مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1778|ئىنكاس: 38

دىيارىمىزنىڭ خىسلەتلىك مېۋىسى_ بارىن ئۆرۈكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 10:47:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

200706 (6).JPG


     بارىن ئۆرۈكى شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدە يېتىشتۈرىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزىسىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى ئۆرۈك سورتى. بارىن ئۆرۈكى پامىر ئىگىزلىكىنىڭ شەرقىدە، مۇزتاغ چوققىسىنىڭ باغرىدىكى مۇزتاغ بىلەن زىمىن كېسىشكەن يانتۇلۇقتا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە ھاۋا كېلىماتى، بۇلغانمىغان تەبئى موھىت ۋە مۇزتاغنىڭ تەبئى قار سۇلىرى بارىن ئۆرۈكىنى ئوزۇقلۇق جۇغلانمىسى مول، رەڭگى كۆركەم ۋە پارقىراق، تەمى ئۆزگىچە لەززەتلىك قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان ۋە نامىنى جاھانغا تاراتقان. شۇڭا ئاقتۇ ناھىيىسى دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن «جوڭگونىڭ بارىن ئۆرۈكى ماكانى» دىگەن نامغا ئېرىشكەن، بارىن ئۆرۈكى مەھسۇلاتلىرى دۆلەتلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن ئامرىكا ۋە ياۋروپا ئۆلچىمى بويىچە «ئورگانىك يېمەكلىك» ئېتراپنامىسىگە ئېرىشكەن.

        

قۇرۇتۇشقا سېلىنغان ئۆرۈك

قۇرۇتۇشقا سېلىنغان ئۆرۈك

               

ئۆرۈك يىغىۋاتقان دېھقان ئايال

 ئۆرۈك يىغىۋاتقان دېھقان ئايال


    بارىن ئۆرۈكىنىڭ مېۋە دانىسى چوڭ، گۆشلۈك، رەڭگى كۆركەم، قەنت تەركىۋى يۇقىرى، مېۋە ئېتى قىلىن ۋە پۇراقلىق بولۇپ ناھايىتى يىيىشلىك، داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۆپكىنى  يۇمشىتىپ  بەلغەمنى بوشىتىدۇ،




.

بارىن ئۆرۈكىنى قۇرۇتۇش

بارىن ئۆرۈكىنى قۇرۇتۇش





قۇرۇتۇلغان گۈلىسى (قېقى) نىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئوزۇقلۇق ساقلىق ساقلاش قىممىتى ئالاھىدە. ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەرنى تازىلايدۇ يۇقىرى، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.

بارىن ئۆرۈكى گۈلىسى

بارىن ئۆرۈكى گۈلىسى


بارىن ئۆرۈكىنىڭ مېغىزى توق ۋە تاتلىق بولۇپ،  بۆرەكنى قۈۋۋەتلەش، بەدەننىڭ ئىممونىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك تەبئى يىمەكلىك.


        بارىن ئۆرۈكى مەھسۇلاتلىرى_ پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى، مۇزتاغنىڭ سوۋغىسى، مۇزتاغ كىشىلىرىنىڭ ئەجىر ئەمگىگىنىڭ جەۋھىرى. ئۇ ياشانغانلار ئۈچۈن كۈڭۈلدىكىدەك ساغلاملىق يىمەكلىگى، ياشلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك تەن ئاسراش ئوزۇقى، كىشىلىك ئالاقىڭىزدە كۆڭۈلدىكىدەك دوستلۇق سوۋغىسىدۇر!
     سىزگە ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ساغلاملىق ۋە خوشاللىق يار بولسۇن!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 02:07 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19361
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5979
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 11:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىن ئۆرۈكى دەپ ئاڭلماپتىكەنمەن ھازىر تۈگەپ كەتكەندۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 11:29:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۈرۈكنى ئەڭ ياخشىسى گۈلە قىلىپ قۇرۇتسا شۇنداق ئىسىل گۈلا بولدۇ ...

ئەمما يۆل يىسە  تازا تەمى يوقتەك ھىس قىلدىم مەن ...بىزنىڭ باغدىكىنى يەپ ....

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6493
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 9568 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 11:41:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
guzaltarim يوللىغان ۋاقتى  2012-7-30 11:29 PM
بارىن ئۆرۈكى دەپ ئاڭلماپتىكەنمەن ھازىر تۈگەپ كەتكەندۇ ...

توغرا دەيسىز، مەنمۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن، ھەممىلا يەردە ئۈرۈكنىڭ  بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، لىكىن بارىننىڭ ئۈرۈكىنىڭ  مۇنداق داڭلىقلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 11:52:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
guzaltarim يوللىغان ۋاقتى  2012-7-30 11:29 PM
بارىن ئۆرۈكى دەپ ئاڭلماپتىكەنمەن ھازىر تۈگەپ كەتكەندۇ ...

بۇ ئۆرۈكنى دېھقانلار «سوقا ياغلىق» دەپ ئاتايدۇ. سىرىتقا «بارىننىڭ ئۆرۈكى»دەپ تارقىلىپ، بارىن ئۆرۈكى دەپ ئاتىلىپ قالدى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونمۇ «بارىن ئۆرۈكى» دەپ ئاتاپ نام بەردى. 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پىشىشقا باشلايدۇ، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاخىرلىشىدۇ. ھازىر يېڭى گۈلىسى (قېقى) چىقىشقا باشلىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 11:57:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-30 11:29 PM
بۇ ئۈرۈكنى ئەڭ ياخشىسى گۈلە قىلىپ قۇرۇتسا شۇنداق ئىسىل ...

بۇ ئۆرۈكنىڭ بارىندىن باشقا يەردە ئۆستۈرۈلگىنىنىڭ تەمى بارىندا ئۆستۈرۈلگىنىگە يەتمەيدۇ ( ئەلۋەتتە پەرۋىشكىمۇ باغلىق). ئەمەلىيەتتە بەك تاتلىق ئۆرۈك بۇ، تازا مەي باغلاپ پىشقىنىدىن 4نىلا يىسىڭىز تاتلىقلىغىدىن كۆڭلىڭىز تۇتۇلىدۇ.
   پۇرسەت بولسا بارىندا پىشقىنىدىن يەپ بېقىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elqvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 12:34 AM  


‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2956
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1274 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 11:59:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاقتۇ بارىن بىلەن خوشنا تۇرۇپ تۇنجى ئاڭلشىم بارىن ئۈركى دەپ .

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 11:59:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elqvn يوللىغان ۋاقتى  2012-7-30 11:52 PM
بۇ ئۆرۈكنى دېھقانلار «سوقا ياغلىق» دەپ ئاتايدۇ. سىرى ...

موكا ياغلىقمۇ سوقا ياغلىق مۇ  زادى قايسى ؟
بىز مۇكا  ياغلىق  دەيمىز كونىشەھەردە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sazguri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 12:00 AM  


خەپ  ئىچكى دۈشمەن

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8955
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 12:11:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ موكا ياغلىق دەپ ئاڭلىغان،موكا ياغلىقمىكى.

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 12:14:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئاۋۇ سۆيۈملۈك دېھقان ئايالنىڭ پاختىلىق كەمزۇل كىيىۋالغىنىغا كىم دىققەت قىلدى؟!
   ئۇنىڭغا قاراپ بارىننى سوغۇق يەرمىكىن دەپ قالماڭلار، ئۆرۈك پىششىقىدا تىمپىراتۇرا 35-40گىرادۇسقا يىتىدىغان دېمىق بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەمگەكچان دېھقان قېرىنداشلار بۇغداي ئورۇش، خامان ئېلىش، قوناق تېرىش، ئۆرۈك يىغىش، گۈلە سېلىش.......دىگەندەك ئاپتاپتىلا بولىدىغان دېھقانچىلىق مەشغۇلاتى بىلەن ئايلاپ ئۆيگە كىرمەيدۇ. ئۇلار ئىسسىقتىن، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشتا شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش يالىڭاچلىنىشنى تاللىماستىن بەلكى قېلىن كىيىنىشنى تاللىۋالغان. يازدا بۇغداي ئېتىزلىرى ۋە خامانلاردا پاختىلىق چاپان، پاختىلىق جۇۋا كىيىۋالغان بوۋايلار، پاختىلىق كەمزۇل كىيىۋالغان مومايلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. «قىشتا ئوزۇق، يازدا يېپىنچا» دىگەن ماقال خەلقىمىزنىڭ مانا مۇشۇ تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن ئېلىنغان.
   ئۇلار شۇنچە قېلىن كىيىنىۋىلىپ ئىسسىپ كەتمەمدۇ؟
   ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەتىگەندە ھاۋانىڭ سالقىن ۋاقتىدا ئاشۇ پاختىلىق كىيىمنى بىر كىيىۋىلىپ ئېتىزلىققا چىقىۋالسا ھەرقانچە ئاپتاپ چىقسىمۇ، ھەرقانچە ئىسسىق بولسىمۇ پاختىلىق كىيىمدىن ئۆتمەيدۇ، ئۇ پاختىلىق كىيىم ئەمەلىيەتتە «سوغۇق ساقلاش ساندۇغى»دىن ئىبارەت. شۇڭا ياشلار بىرەر سائەتمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئاپتاپ-ئىسسىقتا ئۇلار نەچچە سائەتلەپ، كۈنلەپ ۋايسىماي ئىشلەيدۇ.
    سۆيۈملۈك دېھقانلار............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش