ئىككىنچى قىسىم ھاياتلىق ھەققىدە دەسلەپكى تونۇش بۇغرام چىڭخۇا ئۈنۋېرسىتى، بېيجىڭ (buhram2000@163.com) ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! بۇ پارچىمىزدىكى ئاساسى تىما ھاياتلىق ئۈستىدە بولۇپ، ھاياتلىق دىگەنئۇقۇمنى ئىلمى نوقتىدا تۇرۇپ قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتىمىز. شۇنسى ئېنىق بولسۇنكى بۇيەردە بىز كۆزدە تۇتىۋاتقان ئىلميىلىك تەبئەت پەنلىرى خاراكتىرىنى ئالغان بىرقاتار ئۇسۇل ۋە ئىدىينى كۆرسىتىدۇ. خوش،ئۇنداقتا ھاياتلىق دىگەن زادى نېمە؟ بىز بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىشتىن بۇرۇن ئاۋال تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا قاراپ باقايلى. بىز ئىنسانلاريەر شارىدا جانلىق سۈپىتدە ياشايمىز. بىزدىن باشقا يەنە تۈرلۈك-تۈمەن خىل جانلىقلار يەر شارىنىڭ ئوخشىمغان جايلىرىدا ياشايدۇ. مەسلەن كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيدىغان يشىل ئۆسۈملۈكلەردىن تارتىپ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مىكرو جانلىقلارغىچە، سۇداياشايدىغان بېلىقلاردىن تارتىپ كۆكتە ئۇچىدىغان قۇشلارغىچە ھەممىسى جانلىقتۇر(1-رەسىمگە قاراڭ).
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر نۇرغۇنلىغان جانلىقلار بىلەن ئۇچىرىشپ تۇرىمىز ۋە ئۇلار بىلەن خىلمۇ-خىل مۇناسىۋەت شەكلى ۋە دائىرىسىدە بولۇپ ياشايمىز. بەزى جانلىقلارنى ئىستىمال قىلىمىز. مەسلەن: تاۋۇزنى يەپ ئۇسسۇزلۇقىمىزنى باسىمىز، تاۋۇزمۇ بىر جانلىق. بەزى جانلىقلارنىڭ مەلۇم خىل خۇسۇسىيتىدىن مەخسەتلىك پايدىلىنىپ مەلۇم خىل ئارزۇيىمىزنى قاندۇرالايمىز. مەسلەن: ئاتنى مىنىپ بىرەر جايغا بارىمىز ياكى شۇنڭىدىن كۆڭلىمىزنى ئاچىمىز. ئاتمۇ بىر جانلىق. بەزىدە باشقا جانلىقلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قۇلايسىزلىق ھەتتا ھاياتىمىزغا تەھدىد ئېلىپ كىلىدۇ. مەسلەن، بىر قىسىم تىرە كسەللىكلىرنىمۇ ئىنسان كۆزى كۆرەلمەيدىغان مىكرو ئورگانىزىملار (جانلىقلار) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ،بىزنى ئازاپلىىشى مۇمكىن ۋەھاكازالار(2- رەسىمگە قاراڭ).
