|
|
|
|
ئاۋۇ سۆيۈملۈك دېھقان ئايالنىڭ پاختىلىق كەمزۇل كىيىۋالغىنىغا كىم دىققەت قىلدى؟!
ئۇنىڭغا قاراپ سوغۇق يەرمىكىن دەپ قالماڭلار، ئۇ يەر ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسى بولۇپ، ئۆرۈك پىششىقىدا تىمپىراتۇرا 35-40گىرادۇسقا يىتىدىغان دېمىق بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەمگەكچان دېھقان قېرىنداشلار بۇغداي ئورۇش، خامان ئېلىش، قوناق تېرىش، ئۆرۈك يىغىش، گۈلە سېلىش.......دىگەندەك ئاپتاپتىلا بولىدىغان دېھقانچىلىق مەشغۇلاتى بىلەن ئايلاپ ئۆيگە كىرمەيدۇ. ئۇلار ئىسسىقتىن، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشتا شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش يالىڭاچلىنىشنى تاللىماستىن بەلكى قېلىن كىيىنىشنى تاللىۋالغان. يازدا بۇغداي ئېتىزلىرى ۋە خامانلاردا پاختىلىق چاپان، پاختىلىق جۇۋا كىيىۋالغان بوۋايلار، پاختىلىق كەمزۇل كىيىۋالغان مومايلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. «قىشتا ئوزۇق، يازدا يېپىنچا» دىگەن ماقال خەلقىمىزنىڭ مانا مۇشۇ تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن ئېلىنغان.
ئۇلار شۇنچە قېلىن كىيىنىۋىلىپ ئىسسىپ كەتمەمدۇ؟
ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەتىگەندە ھاۋانىڭ سالقىن ۋاقتىدا ئاشۇ پاختىلىق كىيىمنى بىر كىيىۋىلىپ ئېتىزلىققا چىقىۋالسا ھەرقانچە ئاپتاپ چىقسىمۇ، ھەرقانچە ئىسسىق بولسىمۇ پاختىلىق كىيىمدىن ئۆتمەيدۇ، ئۇ پاختىلىق كىيىم ئەمەلىيەتتە «سوغۇق ساقلاش ساندۇغى»دىن ئىبارەت. شۇڭا ياشلار بىرەر سائەتمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئاپتاپ-ئىسسىقتا ئۇلار نەچچە سائەتلەپ، كۈنلەپ ۋايسىماي ئىشلەيدۇ.
سۆيۈملۈك دېھقانلار............
|
|
|
|
|
|