مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 26754|ئىنكاس: 192

يەتتە رەڭلىك قاشتاش ( فانتازىيە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 07:04:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆتىنجى باب  بۇ زادى نېمە ئىش ؟

غالىپنىڭ كىسىلى كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇپ كەتتى . دوختۇرخانىدىكى بارلىق دوختۇرلار شۇنچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ مۇنچىۋالا تىز ياخشى بولۇپ كىتىشىنى بىلەلمىدى . غالىپنىڭ بۇ ئىشلارنى ئويلىشىشقا چولىسىمۇ تەگمىدى . ئۇنىڭ نەزىرىدە رائىلە دوختۇرلا ھەممىدىن ئۈستىن تۇراتتى . بۇ بەلكىم ياخشى كۆرۈشتۇر ۋە ياكى بىردەملىك قىزىقىشتۇر . بىراق ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇلار مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى دوختۇرلارنىڭ قالايمىقان تەكشۈرۈشلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا كۈنلىرىنى بەكلا مەنىلىك ئۆتكۈزىۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتاتتى .

ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتكەندە تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ياتىقى ئالىي دەرىجىلىك يالغۇز ياتاققا يۆتكىلىندى. رائىلە دوختۇر ئەتىگەندە كىرىپلا ئۇنىڭغا يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەلگەنلىكىنى ، ئۇنىڭ بۇ قېتىممۇ ماسلىشىپ بىرىشىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى . بىردەمدىن كىيىنلا سىستىرالاردىن بىر نەچچىسى كىرىپ ئۇنىڭ ياتىقىنى پاكىز تازىلاپ چىقىپ كىتىشتى . توۋا بۇ دوختۇرخانىنىڭ سىستىرالىرىمۇ تازىلاشنى بىلىدىكەن ھە ؟ ئادەتتىكى كۈنلەردە بىرەر قېتىم تازلىق قىلىنىدىغان ، تازلىق قىلغاندىمۇ شۇنداقلا قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىدىغان سىستىرالار بۈگۈن ياتاقنى پاكىز تازلاپ ، ھەممە يەرلەرنى نەچچە قېتىملاپ قايتا - قايتىلاپ سۈرۈتكەندىن كىيىن ئاندىن چىقىپ كېتىشتى . مۇشۇ باشلىق كېلىدۇ دىگەن گەپ زە ، بولىدىغان گەپكەن جۇمۇ دەپ ئويلىدى غالىپ .

بۈگۈن كىم كىلەر ؟ ئۆتكەندە مەركەزدىن ئادەم كەپتۇ دەپ بىر توپ ئاقباشلار كىرىپ ئۇنى ئۇيان ئۆرۈپ بۇيان چۆرۈپ ساراڭ قىلىۋەتكەن ئىدى . ئەمدى كىم كىلەر ؟

كۈن چۈش بولاي دىگەندە كالدىرلىشىپ بىر توپ دوختۇرلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر نەچچە پاكار- پاكار دوختۇر خالىتى كىيكەنلەر كىرىشكە باشلىدى . ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا ياپونلۇقتەكلا قىلاتتى . ھەقاچان ئاز پۇل بەرمىدى ، دەپ ئويلىدى غالىپ .

