tohuwaz يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 12:15 AM 
قۇساق ئاچقاندا بىر نانغا تەڭ بولمايدۇ بۇ تاش..
قېرىنداشلارغا مەلۇم بولسۇنكى،بازار ئىگىلىكى ئۆزىدىكى تەبىئى قانۇنىيەت بويىچە ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ.بازاردىكى باھانى تەمىنلەش،ئېھتىياج مۇناسىۋىتى ،شۇ تاۋارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش تەنەرقى،سۈپىتى.....قاتارلىقلار بەلگۈلەيدۇ.سانى ئاز ،ئۆزى ئىسىل ،مەدەنىيەت قاتلىمى چۇڭقۇر بولغان تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۈسۈپ كېتىشى بازاردىكى تەبىئى قانۇنىيەتتۇر.......
ئۆزىمىزنىڭ بىرقانچە يىللىق خوتەن قاش تىجارىتى ئەمەلىيىتى ۋە بازاردىكى ئەمەلىي رىئاللىققا بىرلەشتۈرۈپ خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۈسۈپ كېتىش سەۋەپلىرى ئۈستىدە تۆۋەندىكىچە يۈزەكى قارىشىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتىمىز.
1.خوتەن زىرە قاشلىرىنىڭ سانى تۈگەش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان بولۇپ،ناھايىتى قىس.مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا زىرە قاشلار ئاساسەن تۈگەش ھالىتىدە تۇرماقتا.
2.زىرە قاشلارنى قېزىش ئىنتايىن قىيىن.قېزىش تەنەرخى يۇقىرى.قاش كانلارنى نەچچە مىڭ يىللىق قېزىش نەتىجىسىدە قاشتېشى قېزىش قىيىن بولغان كانلارلا ئېشىپ قالغان.(ئاساسەن نەچچە مىڭ مېتىرلىق ئېگىزلىكتە تاغ چوققىلىرىدا بولغاچقا يول يوق،خەتەرلىك)
3.خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىشلىنىش دائىرىسى ئۈزلىكسىز كۆپەيمەكتە.بۇرۇن پادىشاھ جەمەتى ،بايلار ئىشلەتكەن بولسا ھازىر ئاۋام خەلق ئىشلتىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
4.خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان سەنئەت بۇيۇملىرى ئىنتايىن جەزبىدار بولغاچقا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ.
5.خوتەن قاشلىرى تېپىلغۇسىز گۆھەر بولۇپ ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق.خوتەن قاشلىرى قاشتېشى ئائىلىسىنىڭ پادىشاھى ھېسابلىنىدۇ.
6.خوتەن قاشلىرىدا مەدەنىيەت قاتلىمى ناھايىتى چوڭقۇر.نەچچە مىڭ يىللىق ئىشلىتىلىش جەريانىدا ناھايىتى كۈچلۈك قاشتېشى مەدەنىيەت چۆكمىسى شەكىللەنگەن.
7.كۈچلۈك ھۇزۇرلۇنۇش خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ ھۈنەر-كەسپ،سەنئەت يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشكەن،گۈزەللىك تۇيغۇسى كۈچلۈك.
8.ساقلاشقا قۇلايلىق.خوتەن قاشلىرىنىڭ ھەجىمى كىچىك.ساقلاش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىمايدۇ،بۇزۇلمايدۇ.تېمپۇراتىرىنىڭ ،تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.كونىراپ قالمايدۇ.
9.سوۋغات قىلىشقا قۇلاي.ناھايىتى يۈز-ئابرۇيلۇق سوۋغا ھېسابلىنىدۇ.ئېسىل سۈپەت بولۇپ مەدەنىيەتكە ،يۈز ئابرۇيغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
10.پەرق ئېتىش ئاسان.يىغىپ ساقلاشقا قۇلاي.مەبلەغ سېلىش خىيىم-خەتىرى يوق.ئۆزىڭىز بىلمىسىڭىز مەخسۇس قاشتېشى سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا مۇۋاپىق ھەق تۆلەپ سۈپىتىنى تەكشۈرتسىڭىزلا بولىدۇ.
