|
|
|
|
مانا بۇنى سېغىنىش دەيمىز
مەمەتنىياز قادىر
(ئىچكىر تولۇقنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارنى سېغىنىپ )
قەلەم ئالدىم يەنە قولۇمغا
ئۆز ئۆزۈمگە بىرىپ تەسەللىي
سۆزلەر مۇئەللىم ھاياجان بىلەن
قۇلاققا كىرمەس لىكىن سۆزلىرى
شىرىن بىر سىزىم
ئاچچىق ئەسلىمە
غۇيۇلداپ ئۆتتى كاللامدىن شۇئان
يات بۇ تىلدىن زىرىكىپ كەتتىم
چۈشىنەلمەي
ئۆتەلمەي پىنھان
**********************
ئىچكىر توللۇق ئىمتاھان بىلەن
ئىچكىر توللۇققا ئۆتكەن چاغدا بىز
خۇشال بولغان
ھاياجانلانغان
يۇرەك يايرىغان
پەخىرلەنگەن ئۆزىمىزدىن ھەم
ئاتا – ئانا خۇشال بولغانتى
پەخىرلىنىپ پەرزەنتىدىن
مىھرى بىلەن ،
يىرىك قولىدا باشلارنى سىلاپ
پىشانىمىزگە سۆيۇپ قويغانتى
سومكىنى ئىسىپ چامداننى سۆرەپ
خوش دىگەندە قىرىنداشلارغا
شۇنداق بىر زات چىدىماي قالغان
كۆزدىن ئىللىق تامچىلار ئاققان
شۇ مىھرىبان قەدىردان ئانا
پەرزەنتىگە ئامانلىق تىلەپ
خوش دىگەنتى پەرزەنتى ئۇچۇن
پىشۇرغان ناننى سومكىغا سىلىپ
شۇ پاسىبان ھۆرمەتلىك ئاتا
ئىېرادىسىگە خلاپلىق قىلىپ
لام – جىم دىمەي پۇلاڭلاتقان قول
خوش دىگەنتى كۆزگە ياش ئىلىپ
تۇنجى كۆرگەن پويىزنى شۇ چاغ
خۇشال بولغان بەلكىم ھەممەيلەن
چۇنكى ئىدى خىياللىرمىدا
ئىچكىر تولۇق گوياكى بىر باغ
* * * * * * * *
نىمانداق قىلدۇ ماۋۇ مۇئەللىم
مۇنبەردىن چۇشتى كەلدى يىنىمغا
خىيالنى يىغدىم، يالغاندىن دەرھال
قەلەمنى ئىلىپ سىزدىم كىتاپقا
بىر ئايلىنىپ كەتتى يىنىمدىن
ئاڭلاي دىدىم قارىدىم دوسكا
چۇشەنمىدىم يەنىلا پەقەت
ئىڭەڭ يۆلەپ
بىلىپ بىلمەي
كىتىپتىمەن يەنە خىيالغا
* * * * * * * * * * * * * *
ئاھ ،تەڭرىتاغ قوينىدا ئۆسكەن
غەرب شىمال ئۇيغۇر باللىرى
جەم بولۇشتۇق
ئىچكىردە
ئانا يۇرتقا يىراق بىر جايغا
تىخى ئۆتمەي بىر نەچچە ھەپتە
سىغىنىشىپ ئاتا –ئانىنى
ئانا يۇرتنى گۇزەل ماكاننى
ئەسلىشىپ ،
تاتلىق خىيالدا قاراشتۇق ئايغا
كىم چۇشەنگەن بىزلەرنى شۇ چاغ !!؟
كىم ئىشەنگەن بىزلەرگە شۇ چاغ !!؟
تونۇشمايتتۇق ئەسلىدە بىزلەر
دوسىت بولۇشتۇق سەبىي گۇدەكلەر
ئون تۆت ئون بەش ياشلاردا ئىدۇق
ئىچكىرنى دەسلەپ
نۇرغۇن نۇرغۇن ئۆمىدلەر بىلەن
‹‹گۇزەل باغچا ››دىيىشكەن ئىدۇق
چىقتى بەدەنگە ئاجايىپ نەرسە
خىل كەلمىدى بۇ يەرنىڭ سۇيى
ئۆزگىچىدۇر ھاۋاسى يەنە
يازدا ئىسسىق
قىش كۇنلىرى سوغۇقتۇر ئۆيى
كۇزدە كۆكلەر يۇپۇرماقلىرى
باھار پەسلىدە تۆكۇلەر يەنە
چاقار پاشا قاپارتىپ بەدەن
ئۇرسا ئۆلمەيدۇ
يوغان يوغان چىۋىندەك ئەنە
ئاھ ،
يۇرت نەدە دەپ قىلىشقان نىدا
بۇ ئازابنى بىلەر بىر خۇدا
دەپ سورىسا ‹‹ سىغىنىش نىمە !؟››
بىرەلمەيمىز چىش يىرىپ جاۋاب
لىكىن بىلورمىز باشتىن ئۆتكۇزدۇق
سىغىنىش گويا شىرىن بىر ئازاب
سىنىپلاردا سۆزلىيەلمىدۇق
تىلىمىز چىققان ئۇيغۇر تىىلىنى
ياكى ھەتتا چۇشىنەلمىدۇق
ئاتالمىش ئۇلۇغ دۆلەت تىلىنى
ئانا تىلىمىز بولدى ھەم كىكەچ
چۇنكى بىز ئۇنى قورال ئەتمىگەچ
تەتىلنى كۇتۇپ كۇن ساناپ ئۆتتۇق
مىڭ قاقشىدۇق
قان يىغلىدۇق بەزىمىز ھەتتا
ئۆزگەرتەلمىدۇق تەغدىرنى لىكىن
ئۆلمىدۇق ئەمما ،ھەممىگە كۆندۇق
كەلسە بايرام ھىيتىمىز بىزنىڭ
ھىيىت بولمىدى ئىچكىردە بىزگە
بۇ چاغدىكى شىرىن ئازابنى
نەگە بىرىپ ئىيتىمىز كىمگە
كۇلەلمىدۇق ئىچ – ئىچتىن يايراپ
ئىچەلمىدۇق پاقلان شورپىسى
كىيەلمىدۇق ھىىيتلىق بىر كىيىم
كىيدىغىنىمز مەكتەپ فورمىسى
ئۆتەر شۇنداق بىزنىڭ ھىيتىمىز
ئۇشبۇ كۇنگە شۇكرى ئىيتىمىز !!!!!
تىلفۇندا
‹‹بالام قانداق ئەھۋال ››دىگەندە
‹‹ياخشى ››دىيىشتىن بىزدە نە چارە
ئامالسىزمىز دەرتنى تۆكۇشكە
ئاتا – ئانام ئەنسىرمىسۇن دەپ
ئاز بولسىمۇ شۇنداق غەمنى يەپ
كۆزلەردە ھەم ياش
ئىغىزدا كۆلكە
ئاتا – ئانام خۇشال بولسۇن دەپ
پەرزەنتىدىن پەخىرلەنسۇن دەپ
ماختىغانتۇق ئۇشبۇ مەكتەپنى
سىغىنىشتىن يانىمىز پىراق
يالغان بولسىمۇ ‹‹ئەنسىرمە ››دەيمىز
كۇلۇپ تۇرۇپ سۆزلەيمىز بىراق
‹‹ياخشى دەيمىز ››يەنە بىر قىتىم
گەر بولساقمۇ يات يۇرتتا يىتىم
ھەر قىسمەتلەر كىلەركەن باشقا
مىڭ ئۇرساقمۇ باشنى ھەم تاشقا
گاھىمىزنىڭ بوۋىسى ئۆلدى
گاھىمىزنىڭ مومىسى ئۆلدى
يەنە بەزىمىز دادىسىز قالدۇق
بەزىمىز ھەم ئانىسىز قالدۇق
پىراقتا كەتتى
ھەسرەتتە قالدۇق
كۆرۇش ئۇچۇن ئاخىرقى قىتىم
كۆزلىرى بەلكىم ئىشىكتە قالدى
كۆرمەك بولغىنى قەدىردانلارنىڭ
پەرزەنتىنىڭ قامىتى ئىدى
كۆرۇۋالسا ئامىتى ئىدى
مىڭ ئەپسۇس
كۆزلىرى ھەم ئوچۇقلا كەتتى
گەر بۇ خەۋەر بىزگە يەتكەندە
مۆلدۇر ئاقتى كۆزلىرىمىزدىن
قايتالمىدۇق لىكىن بىز ئۆيگە
قاتنىشالمىدۇق نامازلىرىغا
جەننەت ماكان قەدىردانلارچۇن
ئامىن دەپ قەبىرلىرىگە
تاشلىيالمىدۇق بىر كەتمەن توپا
ھايات شۇنداق قانداق قىلمىز
كىم بىلىدۇ !؟ قانداق ئۆلىمىز !؟
بۇ جان دىگەن تەنگە ئامانەت
بىر ئىغىز سۆز ‹‹ئوبدان ياشايلى ››
ئامانەتكە قىلماي خىيانەت
ئەلھۆكمىللا !!
ئۆز –ئۆزىمىزگە بەرگەن تەسەللىي
ئۆزگەرتەلمىگەچ تەغدىر ئەجەلنى !!
گاھىدا كۈلكە گاھىدا قايغۇ
پۇتتۇردۇق ئاخىر ئىچكىر تولۇقنى
كۇتىۋالدى يەنە بىر قىسمەت
مەھرۇم بولدۇق يۇرتتا ئوقۇشتىن
مەجبۇر بولدۇق ،ئىچكىردە قالدۇق
ماختىدا بەلكىم بەزىلەر بىزنى
زىيالىي دىگەن نامنى ھەم ئالدۇق
قالدى ئەسلىمە ياتاق سىنىپتا
ئىچكىر تولۇقتا يىراق بىر جايدا
قالدى ئەسلىمە بىزلەر تۇنىشىپ
دۇم دۇم ئويناشقان پويىزدا ،سايدا
ساۋاقداشلار تاراشتۇق ھەريان
كۆرىشەرمىز قاچان بىز قايدا !!؟؟
سىغىنىشقا قوشۇلدى يەنە
ساۋاقداشلار ئارا سىغىنىش
نۇرغۇن ‹‹تۇنجى ››قالدى ئىچكىردە
تۇنجى مۇھەببەت تۇنجى سۆيگىمىز
قالدى بەلكىم تۇنجى سەبىيلىك
چاقچاق بىلەن تۇنجى كۇلكىمىز
ئاھ ،بۇ نىمە !؟ چىدىشالمىدۇق
دوستلۇق مىھرىگە قىنىشالمىدۇق .
ئالىي مەكتەپ
باشلىۋەتتۇق يىڭىچە ھايات
ۋەكىل بولدۇق بىر مىللەتكە بىز
ئىلىنماس تىلغا ياخشى ئىشىمىز
ۋەكىل بولىدۇ
شىنجاڭلىق دەيدۇ
ئىرىمەيدۇ پىشانىمىزدىن
بىلىپ بىلمەي خاتا قىپ سالغان
تىرىقچىلىك يامان ئىشىمىز
سىنىپلاردا سۆزلىسەك ھەتتا
كۇلىشىدۇ ،قىلىدۇ مازاق
گەر دىسەكمۇ بىر نەچچە قىتىم
ئايرىيالمايدۇ
قايسىمىز ئۇيغۇر قايسىمىز قازاق
شىنجاڭلىقكەن ما بالا دىسە
قاچار بەزدىن گادىن قاچقاندەك
رەنجىمەڭلار بىر سەت گەپ قىلاي
خۇددى بىزلەر پوخۇرلۇق قىلىپ
يەتمىش پۇشتىغا چاقچاق قىلغاندەك
ھەرخىل كۆزلەر
گۇمانلىق قاراش
يەر تىگىدىن ھىجىيىپ ماراش
چىدا دىدى كەلدى بىر سادا
يەنە كۇلدۇق
كۆندۇققۇ مانا
يىگەنلىرمىز ئۆلمەس دورىسى
سىغىنىمىز كاۋاپ نانلارنى
ئانام ئەتكەن تاماق نەدە دەپ
گاھى تۆكتۇق كۆزدىن ياشلارنى
يىقىنلاپ كەلسە سۆيۇملۇك تەتىل
بىر ئاي بۇرۇن ھاياجانلىنىپ
دەرىس كىرمەس قۇلاققا ھەرگىز
بىر بىلەتنىڭ غىمىنى يەيمىز
تىزراق كەلسىكەن بۇ تەتىل دەيمىز
تەتىلمۇ كىلەر
ئۆشنىدە سومكا قولدا ھەم چامدان
سەرسان بولۇرمىز پويىز بىكەتتە
ئۇيان ماڭىمىز بۇيان يۇگرەيمىز
ئالدىرغاندا چىقىدۇ چاتاق
بۇزىلىدۇ چامداننىڭ چاقى
ئاھ خۇدا !!؟
ئۇشبۇ دەقىقە كىممۇ چۇشىنەر
جىق سۆزلىدىم بايامنىڭ ياقى
كەلگەن شۇنداق قىسمەت باشلارغا
قالدۇرۇپ ئىزنا نازۇك ياشلارغا
* * * * * * * * *
قۇڭغۇراق چىللاپ چۇشتۇك دەرىستىن
قەدەم ئالدۇق ئاشخفنىغا بىز
بىرگە ماڭار يەرلىك بالىلار
لىكىن مەن
لىكىن بىز
خىيالغا ھەمرا ،يالغۇز ماڭىمىز .
2014- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۇنى
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-28 11:41 PM
|
|
|
|
|
|