ئەسلى تېما:مانا بۇنى سېغىنىش دەيمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، ئۆزۈممۇ يۇقارقى تېمىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كارتىنىدا ياشاپ باققان بولغاچقا ئۇ تېمىنى تولىمۇ ياقتۇرغانىدىم،شۇڭا ئوقۇغاندىن كىيىنكى ھېسلىرىمنى تېما قىلىپ يوللاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.
سېغىنغۇچى بىز
ئۇچاغلادا مەكتەپتىن يول قويمىغاچ تىلفۇنمۇ ئىشلەتمىگەنىدۇق، چ چ نىمۇ ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيتتۇق، ئۈندىدار دېگەندەك نەرسە قەتئىي يوقلا ئىدى، ئۆز ھېسياتلىرىنى بوشلۇقلارغا،دوستلۇق چەمبىرەكلىرىگە تۆكمە قىلىش تېخى مودا بولمىغان ئىدى.
شۇنداق، يېڭى بارغاندا تولىمۇ غىرىبسىنغان ئىدۇق، ناتونۇش چىرايلاردىن ،ناتونۇش ئاۋازلاردىن تەسەللىي كۈتۈش مۇمكىنمۇ دەيسىز.ھەركۈنى كەچتە يۇيۇنغاندا سىغىنىش ياشلىرىنى تەڭلا يۇيىۋىتەتتۇق،شۇ ناتونۇش چىرايلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى قەيسەر كۆرسىتىشكە تىرىشاتتۇق. ئۆزىمىزدە تىلفۇن بولمىغاچ ئاممىۋىي تىلفۇندا ئۆچىرەت تۇرۇپ شۇ يىراقتىكى ئاتا- ئانىلىرىمىزغا تىلفۇن قىلاتتۇق.دائىم مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ تىلفۇن سۆزلىشىۋاتقان بىرسىنىڭ بوغۇق ئاۋازدا يىغلىغىنىنى ئاڭلايتتىم، شۇنى ھېس قىلاتتىمكى ئۇ ئاۋازىنى چىقارماسلىققا شۇنچە تىرىشىۋاتاتتى،لىكىن سېغىنىش ئوتى غالىب كەلگەنىدى.ئەلۋەتتە، مەن تىلفۇن پاراڭلاشقاندىمۇ ئۇ تىرىشچانلىقىم بىكار كىتىپ،كۆز ياشلىرىمنىڭ تىزگىنى ئەقلىمدىن جۇدا بولاتتى.ھەقىقەتەنمۇ، بىز سېغىنغانىدۇق.
كىيىن سەن ۋە سىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ دوستلۇرۇم بىلەن ھەقىقىي تونۇشقان بولدۇم.سىنىپ ياتاق ئاشخانىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ بۇرجەكلىك تۇرمۇش قىسمىتى بىزلەرنى ئاتالمىش ئىچكىرى تولۇق سىنىپىدىكى ھاياتىمىزدىن زىرىكتۈرگەنىدى. بۇ خىل زىرىكىش بىلەن سېغىنىش ئەۋجىگە چىقتى.بىز خۇددى سۇسىز قالغان بىلىقتەك تىپىرلاشقا باشلىدۇق.ئاللاھقا چەكسىز مەدھىيەلەر بولسۇنكى، مېنىڭ شۇ كۈنلەردىن ساق سالامەت ئۆتىۋىلىشىم ئۈچۈن سىلەرنى ماڭا ئۇچراتقۇزدى. بىزدە ئىلىم-سىتىم مۇناسىۋىتى يوق ئىدى؛بىزدە باشلىق بىلەن خىزمەتچى مۇناسىۋىتى يوق ئىدى؛بىزدە بارى پەقەت دىل بىلەن دىل تۇتاشقان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئىدى. دەل مۇشۇ مۇناسىۋەت قەلبىمىزدىكى سېغىنىش ھېسسياتىغا ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولغانىدى.
تەتىللەردە ئۆيگە قايتقىنىمىزدا دائىم ئۆيدىكىلەرنىڭ مۇنداق بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلايتتۇق:«مەكتەپكە كەتسىڭىز ئۇنى يەڭ بۇنى يەڭ دەيدىغان بىز يۇرتتا قالىمىز،ھىچكىم سىزگە يەنە ئۇنداق دىمەيدۇ بالام،شۇڭا ھازىر جىق يەۋىلىڭ.»ھەقىقەتەنمۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا شۇنداق بولاتتى.بەزىلەردە تاماققا چىقماي يۈرگىنىمىزدە بىرەرسى كىلىپ «ھەجەپ تاماق يىمىدىڭىزغۇ بۈگۈن» دەپ سوراپمۇقويمايتتى.بۇنداق ۋاقىتتا شۇ جاپاكەش ۋە كۆيۈمچان ئاتا- ئانىنىڭ قەدرى تولىمۇ ئۆتىلەتتى.بۇ خىل ھېسسىيات كۆز چاناقلىرىمىزدا تەسىرىنى كۆرسىتەتتى. لىكىن سىلەردەك بىرنەچچە دوستۇم بولغاچ ئۇ كۈنلەردىنمۇ ئۆتۈپ كەتتىم.
ھازىر ئويلىسام شۇ چاغلاردا بىر-بىرىمىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى بولغان ئىكەنمىز، ئوقۇشتىن بوشۇنغان شۇ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە مۇڭدىشاتتۇق، ئەنە شۇ مۇڭدىشىش سېغىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ چاغلاردا سېنىڭ خۇشاللىقىڭ مېنىڭ خۇشاللىقىم، سېنىڭ غېمىڭ مېنىڭ غېمىم ئىدى، ئەنە شۇنداق ھەممە ئىشتا تەڭ ئىدۇق. چۈنكى بىز ئوخشاش بىر قىسمەتتىكى ،ئوخشاش بىر نىيەتتىكى، ئوخشاش بىر ئارزۇدىكى سېغىنغۇچىلار ئىدۇق. ھەممىمىز ياخشى ئوقۇپ يۇرتقاقايتىپ ئاشۇ جاپاكەش ئاتا- ئانىلىرىمىزنى رازى قىلماقچى ئىدۇق، ئۇلارنىڭ يىنىدا چاغدا يەتمىگەن قەدرىگە چىن دىلىمىزدىن يەتمەكچى ئىدۇق.
شۇ چاغلاردا ھېسسىياتلىرىمىز شۇنچىلىك چىن ئىدى. گەرچە سېغىنىش ھېسسىياتىنى تۈزلا دىمىسەكمۇ، قىلىۋاتقان، ئاڭلاۋاتقان گەپلىرىمىزدىن سېغىنىشنىڭ ناھايتى ئەۋجىگە چىققانلىقىنى بىلەلەيتتۇق. ئۇ چاغلاردا بىز سېغىنىشنى دىل خانىمىزدە مەھكەم ساقلىغانىدۇق، چاڭ- توزانلاردىن، دۇنيا مەئىشەتلىرىنىڭ رەڭدارلىرىدىن خالىي ساقلىغان ئىدۇق.
ۋاقىت شۇيەرگەيەتتىكى،بىز قانداق ئۇچراشقان بولساق شۇنداق ئايرىلدۇق، ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم قويدۇق. راستىنى ئېيتقاندا تۆت يىل ۋاقىتنىڭ تاۋلىشى ئاستىدا بۇرۇنقىدەك تەمتىرەپ قالمىدۇق.بۇ مۇھىتقىمۇ كۆنۈپ قالغانىدۇق.سېغىنىش ئوتى پەسەيدى دېگەندىن كۆرە مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگەندۇق دېسەك قۇلاققا تېخىمۇ ياقاتتى. ھالبۇكى، بىزلەرمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن كىيىن قالمىدۇق، كىيىنراق بولسىمۇ چ چ ، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقىلىشىش قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدۇق. كۈندىلىك خاتىرىمىز ئەينى ۋاقىتتىكى دىل سىردىشىدىن بوشلۇق، دوستلۇق چەمبىرىكى دېگەندەك زامانىي نەرسىلەرگە يۈكلەندى.بۈگۈن سەن تۇرۇپ بوشلۇقتا :«ئەي مېھرىبان ئانا، سېنى تولىمۇ سېغىندىم، شۇ ئىللىق چىرايىڭنى تىزراق كۆرگۈم بار»دەپ چىقىرىپتىكەنسەن،مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تورداشلار بىرمۇنچە ياخشى سۆزلەرنى يىزىپ سېنى بەزلەپ كىتىپتۇ. مەنمۇ شۇنداق قىلدىم ئەلۋەتتە. چىقارغان ھالىتىڭنى كۆرۈپ ھىچ ئويلىماستىن«ۋاپادار دوستۇم يەنە بىرە ئاي تەخىر قىلغىن »دەپ يوللىۋىتىپلا ئۆز ئىشىمغا راۋان بولدۇم.كەيپىياتىمدىمۇھىچقانداق ئۆزگىرىش بولغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئاناڭنى سېغىنغان ھېسسىياتىڭنى ئەگىتىپ ئىپادىلىگەندىمۇ بۇ تۈزلا ئېيتقان سۆزۈڭدىن يۈز ھەسسە ئارتۇق ئۈنۈم قىلغانىدى.
