|
|
|
|
قېنى كىم ھىساپلاپ باقىدۇ؟
قاسىم سىدىق
«مىسرانىم» مۇنبىرىدە «فىزىك»ئەپەندىم مەن يوللىغان « ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش»ماۋزۇلۇق تېما ئاستىغا تۆۋەندىكى ئىنكاسنى يوللىغان:
مەن بۇنى يوللاپ قوياي ، سىزنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىڭىزغا ئوخشاپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ :
سۈرئەت قاتلىنىش :
كېتىۋاتقان ۋېلىسىپىت چاقىنىڭ يۇقىرىقى يېرىمى تۆۋەنكى يېرىمىدىن تېزرەك چۆگىلەيدۇ ، چۈنكى ۋېلىسىپىتنىڭ ھەركەت يۆلىنىشى ئۈستۈنكى قىسىمىنىڭ ھەركەت يۆلىنىشى بىلەن بىردەك ، ئاستىنقى قىسىمىنىڭكى بىلەن بولسا قارشى يۆلىنىشتە . مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئاساسەن يەرشارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىشى كېچىگە قارىغاندا كۈندۈزى تېز بولىدۇ .
مەنبەسى : تەبئىي پەن ئاساسلىرى
ئىنكاس مەنبەسى:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107141-3-1.htm
_________________
دەل شۇنداق!.
يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى،ئوربىتا تىزلىكى،ئىككى يېرىم شارنىڭ ئوربىتا تىزلىكىدىكى پەرقى قاتارلىقلارنى ھىساپلاش ئارقىلىق 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلىنى چىقىرىۋالغىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
يەر شارى
يەر شارىنىڭ ئوربىتا تىزلىكى: 3000مىتىر سىكونىت.
يەر شارى ئېكىۋاتۇرىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش سىزىقلىق تىزلىكى: 465مىتىر سىكونىت.
بۇ ھالدا،يەر شارىنىڭ ئوڭ يېرىم شارى ئوربىتىدا 3000كىلومىتىر سىكونىت تىزلىك بىلەن ھەركەت قىلسىمۇ،لىكىن ،سول يېرىم شارىنىمۇ ئوخشاش تىزلىك بىلەن ھەركەت قىلىدۇ دەپ قاراشقا بولمايدۇ.سول يېرىم شارنىڭ تىزلىكى ئوڭ يېرىم شارنىڭ تىزلىكىدىن كىچىك.لىكىن بىر پۈتۈن شارنىڭ ئۇزىنىڭ ئايلىنىش تىزلىكى_ بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى مۇقىم.مۇبادا ئىككى يېرىم شاردا سىزىقلىق تىزلىكتە مۇشۇنداق پەرىق بولمىسا ئو ھالدا يەر شارى ئوربىتا ھەركىتى جەريانىدا ئۇقىدا ئايلانماسلىغى كېرەك.
خوش،بۇ ئىككى يېرىم شارنىڭ ئوربىتىدىكى تىزلىك پەرقى زادى قانچىلىك،سول يېرىم شارنىڭ تىزلىكى ئوڭ يېرىم شارنىڭ تىزلىكىدىن زادى قانچىلىك كىچىك ،قېنى كىم ھىساپلاپ باقىدۇ؟.
2014.5.14
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-14 07:51 PM
|
|
|
|
|
|