قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 04:59 PM 
بۇنى قانداق چۈشۈنىمىز ئەمسە؟
كېتىۋاتقان ۋېلىسىپىت چاقىنىڭ يۇقىرىقى يېرىمى تۆۋەنكى يېرىمىدىن تېزرەك چۆگىلەيدۇ .
يۇقۇرقى مىسالنى سىز قايتا تەھلىلى قىلىڭ . ۋەلىسپىت چاقىنىڭ يۇقۇرقى قىسمى تۆۋەنكى قىسمىغا قارىغاندا تىز ھەرىكەت قىلىدۇ دەيمىز . بۇ بىر دەۋىر ئىچىدىكى ھەرىكەت . تىز چۆرگىلەيدۇ دىگەن گەپ خاتا .
ۋەلىسپىت تەكشى ھەرىكەتتە ئالغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقاندا ئايلىنىۋاتقان چاقنىڭ ئۈستىگە بىر بەلگە قۇيۇڭ . بۇ بەلگە يۇقۇرقى ئۇرۇنغا كەلگەندە ، ھەم شۇ پەيتتە ئالدىغا قاراپ ۋەلىسپىت تىزلىكتىن ئىككى ھەسسە يۇقۇرى بولغان سۈرئەت بىلەن ئۈتۈپ كىتىدۇ . ئايلىنىپ يەرگە تەگكەندە شۇ يەردىن ۋەلىسپىتنىڭ تىزلىكىدە قارشى يۆلىنىشكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ . چاقنىڭ ئۇقىنى ۋەلىسپىتكە ۋەكىل قىلىپ بەلگىلىۋالغان شۇ نوقتىنى رەھلىل قىلساق ، ئوقنىڭ ئۈستىنكى قىسمدىكى نوقتىنىڭ تىزلىكى بىلەن يەرگە تىگىپ قارشى يۆلىنىشكە ئۆتكەن چاغدىكى تىزلىك پەرقى ئەڭ چوڭ بۇلىدۇ . ئوقنىڭ ئالدى تەرىپى بىلەن ئارقا تەرىپىدىكى نوقتىنىڭ تىزلىك پەرقى نۆل بۇلىدۇ . بۇ يەردىكى نوقتىنىڭ تىزلىكى ۋەلىسپىتنىڭ يولىغا نىسبەتەن پەيتلىك تىزلىك .