|
|
|
|
بىر يېرىم مىليونغا سېتىلغان 59 گىرام خوتەن زىرە قاش
ئالدىنقى يىلى بېيجىڭ خەلقئارا جاۋاھىرات (ئۈنچە-مەرۋايىت،قاشتېشى) كۆرگەزمىسىدە ‹شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمە مەركىزى› كۆرگەزمىگە قويغان يۇقارقى سۈرەتتىكى 59 گىرام خوتەن زىرە قاش ھەر گرامى 25400 يۈەن ھېسابىدا بىر مىليون بەش يۈز مىڭ يۈەنگە سىتىلىپ كۆرگەزمىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
سودىدىن كېيىن شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمە مەركىزى ‹‹ 200 گىرامدىن تۆۋەن يىغىپ ساقلاش دەرىجىسىدىكى ئالىي دەرىجىلىك خوتەن ئاق زىرە قاشلىرىنىڭ <顶级收藏和田白玉子料> ھەر بىر گىرامىنىڭ باھاسى 20000 مىڭ يۈئەندىن 30000 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ ›› دېگەن يىتەكچى باھانى ئوتتۇرغا قويدى.
ھازىرقى بازاردا يۇقارقى ئۆلچەمگە چۈشىدىغان خوتەن ئاق زىرە قاشلىرىنىڭ سودىسى مۇشۇ يىتەكچى باھا ئاساسىدا بولىۋاتىدۇ.
مەنبە:‹‹新疆和田玉(白玉)子料分等定级标准及图列 ›› ناملىق كىتاب 44-45-بەت
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابلىكىم ئاۋۇت جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 06:46 PM
|
|
|
|
|
|