شۇنداق، بىز ئىزچىل سېغىنغۇچىلارمىز. مۇساپىرچىلىق بىزنى ھەرۋاقىت دەشكۈللەپ تۇرىدۇ. ئەينى ۋاقىتلاردا شۇ كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى ئېيتىشىپ مۇڭدىشىپ بولغاندىن كىيىن، شۇ سېغىنىشتىن روھى ئوزۇق ئىلىپ تېخىمۇ تىرىشاتتۇق، چۈنكى بىز ھەممىمىز ئاتا- ئانىمىزنى رازى قىلىشنى ئويلايدىغان سېغىنغۇچىلاردىن ئىدۇق.ھازىرچۇ؟ بىز سېغىنىشنى دەستەك قىلىۋالدۇقمۇ قانداق؟ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھازىرقى توسقۇنلۇق قىلىدىغان كۈچكە ئايلاندىمۇ؟ ۋەياكى بىزگە روھى ئوزۇق بىغىشلايدىغان سېغىنىش ئوتى پەسىيىپ ئۆز كارامىتىنى يوقاتتىمۇ؟ ئېغىز- ئېغىزلاردا،بوشلۇق چەمبىرەكلەردە دەيدىغان سېغىنىش، ۋاپادارلىق پەقەت شەكىلگىلا ھىساپمۇ؟
ئەينى ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەنمۇ سېغىنغانىدۇق. شۇ سېغىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئەتىگەن سائەت تۆت يىرىملارداتۇرۇپ كىتاب كۆرگىنىمىز ئېسىڭدە بەلكىم. ئەلۋەتتە ھازىرمۇ ھەقىقەتەن سېغىنىۋاتقاندىمىز،ئۇنىڭدىن كىيىنچۇ؟ شۇ مەۋھۇم دۇنيادا سېغىنىش ھېسسىياتلىرىمىزنى بولۇشىغا ئىپادىلەپ قويۇپ كۇپايىلىنىۋاتىمىز.
بىز ئىچكىردە ئوقۇدۇق،ئوقۇۋاتىمىز؛ بىز سېغىندۇق، سېغىنىۋاتىمىز.ئاشۇ تونۇش چىرايلار، يىقىملىق ئاۋازلار،تۈگىمەس بۇلاقتەك مېھىرلەر، تېرەكلىك يوللار،ھەرخىل مېۋىلىك دەرەخلەر بىلەن بىزەلگەن باغلاربىزنى ھەرۋاقىت ھەريەردە سېغىنىش ئىسكەنجىسىگە ئالىدۇ. بەلكىم دىل خانىمىزدىكى مۇنۇ سېغىنىش ئوتى دۇنيانىڭ توپا-توزاندىلىرى ئاستىدا قىلىپ باش چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقاندۇ.قېنى شۇ توپا- توزانلارنى سۈرتىۋىتەيلى دوستۇم، شۇ چاغدا سېغىنىش ھېسلىرى كونۇپكا تاختىسىدىن ئەمەس، ھەقىقىي يۈرەكتىن چىقىدۇ. سېغىنىش بىزنى ئاسىي بولماسلىققا ئۈندەپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدۇ.
سەن بىلىسەن، ھەم تىرىشىۋاتىسەن، شۇڭا بۇلارنى مەن «ئۆزۈم»گە دەۋاتىمەن. ئاللاھ «مەن»نى ھەقىقىي سېغىنغۇچى ۋە سۆيگۈچىدىن قىلغاي،شۇ سېغىنىش ۋە سۆيگۈنىڭ تۈرتكىسدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئارزۇيۇمغا يىتىشكە مۇۋەپپەق قىلغاي!
تامام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-3 01:42 PM