11.قولدىن چىقىرىش ئاسان.بانكىغا رەنىگە قۇيۇپ قەرز ئېلىشقا بولىدۇ.ئۈرۈمچىدە ھازىر ئىككى بانكا مەزكۇر كەسىپنى يولغا قويدى.دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھەر پەسىلدە بىر قېتىم بازار باھاسىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.
12.كۈچلۈك يىغىپ-ساقلاش قۇشۇنى شەكىللەنگەن.زور مەبلەغ بىلەن يىغىپ ساقلاۋاتقانلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە.چۈنكى خوتەن قاشلىرى قايتا پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق بولغان ،پەقەت دىيارىمىزىدىنلا چىقىدىغان ئىنتايىن تېز قىممىتى ئېشىۋاتقان بىباھا گۆھەر.مۇناسىۋەتلىك ئورينلارنىڭ ئىستاستىكىسىغا قارىغاندا 80-يىلىدىن ھازىرغىچە خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى بىر مىڭ ئىككى يۈز ھەسسە ئۆرلىگەن ھەم ھازىرمۇ ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىماقتا.
13.خوتەن قاشلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن بەش پەزىلەت
和田玉五德
جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى داڭلىق ئۆلىماسى كۇڭزى خوتەن قاشلىرىدا ئون بىر تۈرلۈك پەزىلەت بار دەپ قارىغان.ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر توققۇز تۈرلۈك پەزىلەت بار دەپ قارىغان.ئۇزۇن يىللىق تارىخ تەرەققىيات جەريانىدا خوتەن قاشلىرىغا بەش تۈرلۈك پەزىلەت مۇجەسسەملەنگەن دېگەن يەكۈن چىقىرىلغان ھەم كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا،ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن .خوتەن قاشلىرىنى ساقلىغانلار،ئاسقانلار ئۆزىدە خوتەن قاشلىرىدىكى بەش تۈرلۈك پەزىلەتنى يىتۈشتۈرۈشكە تىرىشقان ۋە خوتەن قاشلىرىنىڭ سېھىرلىك پەزىلەتلىرىنى ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ئۈلگە قىلغان بۇلۇپ،بۇ بەش تۈرلۈك پەزىلەت تۆۋەندىكىچە:
1.مېھرىبانلىق 仁
خوتەن قاشلىرىدىكى جۇلا،ئەۋرىشىملىك--------ئىنسانلاردا بۇلۇشقا تېگىشلىك مېھرىبانلىققا سىمۋول قىلىنغان.
2.ئەخلاق-پەزىلەت 义
خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىچى-تېشىنىڭ ئوخشاشلىقى،سۈپىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىكى-------ئىنسانلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتكە سىمۋول قىلىنغان.
3.ئەقىل-پاراسەت 智
خوتەن قاشلىرىدىكى ئىنتايىن ئىنچىكە تەگ (يۇقۇرى زىچلىق )ۋە قاشلاردىن چىقىدىغان يېقىملىق ئاۋاز -------ئىنسانلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك ئەقىل-پاراسەتكە سىمۋول قىلىنغان.
4.جاسارەت 勇
خوتەن قاشلىرىنىڭ قاتتىقلىقى،ئېلاستىكىلىقى،ئىگىلمەي سۇنۇشتەك ئالاھىدىلىكى---------ئىنسانلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك جاسارەتكە سىمۋول قىلىنغان.
5.پاكلىق 洁
خوتەن قاشلىرىدىكى سۈزۈكلۈك،يۇرۇقلۇق،ساپلىق---------ئىنسان ۋۇجۇدىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك پاكلىققا سىمۋول قىلىنغان.
ئىسىل مەدەنىيەت -دۆلەت،مىللەت ئايرىمايدۇ.خوتەن قاشلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن بەش پەزىلەتنى بىز خوتەن قاشگەرلىرى،قاش زىننەت بۇيۇمى ئىشلەتكۈچىلەر،توغرىسى كەڭ خەلقىمىز چىن مەنىسىدىن ئۆگىنىشى كېرەكمۇ-قانداق؟..........
كام قالغان يەرلىرى بولسا قاشگەرلەرنىڭ ۋە كەسپ ئەھرىلىرىنىڭ ئەمىلىيەتنى ئاساس قىلغان ئەھۋالدا كۆرسەتمە بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى