ئورنىدىكى نەرسە ئىدى. ياۋروپا ئويغىنىشىدىن كېيىنكى يېڭى دەۋردە پەلسەپە دىنغا قارشى ئىنقىلاپ بولۇپ شەكىللەندى.

ئىسلامنىڭ ئىدىيە ۋە ھەزارەت تىزىقىدا ئىشنىڭ توغرا بولىشى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

(1).ئىلاھىي ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرلىك ۋە دىن توغرا.

(2).ئىنسانىي ھېكمەت ۋە ئىنسانىي ئەقىل ئىجات قىلغان ئاقىلانىلىق توغرا.

ئىسلام ئاقىلانىلىقى ئالاھىدە بولغان يۇقىرىقى بۇ ھەقىقەتنى تەكىتلەش ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ ئىدىيە مەنبەلىرىدە مۇنداق سۆز كەڭ رىتارقالغان:

ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدا ئىككى ئەلچىسى بار:

(1). ئىنساننىڭ ئىچىدىن: ئەقىل

(2). ئىنساننىڭ سىرتىدىن: ئەلچى، پەيغەمبەر.

ئىنسان بىرىنچى قىلىپ ئەقلىدىن مەنپەئەتلەنمىسە، سىرتقى ئەلچىدىن پايدىلىنالمايدۇ. چۈنكى ئەقىل پەيغەمبەرنىڭ دەۋاسىنىڭ راستچىللىقىنى بىلەلەيدۇ.ئەگەر ئەقىل بولمىسا ئەلچىنىڭ سۆزى ھۆججەت ئورنىدا تۇرمىغان بولاتتى. شۇڭا ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىرلىكى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستچىللىقى توغرىسىدا شەكلەنگەنلەرنى ئەقلىگە ھاۋالە قىلغان. دېمەك، ئەقىل يول باشچى، ئەقىل بولمىغان بولسا دىن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان بولاتتى. ئەگەر دىن بولمىغان بولسا ئەقىل ھەيران بولغان بولاتتى، ئىككىسىنىڭ بىرلەشكەنلىكى نۇر ئۈستىدىكى نۇردىن ئىبارەت.

«ئەقىل» دېگەن سۆز قۇرئان كىرىمدە 49 ئورۇندا كەلگەن. قۇرئان كىرىم ئەقىلنى باشقا بىر قانچە ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىغان، مەسىلەن:

(2). «قەلب»:قەلب ئىنساننىڭ ھەقىقىتى. قۇرئان كەرىم 132 ئورۇندا ئەقىلنى قەلب ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەن. قۇرئان كىرىمنىڭ ئەقىل بىلەن قەلب ئاتالغۇسىنى بىرلەشتۈرگەنلىكى،ئىسلامنىڭ پەلسەپە ۋە مەدەنىيىتىدە «قەلبنىڭ تەقۋالىقى بىلەن ئەقىلنىڭ ئاقىلانىلىقى»نى بىرلەشتۈرگەنلىكىگە ئىشارەت.  قەلب بىلەن ئەقىلنىڭ بىرلەشكەنلىكى بۇ ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ قەلبى يوق «مۇتەخەسسىسلەر» بىلەن«ئەقلى يوق فۇقاھالار-ئالىملار) ئارىسىدىكى بەخىتسىز شۇملۇق ئايرىلىشتىن پاك ئىكەنلىكىنى ئاقلاپ بېرىدۇ:«ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھدىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار(ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى)پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز»(ھەشىر سۈرىسى، 21-ئايەت). يەنە«ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» (فاتىر سۈرىسى، 28-ئايەت).

(3).«ئەقىل-پاراسەت»:ئەقىل-پاراسەتئىنساننىڭ ماھىيىتىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ. قۇرئان كىرىمدە ئەقىل دېگەن سۆز«ئەقىل-پاراسەت»دېگەن سۆز بىلەن 16 ئورۇندا بايان قىلغان.

(4). «ئەقىل ئىگىلىرى»:ئەقىل ئىگىلىرى قەبىھ قىلمىشتىن چەكلىنىدىغان بولغاچقا ئەقىل دېگەن سۆز ئەقىل ئىگىلىرى دەپ ئاتالغان. بۇ سۆز قۇرئاندا 2 ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان.

(5).«تەپەككۇرقىلىش»:يەنى ئانالىز قىلىش. نامەلۇم نەرسىنى بىلىش ئۈچۈن مەلۇم ئىشلارنى رەتلەش دېگەنلىك بولىدۇ.  تەپەككۇر قىلىش پايدىلىق ۋە زىيانلىق ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قەلبنىڭ مەشئىلى. ئىبرەت ئېلىش چىرىغى ۋە تاللاش ئاچقۇچى. ھەقىقەتنىڭ تېرىلغۇسى ۋە شەرىئەتنىڭ تەتبىقلىنىش ئورنى.

قۇرئان كىرىمدە ئەقىلنى «تەپەككۇر قىلىش» دېگەن سۆز بىلەن 18 ئورۇندا ئىپادىلىگەن.

(5).«چۈشىنىش»:قۇرئان كىرىمدە ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىق بولۇش دېگەن ئاتالغۇنى «چۈشىنىش»دېگەن ئاتالغۇ بىلەن 20 ئورۇندا ئىپادىلىگەن.

(6). «تەدەببۇر قىلىش»: ئانالىز قىلىش، نەزەر يۈرگۈزۈش ۋە ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئويلىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. «تەدەببۇر قىلىش»تىن ئىبارەت ئەقىلنى ئىپادىلەپ كەلگەن بۇئاتالغۇ قۇرئاندا 4 ئورۇندا كەلگەن.

(7).«ئىبرەت ئېلىش»:ئەقىلنى ئىپادىلەپ كەلگەن بۇ ئاتالغۇ قۇرئاندا 7 ئورۇندا كەلگەن.

(8).«ھېكمەت»:ئىشلارنى جايىدا توغرا قىلىش، ئەۋزەل ئىشلارنى ئەۋزەل بىلىم-مەرىپەت بىلەن بىلىش، ئىشلارنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. «توغرا ئەقىل»نى ھېكمەت بىلەن ئىپادىلىگەن سۆز قۇرئاندا 19 ئايەتتە كەلگەن.

دېمەك، ئەقىل ۋە ئەقىلنىڭ مەنىداش سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن267 ئايەتتىن سىرت سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتە، خىتاب قىلىشتا، دەلىل كۆرسىتىشتە،قانائەتلەندۈرۈشتە ۋە خۇسۇمەتچىنىڭ قاراشلىرىنى مات قىلىش توغرىسىدا نەچچە يۈزلىگەن ئايەتلەر كەلگەن.

مەسىلەن:«ئەگەر ئاسمان-زېمىندا ئاللاھدىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى» (ئەنبىياسۈرىسى، 22- ئايەت).

بۇنىڭغا قوشۇمچە ئاللاھنىڭ زاتىنى«دانا زاتتۇر»دەپ سۈپەتلەپ كەلگەن يۈزلىگەن ئايەتلەرنى قوشساق، بىز مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ كامالەت سۈپەتلىرىدىن بىزگە قولايلىق بولغىنىچە سۈپەتلىنىشتىن تەلەپ قىلىنغانلىقىمىزنى بىلسەك،دىن،ئۈممەت، دۆلەت ۋە ھەزارەت قۇرغان قۇرئان كىرىمىدىكى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ  ئورنىنى ھېس قىلالايمىز.

يەنە ھەدىس شەرىپلەردە قۇرئان كىرىمىدىكى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنى تەكىتلەپ ئەقىلنىڭ پەزىلىتى ۋە ئورنى توغرىلىق يۈزلىگەن ھەدىسلەركەلگەن.

مانا قۇرئان كىرىم ۋە ھەدىس شەرىپتىكى ئەقىل ۋە ئاقلانىلىقنىڭ ئورنى  توغرىسىداكەلگەن بۇ ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئىسلام دىنى، ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ھەزارىتىدە ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ ئورنىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە مىسلىسىز دەرىجىدەئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 E' B5 i$ f! H8 _

(3)

ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىق نامايان بولىشى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ N0 o, t" T' @$ k" c' z0 W5 Z

قۇرئان كىرىم رەسۇلۇللاھ تەربىيلەپ چىققان يەككە-يىگانەئەۋلادلار ئارقىلىق ئەخلاق، خىسلەت، ئۈممەت، مەدەنىيەت ۋە ھەزارەتكە ئايلىنىپ-مەسچىتلەردىكى ناماز ۋە ۋەز-نەسىھەت بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن- تېز سۈرئەتتەتەۋھىد ئىلمىي ئارقىلىق ئالىم، مەكتەپ ۋە ئىجادىيەتلەرگە ئىگە ئىسلام پەلسەپىسىنى نامايان قىلدى. ئىسلام ئاقىلانىلىقى ئىسلامنىڭ ھەزارەت تارىخىدا تېزسۈرئەتتە ئالاھىدە پەلسەپىنى شەكىللەندۈردى. ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتى مىلادىيە 8-ئەسىردەمەراكەشتىن تارتىپ جۇڭگو چېگرىسىنىڭ ئىچكى قاتلىمىغىچە كۆزى يەتمەيدىغان رايونلارنى 80 يىل ئىچىدە ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئىسلام دۆلىتى شۇ دەۋردىكى تۈرلۈك رەڭلەرنى تەمسىل قىلغان خەلقلەر، مىللەتلەر، تىللار، ئېقىملار، مەزھەپلەر ۋە پەلسەپىلەرنى قوينىغا ئالدى.

ئىسلامدىكى ئىمان كەسكىن ئىشەنچ دەرىجىسىگە يېتىدىغان قەلبى جەھەتتىن تەستىقلاش دەپ قارىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دىنى«دىندا زورلاشقا بولمايدۇ» (بەقەر سۈرىسى،256-ئايەت)، «خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن، ئىختىيارى»(كەھف سۈرىسى، 29-ئايەت)، «ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەريۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟ (يۈنۈسسۈرىسى، 99-ئايەت) دېگەن مۇقىم ئۆزگەرمەس پرىنسىپال قائىدىنى يولغا قويدى.

ئىسلامنىڭ بۇ مۇقىم پرىنسىپى شەرق دۇنياسىنى رىم ۋە ئىرانلىقلارنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئازات قىلىشتا، شەرق خەلقلىرىنىڭ ۋىجدانىنى رىم ۋە پارىس ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقتە 10 ئەسىر يۈرگۈزگەن ھەزارەت، دىنىي ئېتىقاد، تىل، سىياسەت ۋە ئىقتساد جەھەتتىن بوزەك قىلىشىدىن ئازات قىلىشتا ئەمەلىي تەتبىقلانغان. ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئازاد قىلىپ قويغاندىن كېيىن دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن قويۇۋەتكەن. ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىسلام دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي پۇقرالاردىكى نىسبىتى بىر ئەسىردىن كېيىنمۇ 20% ئاشمايدىغان ئىدى.(پارىژدىكى دىمۇكراتىيە ۋەتەن ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقات مۇدىرى، پارىژدىكى سىياسى پەنلەر ئىنىستىتۇتى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئالى پاكولتىتىنىڭ لېكتورى، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى فىيلىب فاراج   Philip Faraj,s:«ئىسلام ئەرەب ۋە تۈرك تارىخىدىكى خىرستىيانلار  ۋە يەھۇدىلار» ناملىق كىتاب،35-46- بەتلەر).

مۇشۇ نىسبەتتە ئىسلام دۆلىتى ۋە تۈرلۈك دىن ۋە ئېقىملارغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلق شەكىللەندى. پەلسەپە ۋە دىنىي ئورگانغا ئىگەئىسلام پايتەختلىرى مۇسۇلمانلار بىلەن خىرستىيان، يەھۇدى، مەجۇسى، مانى ۋە ئاتەشپەرەستىن ئىبارەت غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىدىيە سۆھبىتى كەڭرى ئورۇن ئالدى.

مۇشۇ ئەركىن، كەڭرى ۋە چوڭقۇر سۆھبەت قاينىمىدائىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى نامايان بولدى. چۈنكى ئەقىل ۋە لوگىكا ئىسلامنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇش، ئىسلام ئەقىدىسىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە قارشى ئېقىمدىكىلەرگە رەددىيە بېرىشتىكى ئۆتكۈر قورال ئىدى.ئىسلامئازادلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە خىلمۇ خىل ئىدىيە قۇرۇلمىرىغا ئىگە مۇھىتقا يۆتكىلىپ، پەلسەپە مىراسلىرى ۋە خرىستىيان دىنىنىڭ قۇرۇلمىلىرىغا سۆھبەتلىشىش ۋە تاقابىل تۇرۇشقا باشلىدى.

ئىسلام دۆلىتى بېشىدىن كەچۈرگەن مۇشۇنداق ئىدىيە ۋەئەقلى ئۆزگىرىشلەرسەۋەبىدىن ۋە ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتى سەۋەبىدىن قۇرئان كىرىمنىڭ ئاقىلانىلىقى قارىشى ئېقىمدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئىسلام دىنىنى تۈرلۈك پەلسەپە مىراسقا ئىگەمۇھىتلاردا تارقىتىش ئۈچۈن«ئىدىيە زۆرۈرىيىتى» ۋە «ھەزارەت پەرزلىكى»دىكى ئىسلام پەلسەپىسىنى ئىپادىلەيدىغان«ئىلمىي كالام»(تەۋھىد ئىلمى) سۈرىتىدە نامايان بولۇشقا باشلىدى.

شەرقشۇناس«جىب»Gibb (1856-1901)ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ ئىسلامنىڭ خۇسۇمەتچىلىرى بىلەن مۇنازىرىدە ئۈستۈن كەلگەنلىكىنى توغرىسىدا: «مۇسۇلمانلار پارىسلارنىڭ مەجۇسى ئەقىدىسىگە قارىتا پاكىتقا پاكىت بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا،ئۇلارنى مات قىلىشتا ۋە قۇرئاندىن ئېلىنغان ئەخلاق پەلسەپىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە قادىر بولالىدى.

ئىسلام دۆلىتىگە شۇ كۈنلەردە تونۇشلۇق بولغان ئىدىيە،پەلسەپە ۋە دىنلارنىڭ تۈرلىرىنى كىرگۈزگەن ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تېزلىكى ۋە ئىسلام دىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن دىنىي ۋە ئىدىيە ئەركىنلىكى، تۈرلۈك پەلسەپە ۋە دىنلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قادىر ئىسلام ئاقىلانىلىق قورالىنى ئوبرازلاشتۇرۇشنىڭ جىددى زۆرۈرلۈكىنى تەقەززا قىلغان ئىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىدە تەربىيىلەنگەن ساھابىلەردەۋرىدىن تارتىپ ئىسلام ھەزارىتىدە پەلسەپە ئېقىمى شەكىللىنىشكە باشلىغان.ساھابىلەر ھۆججەتلەرنىڭ زاھىرىي(سىرىتقى ئۇقۇمى) بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماستىن، ھۆججەتلەرنىڭ مەقسەتلىرى ۋە زاھىرىي ئەھۋاللىرىدا ئىزدىنەتتى. ساھابىلەر دەۋرىدىن تارتىپ ئىسلامغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشتە ئىسلامنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كىرىمدىن كېلىپ چىققان ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىپادىلەيدىغان ئاقىلانىلىق ئېقىمى نامايان بولۇشقا باشلىغان.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 s8 C4 T% l/ T; D4 ^; h

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

(دوكتۇر ئاسپىرانتى)

2014-6-4 كۈنى

قاھىرە شەھىرى، مىسىر.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 {  ?3 p0 J3 e
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' h* ~& j2 Q3 X3 K بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kashgari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-4 08:49 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, G: O9 u7 |! }4 [, @' ^9 ?5 z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 X+ T- D% X! S6 X& v

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5281
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8125
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2014-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 12:25:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5281
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8125
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2014-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 12:29:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساخلىۋالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91260
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1052
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 12:40:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7891
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1095 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 01:20:29 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمام  غەززالىنىڭ ئاۋۇ  سۆزلىرى مىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107090
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-5-24
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 04:05:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوكتۇرىمزغا ئاللاھ ۈەھمەت قلسۇن  ئشلرىني ئوڭوشلۇق قلسۇن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% I# s* S6 E1 {& r$ k  `+ e

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23603
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3647 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 10:03:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىككىلا دۇنيادا سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم  .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85003
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-9-12
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 10:34:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆز كالامى قۇرئاندا ئنسان بالىلىرىنى ‹‹اولو الباب›› ئەقىل ئىگىلىرى، دەپ ئاتىدى. ئاندىن ئنسان بالىسىنى شەرئەت، دىن ئەھكاملىرىغا پەقەتلام تەكلىپ قىلدى، مەجبۇرلىمدى. چۈنكى، ئەقىل ئىگىلىرى يا شەرئەت ئەھكاملىرىنى تۇتۇپ جەننەتنى تاللاش، يا ئازغۇنلۇقنى تۇتۇپ دەۋزەخنى تاللاش ئختىيارى ئەقىللىرىدا ھەم ئىختىيار بولدى. ئاللاھ زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى، ئنسان ئەقىلنى تەرك قىلىپ، نەپسىنى خوجا قىلسا، ئۆزىگە-ئۆزى زۇلۇم قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ بىزنى ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلىشتىن، ئازغۇنلىقتىن، دەۋزەخ ئازابىدىن ساقلىغاي! شەرىئەت ئەھكاملىرىنى مەھكەم تۇتقۇچىلاردىن قىلغاي!

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7381
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4886 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 10:44:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپتۇ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 882
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1602 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 11:54:46 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك نادىر يازما بوپتۇ. ساقىلۋالدىم، دوكتورىمىز كاشغەرى قېرىندىشىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىل سۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش