ئۈچىنچى قىسىم ھاياتلىق ۋە خىمىيە بۇغرام چىڭخۇا ئۈنۋېرسىتى، بېيجىڭ (buhram2000@163.com) ھەرقانداق بىر جانلىقنىڭ تىنى مۇئەييەن خىل ۋە مىقداردىكى خىمىيىلك تەركىبلەرنىڭ ئىنتاين زىچ ۋە مۇرەككەپ باغلىنىشدىن تۈزۈلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا جانىلىق تىنى ئۆز نۆۋىتىدە بىرمۇرەككەپ بولغان خىمىيىلك بىركمىدىن ئىبارەت. شۇڭا جانلىقنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋال ئۇنىڭ ماددى ئاساسى بولغان خىمىيىلك تەركىبلەرنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بىز ئالدىنقى پارچىمىزدا جانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇرق. بۇ پارچىدا بولسا ئاشۇ جانلىقلار ھاياتىنىڭ ماددى ئاساسى بولغان خىمىيىلىك تۈزۈلۈشلەر توغرىسىدا توختىلىمىز. رەسمى مەزمۇنغا ئۆتۈشتىن ئاۋال بىز بىر ئاز مۇناسىۋەتلىك خىمىيىلىك ئاساسى چۈشەنچىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ماددىنى تەشكىل قىلغۇچى بىرلىك ئاتومدىن باشلايمىز. 1. ھەممە نەرسە ئاتومدىن تۈزۈلگەن سىز بەلكىم ئىشتىن ئۆيىڭىزدە ئىشتىياق تىلۋۇرزۇر كورۈۋاتقاندا بىرىلگەن ئېلاندىنXXX مەھسۇلات ئادەم بەدىنىدىكى تۆمۈر، كالىتسىي ... قاتارلىق ئېلمىنىتلارنى تولۇقلايدۇ دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن. سىز تېلۋۇزۇر ئېلانىدىن ئاڭلىغىنىڭىزدەك ئادەم بەدىنىدە ھەقىقەتەن كۆپ خىل ئىلمىنىتلار بار (1- رەسىمگە قاراڭ).
ئۇنداقتا ئېلمىنت دىگەن نېمە؟ قىسقىچە قىلىپ چۈشەندۈرگەندە، ئېلمىنىت دىگىنىمىز خىمىيلىك تەركىبكە قايتا پارچىلاشقا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، ئوخشاش يادىرو زەرەت سانىغا ئىگە ئاتوملارنىڭ يىغىندىسىدۇر. بۇنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز. ئالتۇن بىلەن كۈمۈش ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق مىتالدۇر. سىز بىرپارچە ئالتۇننى ياكى بىر تال كۈمۈش تەڭگىنى مەيلى قانچە پارچىگە كىسىپ پارچىلىۋىتىڭ ھەر بىر پارچىسىنىڭ خۇسۇسىيتى ئوپمۇ – ئوخشاش بولىدۇ(2- رەسىمگەقاراڭ). بۇ يەردىكى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش (ئەلۋەتتە ساپ ھالەتتىكى) ئىككى خىل ئېلمىنىتتۇر. ئەمدى بۇ يەردە ئاتومدىن ئىبارەت يەنە بىر يېڭى ئۇقۇم ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمدى بىز ئاتوم دىگەن قانداق نەرسە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا قاراپ باقايلى.
ئاتوم گىرىچە سۆز بولۇپ، كۆرۈنمەيدىغان دىگەن مەنىلەرگە ئىگە. ئاتومنى ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكا ساھەسىدە كۆپنىچە مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ، يەنى ئاساسى خۇسۇسىيتىنى ئۆزگەرتىمەي تۇرۇپ، خىمىيىلىك جەھەتتىن قايتا پارچىلاشقا بولمايدىغان، ئېلمىنىتنى تۈزگۈچى ئاساسى زەرىچە ئاتوم دىيىلىدۇ. بىر دانە ئاتوم مۇسبەت زەرەتلىك ئاتوم يادىروسى ۋە مەنپى زەرەتلىك يادروسىرتىدىكى ئېلىكتىروندىن تۈزۈلىدۇ. ئاتوم يادىروسىدا مۇسبەت زەرەتلىك پىروتون ۋەزەرەتسىز نىيتىروندىن ئىبارەت ئىككى خىل زەرىچە بار. (3- رەسىمگە قاراڭ). ھەر بىر خىل ئېلمىنىت ئوخشىمىغان ئاتوم تۈزۈلىشىگە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. قىسقىسى ئېلمىنىت ئاتومدىن تۈزۈلىدۇ.
2. ئاتوملار بىرىكىپ مولكۇلا ھاسىل قىلىدۇ سىز تاماق يىگەندە سىزدە ھەركەتلىرىڭىز ئۈچۈن كىتىدىغان ئېنىرگىيە پەيدابولىدۇ. بۇ ئېنىرگىيە تېگى تەكتىدىن ئالغاندا قوياشتىن كەلگەن بولۇپ، يىشىل ئۆسۈملۈكلەر تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ تىنىدە ساقلىنىدۇ. بىز مۇشۇ ئۆسۈملۈكلەرنى (مەسلەن كۆكتاتلارنى) ياكى ئۆسۈملۈك يەيدىغان ھايۋانلارنى ئىستىمال قىلغاندا بىزنىڭ بەدىنىمىز ئاشۇ ئۆسۈملۈكلەر تىنىدە ساقلانغان ئېنىرگىينى قۇبۇل قىلىدۇ. لىكىن قوياشتىن كەلگەن بۇ ئېنىرگىيە ئۆسۈملۈك تنىدە قانداق ساقلىنىدۇ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب بىرىشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش زۆرۈر. يەنى ھەر خىل ئاتوملار تارتىش كۈچىنىڭ تەسرىدە بىر – بىرىگە يېقىنلىشىپ تۇراقلىق بولغان بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. مەسلەن ئىككى دانە ھىدروگىن ئاتومى بىلەنبىر دانە ئوكسىگىن ئاتومى ئۆز ئارا تارتىشىش ئارقىلىق مۇقۇم بولغان بىر گەۋدىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل گەۋدە بىز ھاياتلىقنىڭ ئاساسى دەپ بىلىدىغان سۇ مولكۇلىسىدىن ئىبارەت (4- رەسىم).
مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئىككى دانە ھىدروگىن ئاتومى بىلەن بىر دانە ئوكسىگىن ئاتومى بىرىكىپ بىر دانە سۇ مولكۇلىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتە سۇ مولكۇلىسى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئىنسان كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولمايدىۇ. شۇڭا مىليونلىغان سۇ مولكۇلىسىنى بىر يەرگە يىغساق بىز كۆرەلىگۈدەك سۇپەيدا بولىدۇ. بىر لىتىر ساپ سۇنىڭ تەركىبىدە 3.3428×1025 دانە سۇ مولكۇلىسى بار بولىدۇ. بۇنىڭدىكى خۇلاسە شۇكى ئاتوملار بىرىكىپ مولكۇلا ھاسىل قىلىدۇ. مولكولا دىگەن ئاتالغۇنى سىز بەلكىم يەنە شۇ تېلۋوزۇردابىرىلدىغان دور ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىلانلىرىدىن ئاڭلىغان بولىشىڭىزمۇمكىن. مەسلەن ، قەنت مولكۇلىسى، ئاقسىل مولكۇلىسى ۋەھاكازالار. ئادەم بەدىنىدە نۇرغۇنلىغان ئوخشاش بولمىغان مولكۇلىلار بولۇپ، زادى نەچچە خىل مولكولا بار بولۇپ، بۇلارنى ساناپ چىقىش ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسى قىلالمايدىغان بىر ئىشتۇر. ئاتوملارئارسىدىكى مۇنداق بىرىكىش ئادەتتە خىمىيىلىك باغ دەپ ئاتىلىدۇ. مەسلەن بىر دانە سۇ مولكۇلىسىدىكى بىر ئوكسىگىن بىلەن ئىككى ھىدروگىن ئاتومى ئارسىدا ئىككى دانە باغ مەۋجۇت. ئەمدى بايىقى سۇئالغا جاۋابى شۇكى، قوياشتىن كەلگەن ئېنىرگيە ئۆسۈملۈك تىنىدىكى ئېنىرگىيە ساقلاش فونكىسىيسىگە ئىگە مولكۇلىنىڭ تەركىبىدىكى ئاتوملار ئارسىدىكى باغ( تۇتىشىش ) دا ساقلىنىدۇ. خىمىيىلىك باغلارنىڭ تۈرىمۇ كۆپ خىل بولۇپ، بۇيەردە تەپسىلى توختالمايمىز. ئوخشىمىغان خمىيىلىك باغلاردا ساقلانغان ئېنىرگىيە ئوخشاش بولمايدۇ. بىز ئىستىمال قىلىدىغان ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانات تىنىدىكى بىرقىسىم مولكولىلار تىنىمىزگە كىرگەندىن كىين ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم باغلار مۇئەييەن شارائىتتا ئۈزۈلۈپ، مۇشۇ باغدا ساقلانغان ئىنىرگيە قويۇپ بىرلىدۇ. ئاندىنبىزنىڭ تىنىمىزدىكى بىر قىسىم مولكولىلار قۇيۇپ بىرىلگەن ئىېنىرگىيەنى قۇبۇل قىلىپ بەدىنىمىز لازىم بولغان ئېنىرگىيەنى تەمىن ئىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ جەريانلار ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بۇ يەردە قىسقا ۋە ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرۈلدى. بىز يۇقىرىدا ئاتوم ، ئېلمىنىت، مولكۇلا قاتارلىق بىر قاتار ئۇقۇملار بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. بۇلار تەبىئەت دۇنياسىدىكىماددىنى تەشكىل قىلغۇچى بىرلىكلەردۇ. ئەمدى بۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەت تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ(5- رەسىم) .
3. مولكۇلىنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى ئۇنىڭ خۇسۇسىيتىنى بەلگىلەيدۇ خلمۇ- خىل ئاتوملار بىرلىشىپ بىر دانە مولكولىنى ھاسل قىلدىغانلىقىنى بىلدۇق. مولكولا تەركىبىدىكى ئاتوملارنىڭ ئورۇنلىشىش شەكلى شۇ خىل مولكولىنى تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە قىلىدۇ. ئاتوملار مولكولىنىڭ ئىچدە بىر تۈز سىزىق ھالىتدەتىزىلىپ تۇرۇشى ياكى بىر تەكشىلىك ھالىتىدە تىزىلىشى ۋە ياكى بوشلۇقتىكى باشقا شەكىللەر ھالىتىدە تىزىلىپ تۇرشىمۇ مۇمكىن. ئاتوملارنىڭ مۇشۇنداق باغلىنىش شەكلى شۇ ئاتوملار تەشكىل قىلغان مولكولىنىڭ فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى بەلگىلەيدۇ. تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق بۇ نوقتىنەزەرنى يەنىمۇ ئېنىق شەرھىلەپ ئۆتىمىز. سىز بىر پارچە شاكىلاتنى ئاغزىڭىزغا سالسىڭىز كاللىڭىزدا دەرھال<تاتلىق> دىگەن بىر تۇيغۇ ھاسىل بولىدۇ. ئەمدى بىر پارچە تۇزنى تىلىڭىزغا تەگكۈزسىڭىز < توزلۇق > دىگەن تۇيغۇھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ ئەسلىدە ئادەمنىڭ تىلىدا ئوخشىمىغان تەملەرنى سەزگۈچى ماددىلار بار بولۇپ،ئۇلار ئاچچىق، تاتلىق دىگەنگە ئوخشاش سىگناللارنى پەرىق قىلالايدۇ. شاكىلات تەركىبىدىكى گلكوزا (بىر خىل قەنت ) مولكولىسى تاتلىق تەمنى سەزگۈچى مولكولا بىلەنبىركىپ چوڭ مىڭىدە تۇيغۇ پەيداقىلىدۇ. بىز يىگەن يىمەكلىكنىڭ قانچىلىك تاتلىق بولىشى ئۇنڭىدىكى بىر قىسم مولكولىلار بىلەن تىلىمىزدىكى تاتلىق تەمنىسەزگۈچى مولكولىنىڭ قانداق باغلىنىشىغا باغلىق. باغلىنىش شەكلى شۇ خىل يىمەكلىكتىكى مولكولىنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىگە باغلىق.مەسلەن، گىلكوزا مولكولىسىنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى بىلەن يۇقىردا تىلغا ئالغان سەزگۈچى مولكولىنىڭ باغلىنىشغا ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، دەرھال بىرىكەلەيدۇ ۋە تاتلىق سىزىم پەيدا قىلىدۇ. خۇلاسە قىلغاندا مولكۇلىنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى ئۇنىڭ خۇسۇسىيتىنى بەلگىلەيدۇ
ئاتالغۇلار:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: o# `* e" S% A7 `$ ^بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 R, o2 Q5 b7 T4 p0 d
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# d1 Z5 G* B- A& y# V6 n8 bبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; A7 X) C0 b, F6 R9 }
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 11:02 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! a. @ w7 L G# o* ?5 v. r) k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 h6 W J4 H3 Y
|