يۇقاردا بىز جانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ بىز ئىنسانلاربىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئاددى مىساللار ئارقىلىق كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئەمەلىيەت بۇنىڭىدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىلللىقا تولغان بولىدۇ. ئەمدى بايىقى ھاياتلىق دىگەن نېمە دىگەن سۇئالغا قايتىپ كىلەيلى. ھازىرقى زامان تەبئەت پەنلىرى ساھەسىدەھاياتلىق دىگەن ئۇقۇمغا تەبىر بىرىش ناھايىتى قىين بىر مەسلە ھېسابلىنىدۇ. لىكىن بۇ يەردە بىز بىرقەدەر ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشكەن بىر خىل تەبىر بويچە ھاياتلىق ئۇقۇمىنى شەرھىيلەيمىز. يەنى ھاياتلىق دىگەن ماددىنىڭ ئالاھىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلىدۇر. مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا ھاياتلىق بىلەن جانسىز شەيئىلەر ئوتتۇرسىدامەلۇم جەھەتىتكى ماددى ئاساس ئورتاقلىقى مەۋجۇت. يەنە بىر تەكىتلەشكە تىگىشلىك بىرنوقتا شۇكى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ تۈپكى ئالاھدىكىلى بولسا ئۇنىڭىدا جانلىق بولىدۇ.مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ھاياتلىق جانلىقنى مەركەز قىلغان بولىدۇ. 1 . جانلىق ۋە ئۇنىڭ ئالاھدىلىكلىرى ھەمىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك يەر شارىدىن ئبارەت بۇ گۈزەل ۋە سىرلىق ماكان ھازىرغا قەدەرئىنسانلارنىڭ بىلىش دائىرىسى ئىچىدىكى جانلىقلارنىڭ ياشاشىغا ئەڭ ماس كىلىدىغان بىردىنبىر پىلانىتتۇر. ئۇنداقتا بىز يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا جانلىقدېگەن چۈشەنچە بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى. يۇقاردا مىساللار ئارقىلىق جانلىق توغرىسدا قىسقىچە ئۇچۇر بىرىپ ئۆتتۇق. بىراق بۇ مىساللار بىزنىڭ جانلىق دىگەن ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈشتە يىتەرلىك ئەمەس. ئۇنداقتا قانداق نەرسىنى جانلىق دەيمىز؟ ئۇنىڭ جانسىز بىلەن پەرقى نېمە؟ بەلكىم بەزىلەر ئات ھارۋىسنى مىسالغا ئېلىپ ھارۋا جانسىز بىراق ئات بولسا جانلىق دىيىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئات جانلىق بىراق ھارۋا جانسىز. لىكىن ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ئورتاق تەرىپى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ھەركەت قىلىدۇ. بىراق نىمە ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ بىرنى جانلىق بىرىنى جانسىز دەپ قارايمىز؟ ماھىيەتلىك پەرىق قەيەردە؟ يەنە بەزىلەر جېنى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى جانلىق دەپ قارىشى مۇمكىن. لىكىن بۇ بىر مۈجىمەل چۈشەنچە. ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمى نوقتىسىدىن ئالغاندا، جانلىق – مىتابولىزىم، كۆپىيىش، ۋە تەدرىجى تەرەققى قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان تەشكىللك ئىرسىي بىرلىكتۇر[1]. مانا بۇ بىرقەدەر ئىلمى ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان تەبىردۇر. تۆۋەندە بىز جانلىقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تەپسىلى تۇنۇشۇپ چىقىمىز. ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا بارلىق جانلىقلار مۇنداق بەش خىل ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە. يەنى تەرتىپ، ئىنكاسچانلىق، ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە ئەۋلادقالدۇرۇش، تەڭشىلىش ۋە تەڭپۇڭلۇقتۇر[2]. 1.1 تەرتىپ جانلىقلار دۇنياسىدا تەرتىپتىن ئىبارەت بىر خىل ئۆزگىچىلىك بار. بۇ يەردە دىيلىۋاتقان تەرتىپ جانلىقلارنىڭ ئورتاقلىققا ئىگە بولغان مەلۇم خىل تەرتىپنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تەرتىپ ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن جانلىقلارنىڭ تۈزۈلۈشنى ئوخشاش بولمىغان بۆلەك ۋە قاتلامغا بۆلۈپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىز بۇيەردە يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلاردا ئومۇملاشقان بىر خىل تۈزۈلۈش تەرتىپنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتىمىز. ئادەم بەدىنىنى مىسالغا ئالساق ئۇ مۇرەككەپ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشتىن ئاددى تۆۋەن دەرىجىلىك تۈزۈلۈشكە قاراپسېستىما(مەسلەن، ھەزىم قىلىش سېستىمىسى)، ئەزا(مەسلەن، ئاشقازان)، توقۇلما(مەسلەن،ئىپتىلىيە توقۇلمىسى)، ھۆجەيرە (مەسلەن، مۇسكۇل ھۆجەيرىسى) ۋە ئىككىلەمچى ھۆجەيرىلىك تۈزۈلۈش (مەسلەن، خوندروسوم قاتارلىق ھۆجەيرە ئاپپاراتلىرى ) قاتارلىق تۈزۈلۈش بىرلىكىلىدىن، يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ مولكۇلا (مەسلەن، ئاقسىل)، ئىلمىنىت (مەسلەن،ناتىرىي) ۋە ئاتوم قاتارلىق تۈزۈلۈشلەردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ(3- رەسىمگەقاراڭ). يۇقارقىدەك قاتلاملىق تۈزۈلۈش ئاددى فونكىسيلىك بىرلىكلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىدىن بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان فونكىسىيلىك بىرلىكنى تەشكىل قىلىدىغان بىر خىل تەرتپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يۇقارقى مىسالدىكى تەرتىپ پەقەت بىر يەككە جانلىق تىنىنىڭ تۈزۈلۈش قاتلىمدا ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. لىكىن جانلىقلار دۇنياسىدا جانلىقلار ئارا ۋە جانلىقلار بىلەن جانسىزلار ئارسىدىكى مۇناسۋەتتىمۇ مۇشۇنداق بىر خىل تەرتىپ ئەكىسنى تاپقان. مەسلەن، رىئال تۇرمۇشتا بىر قانچە ئادەم بىرئائىلىنى تەشكىل قىلىدۇ، بىر قانچە ئائىلە بىر ئىجتىمائى توپنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇئىنسانلار توپى ۋە باشقا ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە باشقا جانلىقلار بىرلىشىپ بىر ئىكولوگىيلىك سىستىمىغا ئىگە رايۇننى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ھاكازالار.
1.2 ئىنكاسچانلىق
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" f4 o8 X% C6 L: v0 a0 g, _جانلىقلاردىكى ئىنكاسچانلىق ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇلاردا سىرىتقى ۋە ئىچكى غىدىقلاشقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. جانلىقلارنىڭ بۇ خىل ئالاھدىكىلىنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن غىدىقلاش دىگەن بۇ ئاتالغۇنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. غىدىقلاش ئىككى جانلىق ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئاراتەسىرلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن، باكتىرىيە بىرخىل جانلىق. بەزى خىل باكىتىرىيەلەرئادەم بەدىنىنى غىدىقلىيالايدۇ (تەسىر قىلالايدۇ). جانسىزلار مەنبەلىك غىدىقلاش فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك غىدىقلاشنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن، تىرىڭىزنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇققا ئۇچىرىغاندا سىزدە بولىدىغان ئىنكاس. بۇ يەردىكى غىدىقلىغۇچى ئامىل تىمپىراتۇرا بولۇپ، جانسىزلار مەنبەلىك غىدىقلاشقا تەۋە. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, M! x8 ~. `4 I* |
مەيلى قايسى خىل غىدىقلاش بولسۇن جانلىقلار شۇ خىل غىدىقلاشقا قارىتابەلگلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىم (4- رەسىم) قارايدىغان بولسا شال مايسىسى قويۇقلۇقى ئوخشاش بولمىغان تۇز بىلەن سۇغۇرۇلغاندا ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈش ھالىتىنى ئىپادىلىگەن. مانا بۇ ئۆسۈملۈكلەردىكى ئوسموتىك(سۇيۇقلۇقنىڭ قويۇقلۇق پەرقى تەرىپىدىن شەككىللەنگەن بېسىم) بېسىمغا بولغان ئىنكاس قايتۇرىشىدۇر. شۇنى قەيىت قىلىپ ئۆتۈش لازىمكى ئوخشاش بىر خىل غىدىقلاش قائوخشىمىغان جانلىق ئوخشىمىغان شەكىل ۋە دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
1.3 ئۆسۈش ۋە يىتىلىش تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش بىزگە ناتونۇش ئۇقۇم ئەمەس. توغۇلۇش ۋە ئۆلۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ قانۇنىيەت پەقەت ئىنسانلارغىلا خاس بولغان بولماستىن بەلكى بارلىق جانلىقلارغا ئورتاق بولغان بىر خىل ئالاھىدىلىكتۇر. مەيلى قايسى خىل جانلىق بولسۇن توغۇلۇش، يىتىلىش ۋە ئۆلۈشتىن ئىبارەت بۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. مۇنداقچەقىلىپ ئېيىتقانداق ھەربىر جانلىق تىنىنىڭ ھاياتلىق پائالىيتى باشلىنىش، راۋاجلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن ئىبارەت باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. تۆۋەندە بىز چۈشىنىشكە ئاسانبولسۇن ئۈچۈن بۇ باسقۇچلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ يىتىلىش دەپ ئالىمىز. ئەمەلىيەتتە ھاياتلىق ئىلمىدىكى بۇ باسقۇچلارنى ئۇيغۇر تىلىدىكى يىتىلىش دىگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەش ئانچە مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن. ئاددى تىل بىلەن ئېيتىقاندا يىتىلىش بولساجانلىق ھاياتلىق پائالىيتىنىڭ راۋاجلىنىشى بولۇپ، جانلىقنىڭ ئۆز تىنىنى قۇرۇش،تەرەققى قىلدۇرۇش جەريانىدۇر. جانلىقلارنىڭ يىتىلىشى جەريانىدا نۇرغۇنلغان خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق ئۆزگۈرۈش جەريانى ئارقىلىق سىرتقى دۇنيا بىلەن ماددا ۋەئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ئۆز تىنىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ. مانا بۇ بىزدائىم ئۇچۇرتىدىغان مىتابولىزىم جەريانىدۇر. بىر تەشتەك گۈلنى مىسالغا ئالساق، بۇگۈل بىر تال ئۇرۇقتىن بىخلىنىپ چىقىشتىن ئېچىلىپ توزۇشقۇچە بولغان جەرياندا ئۈزلۈكسىز تۈردە مىتابولىزىم ئېلىپ بارىدۇ. تېخمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا بۇ بىر تەشتەك گۈل پۈتكۈل ھايات مۇساپىسىدە سۇ، تۇز ۋە شۇنىڭىدەك خىلمۇ- خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئۆزىنىڭ ھاياتى پائالىيتىنى ئېلىپ بارىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بۇ ئۆسۈملۈك مىتابولىزىم ئېىلىپ بارىدۇ.
1.4 كۆپىيىش كۆپىيىش جانلىقلارنىڭ ئەڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، جانلىقنىڭ ئۆز خىلى (ئوخشاش تۈر) دىكى جانلىقنى پەيدا قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنى مىسالغا ئالساق، ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىستىن ئادەمدىن ئىبارەت بۇ جانلىقنىڭ بىيولوگيلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئادەم (بالا ياكى ئەۋلاد) تۇغۇلىدۇ (6- رەسىم A غا قاراڭ). مانا بۇ ئادەمدىن ئىبارەت بۇ جانلىقنىڭ كۆپىيىش ئالاھىدىلىكىنڭ بولغانلىقىدىندۇر . جانلىقلارنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ كۆپىيىش شەكلىمۇ تۈرلۈك بولىدۇ. ئادەتتە جانلىقلار جىنىسلىق ۋە جىنىسسىز كۆپىيىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلىدە كۆپيىش پائالىيتىنى ئېلىپ بارىدۇ. جنىسلىق كۆپىيىش دىگىنىمىز ئىككى جىنستىن (ئەركەك ۋە چىشى) كەلگەن كۆپىيىش ھۆجەيرىسنىڭ مۇئەييەن شەكلىدە بىرىكىشى ئارقىلىق كىيىنكى ئەۋلادلارنى پەيدا قىلىدىغان كۆپىيىش شەكلىدۇر. ئادەملەرمۇشۇنداق شەكىلدە كۆپىيىدۇ. جنىسىسىز كۆپيىش بولسا ئىككى جىنسى ھۆجەيرىنىڭ بولىىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. بۇخىلدىكى كۆپىيىش ئۇسۇلىدا جانلىق تىنىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى تىنىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كىينكى ئەۋلاد پەيدا قىلىدىغان كۆپيىش شەكلىدۇر. نۇرغۇنلىغان مىكرو ئورگانىزىملارمۇشۇنداق ئۇسۇلدا كۆپيىدۇ (6- رەسىم B غا قاراڭ) . جانلىق مەيلى قايسى خىل شەكىلدە كۆپيىش پائالىيتىنى ئېلىپ بارسۇن، كۆپىيىشنىڭ مەخسىدى شۇ تۈردىكى جانلىقلارنىڭ سانىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، خىلمۇ – خىل جانلىقلار كۆپىيىش ئارقىلىق ئۆز تۈرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىدۇ.
1.5 تەڭشىلىش ۋە تەڭپۇڭلۇق تەڭشىلىش ۋە تەڭپۇڭلۇقتىن ئىبارەت بۇ خىل خۇسۇسىيەت ھەر بىر خىل جانلىقتا ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەر بىر جانلىقنىڭ مەيلى تەن ئىچىدىكى ھۆجەيرىلەرنىڭ ھەركىتى بولسۇن ياكى ئۇنىڭ بىر پۈتۈن جانلىق سۈپتىدىكى ھەركىتى بولسۇن نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىق مۇئەييەن شەكىلدە تەڭشلىپ تۇرىدۇ. مەسلەن ئىنسانلارنىڭ تاماق يىيىش ھەركىتى نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. بۇنىڭىدا بىزگە ئەڭ تۇنۇشلۇق مۇسكۇلنى ئالساق، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىمدىكى شۇ خىل ھەركەتكە قاتنىشىدىغان مۇسكۇللار چوڭ مىڭىنىڭكونتىروللۇقى ئاستىدا ئۆز ئارا ماسلىشىش ئارقىلىق شۇ خىل ھەركەتنى ۋۇجۇتقاچىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . يەنەمەسلەن، ئادەم بەدنىدىكى ئاشقازان ئاستى بەز ئارالچىسىدىن ئاجىرىلىپ چىقىدىغان ئىنسۇلىننىڭئاجىرىلىپ چىقىش سۈرئىتى ۋە مىقدارى قاندىكى قەنت(ئاساسلىقى گىلىكوزانى كۆرسىتىدۇ) نىڭ مىقدارى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يەنى بىرى(قان قەنتنىڭ مىقدارى) يەنە بىرسىنىڭ (ئىنسۇلىن) بارلىققا كىلىشىگە تەسىركۆرسىتىدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جانلىقلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتى ئەمەلىيەتتە يەككە يىگانە ئېلىپ بېرىلماستىن بەلكى ئوخشاش بولمىغان ئامىل ۋە شارائىتلارنىڭ بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئورتاق ھەمكارلىق ئاستىدا بارلىققا كىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان بۇجەريانلار ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، پەقەت چۈشىنىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئاددىيلاشتۇرۇپ مىسالغا ئېلىندى.
[/table] يۇقىردا بىز جانلىقلار ھاياتلىق پائالىيتىنىڭ نۇرغۇن ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىدە ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۈق. جانلىقلاردايەنە شۇخىل ئامىللارنىڭ بەلگىلىك مۇۋازىنەت (تۇرغۇنلۇق) ھالىتىنى ساقلايدىغان بىرئالاھىدىلىكى بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ھەر بىر ئامىلنىڭ مۇئەييەن بىر كىرىتىك ھالىتى بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ كىرتىك دائىرىدىن ھالقىپ كەتسە جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيتىدە نۇرمالسىزلىق كىلىپ چىقىدۇ. يۇقاردا بىز ئادەم بەدىنىدىكى ئىنسۇلىننىڭ ئاجىرىلىپ چىقىش سۈرئىتى ۋە مىقدارى قاندىكى قەنت مىقدارى تەرپىدىن بەلگىلىندۇ دەپ ئۆتتۈق. بىراق بۇ قاندىكى قەنت قانچە كۆپ بولسا ئىنسۇلىن شۇنچە جىق ئاجىرلىپ چىقىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئەكسچە بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. قاندىكى قەنت مىقدارىمۇ مۇئەييەن دائىرە ئىچىدە بولغاندا ئىنسۇلىنمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئاجىرىلىپ چىقىش ئارقىلىق ئادەم بەدنىنىڭ نۇرمال فىزولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق نىساقلايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن” دىئابىت “قاتارلىق كىسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# W6 \, ^: \9 \3 l4 T1 i$ h9 V
1.6ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشچانلىق جانلىقلاردا يەنە ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشچانلىقتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىك مەۋجۇت. بىز بۇ يەردە پەقەت ئاددىي چۈشەنچە بىرىش بىلەنلا كۇپايىلنىمىز. چۈنكى كىينكى مەزمۇنلاردا بۇ خىل ئالاھىدىلىك توغرىسىدا تەپسىلى ۋە سېستىمىلىق توختىلىمىز. ئىرسىيەت ئۇقۇمىنى چۈشىنىش ئانچە ئاسەن ئىش ئەمەس، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمى تەرەقىقياتىنىڭ تىزلىكى بىزنىڭ ئىرسىيەت چۈشەنچىمىزنى ھەر ۋاقىت يىڭىلاپ تۇرشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. لىكىن ئاددى قىلىپ ئېيتىقاندا ئىرسيەت دىگىنىمىز جانلىقنىڭ ئۆزىدىكى بىيولوگىيلىك ئالاھىدىلىكنى كىينكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا قوينىڭ كىينكى ئەۋلادىدا چاشقاننىڭكىگە ئوخشاش ئالاھىدىلىك كۆرۈلمەيدۇ، قويدىن پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش تۈردىكى جانلىق يەنى قوينى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ دىگەنلىكتۇر. تېخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئېيتىقاندا ئەجداتتىكى ئالاھىدىلىك ئەۋلادتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر بىر تۈر ئىگە بولغان گىنلار ۋە شۇگىنلارنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبنىڭ تەرتىپلىنىش ئەھۋالى شۇ تۈردە خاسلىققا ئىگەبولىدۇ. جانلىقلاردىكى ئىرسىيەت تۇراقلىق ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، ئىرسيەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاز – تولا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. يەنى ئەجدادتىكى ئالاھىدىلىكنىڭ ھەممىسى ئەۋلادتا پۈتۈنلەي كۆرۈلمەستىنن بەلكى ئازدرۇ – كۆپتۇر ئۆزگەرگەن ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ. مەسلەن، سىزنىڭ تەقى تۇرقىڭىز ۋە بوي بەستىڭىز ئاتا ئانىڭىزنىڭكىدىن پەرقىلىق بولىدۇ. بۇ دەل ئۆزگىرىشچانلىقىڭ سەۋەبىدىندۇر. جانلىقلاردىكى بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ ماھىيەتىلىك سەۋەبى نۇرغۇن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، كىينكى قىسىملارداتېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا بايان قىلىمىز. پايدىلانما مەنبەسى: [1] David E. Sadava,David M.Hillis, H.CraigHeller. Life: The Science ofBiology [K].[2] Peter H. Raven, George B. Johnson, Mariam A.Ghani, Salbiyasota Abdul Majid, Zuraidah Mohamed, Fariza Zakeriya, Tor SiongHoon. Biology for matriculation [K][3] http://www.deviantart.com/moreli ... /groups?view_mode=2[T]ئاتالغۇلار بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! p0 E' A- q$ Q7 C( x% C7 m$ Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" z; ~. K/ U9 i1 Dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 R5 H2 j7 Q, a3 k, t
[table=98%]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 w5 `7 w6 v% C
ئۇيغۇرچە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 q# s1 A4 q1 d$ v7 F* A8 I% O7 aئېنگىلىزچە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 w$ w, m. ^# U1 a( y# M- `- Nخەنچە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 R1 j+ G5 P1 eبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 a& [" D0 t# h+ Z l v
مىتابولىزىم Metabolism 新陈代谢 بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# A2 C7 A8 b1 {& t7 z: R; i
ئوسموتىك بېسىم Osmotic pressure 渗透压 بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 y+ ~+ v4 Y q0 m) r
تەڭشىلىش Regulation 调节 بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* q& L/ a. Z @9 j6 i( f
تەڭپۇڭلۇق Homeostasis 平衡 بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- @7 [5 c. D; _/ s$ k4 W( r% w% j
تەرتىپ Order 秩序
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' C' t! w: Q. F3 R# y' f7 p ئىنكاسچانلىق Sensitivity 应激性
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ l. O, O6 @& `2 z ئۆسۈش Growth 生长
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; E% B" S% m5 Z: i( U يىتىلىش Development 发育
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 Z; `& |* T' m b* q% b5 P كۆپىيىش Reproduction 繁殖 بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 C5 X3 M6 ^5 M) L3 }6 _& _+ P& o+ V
ئىرسىيەت Inheritance 遗传
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! h1 f$ |+ i6 o, q w* t" }* W9 d ئۆزگىرىشچانلىق Variation 变异
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' p$ |! [& ]8 K; F& M6 Z3 c9 K گىن Gene 基因 بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& }6 C% m, i: r3 D$ s% B6 M
ئىنسۇلىن Insulin 胰岛素 بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! c1 G) }" k. O0 v" G9 f
گىلۆزا Glucose 葡萄糖 بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& r' g1 P, i5 U4 z" Y s* T' q- b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, |, Z. @. \4 h/ B( U" } K, G4 j h
ئاشقازان ئاستى بىزى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& D5 W0 j- ? U$ H5 x* n* N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- |' ^- i( z m( i1 y1 u* ^6 U# v4 M! ]Pancreas
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ W9 G) y# U, T! Q; R# y2 T0 N+ iبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' F h$ ^" g. Z9 d h( v
胰腺 بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 E& x+ W9 @2 K
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# K5 e& ?2 _1 ^
ئىزاھات: 1. مەزكۇر يازمىدىكى بىر قىسىم كەسپى سۆز –ئىبارىلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوخشىمغان تىلمۇھىتىدا تۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ قوللىنىدىغان يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە،ئىنگىلىزچە ۋە خەنچە ئۈچ خىل تىلدا بىرلىدى. 2. پايدىلانما مەنبەسىى دىگەن قىسىمدىكى ھەر بىر مەنبە ئاخىرىدا [K] بولسا نەشىر قىلىنغان كىتاپنى، [T] بولسا تور بىكەت ئاددرىسىنى،[M] بولسا ئىلان قىلىنغان ماقالىنى كۆرسىتىدۇ. بايانات: بۇ يازما شەخسنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىلىدى.ئىھتىياجى بارلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تور بىكەتكە چىقىرشتا ياكى بېىسپ چىقىرىشتا خالىغانچە ئىشىلەتسە بولىدۇ، لىكىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئاپتۇر ئىگە بولمايدۇ. ئاپتۇرنى ۋەمەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. R, Q2 C v! l$ _
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-1 03:30 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 @* ^9 T+ ~" N9 u5 {
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 c, l9 o! S( z; I% H8 ?1 C" C1 M+ N
|