- قانداقراق ئەھۋالىڭىز ؟
- ياخشى ياخشى .
- ئاڭلىساق ، باش سۆڭىكىڭىز ئىچىگە نەچچە سانتا كىرىپ كەتكەن ئىكەن ، مۆجىزىلەرچە ھايات قاپسىز ... ...
- يەنە شۇ گەپ ، بۇنى خۇدايىم ئۆزى بىلمىسە ، مەن قانداق بىلىمەن؟
- سىزدە قانداق ئالامەتلەر بولغان ؟
- ھەي ، ھەي ، مەن شۇ ھۇشۇمغا كەلسەم مۇشۇنداق ساقىيىپ قاپتىمەن ... -، ئۇ ئوغۇرلۇقچە رائىلەگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ، - بەلكىم بەزى دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشىدىن بولسا كىرەك ... ... ...
رائىلەنىڭ گۈلدەك قىزىرىپ كىتىشى ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھوزۇردەك بىلىندى .
- سىلەرنىڭ تېخنىكاڭلار ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن ، - دىيىشتى ياپونلۇقلار ،- باش تەرىپىگە تۆت سانتا ئەينەك پارچىسى كىرىپ كەتكەن ئادەمنىمۇ داۋالاپ ساقايتالاپسىلەر .....
- ھە ؟! ھە ، ھە ، ھە توغرا ، بۇ دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەسمۇ ...
- ھەقىقەتەن قالتىس . بەلكىم بۇ بىر تاساددىپىلىق ۋە ياكى مۆجىزىدۇر ، بىراق سىلەرگە ھەقىقەتەن قول قويدۇق.
دوختۇرخانا باشلىقى ۋىللىدە قىزاردى دە ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى .
- بىراق بىز تا ھازىرغىچە بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىدۇق.
-شۇنداق ، شۇنداق ، بىزمۇ ھازىرغىچە چۈشۈنۈپ كىتەلمىدۇق . بىراق ھامان جاۋابى چىقىدۇ.
-شۇنداق .
- دوختۇرخانا باشلىقى ، ياپونىيەلىك مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ قورسىقىمۇ ئاچقاندۇ ، قالغان گەپلەرنى شۇ يەردە دىيىشسەك ... ...
- ھە ، توغرا ، شۇنداق قىلايلى .
   ياتاقنىڭ ئىچى يەنە جىمجىتلىققا چۆمدى . گەرچە نەچچە كۈندىن بىرى دوختۇرخانىدا يېتىۋىرىپ كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، بىراق رائىلەنىڭ كىرمەسلىكى سەل خۇيىنى تۇتقۇزۇپ قويدى . دەرھال كونۇپكىنى باستى . بىردەمدىن كىيىن رائىلەنىڭ گۈزەل سىماسى ياتاقتا پەيدا بولدى . رائىلەنى كۆرگەن غالىپنىڭ سەل چىرايى ئېچىلدى .
- ئاۋۇ پاكىنەكلەر چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ، بىر تەكشۈرۈپ قويايمۇ دىمەيسىز يا ؟
- سىزدە ھازىر كىسەل بولمىسا ، نېمىنى تەكشۈرىمەن.
- پۈتۈن بەدىنىم كىسەل بوپ كىتىپ بارسا ، كىسەل يوق دەيسىز يا . ھەممە يىرىم ئاغرىۋاتىدۇ مىنىڭ.
- ئۇنداق ئەمەستۇ ، ئەتىگەن تەكشۈرگەندە بەدەننىڭ ھەممە يەرلىرىدە ھىچقانداق كىسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئىدىغۇ ؟
- كىسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىسىلا ، كىسەل بولمىغان بولامدۇ ؟
- ھە ، ئەمسە تەكشۈرۈپ باقاي .
رائىلە خېلى تەكشۈرگەندىن كىيىنمۇ ، غالىپنىڭ بەدىنىدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش سىزىلمىگەنلىكتىن ، تەكشۈرۈشنى توختاتتى .
- غالىپ ، سىز مىنى ئالدىسىڭىز بولمايدۇ .
دىدى ، بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا .
- شۇنداق ، مەنمۇ سىزنى ئالدىمىدىم .
- ئەمىسە ، سىرېڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىز بولامدۇ ؟
- مېنىڭ نېمە سىرىم بولسۇن ؟
- ئاۋۇ ، بىشىڭىزنىڭ نىمىشقا مۇنچە تىز ساقايغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمەمسىز ؟
    غالىپ خېلى بىر ۋاقىت تۇرىۋەتكەندىن كىيىن ، ئۆزىمۇ ئويلىنىپ قالدى . چۈنكى ، باشقا دوختۇرلاردىن ئاڭلىغان گىپىدە ئۇنىڭ ئەينى ۋاقتتىكى ئەھۋالى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ ، ئۇنى ئۇرغانلار ئۇنىڭ باش قىسمىغا ئەينەك بوتۇلكا بىلەن ئۇرغان بولۇپ ، باش قىسمىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى يارىلانغان ، ئىككى يىرىگە ئەينەك سانجىلىپ ، بىر ئەينەك چوققا مىڭىسى تەرەپكە تۆت سانتىمىتىر ئەتراپىدا سانجىلىپ قالغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ھايات قىلىشىدىن دوختۇرنىڭمۇ ، ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ ئۈمىدى يوق ئىدى ، بىراق ئۇ يەنىلا مۆجىزىلەرچە ھايات قالدى . بۇ زادى قانداق ئىش ؟ ئۇ توختىماي ئويلىناتتى . بىراق ھەرقانچە ئويلانسىمۇ جاۋابىنى تاپالمىدى . تۇيۇقسىز ، ھېلىقى غەلىتە چۈشى ئىسىگە كىلىپ قالدى . توغرا ، ھازىرچە رائىلەگە مۇشۇ چۈشۈمنى دەپ بىرىپلا قۇتۇلمايمەنمۇ دەپ ئويلىدى ئۇ . ۋە چۈشىدە كۆرگەنلىرى ئېيتىپ بەردى .
- ھەي ، سىز ئەمدى مىنى ئەخمەق قىلىشقا چۈشتىڭىزما ؟
- ھەي ، مەن سىزنى قانداق ئەخمەق قىپتىمەن ؟ بۇ بىر چۈشلا ئەمەس ، بۇ بىر ... ...
ئۇ ئۆزىمۇ بۇ ئىشنىڭ زادى چۈش ياكى ئەمەسلىكىنى ئىيتىپ بىرەلمەيتتى .
- چۈشىدە ئۆزىنى ئۆزى داۋالىسا ، ئوڭىدىمۇ داۋالىنىپ ساقىيىپ قالىدۇ دىگەن ساختا گەپتە ، بۇ ئېنىقلا مىنى ئەخمەق قىلغانلىق بولماي ... ...
رائىلەنىڭ راستلا كۆڭلىگە كەلگەندەك قىلاتتى .
- ۋاي ، چاقچاق ، چاقچاق ، دوختۇر ، سىزنى ئەخمەق قىلىشقا مىنىڭ ھەددىم ئەمەس .
- يەنە شۇنداق ، دائىملا مېنى مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن ئالدايسىز . بولدىلا .
  رائىلە راسىتلا خاپا بولغاندەك قىلاتتى .
- جىنىم رائىلە ، يا ، ياق ، رائىلە دوختۇر ... ... بۇ ئىش ... ...
- غالىپ ، بەك ھەددىڭىزدىن ئاشتىڭىز ، سىز بىمار ، مەن دىگەن دوختۇر ، مەيلى سىز قانچىلىك ئالاھىدە بولۇڭ ، مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ يىگىتى بار ، ئەمدى ماڭا جىنىم - پىنىم دىگەن گەپنى قىلماڭ.
شۇنداق دىگىنىچە رائىلە غالىپنىڭ چۈشەندۈرۈشىگىمۇ قۇلاق سالماي چىقىپ كەتتى .

ياتاقتا ، يەنە شۇ غالىپ ئۆزى يالغۇز قالدى . بۇ قانداق بوپ كەتكىنى ؟ ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بۇ ئشلارنىڭ قانداق بوپ كەتكەنلىكىنى بىلمىسەم ، رائىلەنىڭ مۇنداق ئاچچىقلىنىپ كىتىشىنىڭ ئورنى بارمۇ ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ ، جىنىم دىگەن بىر ئېغىز گەپكە ئۇنچىلىك ئاچچىقلىنىپ كەتمىسە بولار ئىدى ؟
بىراق ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىز ھېلىقى چۈشى كىلىپ قالدى . توغرا ھېلىقى بوۋاي ئۇنىڭغا ئۆز - ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۈگۈتۈپ قويغاندەك قىلغان ، شۇنى سىناپ باقسا بولمامدۇ ؟
بىراق ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ بەدىنىنىڭ بىرەر كىسەل بار جايىنى تاپالمىدى . ئەستا ، قانداق قىلسام بولار ؟ يا بىر كىسەل بولىمەن دەپلا كىسەل بولغىلى بولمىسا ، دەپ ئويلىدى ئۇ . توغرا ، قولىدىن ئازراق يەرنى كىسىپلا بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقسا بولمامدۇ ؟ ئۇ چاغدا ئۇ بۇ ئىشنىڭ راسىت ياكى يالغانلىقىنى ئايرىيالىغان بولاتتى .
شۇنداق قىلىپ ئۇ قولىنىڭ ئۇچىدىن ئازراق يەرنى ئالما ئاقلاشقا ئالغان پىچىقى بىلەن ئازراق كىسىپ باقتى . ئاغرىقىغا چىداپ تۇرۇپ كىسىپ باقتى ، قولى كىسىلىپ قان چىققاندىن كىيىن ، ھېلىقى بوۋاي چۈشىدە ئۈگەتكەن ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى داۋالاپ باقتى .
داۋالاپ باقتىيۇ ، ئۆزىنىڭ ساق ياكى ساق ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالدى . چۈنكى ئۇنىڭ قولىنىڭ كىسىلگەن جايى ھىچقانداق تارتۇق قالمايلا ساقىيىپ كەتتى .
توۋا بۇ زادى نېمە ئىش ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kell تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 07:05 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-25 06:28 PM):
بەشىنجى باب   ئامرىكىغا بارمايمەنبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدى

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-23 05:38 AM):
????????? : ????? ???????? ??????? . ???? ????? ????????? ??? ??????? ?????? ???????? . ????? ??? ?????? ????? ????? ????? ??????? ???????? . ?????????? ?????? ?????? .

1- ???  ??? ????? ?????

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 09:40:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4-باپ دەپ ئەسكەرتىش بېرىلىپتۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ئىلگىرىكى قىسىملىرى نەدە بولغىيتى دەپ قالدىم.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 10:12:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست بۇ رومانمۇ ھېكايىمۇ؟ ئۇنىڭ ئىلگىركى قىسىملىرى نەدە؟

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105360
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2014-3-27
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 10:28:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، دەسلەپتە بىرىنچى باب يوللانغاندا ئانچە قىزىقمىغان ئەمدى قىزىقتۇرۇپ قويدىڭىز ،
بولسا يوقاپ كەتمەي ئاخىرىنىمۇ يوللىۋىتەرسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105570
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2014-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 10:38:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان يوللارسىز ئەمدى، ئەجەپ قىزىقىپ قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 10:38:00 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىغىپ چۇغلاپ پۈتكەندە بىراقلا يوللىساڭلا بولمامدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99125
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2013-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 12:24:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ياخشى يېزىپسىز  1-بابتىن باشقا ھەممىنى ئوقۇدۇم ياخشى  چىقىپتۇ ، داۋاملىق يېزىڭ

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 12:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 12:51:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 02:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار ، خاپا بولۇشماي ، ماۋۇ تېمىلىرىمنى بىر يەرگە تەھرىرلەپ قويساڭلار ، ئاخىرىنى داۋاملىق بىر تېمىنىڭ ئاخىرغىلا يوللاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش